2
زۇلپىيە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ 5-كۈنى كەچتە سىڭلىسى ئۇنى چاقىرىپ قالدى.
-ئاچا، بۈگۈن كېچە پاراڭلىشىپ بىللە ئۇخلايلىچۇ؟
-ياخشىغۇ. مىنىڭمۇ ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى.
زۇلپىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭلىسىدىن گەپ ئېلىپ بىقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
-ئۇنداق بولسا مەن چىقىپ ئاشخانىنى تازىلىۋىتىپ كىرەي. سەن ئارام ئېلىپ ياتقاچ تۇر.
گۈلپىيە شۇنداق دەپ بىر كۆزىنى قىسىپ غەلىتە قىلىقلارنى قىلىپ ئاچىسىنى كۈلدۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، كىيىنىشلىرى پات ئارىدا تويى بولىدىغان قىزغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇ شۇنداق ساددا ھەم غەمسىز ئىدى.
زۇلپىيە سىڭلىسىنىڭ كىرىشىنى ساقلىغاچ گەپنى قەيەردىن، قانداق باشلاشنى ئويلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. بىر چاغلاردا ئىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كىرگەن گۈلپىيە قولىغا قول مېيى سۈرتكەچ ئاچىسىنى نوقىدى : -
-ئاچا، ئاچا.....نېمە بولدۇڭ؟ نېمىگە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟
گۈلپىيە پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىغاندىلا زۇلپىيە ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ بېشىنى كۆتۈردى.
-ياز ۋاقتىدىمۇ قولۇڭ يېرىلىپ كەتتىمۇ؟ نېمىشقا قول مېيى سۈرتىۋالىسەن؟
-مەن قىش-ياز قولۇمنى ئاسراپ ئادەتلىنىپ كەتتىم ئاچا. كۈندە ئىككى ۋاخ تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيۇپ قولۇم سەتلىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭلاشقا كۈندە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قول مېيى سۈرتىۋالىمەن.
زۇلپىيە سىڭلىسىغا زوقلىنىپ قاراپ كەتتى. دىمىسىمۇ گۈلپىيە ئەزەلدىن ئايىغى چاققان، شوخ، گەپدانلىقى بىلەن ئائىلىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
قىزلار ئورۇنلىرىغا كىرىپ ياتقاندىن كىيىن گۈلپىيە ئاچىسىنىڭ قورسىقىنى سىلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.
-قوزام، سېنى بەك كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ. تېزراق تۇغۇلساڭ ساڭا جىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسەم.....
-سەن كىچىك بالىغا بەكلا ئامراق ھە!
زۇلپىيە مەستلىكى كەلگەندەك گۈلپىيەگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
-نېمىشقىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. كىچىك بالىغا بۆلەكچىلا ئامراقلىكىم كىلىدۇ. كىچىككىنە پۇتلىرى، قوللىرى.....يۇمران تېرىلىرى......بىر نېمىلەرنى دەپ گۇڭۇرلاشلىرى...ئىشقىلىپ بەك تاتلىق.
گۈلپىيە سۆزلەۋاتقاندا خۇددى ئالدىدا بىر كىچىك بالا باردەك ناھايىتى ھاياجانلاندى. كۆزلىرى شۇ ھاياجان تۈرتكىسىدە باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. زۇلپىيە سىڭلىسىغا قايرىلىپ مىيقىدا كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كىيىن ئۇلۇغ-كىچىك تىندى. تورۇسقا تىكىلىپ ئۇزاققىچە سۈكۈتتە ياتقاندىن كىيىن، جىمجىتلىقنى بۇزدى : -
-گۈلپىيە، ساڭا بىر گەپ قىلاي. ئەمما بۇ گىپىم چاقچاق قىلىدىغان، ئوينىشىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس. ئالدىراقسانلىق بىلەن جاۋاب بېرىۋىتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ئۆزۈڭنى توختىتىپ قاتتىق ئويلانغاندىن كىيىن ئاندىن جاۋاب بەرسەڭمۇ كىچىكمەيسەن.
گۈلپىيەنىڭ چىرايلىق چوڭ كۆزلىرى ھەيرانلىق، تېڭىرقاش بىلەن زۇلپىيەگە تىكىلدى.
-دادامنىڭ خىزمەتدىشى ھوشۇراخۇن ئوغلى تۇرسۇنغا سېنى سوراپ كىرىپتىمىش. نۇرىمانخاننىڭ سېنى ئوتتەك كىلىن قىلىۋالغۇسى بارمىش. گۈلپىيەنى كىلىن قېلىش ئۈچۈن نېمە كۈن كۆرسەم مەيلى دەپتۇ. ياخشىراق ئويلانغىن سىڭلىم.
گۈلپىيەنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۆزىنىڭ تەڭتۈش دوستلىرى ئاساسەن دىگۈدەك توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ ھازىرچە توي قىلغۇسى يوق ئىدى. زامان بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى ئادەم زاماننى بۇزدىمۇ ۋە ياكى ئادەملەر بىر-بىرىنى بۇزدىمۇ ئەيتاۋۇر، توي قىلىدىغانلاردىن ئاجىرشىدىغانلار كۆپ. توي خېتى ئالىدىغانلاردىن ئاجىرشىش خېتى ئالىدىغانلار كۆپ بولىۋاتاتتى. شۇڭىمىكىن، ئۇ ئۆزىنى تېخى توي قىلىش يىشىدا ئەمەسمەن دەپ قارايتتى. يەنە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بىرەر ئىشقا ئۆزى قارار چىقارغۇدەك ئەقىل، ئىشلارغا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىغۇدەك سەۋىر-تاقەت، بىر ئۆينى ئوڭشاپ تۇتقۇدەك، ئانا بولسا بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقۇدەك، بىر ئائىلىنىڭ ئاياللىق يۈكىنى زىممىسىگە ئالالىغۇدەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغاندا ئاندىن توي ئىشىنى ئويلاشسىمۇ كېچىكمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتى.
-مەن.....مەن ئويلىشىپ باقاي ئاچا.........ئۇخلايلى.
گۈلپىيە ئۆرۈلۈپ ئاچىسىغا كەينىنى قىلىپ ياتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى زۇلپىيەگە قېيدىغانلىقمۇ ۋە ياكى راستىنلا ئويلىنىش ئۈچۈنمۇ ئۇققىلى بولمايتتى. گۈلپىيەنىڭ ئاچىسىغا قېيدىشىمۇ يولسىزلىق ئىدى. چۈنكى ئەزەلدىن ‹‹ ئەلچىگە ئۆلۈم يوق ›› ئەمەسمۇ؟
تىغ ئۆتمەس قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كېچە. ئاندا-ساندا يېنىدا ئۇخلاۋاتقان ئاچىسىنىڭ يىنىك پۇشۇلداشلىرىدىن باشقا تىۋىش يوق. تۈن يېرىمى بولغان بولسىمۇ ئۇيقۇسى كەلمىگەن گۈلپىيە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە ئالدىغا كەلدى. ئاسماندا نە ئاي، نە يۇلتۇزدىن ئەسەرمۇ يوق. خۇددى ئاي تۇتۇلۇپ قالغاندەك.........گۈلپىيەنىڭ قەلبىمۇ شۇ قەدەر قاپقاراڭغۇ. ئۆزىدىن 4 ياش ئەتراپىدا چوڭ چىقىدىغان تۇرسۇن ئاچىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى. ئۇلار كىچىكىدە بىللە ئويناپ، مەكتەپكىمۇ بىللە بېرىپ چوڭ بولغان. كىيىن ساۋۇت ئاخۇن زۇلپىيەنى مەكتەپتىن قاچۇرۇپ ئۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كەتكەن. لېكىن كونا مەھەللىدە توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق بولسا ھەلىمىخانمۇ قاتاردىن قالمىغاچقا، نۇرىمانخان بىلەنمۇ خېلى ئەپ ئۆتەتتى.
‹‹ كۆز ئالدىمدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن تويى بولۇپ بۈگۈن ئاجراشقان ساۋاقدىشىم ھەسەننى دەيمۇ، بىر نەچچە يىل يۈرۈپ توي قىلغان ئايشەمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تەگكەن ئېرىدىن بولۇشىغا تاياق يەپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى دەيمۇ، بوۋام دىمەتلىك قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى، كىلىنلىرى ئالدىدا تەپ تارتماستىن كىچىك خوتۇنلۇق بولىۋالغانلىقىنى دەيمۇ........ئاددىيسى ئۆزۈمنىڭ ئاچامنى مىسال ئالسام، مەن دىمەتلىك بىر ئۆگەي قىزى بار. تويدىن ئىلگىرى دىيىلمىگەن ئۇ گەپ-سۆزلەر، ئېچىلمىغان سىرلار بارا-بارا ئاشكارىلاندىغۇ. ئانىسىدىن قورقۇپ ئاچامغا بىر پۇڭ چاغلىق پۇل بېرەلمەيدىغان ئىرى، يېقىندىلا پەيدا بولۇپ ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كېرىۋالىدىغان ئۆگەي قىزى ئاچام ئۈچۈن قانچىلىك بىسىم بولىۋاتقانلىقى ماڭىمۇ ئايانغۇ. گەرچە ئۇ ئېيتمايۋاتقىنى بىلەن پەرىشان چىرايى، ياش قاپلاپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزى ماڭا ھەممىنى ئېيتىپ بىرىدۇ. بۇ تويغا ياق دىيىشكە باھانەممۇ يوق. چۈنكى مەن بىرەرسىنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپمۇ باقمىدىم. باشقىلار بىلەن يۈرگىنىممۇ يوق. لىكىن........››
زۇلپىيەنىڭ چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىشى بىلەن گۈلپىيەنىڭ خىيال يىپلىرى شۇ ئىزىدىلا چىگىلىپ قالدى.
-ئاچا، نېمە بولدۇڭ؟
گۈلپىيە شۇنداق دەپلا بېرىپ چىراقنى ياقتى.
-چۈشۈمدە بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن. ئۇخلىماپسەنغۇ؟
چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن زۇلپىيە ھەيرانلىق ئىلكىدە سىڭلىسىغا باقتى. گۈلپىيە غەمكىن كۆزلىرىنى ئاچىسىدىن ئىلىپ قاچتى.
-ھاجەتخانىغا چىقىپ كىرەي دەپ ئويغىنىپ تۇرغانتىم.
-جۈرە ئەمسە، بىللە چىقايلى.
كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغان گۈلپىيەنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، چىرايىمۇ سەل ئاقىرىپ قالغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە ھەممىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ھويلا-ئارامنى، دەرۋازا ئالدىنى پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ ھويلىغا سۇ چېچىۋاتقاندا يېراقتىكى مەسچىت مەزىنىنىڭ مۇڭلۇق ھەم ياڭراق ئاۋازى سۇس ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
داۋامى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:56