ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 6

ئايدار-پاپاغا ياقمىغان چاچ پاسونى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرـ خوتۇن رىمغا ساياھەتكە مېڭىش ئالدىدا ، ئايال چاچلىرىنى چىرايلىق ياساتماقچى بولۇپ ساتىراچخانىغا كەلدى . بۇ يەردىكى ساتىراچنىڭ تېخنىكىسى خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ ، لېكىن ھەسەتخور بولۇپ ، باشقىلار خوشال بولسا ئۇ بەكمۇ ئازاپلىناتتى . بۇ قېتىممۇ دەل شۇنداق بولدى . چېچىنى ياساتقىلى كەلگەن ئايالنىڭ رىمغا ساياھەتكە بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ساتىراچ :
    -رىم ؟ نېمىشقا ئۇ يەرگە بارماقچى بولغانسىلەر ؟ ئۇ ھەم مەينەت ھەم قىستا-قىستاڭ شەھەر . سىلەر ئۇ يەرگە بارىمىز دەپ ساراڭ بوپسىلەر . قانداق بارايلى دەۋاتىسىلەر؟- دەپ سورىدى .
   -بىز چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرماقچى ،-دېدى ئايال ، -مەنزىلگە بېرىشقىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدىكەن .
   -چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ؟ –ساتىراچ بەكمۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ، -بۇ شىركەت بەك ناچار ، ئايروپىلانلىرى كونا ھەم بۇزۇق ، مۇلازىمەتچىلىرىمۇ ھەم قېرى ھەم سەت ، تېخى ئايروپىلانلىرى دائىم ۋاقتىدا ئۇچالمايدۇ . رىمغا بارغاندىن كېيىن قايسى مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولدۇڭلار؟
   -تىبىر دەرياسىنى كۆرگىلى بولىدىغان تەيسىت مېھمانسارىيىغا چۈشمەكچى بولدۇق، –دېدى ئايال .
   -ئەخمەق بولماڭلار ، ئۇ مېھمانساراينى بىلىمەن . باشقىلار ئۇ يەرنى ياخشى دەيدۇ ، ئەمما مەن قارىسام ئۇ يەر ئەخلەتخانىنىڭ ئۆزى ، پۈتۈن رىم شەھىرى بويىچە ئەڭ ناچار مېھمانساراي ، ياتاقلىرىنىڭ كىچىكلىكى ، مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقى ، باھاسىنىڭ يۇقىرلىقى . سىلەر رىمنىڭ قايسى يەرلىرىنى كۆرۈپ كەلمەكچى ؟-دەپ يەنە سورىدى ساتىراچ.
   -بىز ۋاتىكانغا بارماقچى ، ئاندىن رىم پاپاسى بىلەنمۇ كۆرۈشەيلى دېگەن .
   -ۋاي بولدى قىلىڭلار،- دېدى ساتىراچ قاقاقلاپ كۈلۈپ ،-ھەر كۈنى ئونمىڭلىغان ساياھەتچى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ، سىلەرگە قانداقمۇ نۆۋەت تەگسۇن ؟ پۇل خەجلەپ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالمىساڭلارلا بولدىغۇ . بوپتۇ، سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن،- دەپ قوشۇپ قويدى .
    بىر ئايدىن كېيىن ھېلىقى ئايال يەنە ساتىراچخانىغا كىرىپ كەلدى . ساتىراچ ئۇستام ئۇنىڭدىن رىم سەپىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىدى.
   -بەك ياخشى بولدى ،-دېدى ئايال ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ ،-بىز چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يىپ-يېڭى ئايروپىلانىغا ئولتۇردۇق ، ئايروپىلانمۇ ۋاقتىدا ئۇچتى . ئادەتتىكى بۆلۈملىرى توشۇپ كەتكەچكە بىز ئالىي دەرىجىلىك بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق . ئايروپىلاندىكى تاماق ۋە ئىچىملىكلەرمۇ بەك ياخشى ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈتكۈچى قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى ، مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىقلىغىنى دېمەيلا قويۇڭ . يەنە بىز چۈشكەن مېھمانساراينى يېڭىدىن بېزىگەچكە كۆركەم-ھەيۋەتلىك ، ئېسىل-نەپىس ئىكەن .ياتاق زاكاس قىلغانلار بەك كۆپ بولغاچقا مېھمانساراي دىرېكتورى بىزدىن ئەپۇ سوراپ، ھىچقانداق باھا قوشماستىن بىزنى زۇڭتۇڭ دەرىجىلىكلەر ياتىدىغان يۈرۈشلۈك ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى .
    -ھە ھە بۇ ياخشى بوپتۇ ، پەمىمچە رىم پاپاسىنى چوقۇم كۆرەلمىدىڭلار،-دېدى ساتىراچ.
   -ۋاي-ۋۇي بىزنىڭ قانداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيسىز . بىز ۋاتىكاندا ساياھەت قىلىۋاتساق ، بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەر مۇرەمگە قېقىپ « پاپا بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلماقچى » دېدى . پاپا بەكمۇ مېھرىبان ئىكەن ، ئۇ بىزنى خاس بۆلىمىسىدە قوبۇل قىلدى ، بىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ، مەن بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى تېخى .
   -راستما؟ ئۇ نېمىلەرنى دېدى،- دەپ سورىدى ساتىراچ قىزىققان ھالدا .
   - ئۇ ماڭا،-دېدى ئايال ، ئادەم كەيپىنى ئۇچۇرۇشقا ئامراق ساتىراچقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،-چېچىڭىزنى قانداقمۇ بىر چاكىنا ساتىراچقا لايىھەلەتكەنسىز ، –دەپ مېنى خىجىل قىلىۋەتتى .
خالىدە ئوسمان تەرجىمىس

Rank: 6Rank: 6

تېما
2
يازما
532
نادىر
0
جۇغلانما
2937
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدارگۈلۈم ،قوللىرىڭىز دەرىت كورمىسۇن ، شۇنچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ يەنلا مۇنبەرنى ئۇنتۇپ قالمايسىز جۇمۇ قايىللىقىمنى ئاشۇرۇپ.{:dizzy:}{:dizzy:}

ھايات شۇنداق زالىم  بىر ئۇستازكى ،ساۋاق بەرمەي  تۇرۇپ ئىمتىھان ئالۇر

Rank: 6Rank: 6

تېما
13
يازما
230
نادىر
0
جۇغلانما
2085
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا بىر دەككىسىنى بىرىپتۇغۇ ھەسەتخور ساتىراچنىڭ

قەدرى يوقتۇر ھەر نەرسىنىڭ ياندا بارى،ئىنسان دىگەن يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 8Rank: 8

تېما
44
يازما
1328
نادىر
0
جۇغلانما
4092
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:36:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئوبدان دەككىسىنى يەپتۇ ھە ئۇ ھەسەتخور ساتراچ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازىمۇ بىر ئاقساقال ساتىراچكىنا بۇ، ئوبدان ئەدىۋىنى يەپتۇ تازا

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئايال مەخسۇس دەككىسىنى بەرگىلى كەپتۇ جۇمۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھەسەتخورنىڭ كۆزى يوق تاپمايدىغان گېپى يوق!» دەپ راسىت دەپتىكەن كونىلار !
ئاۋۇ ئايالمۇ راسىت ئەقىللىق ئايالكەن .تازادەككىسىنى بىرىپتۇ  ئۇ «سەتىراچ»نىڭ ،   يەنە تېخى ئىچىنى ئېچىشتۇرۇۋىتىپتۇ تېخى !

قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش