ئېيففېل مۇنارى گۇۋاھ
(رومان)
ھىجران فرانسوۋا
ـــ ئۆلۈشكە توغرا كەلسە سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلۈشكە رازىمەن.
كىرىش سۆز
ياسالغىنىغا 125 يىل بولغان ئېيففېل مۇنارى پارىژ شەھرىنىڭ شەھەر مەركىزىدە سېيىن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، 30 يىل ”دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ئىمارەت “ دېگەن نامنى ساقلاپ كەلگەن بۇ مۇنار جەمئىي 3 قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 325 مېتر. ئەينى چاغدا موپاسسن قاتارلىقلار بۇ تۇرخۇنغا ئوخشايدىغان مۇنارنى سۆكۈپ ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە دائىم مۇنارىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى رېستورانغا بېرىپ تاماق يىگەن، چۈنكى بۇ يەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ ئېيففېل مۇنارىنى كۆرمەيدىغان بىردىن – بىر جاي ھىسابلىناتتى، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېگەن : ”مەن پارىژنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى شۇنداقلا ھەممىلا يېرىدىن كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدىغان بۇ مۇناردىن خويمۇ زېرىكتىم، شۇ سەۋەپتىنمۇ مېنىڭ پارىژنى ھەتتا فرانسىيەنى تاشلاپ كەتكىم كېلىدۇ. “
مەن ئېيففېل مۇنارىغا ئىككى قېتىم چىقتىم، ئۇنى تالاي قېتىم كۆردۈم، ئۇ شۇ قەدەر ھەيۋەت ئىدىكى ئۇنىڭ ئاستىدىن نەچچە 10 ماشىنا قاتارلىشىپ ئۆتەلەيىتتى، مەن ھەر قېتىم سېغىنىش ئىچىدە مۇنارغا باشلاپ بارىدىغان ياپ – يېشىل چىملىق يولدا كېتىۋاتقىنىمدا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن قىرقىلغان شۇنداقلا خۇددى ئېيففېل مۇنارى بىلەن بوي تالىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان دەرەخلەر ماڭا مەن ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقاندەك بىلىنەتتى. دىمىسىمۇ بۇ يوللار، ئاشۇ ئاسمان پەلەك تۆمۈر مۇنار مەن بېسىپ ئۆتكەن شىجائەت، مۇۋاپىقىيەت، خۇشاللىق، ھەسرەت، سۆيگۈ، ئايرىلىشلاردىن يۇغۇرۇلغان ئاشۇ ئۇزۇن مۇساپىنىڭ شاھىدى ئىدى.
ئەينى چاغدا مېنىڭ قىران چاغلىرىم ئىدى، ماڭا ئەمدى مەن چىراقنىڭ خىرە يورۇقىدا كۆزۈم تورلاشقان ھالدا ئاجىز بەدىنىمنى ئاران تىكلەپ تۇرۇپ ئاشۇ تولىمۇ يىراقتا قالغان ئەسلىمىلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، مەن بۇ ئۆمرۈمدە نىمىگە ئېرىشتىم؟ نىمىدىن مەھرۇم قالدىم؟ بۇ ھايات ماڭا يەنە ئىككىنچى قېتىم نىسىپ بولغۇدەك بولسا مەن قانداق ياشايمەن؟ يەنە ئاشۇ ئېيففېل مۇنارىغا كۆڭلۈمدىكى بارلىق مىسكىنلىكلەرنى تۆكۈپ يۈرەمدىم؟ ئۇنى يەنە مېنىڭ بۇ ئەرزىمەس ھاياتىم ئۈچۈن گۇۋاھلىققا تارتاتتىممۇ؟
گەرچە مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم جىن چىرىغى بولمىسىمۇ، ئۇ ماڭا ھېلىلا ئۆچۈپ قالىدىغاندەكلا بىلىنەتتى، بەلكىم توك كېتىپ قالار ياكى بولمىسا سائەت ئىستىرىلكىسى توساتتىن توختاپ قالار، ياكى مېنىڭ ئاشۇ ئەسلىمىلىرىم تىنىقىمغا قوشۇلۇپ ئۈزۈلۈپ قالار، ئاشۇ ئەسلىمىلەر، مېنىڭ قىران چاغلىرىمدىكى ئاشۇ ئەسلىمىلەر...(داۋامى بار)
(
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=15212)