بىر ئايال «شالغۇت» تاشقى پىلانېت ئادىمى تۇغۇپ قويدى

يەر شارى تورى خەۋىرى: يېقىندىن بۇيان گىئوناننا ئىسىملىك بىر ئىتالىيەلىك ئايالنىڭ تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، بىر تاشقى پىلانىت ئادىمى تۇغۇپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل ياۋروپانى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى. بۇ فانتازىيەلىك فىلىم ئەمەس، ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە، بۇ ئايال تۆت ياشتا بولۇپ، ھازىر 41 ياشقا كىرىپتۇ.
ئىتالىيەدىكى بۇ تاشقى پىلانىت بوۋىقى قانداق بارلىققا كەلدى؟ بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ دىيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ بىر خىل ئىنتايىن پارقىراق نۇر چاقنىتىدىغان بىر ئۇچار تەخسىنى كۆرگەن، كېيىن ئۆزى ئاڭسىز ھالدا بۇ ئۇچار تەخسىگە مېڭىپ كىرگەن، كېيىن تۆت خىل نائېنىق جىسىم پەيدا بولغان، ئۇلار بۇ ئايال ئۇقالايدىغان گەپلەرنى قىلغان، ئۇنىڭغا مىدىرلىماسلىقنى، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئانچە مۇنچە بىر ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
گىئوئاننانىڭ بەدىنىدە ئانچە روشەن بولمىغان ئۈچ تارتۇق ۋە بەزى فوسفور نۇرلىرى قالغان، كېيىن ئولترا ئاۋاز دولقۇنىدا ئۇ بوۋاقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان ئاۋازنى بايقىغان، كېيىن گىئوننا بالىنى ئالدۇرۇۋەتمەكچى بولغاندا ئۆزىنىڭ بىر ئارىلاشما شالغۇت ھامىلىگە قورساق كۆتۈرگەنلىكىنى بايقىغان، بۇ راستىنلا تاشقى پىلانىت بوۋىقىمىدۇ؟




مەنبە؛نۇرتورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاراكۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:51