
1
كۈشكۈرتۈپ ئېزىپ بېقىشقا،
بۈگۈن كېچە تەلۋە خىيالىڭ.
بۇسۇغىدىن ئاتلىدىڭ مەغرۇر،
چوڭ ئۆيۈڭگە كەتكەچ ئايالىڭ.
يولغا چىقىپ، ھاياجان بىلەن،
نۇمۇر باستىڭ ھېلىقى قىزغا.
دېدىڭ ‹‹چاپسان كېلىڭە جېنىم،
ساقلاپ تۇراي كۈمۈش يۇلتۇزدا››
چىچەكلىدى جېنىڭمۇ بەلكىم،
مىھمانساراي ئالدىغا كېلىپ.
تاقىۋەتتىڭ يانفۇننى ئاستا،
ئايالىڭدىن ئەنسىرەپ قېلىپ.
2
تۇيۇقسىزلا ئىشىك چېكىلىپ،
كىردى لېۋەن سېرىق چاچلىق قىز.
مەست بوپ كەتتىڭ ئەتىر ھىدىدىن،
قۇچاقلىغۇڭ كەلدى تۇيۇقسىز...
3
تاڭ ئاتقاندا تۇيمايلا قالدىڭ،
شاياتۇننىڭ ئۇزۇغىنىنى.
قۇرۇق ئىدى سىمىز پورتمالىڭ،
قۇيۇپ كەتتى ئۇ قىزچاق سېنى.
چۆچۈپ كەتتىڭ مالىمانچىلىقتىن،
كىيىملىرىڭ يوقتى يېنىڭدا.
توساتتىنلا ئۆزۈڭگە قايتىپ،
سەت ۋارقىراپ، دېدىڭ ‹‹ئاھ خۇدا!...››
ئۆز-ئۆزۈڭگە كايىدىڭ شۇ چاغ:
-بۇ نېمە ئىش، نېمە سەتچىلىك!؟
قانداق چىقاي ئەمدى مەن سىرتقا؟
نېمە نۇمۇس، نېمە نەسچىلىك!؟
كۆزۈڭ چۈشۈپ قاتلانغان خەتكە،
ئوقۇۋېتىپ تاشتى غەزىپىڭ.
دەپتۇ ئۇ قىز خېتىدە شۇنداق،
بېرىلگەنمىش خويمۇ ئەدىپىڭ.
-ئاڭلا، ئىپلاس، ۋىجدانسىز ھايۋان!
ئىللىق ئۆيۈڭ، بالاڭ بار تۇرۇپ.
يەنە سىرتتا كۆڭۈل ئاچامسەن؟
پاك قىزلارنى دائىم ئازدۇرۇپ.
مەنمۇ بۈگۈن رايىشلىق بىلەن،
كەلگەن ئىدىم يېنىڭغا كۈلۈپ.
سېنى شۇنداق بىچارە ھالدا،
رەسۋا قىلىش پىلانى تۈزۈپ.
ئۆتكەن بولسا ئىزا-ئاھانەت،
بۇندىن كېيىن تۆۋە قىلارسەن!
بولسا ئەگەر ئەركەك غورورۇڭ،
قىلمىشىڭنى ئويلاپ باقارسەن!!!
4
تۇيۇقسىز ئەر سىلكىپ بېشىنى،
چىقىپ كېتەي دېدى ياتاقتىن.
قاراپ باقسا كىىيملىرى يوق،
چىققان ئىدى چوڭى چاتاقتىن.
تېلفۇنىنى ئاختۇرۇپ تېپىپ،
بولدى دەرھال ياردەم سورىماق.
بۇ ئىشلارنى كىمگە ئېيتاي دەپ،
بېشى قېتىپ ئولتۇردى ئۇزاق.
تېلفۇنىنى ئېچىپ ئەڭ ئاۋال،
بىر دىلكىشى يادىغا كەلدى.
بېسىۋىدى تونۇش نۇمۇرنى،
بىر زىل ئاۋاز چۈشەنچە بەردى:
-ئابونتنىڭ تېلفۇنى ئىتىك،
بىردەم تۇرۇپ ئۇرۇڭ قايتىلاپ...
ئازغۇن ئەرنى باستى غېرىپلىق،
تىنىقىمۇ قالدى ھالسىراپ.
دەل شۇ پەيتتە سايراپ يانفۇنى،
بىر ئۇچۇردىن كەلدى ئەسكەرتىش.
ئىكراندىكى نۇمۇرغا قاراپ،
باستى ئەرنى قورقۇنچ، ئەندىش.
-تۈگەپ كەتتى ئانىڭىز كېچە،
بىغەم ئېرىم، ئۆزىڭىز نەدە؟.
چوڭ ئۆيگە بىر كېلەرسىز تىزراق،
مېيىت ئۇزار بۈگۈن سەھەردە!...
