ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 9824|ئىنكاس: 217

پوۋېسىت: ھاراملىق (قىياق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تېما
18
يازما
388
نادىر
1
جۇغلانما
2318
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:52:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‎2013‎‎11‎‎6‎18‎‎04‎‎45.jpg



-ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان مەرەزلەر! تاخ دېدىم جوھوتلار!...زۇۋانى تويمايدىغان ئۆلمىگۈرلەرنى قارا، ھامماچاڭنىڭ ئايۋىنىغا كىرگەندەك بىزەپ قىلىشىسىنا سەيلەرنى ھۇ بالا تەگكۈرلەر...
ئاۋۇ ئاغزىنى بولۇشىغا بۇزۇپ ئەسكى تىراكتۇردەك تاراڭشىۋاتقان، ھەر قەدىمىدە بېشىغا تاشلىۋالغان ياغلىقىنىڭ ئىككى ئۇچى ھاۋادا لەيلەپ، ئۆزى يەلكەنلىك كىمىدەك لەپەڭشىپ كېتىپ بارغان ئايال مېنىڭ ئايالىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئوتتۇز يىللىق ھاياتىم مېنىڭ ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرىم. سەللا بىشەملىكى بار، لېكىن بەكلا كۆيۈمچان. باشقىلار بەلكىم ئۆزىنىڭ پۇلى، مال-دۇنياسى، يەرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئۆي-ۋاقىنىڭ كاتتىلىقى، ئەمىلىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدىغاندۇ. بىراق مەن بەختلىك بىر ئائىلەمنىڭ، تۆت بالامنىڭ بارلىقى، مۇشۇنداق جاۋىلداپ تۇرسىمۇ كۆڭۈلنىڭ ئاچقان يەرلىرىگە بارىدىغان، لازىم بولسا جاننىمۇ ئاياشتىن يانمايدىغان ئايالىم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. باشقىلاردەك بەك پۇلدارمۇ ئەمەسمەن، ئەمما پۇل خەجلەپمۇ ئالغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە مەن پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ ئېرىشكەن. قانداق دەمسىز؟ ئالدىرىماڭ، بىلىشنى خالىسىڭىز تولۇقى بىلەن سۆزلەپ بىرەي، ھەممىنى چۈشىنىپ قالىسىز. ۋاقتى كەلگەندە ھاياتىڭىزدا مەندەك ياشاپ باقمىغىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قالامسىز تېخى!؟
بۇلارنى سۆزلىسەم تولىمۇ يىراق ئۆتمۈشتىن، يەنى بوۋام-موماملارنىڭ ھاياتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سۆزلەپ ھارماي، سىزمۇ قىزىققان گۇناھىڭىز ئۈچۈن ئاڭلاپ ھارماڭ. ئىشقىلىپ يېتەرلىك ۋاقتىم بار.



*        *           *          *         *


ئانام خاننىساخان چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈپ، كۆتۈرەلمىسىمۇ كەتمەننى سۆرەپ يۈرۈپ چاپقۇدەك بولغان زامانلاردا بوۋام-موماملار سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ كوپىراتسىيەگە جان پىدا قىلىپ، ھەر كۈنى بەش نۇمۇر ئۈچۈن ئىشلەپ يۈرەتتىكەن. ئۇ زامانلار قۇرساققا تاپسا ئۇچىسىغا يوق، ئاكىسىغا تاپسا ئۇكىسىغا يوق، قىسىلچىلىق چاغلار بولغاچقا ھەممىنىڭ كۈنى ئاچ زارلىقتا ئۆتىدىكەن. رەھمەتلىق دادام قاسىماخۇن شۇ چاغدا بالاغەت يېشىدا بولۇپ، بوۋام-موماملارغا قىيپاش خوشنا كېلىدىكەن. ئۇ ئانامغا كۆيۈپ قالغان بولۇپ، ئۇخلىسىمۇ ‹‹خاننىسا›› دەپ چۈشەيدىكەن. ئەمما دادام تىكەندەك يالغۇز يىتىم بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېگە بولۇپ بېشىنى سىلايدىغان، ئاددىيسى ‹‹دەردىڭ بارمۇ؟›› دەپ سورايدىغان بىرمۇ ئادىمى يوق ئىكەن. ئەمدى ئۇ زامانلارغۇ بىركىم-بىركىمنىڭ ھالىغا يېتەلمەيدىغان، يېتەي دېسىمۇ ھېلى قولى، ھېلى بويى، ھېلى خۇيى كالتە كېلىپ قېلىپ سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ئىشكەن. شۇڭا داداممۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئانامغا گەپ تاشلاشقا پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈپتۇ. بىراق، كوپىراتسىيەنىڭ خالىس خىزمەتكارىغا ئايلىنىپ قالغان دادام قۇرسىقىنى ئۆلەر-ئۆلمەس بېقىپ يۈرگىنىگە خۇش بولسا بولىدىكەن. چۈنكى، قۇرساقنى باقسا ئۇچىسى ئىللىغۇدەك كىيىمى يوق، ئۇچىسىغا چىقسا باش تىققۇدەك تۈزۈكرەك ئۆيى يوقكەن. دادىسىدىن مىراس قالغان بىر ئېغىزلىق كونا سوقما تاملىق ئۆي بىلەن قاراپ قويسىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بىر ئەگۈن ئىشىك دادامنىڭ ئەڭ چوڭ مۈلكى ئىكەن. ئۇ چاغلاردا ئاناممۇ كىچىك بولۇپ، بىرەرسىنىڭ مۇھەببەت ئىزھارىنى چۈشەنگۈدەك ياشتا ئەمەس ئىكەنتۇق.
كوپىراتسىيە سەل ئىنسابىغا كېلىپ، يەرلەرنى پۇخرالارغا بۆلۈپ، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ بېرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ. تىرىشقانلارنىڭ قازىنى گۆش، توخوسىنىڭ يېنى تۆش كۆرگەن شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانامغا ئەلچى كېلىپتۇ. ھال-ئوقىتى يامان ئەمەس بىر ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق كەنجى بەگزادىسىنىڭ ئانامغا لايىق چىققانلىقىنى ئاڭلىغان دادام جايىدا ئولتۇرالماي قاپتۇ. لېكىن قانچە تىرىشىپ باقسىمۇ تۆشۈك يانچۇقىدا تەڭگە ئورناشماي، تەرلەپ-پىشىپ ئىشلىگىنىگە يارىشا چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ‹‹ئاتام ئېيتقان بايىقى›› ھالىتى بويىچە قېلىۋېرىپتۇ. ئەمما كۆيۈك دەۋاسى ‹‹يانچۇق بوش›› دېگەن گەپكە ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام تەۋەككۈل دەرياسىغا كېمە سېلىپ، ئۆز ھالىغا باقماي قولىنى بۇرنىغا تىقىپللا ئاناملارنىڭ ئۆيىگە ئۆزىگە ئۆزى ئەلچى بولۇپ كىرىپتۇ.


داۋامى ئىنكاستا يېزىلىدۇ...


(ئەسكەرتىش: ئەسەر ھوقوقى ئاپتورغا ۋە يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە تەۋە. باشقا ھەر قانداق مۇنبەر ياكى بلوگلارغا كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ)

ئاسمان دەز كەتسە كەتسۇن، كۆڭۈل دەز كەتمىسۇن!... --قىياق

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
84
يازما
1112
نادىر
0
جۇغلانما
1177

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكىنىڭ بېشىنى باشلاپ ئاخىرىغا چىقىرىپ بولغىچە تۈگەپ كىتىپ يېرىم كۈلكىدە قالدىم. شۇ تاپتا مۇنبەرنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇنداق ئىنكاستىن داۋامىنى ئۇقۇيدىغان يازمىلار ئىگىلەپ كەتتى.
ئاپتۇرلارنىڭ تمىنى ئۇزۇندىراق يازسىمۇ سەل كۆپرەك يېزىشىنى سورايمەن. ساقلىغانغا چۈشلۇق بىرقېتىملىق ھاردۇقنى ئالسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن

بلوگىمغىمۇ ئاز-تولا ئىنكاس قالدۇرۇپ يوقلاپ تۇرساڭلار. تاشلىنىپ قالدى

Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇڭۇشلۇق باشلىۋاپسىز، ئۇتۇقلۇق تۈگىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

تېما
119
يازما
1672
نادىر
1
جۇغلانما
5032

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى سۆز جۈملىلەرنى بەكلا جايىدا چۈشۈرۈپسىز جۇمۇ ،توۋا،بۇنداق گەپلەرنى يېزىش ئادەمنىڭ كاللىسىغا ئاسانلىقچە كەلمەيدۇ، ئاۋالقىللىرىدا يىغلاپ يىغلاپ قالساق،ئىڭەك يۈلەپ ئولتۇرساق ماۋۇ كۆلكە دورىسى بوپ چىقامدۇ نىمە،تىرىشىڭ قىياقخېىنم،ككزىمىز سىزدە،لېكىنزە  كۆز تىگىپ كەتمىسۇن جۇمۇ،

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 6Rank: 6

تېما
7
يازما
514
نادىر
1
جۇغلانما
1349
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:08:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يېنىك، يۇمۇرلۇق باشلىنىپتۇ.... بۇنى چوقۇم ئوقۇيمەن...

مەدەنىيەتلىك سامسىپەز

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 10:01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئاغزىنى بولۇشىغا بۇزۇپ ئەسكى تىراكتۇردەك تاراڭشىۋاتقان، ھەر قەدىمىدە بېشىغا تاشلىۋالغان ياغلىقىنىڭ ئىككى ئۇچى ھاۋادا لەيلەپ، ئۆزى يەلكەنلىك كىمىدەك لەپەڭشىپ كېتىپ بارغان ئايال مېنىڭ ئايالىم
ئالامەت تەسۋىرلەپ قويۇپسىز ھە ؟ ئەمما لېكىن قىياق تۈگەشتىڭىز ، كۈندە داۋامى دەپ قۇلاق مېڭىڭىزنى يەپ كېتتىمىز

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 10:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇسىغا قاراپ قورقۇپ قالدىم. جېنىم قىياقگۈل، ماۋزۇسىنى راھەترەك قويغىلى بولماسمۇ؟

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 3Rank: 3

تېما
3
يازما
59
نادىر
0
جۇغلانما
508
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋاي..........، تازا قىززىۋاتقاندا
راسىت ، سەي دىيىش ئومۇملىشىپ قالغان بولسىمۇ يازغاندا  كۆكتات دەپ ئالساق دەيمىنا...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلتەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:57  


Rank: 8Rank: 8

تېما
44
يازما
1328
نادىر
0
جۇغلانما
4092
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا....ما قىياقنىڭ ئىسىگە نەدىنمۇ كىلىدىغاندۇ بۇنداق گەپلەر، ئەمدى داۋامىنى تىزرەك يازمىسىڭىز چاتاق بولىدۇ جۇمۇ

Rank: 6Rank: 6

تېما
63
يازما
427
نادىر
0
جۇغلانما
1284
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:28:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت رېتىمىنىڭ جىددىلىكى تۇپەيلى مەزمۇنى كۆپ ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم،چۇشكەن ئىنكاسلارغا قارىغان ياخشى يېزىلغاندەك تۇرىدۇ.

خىزمەت،تۇرمۇشتىن يىللىق خۇلاسە چىقىردىغان ۋاقىتمۇ كىلىپ قالدى مانا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش