بىر يىگىتنىڭ كوچىسى
سەنسىز0903
- ئابابەكرى ئابدۇقادىرنىڭ ( بىر يىگىتنىڭ كوچىسى ) ماۋزۇلۇق نەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن...
بولىدۇ دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ،
ئۆزىگە خاس بولغان ئىللىق باھارى.
سايرايدۇ كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىپ قۇشلار،
ساپ، پاكىز، ھەم ئۇنىڭ گۈلدەك ھاۋاسى.
شۇنچىلىك تەقەززا بولدى كىشىلەر،
كوچىدا پەقەت بىر قېتىم مېڭىشنى.
خالىماس بۇ كوچا لەنەت ئىزىنىڭ،
يۈزىگە داغ قويۇپ، قۇيۇپ مېڭىشنى.
مېڭىشقا مۇيەسسەر بولدى ئاخىرى،
بېشىغا ئامىتى ياغقان كىشىلەر.
دەسسىدى، چەيلىدى بۇزۇپ پەيلىنى،
مىڭ ئەپسۇس بۇ كوچا قەدرىنى بىلمەي.
پاكلىققا تەلپۈنگەن تەشنا قەلبلەر،
ئۆچۈردى كوچىنىڭ ئازاب دېغىنى.
قالدۇردى شۇنچىلىك شېرىن ئەسلىمە،
تۆكۈشتى قانغۇچە ھەم دەرد، سىرىنى.
ئۆتكەندە ئارىدىن بىر قانچە ئەسىر،
سېغىندى كىشىلەر پاكلىق ھىدىنى.
ئاھ ئۇرۇپ ئىزدىدى، تونۇپ كوچىنىڭ،
ئۆزىگە خاس بولغان سېھرىي كۈچىنى.
بۇ كوچا باغرىغا دەسسىۋېلىشنى،
قىلىشتى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك ئارمان.
مىڭ ئەپسۇس كوچىنىڭ ئىشىك ئالدىغا،
يېزىلغان « بۇ كوچا مەڭگۈ تاقالغان »!
ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ!
بىر يىگىتنىڭ كوچىسى
نەسر
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
1
جاھاندىكى جىمىي مەۋجۇدىيەتنىڭ باھارى بولغىنىدەك بۇ كوچىنىڭمۇ باھارى گۈللەپ - ياشنايتتى. بۇ كوچىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇ كوچىدا بىر قېتىم بولسىمۇ مېڭىپ باققۇسى كىلەتتى. چۈنكى، پاكلىق پۇراپ تۇرغان بۇ كوچا خېلى كۆپ ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتاتتى. ئەمما بۇ كوچا ئۇنداق - مۇنداق ئادەملەرنى ئۆز باغرىغا سىغدۇرمايتتى. ئۇ قالايمىقان ئادەملەرنىڭ ئۆزىدە مېڭىپ باغرىنى زېدە قىلىشىنى خالىمايتتى.
2
كونىلارنىڭ ( بىر ھايۋاننى چۈشىنىشكە بىر كۈن كەتمەيدۇ، بىر ئادەمنى چۈشىنىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ. ) دېگىنى بىكار ئەمەسكەن. -
تاشقى قىياپىتى بىلەن روھىي دۇنياسى تەتۈر تاناسىپ بىر قىسىم ئادەملەر ياپيېشىللىققا تولغان بۇ كوچىدا تاساددىپىي بىر نەچچە قېتىم مېڭىش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئەمما ئۇلار بۇ يولنىڭ قەدرىنى بىلىشمىدى.
ئۇلار ئاقىۋەتتە ئۆزى بىلگىنىنى قىلىپ بۇ كوچىنىڭ باغرىغا خالىغىنىچە دەسسىدى. ئاخىرى بۇ كوچىنىڭ خاتىرىسىگە بىر مۇنچە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كىتىشتى. بۇ ئەسلىمىلەر بىر - بىرىدىن ئېچىنىشلىق بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزەتتى.
3
ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى بولغىنىدەك، پاكلىققا تەشنا قەلبلەرگە ئۆزگىچە گۈزەللىك بېغىشلايدىغان كۈز پەسلى كىلىپ بۇ كوچىنى ئۆزگىچە رومانتىك تۇيغۇلار قوينىغا چۆمۈلدۈردى.
بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدىكى شېرىن دەقىقىلەر بۇ كوچىنى بىر مەھەل ئۆز باغرىدا يايراتتى.
بۇ كوچا ئاخىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ئازاب داغلىرىنى يۇيۇۋەتتى.
4
قىش پەسلىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى بار. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار كىشى قەلبىگە ياخشى يېزىلغان لېرىك بىر پارچە شېئىردەك ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاپئاق لىباسقا ئورالغان چەكسىز دالا، باغلاقتىن يېشىۋەتكەندەك ئۆز - ئۆزىنى قىيغىتىپ يايرايدىغان كۆڭۈل، قار يۈرەكلەرگە بېغىشلايدىغان رومانتىك تۇيغۇلار...
ئەپسۇس... قار بۇ كوچىغا ئۇنداق دەملەرنى بىرەلمىدى. قار توختاپ ئۇنىڭ ياپياش قەلبلەرگە ئاتا قىلغان لەززىتى تېخى ئۆچمەي تۇرۇپلا بۇ كوچىنىڭ باغرىغا قان تامدى. بۇ قاننى يۇيۇپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ قان دېغىنى تالايلىغان شامال - بوران ئۆچۈرۈۋىتەلمىدى، قار - يامغۇر يۇيۇۋېتەلمىدى. كوچا تەقدىر پېشانىسىگە پۈتكەن بۇ زۇلمەتتىن تولغىنىپ - تولغىنىپ يىغلايتتى. كوچىنى بەزلەش كىمنىڭ قولىدىن كەلسۇن؟
كوچا يىغلايتتى. پۈتۈن جاھانغا يىغا تاراپ كەتتى.
5
بۇ كوچىدا بۇرۇن مېڭىپ باققانلار ئارىدىن نەچچە مىڭ يىل ئۆتكەندە ئاندىن پاكلىق ھىدى كەتمەيدىغان بۇ كوچىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ يەتتى ۋە بۇ كوچىنى ئىزدەشتى. ئۇلار بۇ كوچىدا بىرلا، پەقەت بىرلا قېتىم مېڭىۋېلىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىشتى. ھەتتا بۇنى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنى قاتارىدا ھىسابلاشتى. ئەمما بۇ چاغدا بۇ كوچىنىڭ كىرىش ئىشىكى مەڭگۈلۈك تاقالغان ئىدى!
بۇ نەسر ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.