ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1796|ئىنكاس: 24

خوتەندە توپا ياغىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
119
يازما
1672
نادىر
1
جۇغلانما
5032

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوتەندە توپا ياغىدۇ

لىققىدە دەردى بار تەكلىماكاننىڭ،
ھەممىنى تۆكىدۇ پەقەت خوتەنگە.
قۇياشنىڭ باغرىدا سۈكۈت كۆكلەيدۇ،
شۇ قەدەر سەۋىرچان كىلىدۇ بەندە.

چۆللەرنىڭ قەلبىدە ياتار چاڭقاقلىق،
ئەڭ ساددا تىلەكلەر بۇ يەردە قىيان.
جېنىڭغا جان بەرسە مۇزدەك ئەركەك سۇ،
ئەڭ جاھىل ئېتىقاد سورار ئىسسق قان.

خوتەننىڭ يۈرىكى چوققۇ بازاردا.
قۇلۇڭنى باس بىردەم كۆكرەكلىرىڭگە.
كۆيمەكتە بۇ يەردە دەھشەتلىك بىر ئوت،
ئەڭ ئىسسىق ھاياجان تىلەكلىرىڭدە.

بۇ يەردە ياغقىنى پەقەت بىر توپا،
ئويلانسەن شۇنچىلىك،قالمايسەن ھەيران.
ياغقاندا ئۈستىباش ياكى قەلبىڭگە،
تۇنۇشلا بىر تۇيغۇ كۈتۈرەر غەليان.

تۇيۇقسىز خاتا بوپ چىقىپ قالغاندا،
ئاخشامقى مەلۇمات ھاۋارايىنىڭ.
يۇرۇڭقاش كۈرىدۇ قارا بۇلۇتنى،
زاۋالى كىلىدۇ ياز ،باھارىنىڭ.

بىلىمىز خوتەننىڭ بەشىنچى پەسلى،
نورمالغۇ ھەرقاچان توپا ياغىدۇ.
ۋە لېكىن قېلىنلاپ بارغاندا توپا،
نىمىنى كۆمەر دەپ يۈرەك ئاغىدۇ.

توپىدىن قاچمايدۇ جاھىل خوتەنلىك،
شۇ توپا بوراندىن ئامان قالارمۇ؟
قەدىمقى خوتەننىڭ رىۋايىتىنى،
بۇ قىسمەت قايتىدىن باشقا سالارمۇ؟

خوتەندە يەنىلا توپا ياغىدۇ،
كوھىقاپ ئاغزىنى ئاچىدۇ پات-پات.
شۇ توپا ئاستىدا خوتەنلىكلەر بار،
قان بىلەن،جان بىلەن كۆكلەر ئېتىقاد.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:48  


Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلىرىنى ئالامەت ياقتۇردۇم جۇمۇ! دوپپىلىق، ياغلىقلىق باشلار تۇپا- بۇراندىن ئامان قالغاي.

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تېما
6
يازما
177
نادىر
0
جۇغلانما
961

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىزنى ئىنتايىن ياقتۇردۇم گۈلخان، مەزمۇنى شۇنچىلىك مول چىقىپتۇ. مەنمۇ خوتەندە بىر ئاي تۇردۇم، بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىممۇ ئىنتايىن كۆپ. ئەسمەتۇللاھ دېگەندەك دوپپىلىق، ياغلىق باشلار توپا- بوراندىن ئامان قالغاي.

Rank: 6Rank: 6

تېما
7
يازما
514
نادىر
1
جۇغلانما
1349
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:53:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
............
شۇ توپا ئاستىدا خوتەنلىكلەر بار،
قان بىلەن،جان بىلەن كۆكلەر ئېتىقاد.
.................
.......................
..........
.......
.........................................................
........................................
..............
...............................

مەدەنىيەتلىك سامسىپەز

Rank: 3Rank: 3

تېما
11
يازما
191
نادىر
3
جۇغلانما
560
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇن جەھەتتىن شۇنداق ياخشى ۋە تولۇق ئىپادىلەپسىز ! رەھمەت سىزگە !

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 3Rank: 3

تېما
9
يازما
519
نادىر
0
جۇغلانما
108
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:46:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرنۇمغا ۋەتەننىڭ تۇپىسى پۇرىدى ماۋۇ شىئىرنى ئوقۇپ ...  

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 08:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالدىم گۈلخان ،  ئاخىرى بولماي تېلفونۇمدا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويدۇم

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

تېما
119
يازما
1672
نادىر
1
جۇغلانما
5032

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 08:33
بۇ شېئىرىڭىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالدىم گۈلخان ،  ئاخى ...

رەھمەت ئانارىم،ياقتۇرغىنىڭىزغا.
دوستلىرىڭىزغا بىر تۇنۇتىۋېتىسىزدە مىنى
ھەراست،يەتتە قىزنىڭ ئۈندىدار توپىدا نىمىشقا سىز يوق؟كىرىپ قۇيۇڭە مۇنداق بىز لەر بىلەنمۇ كوتۇلدىشىپ

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 08:33
بۇ شېئىرىڭىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالدىم گۈلخان ،  ئاخى ...

بۇ شېئىرنى مەنمۇ شۇنچىلىك ياقتۇردىمكى، ھېچكىمدىن مەسلىھەت ئالماي نادىرلىۋەتتىم.

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

تېما
119
يازما
1672
نادىر
1
جۇغلانما
5032

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:43
بۇ شېئىرنى مەنمۇ شۇنچىلىك ياقتۇردىمكى، ھېچكىمدىن مەس ...

90 گىرادۇس تازىم قىلىۋېتەيمىكىن سىزگە،ئاران دىگەندە بىر تىمامنى نادىرلاپ قويغىنىڭىزغا،
ئۆزۈم نادىرلاي دىسەم تېخى،يىغلىگىلى ئادەم يوق،ئۆزى قۇپۇپ يىغلاپتۇ  دىگەندەك بىر ئىش بولمىسۇن دەپ نادىرلىيالماي تۇرغانىدىم.ھەر ھالدا ئەقىلىڭىزنى ئىشقا جۇرىدىڭىز بىر قېتىم،

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش