ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 10

مەن مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ ھەر كۈنلىكى سۈبىھى بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ خۇش تەبەسسۇمى بىلەن يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالىدۇ. جىمى ئەل ئۇيقىغا كەتكەندە ئۇ چىراق ئاستىدا قاتار–قاتار دەپتەرلەر بىلەن سىردىشىدۇ.

مەن يەنە مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ مۇھەببەتنى ئەڭ مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ۋە ھەر بىر ئىش ھەركىتىدىن مۇھەببەت تۆكۈلىدۇ. شۇڭا ئۇ ھالال جۈپتىنىڭ قەلبىدىكى ھەممىگە يېتىشلىك، سۆيۈملۈك ئايال.

مەن يەنە مۇنداق بىر ئۇستازنىمۇ تونۇيمەن.  ئۇ ئائىلىدە ئىككى ئارىسلانغا قانداق ئادەم بولۇشتىن تارتىپ كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ  دەرىس بەرسە، مەكتەپتە مىڭلىغان بالىلارغا ئىلىم بېرىدۇ. ئۇ شام كەبى كۆيۈش بەدىلىگە جەمئىيەتكە نۇرغۇنلىغان ياراملىق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

مەن يەنە مۇنداق بىر مېھرىبان، قەيسەر ئانىنىمۇ تونۇيمەن.  ئۇ بىر كۈنلىك خىزمەتتىن ھېرىپ–ئېچىپ ئۆيگە كېلىپ يەنە داۋاملىق ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئۇنىڭ چاققان ھەرىكىتى، چىۋەر قوللىرىدا تەييار بولغان مەزىلىك تائاملارنى يەپ ئولتۇرغان ھالال جۈپتى ۋە ئارىسلانلىرىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرگىنىدە ھاردۇقى چىقىدۇ.

مەن مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ مەكتەپتە مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز بولۇپ قالماستىن ئائىلىدىمۇ مەسئۇلىيەتچان بىر ئانا. ئۇ ھەپتىدىكى ئۆزىگە تەۋە شۇ ۋاقىتلىرىنىمۇ بالىلىرىنى خۇشھال قىلىشقا سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئۆزى ھېرىپ چارچىسىمۇ رازى بولىدۇ.

مەن ئاجايىپ بىر جەزبىدار، گۈزەل بىر ئايالنى تونۇيمەن، ئۇ ھاياتنى سۆيىدۇ، تۇرمۇشنى سۆيىدۇ.
مەن يەنە قولى ئوچۇق، مېھرىبان بىر ساخاۋەتچى ئايالنىمۇ تونۇيمەن. ئەنە سىز بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرغان كىچىك ساخاۋەتچى ئارفان ئارىسلان دەل مۇشۇ ساخاۋەتچى ئۇستازنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ئەلۋەتتە.

مەن ئاجايىپ قاپىقى يامان، تەلەپچان بىر ئۇستازنى تونۇيمەن.  ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان، ئەمما كۈلسە بەك بەك ئوماق

مەن مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ ئاتا–ئانىسىنىڭ ۋارىسى، ئۈچ قېرىندىشىنىڭ ئۈلگىسى، دوستلىرىنىڭ سىردىشى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانىسى، ھاياتقا كۈلۈپ قاراپ بىر كۈنىنى مۇنبەر ئالدىدا كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بېغىشلىغاندىن سىرت، سېخى قوللىرى ئارقىلىق نۇرغۇن قەلبلەرنىڭ قەلبىگە مەلھەم بولۋاتقان بىر ئايال، بىر ئوقۇتقۇچى، بىر ساخاۋەتچى. ئۇ بولسىمۇ 5–باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەلەپچان ئوقۇتقۇچىسى، «ئېھسان ساخاۋەت گۇرۇپپىسى» غوللۇق ئەزاسى شېرىنئاي مۇئەللىم!

شېرىنئاي سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!

3333.jpg



4444.jpg



2222.jpg




ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 6Rank: 6

تېما
13
يازما
230
نادىر
0
جۇغلانما
2085
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى  اللاھ ئىگەم قۇرۇق قويماس

قەدرى يوقتۇر ھەر نەرسىنىڭ ياندا بارى،ئىنسان دىگەن يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 6Rank: 6

تېما
2
يازما
532
نادىر
0
جۇغلانما
2937
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:05:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن ،

ھايات شۇنداق زالىم  بىر ئۇستازكى ،ساۋاق بەرمەي  تۇرۇپ ئىمتىھان ئالۇر

Rank: 8Rank: 8

تېما
44
يازما
1328
نادىر
0
جۇغلانما
4092
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:38:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلغاي

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دوستىڭىزغىمۇ ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن. بەكلا ياخشى دوستلىرىڭىز باركەن. بىلمەي يۈرۈپتۇق.

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:16
بۇ دوستىڭىزغىمۇ ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن. بەكلا ياخش ...

بۇياق مېنىڭ دوستۇم ئەمەس يۇلتۇزئاي قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى، مېنى ئېھسان ساخاۋەتچىلەر توپىغا باشلاپ كىرگەن. مىجەزى بەك ئېسىل

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق دوستلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنبەردە ئېھساننىڭ پائالىيەتلىرىدىن داۋاملىق خەۋەر بېرىپ تۇرىمەن

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 13:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزى گۈزەل، قەلبى گۈزەل، قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئاندىن گۈزەل خانىملاركەن. مۇشۇنداق نىنچى قۇيۇپ تىمىلارنى يېزىۋېرىڭ، بىزمۇ خەۋەردار بۇلۇپ تۇرايلى.

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:44:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 13:14
ئۈزى گۈزەل، قەلبى گۈزەل، قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئاندىن گۈ ...

ماقۇل...سىزنىڭ تېما يوللايدىغان قوللىرىڭىزغا چېچەك چىقىپ قالغاندىن كېيىن مەن يوللاي قابىليەت بار تۇرۇپ يازمىغان بىر نەرسىلەرنى، ماۋۇ بىزدەك قولىدا قەلەم تۇرمايدىغانلار ھەجىلەپ بىر ئىش قىپ كتىۋاتقان ھەييييي

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 3Rank: 3

تېما
6
يازما
45
نادىر
0
جۇغلانما
345
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:13:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ساخاۋەتچىلەرگە ئوزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي ، ساخاۋەت يولىدا بېسىلغان قەدەملەردىن گۈل ئۈنگەي !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش