شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگىڭىز بارمۇ؟
سەنسىز0903
قاراپ باقسام مۇنبەردە شېئىرىيەتكە قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىپ ۋە ماتىرىيال توپلاپ، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تاجىسى» دەپ ئاتالغان شېئىرىيەت توغرۇلۇق بىر نەرسە يېزىش نىيىتىدە ئىدىم. بۈگۈن ئاللاھ خالىسا بۇ تىمىنى يېزىشقا ۋاقىت چىقىپتۇ. بىلىم سەۋىيەم چەكلىك، پىكرىم تېرەن بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمام سەھۋەنلىكتىن خالى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىدىغان يەرلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، مۇھەممەتجان راشىدىن، نەۋائى... قاتارلىقلاردەك ياراملىق شائىر ۋە شائىرەلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن.
شېئىر دېگەن نىمە؟
جاۋاپ: شېئىر ئۇ ئەرەبچە « شۇ ئۇر - ئۇقۇم، ئاڭ، ھېس – تۇيغۇ» سۆزىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ۋەزىن، رېتىم، قاپىيە، بىلەن يېزىلغان، ئايرىم مىسرالاردىن تۈزۈلگەن كىچىك ھەجىمدىكى ئەدەبى ئەسەر- شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ.
كونكىرت ئېيتقاندا: ئۇ، ئىجتىمائى ھاياتتىن كىلىپ چىققان مەلۇم ئىدىيىۋى پىكىرنى رېتىملىق، قاپىيەلىك، ۋەزىنلىك، بەدەئى سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئەڭ ئىخچام، ئەڭ مەركەزلىك ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنتايىن باي ھېسياتقا، مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان ئەدەبى ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ «خىيالچان تىلەك»، نىم شېھىتنىڭ « بىلىم ئىشقىدا» «سېغىندىم»، ت. ئىلىيوفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» م. سادىقنىڭ «نان»، «يېزا يولىدا» قاتارلىق شېئىرلىرى بۇ خىل ژانىردىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە ئەسەرلەردۇر. شېئىرىيەت- (ئەرەپچە سۆز بولۇپ، لاتىنچە poiesis سۆزىدىن كېلىپ چىققان، پوئىزىيە مەنىسىگە ئىگە) شېئىرى ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ- بىر شائىرنىڭ، بىر خەلىقنىڭ، بىر دەۋىرنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرى يىغىندىسى ياكى شېئىرلىرى دېگەنلىكتۇر. شېئىرىيەت شەرق ئەدەبىياتىدا «نەزىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، 19- ئەسىر شېئىرىيىتى، ياۋروپا شېئىرىيىتى، نىزارى شېئىرىيىتى، دېگەنلەرگە ئوخشاش.
شېئىر قايسى خىل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟
جاۋاپ: «ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ تاجىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەڭ دەسلىپكى ژانىر بولغان شېئىر، ئۆزىدە كۈچلۈك ھېسياتنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، مول تەسەۋۋۇرنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. كونكىرت ئېيقاندا بۇ خۇسۇسىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1-ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ئەڭ ئىخچام ئىنكاسى بولغان شېئىر، تۇرمۇش رېئاللىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش، ۋە ئۇمۇملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە دېمەك ئۇنىڭدا پىكىر مەركەزلەشكەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەدەبى ژانىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىخچام شەكىل ھېساپلىنىدۇ.مەسىلەن:
بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا،
بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا.
ياخشىلار مەقسەتكە يەتكىدەك تولۇق،
قۇراتتىم بىر پەلەك- بىر يېڭى دۇنيا.
(ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى، مىللەتلەر نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى)
بۇ بىر كۇپلىتقا، شائىرنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋىرگە بولغان نارازىلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
2- ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنى ھېساپلىنىدۇ. تولۇق شېئىرى ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر بولمىغان شېئىر، شېئىر بولماي ئادەتتىكى سۆزلەر تىزمىسى بولۇپ قالىدۇ. شېئىر دىسە، ئۇنى «ئاددىيلا نەزىم، قۇرلارغا تىزىپ قاپىيە كەلتۈرۈپ قويسىلا بولىۋىرىدىغان نەرسە؛ دەپ چۈشەنمەسلىك كېرەك.
شائىر پەقەت ئۆز قەلبىدە چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ھاياجان قوزغىغان، ھاياتنى ئىلغار كۆز قاراشتا باھالاش بىلەن، كۈچلۈك ئىدىيىۋىلىكنى بىرلەشتۈرگەن، ھېسيات بىلەن ئىدىراكنى جىپسىلاشتۇرغان، ئاق-قارا، ياخشى-ياماننى ئېنىق ئايرىپ، مۇھەببەت ھەم نەپرەتنى ئىنىق ئىپادىلىگەن چاغدىلا، كىتاپخانلارنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان، چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدىغان ئىسىل شېئىرلارنى يازالايدۇ.
3- شېئىرنىڭ تىلى ئىخچام، رېتىمل؛ىق، ئوبرازلىق ۋە ئاھاڭدار بولسۇن، شېئىردا شائىر ئىدديىسى ۋە پىكرىنى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەشكە توغرا كەلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ تىلى تاللانغان، ئوبرازلىق، ئاھاڭدار، رېتىملىق، قاپىيەلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. سۆز سەنئىتى ئىچىدە جەۋھەرنىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىدىغان شېئىرنىڭ تىلى توغرىسىدا، سوۋىت شائىرى ماياكۇۋىسكى « بىراگرام رادىي قېزىشقا بىر يىللىق ئەمگەك سەرىپ قىلىشقا توغرا كەلسە، شېئىر يېزىشتا بىر سۆز ئۈچۈن سۆز كانلىرىدىن مىڭ توننىلاپ سۆز قېزىشقا توغرا كىلىدۇ» دېگەن ئىدى. ئىپادىلەش قورالى بولغان تىل ئەڭ ئىخچام دەرىجىگە يېتىشى، ئاز سۆز بىلەن كەڭرى مەزمۇننى ئىپادىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك- سۈپەتلەش سۆزلىرىنى بىر يەرگە جۇغلاپ قويۇشتىن ساقلىنىپا، مۇنازىرە ۋە پاكىت سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلەتمەي، ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى كونكىرت، جانلىق سۈرەتلەپ بېرىش دېگەنلىكتۇر.
مەسىلەن:
ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان.
تىرىگەن تەن، تۈرۈلگەن مۇش، كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان.
(ئەنۋەر ناسىر)
بۇ شېئىردا (پارچىدا) ئىخچام، جانلىق ۋە ئوبرازلىق سۆزلەر بىلەن بىر بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى مۇرەككەپ ھېسياتى ئىنتايىن ئىنىق سۈرەتلەپ بىرىلگەن. شۇنداقلا بۇنى ئوقىغاندىكى ھېسياتنىڭ قوزغىتىشى بىلەن مەلۇم تۇراقنى ئىگىز ياكى پەس ئوقۇش، مەلۇم جاينى يىنىك ياكى سالماق ئوقۇش ئارقىلىق رېتىمنى پەيدا قىلالايمىز. تىلنىڭ رېتىمىدىن روشەنكى، شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى شەكىللىنىدۇ.
ئىخچام بولۇش- شائىرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىنى ئەڭ مۇۋاپىق سۆز-جۈملىلەر بىلەن تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەدىئى ئىپادىلەش مەسىلىسى، بولۇپمۇ شائىرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى، يۈكسەك ماھارىتى ۋە ئىدىيىۋى تەربىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
شدئىرنىڭ تۇيغۇ- ھېسسىياتلىرىدىكى كەسكىن ئۆزگىرىش، تەسەۋۋۇرنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى- شېئىرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىخچاملىقىنى، پىششىقلىقىنى، مىسرا بىلەن مىسرا، كۇپلىت بىلەن كۇپلىت ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى روشەن سەكرەش ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ.
4- مۇكەممەل بەدىئى شەكىل شېئىرنىڭ ئۇمۇرتقىسىدۇر. ساغلام ۋە ئىدىيىۋى ھېسيات شېئىرنىڭ جېنى. تىل بولسا شېئىرنىڭ قېنى. جان بىلەن قاننى بىرلەشتۈرىدىغان ئۇمۇرتقا- شەكىلدۇر. مەلۇم ئىدىيىۋى ھېسياتنى ئىخچام ۋە پىششىق تىل بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق شەكىل تاللاشقا توغرا كىلىدۇ. ھەر قانداق شېئىردا دمەلۇيم ئۆلچەم، سۆز ئىبارىلەرنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ.
شېئىر يېزىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئەمدى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەلۋەتتە شېئىرنى يازىمەن دەپلا يازغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا قابىلىيەت+ تۇغما تالانت كىتىدۇ. قابىلىيەت ئاستا-ئاستا يىتىلىدۇ. تالانتمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەگىشىپ تەڭ تەرەققى قىلىدۇ.[/color]شېئىر قايسى ئامىللاردىن تۈزۈلىدۇ؟
جاۋاپ: ئۇ رېتىم (ۋەزىن)، تۇراق، قاپىيە، مىسرا، بېيىت، كۇپلىت قاتارلىق ئامىللاردىن تۈزۈلىدۇ.
رېتىم دېگەن نېمە؟ تۇراق دېگەنچۇ؟
جاۋاپ: رېتىم (گىرىكچە « Rhvhmos » ۋەزىنداش، ئاھاڭداش سۆزىدىن) ئىش- ھەركەتنىڭ قائىدىلىك ساداسى بولۇپ، بىزچە «ماسلىشىش، لايىقلىشىش، ياكى ئاھاڭ» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇمۇمەن مەلۇم ھادىسە، ھەركەت، ياكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر خىل تەكرارلىنىپ تۇرۇشى رېتىم (ۋەزىن) دەپ دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: دېھقانلارنىڭ كەتمەن چېپىشدا، سائەتلەرنىڭ چىكىلدىشىدا، سىتانوك ياكى پويىزنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىدا رېتىم بار.
بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا بىر خىل تەڭرارلىنىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان ئاھاڭ سىستىمىسى رېتىم (ۋەزىن) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنداقتا بىز بۇ بىر كۇپلىت شېئىرنى بوغۇمغا ئايرىپ باقايلى.
دىل/ لار/ دا شات/ لىق/ تىل/ لار/ دا / ناخ/ شا،
با/ ھار/ پەي/ زى/ دىن/ كۈل/ دى/ گۈل/ غۇن/ چە.
ئې/ رى/ دى / مۇز/ لار/ جان/ لان/ دى/ زى/ مىن،
ئاق/ تى/ شوخ/ سۇ/ لار/ چاچ/ رى/ تىپ/ ئۈن/چە.
دېمەك: رېتىم (ۋەزىن) شېئىردا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسى كۈچى- ئېنىرگىيەسىدۇر. بارماق ۋەزنىدىكى شېئىرلاردا بوغۇم، رېتىم ئۆلچىمى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىكى بوغۇملار دىگۈدەكتەڭ بولىۋەرمەيدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رېتىمنىڭ ئەڭ قىسقىسى 4 بوغۇ، ئەڭ ئۇزۇنى 16 بوغۇمدىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئىككى ۋەزىننىڭ قوشۇلىدىن مەيدانغا كىلىدىغان يەنە بىر خىل ۋەزىن تۈرىمۇ بولۇپ، ئۇ قوشما ۋەزىن دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:
بىز شىنجاڭ ئوغۇل قىزلىرى (8 بوغۇم) بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى (7 بوغۇم)
كۈرەش قاينىمىدا ئۆسكەن (8بوغۇم) كىرسىز پاك قۇندۇزلىرى (7 بوغۇم)
ل. مۇتەللىپنىڭ « بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى؛ ناملىق شېئىرىنىڭ بۇ كۇپلىتىنىڭ 15 بوغۇملۇق ۋەزىننىڭ سەككىز ۋە يەتتە بوغۇملۇق ئىككى ۋەزىننىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزىلىپ، قوشما ۋەزىننى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى روشەن ھالدا كۆرەلەيمىز.سەككىز بوغۇمدىن 16 بوغۇمغىچە بولغان شېئىرلار كۆپىنچە ئەنە شۇنداق ئىككى ۋەىزننىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلۈپ، قوشما ۋەزىننى ھاسىل قىلىدۇ.
شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم رەت تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى- تۇراق دەپ ئاتىلىدۇ. تۇراق شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شېئىر ئارىلىقىدىكى قانۇنىيەتلىكق توختاش (پائۇزا) دېمەكتۇر.مەسىلەن:
بىرىنچى مىسال:
ۋەتىنىم3/ كۆردۈممەن3/ ئەتەڭنى3،=9
بۈگۈننىڭ/ ئەڭگۈشتەر/ كۆزىدە.
ئۇ ساڭا/ راسلاپتۇ/ پايانداز،
بەتەسسۇم/ جىلۋىسى/ كۆزىدە.
ئىككىنچى مىسال:
سەن كەلگىچە4/ قانچە ئۆستەڭدە5 / =9
سۇلار ئاقتى/ ئويناپ-شارقىراپ.
ئەلنى ئۇلۇغ/ ئىشقا چىللىدى،
تاڭ گۈدۈكى/ راسا ۋارقىراپ.
بىرىنچى مىسالدا توققۇز بوغۇملۇق شېئىر 3+3+3 بولۇپ بولۇپ گۇرۇپپىلانسا، ئىككىنچى مىسالدا 4+5 بولۇپ گۇرۇپپىلانغان. گەرچە ئىككىلى شېئىر توققۇز بوغۇمدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، تۇراق گۇرۇپپىسى پەرقلىق بولغانلىقتىن بىر-بىرىدىن باشقىچىرەك ئاھاڭدا ئوقۇلىدۇ.
ئەمدى ئۆزۈم يازغان بىر كۇپلىت شېئىرىمنى مىسال قىلىپ سۆزلەي.
بىرىنچى مىسال:
ئولتۇرۇپسەن4/ كۈلۈمسىرەپ4/ چىرايلىق3 / 4+4+3=11
گۈل چېھرىڭگە4/ گۈل قوشۇپتۇ4/ زىنىقىڭ3.
كۆزلىرىڭدىن4/ تېپىۋالدىم4/ سېغىنىش3،
خىيالىڭغا4/ كەلدىمۇ يا4/ ئاشىقىڭ3/.
ئىككىنچى مىسال:
مۇھەببەت3/ ھىجرانى3/ مۈشكۈل2/ ئىمتاھان3 / 3+3+2+3 = 11
تاۋلايدۇ3 / ھىجرىدە3/ ۋىجدان2/ نومۇسنى3 /
شۇڭلاشقا3/ تىترەشتىن3/ ئۆلۈم 2/ ئالدىدا 3 /
مىڭ ئەلا3/ بىلىمەن3/ قۇربان2/ بولۇشنى 3 /
(م.رېھىم)
بىرىنچى مىسالدا 9 بوغۇملۇق شېئىر، 4+4+3=11 بولۇپ گۇرۇپپىلانغان بولسا، ئىككىنچى مىسرا 3+3+2+3 = 11 بولۇپ گۇرۇپپىلانغان. بۇ ئىككى كۇپلىتنىڭ تۇراق ئايرىمىسى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئوخشىمىغان ئاھاڭدا ئوقۇلىدۇ.
شېئىرنىڭ پىرى= خەلق. شائىر ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەممە ئىشلارن يازماي، تەسىرلىك ۋەقە، ئىش پائالىيەتلەرنى يېزىپ چىقىشى كېرەك. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، شېئىر يېزىشتا يۈكسەك دەرىجىدىكى تۇرمۇش كۆزىتىش ئىقتىدارى، مول تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىتتا بولۇپ ئۆتكەن ئىش ۋەقەلەرنى، ئەڭ يىنىك تىللارنى ئىشلىتىپ، باشقىلار بىر ئوقۇپلا چۈشۈنەلەيدىغان قىلىپ يېزىپ چىققاندىلا، ئاندىن شېئىر ئۆز ئورنىنى ھەقىقى تاپقان بولىدۇ.
ئۇففففف بىر ئولتۇرۇشتا ئەجەپ كۆپ خەت ئۇرىۋەتتىما. كىيىنكى ساندا قاپىيە، بېيىت، كۇپلىت، ۋە شېئىرنىڭ بىر قىسىم تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
كىم بولىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ