يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 3

سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 00:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەممىمىزگە ئايانكى،سىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن.سىنىپ مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى سىنىپ مۇھىتىنى ياخشىلاش،ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.                             

1.سىنىپنىڭ ئومۇمىي تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائاليىتىنىڭ 90% تىن كۆپىرەكى سىنىپتا بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ،سىنىپنىڭ تازىلىقىنى كۈندە ئىككى قېتىم،يەنە ئەتىگەن مەشغۇلات باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا سىنىپ ئىچى،سىنىپ ئەتراپىنى پاكىز تازىلاش،پار،ئورۇندۇق،ئىشىك،دىرىزىلەرنى سۈرتۈش،گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ  قويۇش،سىنىپ ئىچىنىڭ پاكىز بولۇشىنى،سىنىپنىڭ ئومۇمىي مۇھىتىنى ياخشىلاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.   

2.ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك قويۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدىكى پارتا-ئورۇندۇق رەتلىك تىزىلىشى،دىجورنىلار دەرس ئارىلىقىدا دوسكىنى پاكىز سۈرتۈپ قويۇشى،بور،كۆرسىتىش تايىقى،دوسكا ئۆچۈرگۈچ،ھەر خىل چېرتيوژ،گىلوبۇس قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك نەرسىلەر مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك. دېرىزىلەرگە چىرايلىق گۈل تەشتەكلىرى قويۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدە كېرەكسىز داس،چېلەك،بۇزۇلغان تازىلىق ئەسلىھەلىرى،بوزۇلغان پارتا-ئورۇندۇق ۋە ئۇنىڭ پارچىلىرى،ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تەشۋىقات تاختىيى،تەشۋىقات شوئارلىرى،كېرەكسىز قەغەز قاتارلىقلار بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.               

3.سىنىپ قىرائەتخانىسىنى كۆزگە چىلىقىدىغان ئورۇنغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. سىنىپ قىرائەتخانىسى شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ،تۈرلۈك پەننى،ئەدەبىي كىتابلارنى،يىڭى خەۋەر،يىڭى بىلملەرنى كۆرۈپ،مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سورۇن،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ،ئۇلار پايدىلىنالايدىغان،ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كىتاب،گىزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشى ۋە سېتىۋىلىشى كېرەك.                        

4. سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق رەسم،جەدۋەل،شۇئارلار ۋە قائىدە-تۈزۈملەر بولۇشى كېرەك.1) سىنىپ ئىچىدە دەرس جەدىۋىلى،مەشغۇلات جەدىۋىلى ۋە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت جەدىۋىلى بولۇشى كېرەك.بۇ ئۈچ تۈرلۈك جەدۋەل بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلدۇرغىلى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ. 2) سىنىپ ئىچىدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرگە دائىر جەدۋەل،خەرىتىلەر بولۇشى كېرەك.يەنى جۇغراپىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىنىپلاردا خەرىتە؛خىمىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىنىپلاردائېلېمىنىتلار دەۋرىي جەدۋەلى؛باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۈۋەن يىللىقلىرىدا ئېلىپبە جەدۋەلى،كەررە جەدۋەلى بولۇشى كېرەك.3) سىنىپ ئىچىدە داھىيلار،ئالىملارنىڭ رەسىملىرى،دۆلەت بايرىقى ۋەمۇتەپەككۈرلارنىڭ ئەقىليە سۆزلىرى شېئىر-قوشاقلىرى بولۇشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-تۈزۈملەر،ئۆگىنىش باغچىسى ۋە قارا دوسكا گېزىتى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدە سىنىپ مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قالايمىقان رەسىم،شوئارلار بولماسلىقى كېرەك.                                                                     

دېمەك،سىنىپ مۇھىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ھەم ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە دەرس ئىسلاھاتىدىكى مۇھىت ئارقىلىق كەيپىيات تۇراقلاشتۇرۇپ،ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت تۈپكى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

مەنبە : "قاراماي گېزىتىدىن ئېلىندىن "


[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 07:31  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ مەڭگۇ بىر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ قالغۇم بار ئىدى،ئەمما ،،،،،،،،،،،،

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 07:12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دەرسخانا مۇھىتى ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىنىپقا شۇنداق قەدەم قويسا قالايمىقانچىلىققا تولغان ئوقۇتقۇچى ئۈستىلى، يەردە چېچىلىپ ياتقان قەغەز پارچىلىرى، رەتسىز بولۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئۈستىلى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى قىقاس-چوقانلىرى كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولسا... سىزدە بولىدىغان  بىرىنچى ئىنكاس ئاچچىقلاش. ئۇ چاغدا تەبەسسۇم بىلەن سىنىپقا قەدەم  باسقان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋالمىسڭىز قان بېسىم ئۆرلەيدىغان گەپ

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئوقۇتقوچى،،،مەنمۇ سىز دىگەن بۇ تەرەپنى ئەڭ مۇھىم تەرەپ دەپ قارايمەن،،،
شۇڭا، مېنىڭ سىنپىم باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك پاكىزە،رەتلىك،چىرايلىق بىر سىنىپ.بىر
نەچچە تەشتەك گۈل ۋە بىر نەچچە ئەينەك قاچىدا گۈل باقتىم،،
دىمەك،ئازادە،پاكىزە،چىرايلىق مۇھىت ئوقوغوچىلار ھەم شۇنداقلا  ئوقۇتقۇچىلارغا  ئازادىلىك بەخىش ئېتىدۇ دەپ قارايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:47 , Processed in 0.046109 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش