يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1089|ئىنكاس: 6

چەت ئەللىكلەر بالىسىغا مۇنداق سۆزلەرنى قىلمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 00:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


1.ئاشۇرۋېتىدىغان،مەسلەن«سەن دۇنيادىكى ئەڭ   چىرايلىق قىز بالا»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.بالا يېشىنىڭ چوڭيىشىگە ئەگىشىپ،چوڭلارنىڭ سۆزىدىكى راست-يالغانلىقىنى پەرىق ئېتەلەيدىغان بولىدۇ.شۇڭا،ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن،باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىغا تازا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ماختىشىغا كۆنۈپ قالغان بالا جەمئيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ ياخشى گەپ بولسا ئاڭلايدىغان،قارشى پىكىرگە قۇلاق سالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2.كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان،مەسلەن«نېمانداق سەمىرىپ كەتتىڭ»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.ئەقلىي ئاجىز بالىمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ،بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ گودەك قەلبى ئازار يەيدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن بالا«مەن راست شۇنداق ئوخشايمەن»دەپ ئويلاپ،ئۆزىنى ئۆزى پەس كۆرۇپ،ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

3.تەھدىت سالىدىغان،قورقۇتىدىغان،مەسلەن«تاپشۇرۇقىڭنى ياخشى ئىشلە،بولمىسا تاياق يەيسەن»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.بۇنداق قۇرۇق پوپوزا بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرۋېتىدۇ ھەم بالىنى ئاتا-ئانىسىدىن يىراقلاشتۇرۋېتىدۇ.

4.سوغۇق تىگىدىغان،مەسلەن« ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ ؟ »دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ. بۇنداق  سۆزلەر بالىدا«چوڭلار مېنىڭ ئىشىمغا قىلچە كۆڭۇل بۆلمەيدىكەن،مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن» دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

5.بۇيرۇق قىلدىغان، مەسلەن«گېپىمنى چۇقۇم ئاڭلىشىڭ كېرەك»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.ئەگەر ئاتا-ئانا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ،بالىنى ئۆزىنىڭ گىپىنى ئاڭلاشقا مەجبورلىسا،بالا تەنقىدنى قوبۇل قىلغان بىلەن كۆڭلىدىن قايىل بولمايدۇ،گەرچە سىزنىڭ تەنقىدىڭىز توغرا بولسىمۇ،بالا سىزگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولمايدۇ.

6.مەسخىرە قىلدىغان،مەسلەن«ئۆزۈڭنى بەك ياراملىق دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشىدىن بەك قورقىدۇ.بەلكىم سىز قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ شۇنداق دېگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن،لېكىن بالىنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى توغرا چۈشىنەلىشى ناتايىن.

7.مۇتلەق ئىنكار قىلدىغان،مەسلەن« سەن بەك يالغانچى »دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.تەنقىدلەش بالا تەربىيلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.لېكىن،سۆزنى بەك مۇتلەق قىلۋەتسە،بالىدا بىزارلىق پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ-دە، بۇنداق تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ.               



  مەنبە :  قاراماي گېزىتىدىن ئېلىندى



[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 07:25  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 07:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
" بالىلىق ئۆي بازار ،
بالىسىز ئۆي مازار " دەپتىكەن چوڭلار .
بالىلار ھەممە ئىشقا خوشاللىق بېغىشلايدۇ ، بالىلارنى تەنقىتلىگەندىن كۆرە ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 18:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 07:40 دە يوللىغان
" بالىلىق ئۆي بازار ،
بالىسىز ئۆي مازار " دەپتىكەن چوڭلار .
بالىلار ھەممە ئىشقا خوشاللىق بېغىشلايدۇ ، بالىلار ...


ئۈلگە  بولۇش  كېرەك ، ئەمما  توغرا  ئۇسۇلدىكى  تەنقىتمۇ  كام  بولۇپ  قالماسلىغى  كېرەك !!!بالىلاردا  كىچىگىدىن  تەنقىتنى  قوبۇل  قىلالايدىغان ساغلام پىسخىك  بولۇش  كېرەك  ئەلۋەتتە   بالىلىرىمىز  جەمىيەتكە  يۈزلەنگەندىن كىيىن  ئەتراپىدىكى  ساۋاقداش ، خىزمەتداش ، دوست _ يارەنلىرىنىڭ  بالىلىرىمىز  ئۈچۈن ھەر  ۋاقىت ئۈلگە بولۇپ  بېرەلىشى  ناتايىن . شۇڭا  تەنقىتنى  قوبۇل  قىلالايدىغان  بولۇش بالىلارنىڭ  پىسخىكىسىدىكى كام  بولسا  بولمايدىغان تەرەپتۇر !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ كۆز قارىشىمۇ تىۋىشنىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، چەتئەللىك بالىلار بىلەن بىزنىڭ بۇ بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى پەرىقى بەك زور.

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:07:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىى تەربىيەلەشتە ئالدى بىلەن ئاتا -ئانا بولغۇچى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش كىرەك .... بالىلىرىنى يالغان سوزلىمە دەپ قويۇپ ئوزى يالغان سوزلەشكە بولمايدۇ ...يەنە ئۇلارغا مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۈگۈتۈش ،ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھورمەت قىلىش ئەڭ موھىمى ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كىتىشىگە يول قويماسلىق ،ئۈيدە ئۇلارغا چوقۇم ئانا تىلدا سوزلەش كىرەك

Rank: 1

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
79
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:16:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى ھەرقانچە ماختاپ كەتسەكمۇ پەقەت بىر مەزگىل خۇشال بولىدۇ. كېيىنچە ماختىشىمىزنى تاما قىلىپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بىزمۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالىمىز. شۇڭا ئەڭ دانا چارە بولسا كىتابتىن ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، كۆندۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بالىلار ئۆزىنى ۋە بىزنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ. چەت ئەللىكلەرنى بىزمۇ دورىساق بولغان بىلەن، بالىلىرىمىز چەت ئەللىك بالىلارنى دورىيالمىسا يەنە ئۈنىمى بولمايدۇ. شۇڭا ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ، بالا تەربىيىلەش ئاسان ئىش ئەمەسكەن.
مەسئۇلىيەت بەك چوڭ ئىكەن. خۇدا باللىرىمىزغا ئىنساف، ئەقىل، ئۆمۈر، بەخت ،سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، چىدامچانلىق ئاتا قىلغايسەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:26 , Processed in 0.054018 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش