ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 712|ئىنكاس: 11

مەن مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:54:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئايالنى تونويمەن، ئۇ ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان، ھاياتنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ھەر قانداق قىسمەتلىرىگە كۈلۈپ قارىيالايدىغان، ھەر قانداق ئىش ۋە ھەر قانداق ئادەمگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان ئايال.

مەن شۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئۆز كەسپىدە ئۇتۇقلار قازىنىۋاتقان، ئۆزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدىغان بىر ئايال.

مەن يەنە شۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدۇ، ئۇ شۇنچە ئالدىراشلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەھىر ئېلىشنى بىلىدۇ.

مەن بىر ئانىنى تونۇيمەن. ئۇ بارلىق سېغىنىشلىرىنى، مېھرى–مۇھەببىتىنى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇپ، يىراقتىكى يۈرەك پارىسىغا جەينىماز ئۈستىدە قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ اللاھتىن ئۇنىڭغا ئامانلىق، ئاسانلىق تىلەيدۇ.
مەن يەنە مۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن، ئۇ گۈزەل ئەخلاقى، نازاكىتى ئەڭ مۇھىمى ۋاپادارلىقى، سەمىمىي مۇھەببىتى بىلەن بىر ئەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئۇنىڭ بارلىق مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن بەختلىك ئايال.

مەن ھاياتىمدا مۇنداق بىر ئايالنى تونۇش پۈرسىتىگىمۇ ئېرىشتىم. ئۇ سەھەر تۇرۇپ اللاھتىن بارلىق ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەش بىلەن  باشلىسا، بىر كۈن شۇنچىلىك ئالدىراشلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەتتراپىدىكى ئۆزىدەك قەلبى گۈزەل مېھرىبان ئانىلارنى تەشكىللەپ جەمئىيەتتىكى ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئىللىق قوللىرىنى سۇنۇپ ئۈلگۈرىدۇ.

مەن مۇشۇنداق بىر ئايالنى تونۇغىنىمدىن اللاھقا شۈكرىلەر ئېيتىمەن. چۈنكى بۇ ئايال دوستلۇقنى ئەلا بىلىدى  ان، دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنى ھەر ۋاقىت ئۇتۇشنى ئۇنۇتۇپ قالمايدىغان قولى ئوچۇق بىر مەرت ئايال.

مەن مۇشۇنداق بىر ئايالنى تونۇيمەن، ئۇ ۋاپادار پەرزەنت، ئاتا–ئانىسىنىڭ پەخىرلىك قىزى، بىزنىڭ ئوماق دوستىمىز، سىڭلىمىز، ھەدىمىز، ئۈلگىمىز «ئېھسان ساخاۋەتچىلەر گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى دىلئارام قۇربان ئايتۈرۈك.
سىڭلىم دىلئارام سىزگە خاتىرجەملىك، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا نەتىجىلەر تىلەيمەن!!



mmexport1389079792867.jpg



mmexport1389079642226.jpg



mmexport1389079649561.jpg




ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
《ئېھسان》ساخاۋەتچىلىگىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى زور تىرىشچانلىقى ئاخىر روياپقا چىقتى! گۈزەل ساخاۋەتچى قىزلىرىمىزنىڭ 2014-يىللىق ئەڭ چوڭ پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە سەنئەت ۋە ساخاۋەت بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى  كېچىلىك ئۆتكۈزۈلمەكچى! بۇ كېچىلىكنىڭ غەلبىلىك، ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئۆتكۈزىلىشىگە ئىھساندىكى ھەر بىر ساخاۋەتچى قىزلار چىن-دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز!
بۇ كېچىلىكنى قوللىغان «ئېھسان مايچىلىقى»، «مىسىران يۈرۈشلۈك قىيزىلىرى»، «سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى» گە، ئۇنىڭدىن باشقا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ كېچىلىككە قاتناشقان بارلىق سەنئەتكار ۋە رىياسەتچىلەرگە، شۇنداقلا بۇ كېچىلىكنى ئېلىپ بېرىشقا زور تىرىشچانلىق ۋە كۈچ قوشقان دىلئارام، مەرھابالارغا رەخمەت ئېيتىمىز.
ياخشى ئىشلار ئۈچۈن باشقان ھەر بىر قەدەملەردىن گۈللەر ئۈنسۇن!!!!

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:44:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دوستىڭىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! مەنمۇ بەك ھەۋەس قىلىمەن.

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلئارام قۇربان، قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ قىزىغۇ دەيمەن.

ساخاۋەتچى قىزلارنىڭ قوللىرىدىن قىزىلگۈل ئۈنگەي، مەرىم، بۇ كىچىلىكتە ھېلىقى ناخشىڭىزنى بىر ئۇقۇۋەتسىڭىزمۇ بوپتىكەن، نەخمەيدان كۈرەلمىسەكمۇ پىلاستىنكىسىنى كۈرەدۇق.

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

تېما
2
يازما
532
نادىر
0
جۇغلانما
2937
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 11:15:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ قىلۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلاردىن بەكمۇ سۇيۇنمەن . شۇنداقلا سىلەرگە بەكمۇ مەسلىكىم كىلدۇ مەرۋەرى ،
سىلەرگە ئاللاھتىن ئۇزۇن ئومۇر ھەم بەخىت -سائادەت تىلەيمەن .

ھايات شۇنداق زالىم  بىر ئۇستازكى ،ساۋاق بەرمەي  تۇرۇپ ئىمتىھان ئالۇر

Rank: 8Rank: 8

تېما
44
يازما
1328
نادىر
0
جۇغلانما
4092
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتلىك قوللارغا دەرىت كەلمىسۇن، ئاللاھ ئەجىرىڭلارنى زىيادە قىلغاي ئەزىزلەر ، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن...!

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 02:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
بۇ ئەزىزلەرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار ھەر ۋاقىت يار بولغاي!

قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
22
نادىر
0
جۇغلانما
218
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:34:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت ئۇچۇن بىسىلغان ھەربىر قەدەملەر قۇتلۇق بولغاي!

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
22
نادىر
0
جۇغلانما
218
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت ئۇچۇن بىسىلغان ھەربىر قەدەملەر قۇتلۇق بولغاي!

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
27
نادىر
0
جۇغلانما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:18:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت ئۇچۇن بىسىلغان ھەربىر قەدەملەر قۇتلۇق بولغاي  !   ئىشلىرى ئاسان  ،  يوللىرى ئۇچۇق  ، ئەزىز تىنى سالامەت بولغاي !!!!!!!!!!!!!!!!

سىنىڭ ھازىر ئېرىشكىنىڭ ، دەل سەن  بۇرۇن باشقىلارغا  ئاتا قىلغىنىڭدۇر ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش