فىلىم نامى: سۆزلە
ئۆز تىل نامى:Bol
قويولغان ۋاقتى: پاكىستاندا: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستاندا: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
فىلىم تۈرى: ئىجتىمائىيەت
دۆلىتى: پاكىستان
تىلى: ئوردۇ تىلى ۋە پەنجاپ تىلى
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
فورماتى: rmvb
سىغىمى: 605mb
رازمېرى: 640X360
ئۇزۇنلىقى: 2 سائەت 31 مىنۇت
رېژىسسور: Shoaib Mansoorق
روللاردا:
Atif Aslam as Mustafa
Iman Ali as Meena Kumari
Mahira Khan as Ayesha Khan
Humaima Mallik as Zainub Khan
Shafqat Cheema as Chowdhary Saqa Kanjar
Amr Kashmiri as Saifi
قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ قېتىم فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى كۆرۈپ بىلىڭ دەپ قويماي! قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي...
ھىندىستان پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە قىز-ئاياللارنىڭ ئورنى بىر ئاز تۆۋەن، بۇنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر ئۇلار ئاقساق چولاق ياكى سەت بەتبەشىرە بولماستىن تويلۇق مەسىلىسى تۈپەيلىدىنلا ئۇلار مۇشۇنداق خارلىققا دۇچار بولۇپ ئۆزىنىڭ ئايال بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن پەرياد چېكىشىدۇ!
ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇ تەرەپلەردە تويلۇقنى قىز تەرەپ ئالىدۇ، شۇ ۋەجىدىن ئوغۇللۇق بولغان ئائىلىلەر ئېغىر تويلۇق سەۋەبىدىن بىردىنلا مىليونېر بولۇپ كەتسە شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر ئائىلە ۋەيران بولىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن!
مەزكۇر فىلىمدىكى ۋەقەلىك مانا مۇشۇ ئاچچىق رېئاللىق ئاساسىدا مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر ئوغۇل تەماسىدا يەتتە قىزنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان بىر ئادەم قىزلىرىنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلىش ۋە تالالىق قىلىپ بەختكە ئېرىشتۈرۈش يولىدا ۋىجدانى كۆتۈرمىگەن ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ!
قىزلىرىنى ئىمان باغچىىسدا ھايالىق تەربىيلىمەكچى بولغان بۇ دادا يەتتە قىزىنىڭ بەختىنى كۆرەلەمدۇ؟ ياكى ئۆيدىن تالاغا چىقىپ باقمىغان قىزلار كۈلپەت ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەمدۇ؟
ئەگەر سىز بۇ يەتتە قىزنىڭ تەقدىرىگە قىززىقسڭىز نەزىرىڭىز مەزكۇر فىلىمدا بولسۇن!
فىلىم شان-شەرىپى:
مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى پاكسىتاندىكى كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان مۇۋەپپىقىيەت قازانغان رېژىسسور بولۇپ ئۇ مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشكە 10 مىليون مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاپ 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق مەزكۇر فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولۇنغان.
دەسلەپ پاكىستاندا قويۇلغان بىر ئايدىن كېيىن ھىندىستان لوندون ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قويۇلغان!
فىلىم قويۇلۇپ ئۇزاققا بارمايلا ئوبدانلا بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھاردۇقى چىققان! فىلىم ياراتقان بېلەت كىرىمى 22 مىليون روپىيە بولۇپ، ھىندىستان فىلىمى «مېنىڭ ئىسمىم خان» فىلىمنى بېسىپ چۈشكەن.
ئۆتكەن بىر يىلدا فىلىم پاكىستاندا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى فىلىم بولۇپ قالغان پاكىستان ۋە ھىندىستان تارقىتىش ۋاستىلىرى مەزكۇر فىلىم توغرىسىدا توختىماي خەۋەر بېرىپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىنى ئېلان قىلىپ تۇرغان!




فىلىم ھەققىدىكى تورداشلارنىڭ تەسىراتلىرى
روھچىن
بىز ياشاۋاتقان جەمىيەت تۇلىمۇ كەڭىرى، ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلا يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىمىز ئاز بىر قىسمى كۆرىدىغىنىمىز تېخىمۇ ئاز بىر قىسمى .
ئەگەر بىز بىر جەمىيەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ بىر ئائىلىنىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى كۆرۈپ تۇرالىساق بىزگە نۇرغۇن چۈشەنچىلەرنى بىرەلىشى مۇمكىن.
شۇنداق بىز بىر بالىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىزيۇ ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىدا ئاشۇ قىيىنچىلىقنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەگەنلىكىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيمىز. ئەمما، ئەمەلى تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، بىر جەمىيەت قاتلىمىدىكى پاجىئەلەرنى سۈرەتلەپ بىرەلىگەن كىنو-فىلىملەر بىزنى بىر ھادىسىنىڭ باش ئايىقىنى كۆرۈش شارائىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك؛ ئەركان ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان پاكىستان ھىكايە فىلىمى« سۆزلە» ئەنە شۇنداق بىر پاجىئەنىڭ باش ئايىقىنى بىزگە سۈرەتلەپ بىرىدۇ.
ئۇ كىنونىڭ مەركىزى ئىدىيسىنى بىر نەچچە تەرەپكە بۆلىشكە بۇلىدىكەن. ئەمما، مىنىڭ كاللامغا كەلگىنى خاتالىقنى بىر قېتىم سادىر قىلساڭ ئۇنى تۈزەتمەك ئاسان. ئەمما تەكرار سادىر قىلىۋەرسەڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بۇلالمىغۇدەك خاتالىقلار مەيدانغا كىلىدۇ.
كىنونىڭ باشلىنىشىدىلا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىگە« غىتمەك» لەرنىڭ ۋەقەلىرى سۆزلىنىدۇ. ھەكىم غىتمەككە ئاجايىپ ئۆچ ئەمما ئۆزىنىڭ بىر بالىسى ئەنە شۇنداق غىتمەك بۇلۇپ قالىدۇ. ھەكىم بۇ بالىنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ.( ھەكىم ئۆزىنىڭمۇ كىيىن غىتمەكلەردىن بۇلۇپ قېلىشىنى ئەسلا خىيال قىلالمايدۇ) شۇ ۋاقىتتا كاللىڭىزغا كىلىدىغىنى سەيفىنىڭ غىتمەك بۇلۇپ قېلىشى سەيپىنىڭ گۇناھى ئەمەس. دادا بالىنى ئۆزى تېپىپ يەنە نىمىشقا ئۆزى خارلايدۇ دىگەن خىيال بۇلىدۇ. سەيفىنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق بۇلۇڭ-پۇچقاقتا، تەياق-توقماقتا ئاخىرلىشىدۇ. ئۆلگىنى ئۆز ئەجىلى ئەمەس باشقىلارنىڭ قۇلى، ياتلارنىڭ قۇلىمۇ ئەمەس، ئۆز دادىسىنىڭ قۇلى. بۇ ھەقىقەتنى قىزى زەينەپ تەكرار-تەكرار سۆزلىسىمۇ دادىسى قۇلاق سالمايدۇ.
شۇنداق قىلىپ دادىسى سەيفىگىمۇ قىلدى، ئۆزىگىمۇ قىلدى، ئائىلىسىگىمۇ قىلدى.
ھەكىم بىر تەقۋادار مۇسۇلمان (ئۆزىچە) ئەمما شەرىئەتنىڭ تەلىۋى نەدە ھەكىم نەدە زەينەپنىڭ ھەقىقى چۈشۈنۈپ ئىتىقاد قىلغۇسى بار، ھەقىقەتكە بولغان تەلپۈنۈش ئۇنى ئائىلىسىنىڭ مۇقەددەس تەرتىپلىىرگە قارشى چىقارغۇزىدۇ گەرچە تەياق- توقماق بەدىلىگە بولسىمۇ .
كىنونى كۆرۈش جەريانىدا كاللام بەك چېچىلدى چۈنكى ھەربىر ۋەقەلىك ئايىغىنى چىقىرىپ بۇلالمايدىغان خىياللارغا باشلاپ كىتىدۇ.
ئويلىغانلىرىم بەك جېق بولسىمۇ بۇ يەردە تۇلۇق يازالمىدىم. چۈنكى كاللام ھېلىغىچە قالايمىقان خىياللار ئىچىدە. كىنودىكى ۋەقەلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي ئاۋارىمەن.
مەزكۇر فىلىم ھەقىقەتەن نادىرلاشقا لايىق فىلىم ئىكەن ئەركان ئەپەندىمنىڭ ئەجىرىگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر
كۆكبۆرە
مەنمۇ ھازىر تېخى بۇ كىنونى كۆرۈپ بولۇپ مۇنبەرداشلار چۇقۇم بىر نەرسە دېدى دەپ ئويلاپ مۇنبەرگە قارىسام ئويلىغاندەك بۇ تىما يوللىنىپتۇ. ئەسلى تېمىدا بىر بۇرادەر بۇ تېمىنى ئۆزى كۆرگەن ئەڭ مەززىسىز كىنو دەپتۇ. ھەر كاللىدا ھەر خىيال. مېنىڭچە بۇ كىنو ھەقىيقەتەنمۇ ئېسىل ئىشلەنگەن كىنوكەن. مۇشۇنداق ئېسىل ئىشلەنگەن كىنونى ئەجىر قىلىپ كۆيۈنىپ تەرجىمە قىلغان ئەركانغا يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭۈلدىن تەشەككۈر. جاپا چەكتەڭلا، رەھمەت.
بىر مۈجمەللىك (سەيفى تۇغۇلغاندىلا، ئىنىك ئانىسى قانداقسىگە بىنورماللىق سېزىدۇ؟ياكى ئۇنىڭ ئەرلىك ئەزاسى بولمايمۇ ياكى قوش جىنىسلىق ئىپادىلەنگەچكىمۇ؟) ئۇنىڭ خۇمسى بەچچىلەرنىڭ خارلىشىغا ئۇچىرشى ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۋېتىدىكەن.
بۇ كىنو ئادەمنى بەزىدە زىددىيەتلىك خىياللارغا تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىكەن، دىننىي ئەقىدىلەر توغۇرلۇق قاراشلارمۇ ئىپادىلەنگەچكىمۇ. بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن ئىمتاھان ، سىناق دۇنياسى. بىر تەقۋادار، مۆئمىن ئادەم ئاخىرسىدا قانداق بولدى؟ بۇنىڭغا كىم سەۋەبچى؟ مۇتەئەسسىپلىكمۇ ۋە ياكى شۈكىرسىزلىك، ئىخلاسنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ ؟
زەينەپنىڭ ئاخىردا قويغان سۇئاللىرىغا ئەشۇ جەمىيەتتىكى كىشلەر قانداق جاۋاپ بېرىدىغاندۇ؟
ئاخىردا پۈتۈن بىر ئائىلىدىن 3 جان ئازلاپ، قالغانلار زەينەپنىڭ قۇربانلىقىدىن كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشنى كەچۈردىكەن. ئۇ دادا يا باللىرىنى پەننىي جەھەتتىن تەربىيلىمەيدكەن، ياكى دىننىي بىلىملەرنى ئۆگىتىپ ھېچ بولمىسا قارىي قۇرئان قىلمايدىكەن. تېخى مەزھەپ ئايرىپ قىزىنىمۇ بىر ياخشى يەرگە ياتلىق قىلمايدىكەن. ھەي توۋا!
بىراق ، بۇ دادا يەنە ئەڭ ئاخىرقى ناراسىدىنىڭ گۇناھلىق تۇرمۇشتا چوڭ بۇلۇپ، چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزىشىنى پەقەت خالىمىدى، ئەكسىچە ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولدى. بىراق بۇ ياخشى ئامال ئەمەستى، ئاخىر زەينەپ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالدى. دېققەت قىلدىڭلارمۇ، ئەڭ ئاخىردا ئۇ قىزنىڭ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغىنىنى ، دېمەك ئۇنىڭ كەلگۈسى ئانىسىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ھايات دېگەن گەپ.
يەنە بىر گەپ، 200 مىڭ روپىيەگە ئاتا جازالانمىدى، ئەمما زەينەپ سىڭلىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ بىر كالتەك ئۇرغىنىغا دارغا ئېسىلدى، بۇمۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئادالەتسىزلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق ؟
ئاققىر
راست دەيسىز، بۇ كىنو جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى، قانۇن، ئۆرۈپ-ئادەت، دىن، مۇتىئەسسىپلىك ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقلىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن كىنوكەن. ئەڭ مۇھىمى نادانلىق..
دادا ئۆزىنى مۆمىن مۇسۇلمان ھېساپلايدۇ، ئەمما كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى مۆمىن ھېساپلىغان بۇ دادىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى تۈپەيلىلا بولدى...ئۆزىنى بەك كامىل مۇسۇلمان چاغلىغانلىقىدىن بولدى...كىنودىكى مەزمۇندىن قارىغاندا يالغۇز ئۇ دادىلا ھاكۋۇر بولماي، تەسۋىرلەنگەن جەمئىيتتىكى ئادەملەرمۇ ھەممىسى ھاكۋاۇر، نادان. مەسىلەن: ھېلىقى سولامچى دادا ھەكىمگە بالىلىرىغا قۇرئان ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ كەلگەندە ھەقىقى مۇسۇلمان بولسا ئۇنى شىئە، سولامچى دەپ ئولتۇرماي ھەق يولغا باشلاپ كېلەلىسە بولاتتى، ئەمما ھاكۋۇرلىقى تۈپەيلى ئۇنداق قىلىش تۈگۈل باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا كەمسىتىش نەزىرىدە بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ قىلغانلىق..ئۆزىگە قىلغانلىق بولسا ئىلىم تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئادەمنى رەت قىلدى، بۇ ئېغىر گۇناھ، ئۆزگىگە قىلغانلىق ئۇلارنى يەنىلا يامان يولغا تاشلاپ قويدى. ئاشۇ جەمئىيەت كىشىلىرىمۇ خېلىلا ھاكاۋۇر، بۇنى سولامچى دادىنىڭ «بىز قىزىل چىراقلىق مەھەلىدە، باشقا موللاملار ئۇ يەرگە بېرىشتىن قورقىدۇ» دىگىنىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ دادىنىڭ ھەر بىر قىلغان يالغان تەقۋالىقىنى ئاشۇ شىئە سولامچى دادا بىردىن برىدىن قايتۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ تامىقىنى يىدى، پاھىشە قىزىنى ئالدى....ئاخىرىدا ئۇ تەقۋالىقى قەيەرگە كەتتى...
جەمئىيەتنى مۇشۇنداق نادانلار قاپلاپ كەتسە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پاجىئەلەر بولۇشى مۈمكىن...
ھېلقى ئەرلەر دۆلىتى دىگەن كىنونى كۆرگەن چاغدا ماڭا ئانچە تەسىر قىلمىغان ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭدىكىدەك ۋەقەلەر جەمئىيەتتە كۆرۈلمەسلىكى مۈمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ما كىنونى كۆرگەندىن كېيىن كېچىدىن ئۇيقۇم تازا ياخشى بولمىدى... كاللامغا كەلگەن خىياللار ناھايتى نۇرغۇن،...
تەرجىمان ئەركان
تورداشلارنىڭ مەزكۇر فىلىم توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانلىرىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم!
مېنىڭ ھېس قىلغىنىم فىلىم ئېسىلىۋالغان ياكى ئېچىپ بەرمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيە ئاققىر ئاكام ئېيتقاندەك ناھايىتى كۆپ ۋە چوڭ مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان ، بەلكىم رېژىسسور بۇ مەزمۇنلارنى ئېچىپ بېرىشتىمۇ ناھايىتى قىينالغان ياكى ئىككىلەنگەن بولىشى مۇمكىن!
ئەمدى ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، بۇ بىر كىنو ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئەمما ئەمەلىيەتتىنمۇ بەك چەتنەپ كەتكەن فانتازىيىلىك فىلىممۇ ئەمەس....ئويلىغىنىم فىلىمدا ئاياللار ئورنى ۋە ئاياللار(بالىلار) تەربىيىسى يەنى مائارىپ ئاساسىي نۇقتا دەپ قارىدىم.
مەيلى پەننىي بولسۇن ياكى دىنىي جەھەتتىن بولسۇن بالا سانىنى كۆپەيتىش ئەمەس ئاز بولسىمۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسىمۇ ئۇنى سۈپەتلىك تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش ۋە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن دېگەننى ھېس قىلدىم!
يەنە بىرنەچچىدىن تورلاردىمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ، پاكىستان تەرەپتە پات-پات ئاتىلار قىزلىرىنى ئۆلتۈرۋېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن بۇنىڭ سەۋەبى ئەنئەنىدىن شەكلەنگەنلىكى ياكى ئاللىقانداقتۇر ئۆزى بولمايدۇ دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن بولىدىغان ئوخشايدۇ....مەزكۇر فىلىمدا رىژىسسور بەلكىم دادىسىنى ئۆز قىزىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆلتۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىسيانكارلىقنى ئىپادىلىمەكچىدۇ.....
............
تەرجىمە جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە، ئەسلىدە خەنچە تەرجىمىدە 两性 دەپ ئېلىنىپتىكەن، شۇ جۈملە.....
بۇ فىلىم ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنمۇ مەن تور يۈزىدە تورداشلاردىن پىكىر ئالغانىدىم، بەلكىم تورداشلارنىڭ يادىدا بولسا كېرەك.....
ئەمدى تۇغۇت ئانىسى بالىنى كۆرۈپلا قوش جىنسكەن دەيدىكەن، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئىككى جىنسىي ئەزاسى بىللە تۇغۇلغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم، ھەم ئۇنداق ئىشنى ئاڭلاپمۇ باقمىدىم.....بۇ ئىككى جىنسى دېگەننى ئىككى خىل مىجەز يەنى ئەرجاڭزا دەيمىزغۇ ئادەتتە، ئۆزى ئوغۇل بولسا قىز مىجەز، ئۆز قىز بولسا ئوغۇل مىجەز بالىلارغا قارىتىلغان دەپ ئويلىدىم ۋە فىلىم داۋامىدىمۇ بۇ نۇقتا ئايان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى قوش جىنىس دەپ تەرجىمە قىلماي، نورمال ئەمەس دەپ ئالغانىدىم....ئەگەر تورداشلار بۇنى بەك چۈشىنەلمىسە خەنچىدىكىگە ئوخشاش
قوش جىنس بالا دەپ چۈشەنسەك......ئۇندىن باشقا يەنە تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقساق....
تەھلىلىڭىز توغرا....
پاكىستان جۇڭگودىن قالسىلا ئەڭ پارىخورلۇق ، چىرىكلىك ئەۋج ئالغان دۆلەت، بەلكىم پاكسىتانغا بېرىپ باققانلاردىن ئاڭلىغانسىز....مەن شۇنداق ئاڭلىغان!
دەل مۇشۇ كۆرۈنۈش پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ پارىخور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، گەرچە ئۇ ساقچى پۇلنى مەن ئالمايمەن دېگىنى بىلەن ئۇ ئالمىسا كىم ئالىدۇ ئۇ سودا ناھايىتى يوشۇرۇن بولغان تۇرسا....بۇنى ئەقلى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ.......
يەتتە قىزلىرىمدىكى كىنو خۇمار تورداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاق بۈركۈت توربىكىتىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر بىر يۈەندىن سېتىلىدىغان بۇلۇپ بۇ بىريۈەن ئەيساجان باشلىچىقىدا ئېلىپ بېرلىۋاتقان « بىرسوم» پىلانىغا بىرلىدۇ. سىزنىڭ ئاق بۈركۈت توربىكىتىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك بىر فىلىمنى كۆرگىنىڭىز ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە بىر يۈەندىن پۇل ياردەم قىلغان بۇلىسىز
شارائىتى بارلارنىڭ قاتنىشىپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كۆرۈش ئادىرسى
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=4071