2-باپ
ئۆزى ئىشچان، ئايىغى يىنىك، گەپ-سۆزلىرى مۇلايىم، ئەدەب-ئەخلاقلىق ھەم چىرايلىق نائىلەنى قېيىنئانىسى ئايىمخان ئاسانلا ياقتۇرۇپ قالدى. مەيلى مەھەللىدە بولسۇن، مەيلى ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلغان سورۇنلاردا بولسۇن كىلىنىنى ھەر جەھەتتىن ماختاپ ماختىنىۋالاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا ئايىمخاننىڭ قورۇق بىسىپ پۈرۈلۈپ كەتكەن يۈزى خۇشاللىقتىن تېخىمۇ پۈرۈلۈپ قېرى مەزىننىڭ مەيسىسىدەك قورۇلۇپ كىتەتتى. نائىلەنى كۆرگەن قوشنىلارمۇ بىرەر ئېغىزدىن تەرىپىنى قىلىشاتتى.
- ئايىمخاچا، قېرىغاندا باشلىرىغا بەخت قۇشى قونۇپتۇ. دەسلەپتە ‹‹ ياقا يۇرتتىن قىز ئەكىلىدىكەن ›› دەپ ئاڭلاپ سەل ھەيران قالغانتىم. ‹‹ بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ تىرناقتا توختىغۇدەك، سۇ ئىچسە كۆرۈنگىدەك چىرايلىق قىزلار تۇرسا نېمانداق قىلىدىغاندۇ›› دەپ ئويلىغانتىم. لىكىن نائىلەقىزنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئويۇمنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
- ۋاي ئۇنى بىر دىمىڭە سىڭلىم. قايسى كۈنى كەچتە ئىشتىن كىلىپ كىر يۇيىۋاتاتتىم. قېرىشقاندەك كىر چايقايدىغان داس يېرىلىپ كەتتى. ئۇنچە كەچتە دۇكانلارنىمۇ تاقاپ بولىدىكەن. كىرنى شۇ پىتى قويۇپ قوياي دىسەم تېخى. شۇنىڭ بىلەن ئايىمخاچامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، ۋاي ئانام.....تومۇچۇقتەكلا بىر قىز ئىشىكنى ئىچىۋاتمامدۇ. ئېغىزىم كاككۇك بالىسىنىڭكىدەك ئىچىلىپلا قالدى. ئۆيگە قانچە تەكلىپ قىلغانتى، ئىشىم ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىمىدىم. قارىسام ئۆي ئىچى شۇنداق رەتلىك، ئۇ قىزمۇ قاراپ ئولتۇرغىدەك چىرايلىق ئىكەن.
- تېخى ‹‹ ئانا، يىتىۋالسىلا پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قوياي ›› ‹‹ ئانا بىرەر يەرلىرى ئاغرىمدۇ؟ ›› ‹‹ ئانا، قانداق تاماققا كۆڭۈللىرى تارتىدۇ؟ ›› دەپ قەدەمدە بىر سوراپ تۇرىدۇ. قولىمۇ شۇنداق چاققان. قېرىغاندا يالغۇزلىقىمنى چاندۇرمايۋاتىدۇ. جۈرئەتجاندىن ئاڭلاپ مەنمۇ دەسلەپتە تازا رازى بولمىغان. لىكىن ھازىرقى زاماندا بالىلارنىڭ مەيلىگە باقماي بولمايدىكەن. تويدىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ نائىلەقىزنى تاللاپ خاتا قىلمىغانلىقىنى بىلدىم. مانا ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ خاتىرجەم كۆز يۇمىدىغان بولدۇم.
ئايىمخان مەھەللىدىكىلەر بىلەن مەرىكىگە بېرىپ كەلگەن بىر كۈنى كەچتە نائىلەنى چاقىرىپ ئالدىدا ئولتۇرغۇزدى. خۇشاللىقتىن ئۇنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن گۈنسىز كۆزلىرى چاقناپ كەتكەنىدى.
- قىزىم، ئەتە ئاكامنىڭ ئۆيىدىكىلەر چاقىرىۋاپتۇ. چىرايلىق كىيىنىپ بىرىڭ بولامدۇ.
- ماقۇل ئانا.
نائىلە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. تويدىن كىيىن ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىمدىن، چاقىرىۋالغانلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كۈن ئۆتىۋاتاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا جۈرئەت نائىلەنى قولتۇقلىۋالاتتى. نائىلە خىجىل بولۇپ گەپ قىلغۇدەك بولسا ‹‹ نېمە بوپتۇ؟ بىز دىگەن توي قىلىپ بولغان ›› دەپ خىيالىدا يوق كىتىۋىرەتتى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا جۈرئەت نائىلە بىلەن توي قىلىۋالغىنىدىن ئالەمچە خۇشاللىق ھىس قىلاتتى. ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك سىزەتتى. نائىلەمۇ بۇ خىل خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىۋاتاتتى.
- جۈرئەتجان بالام كەلسە سىز خەۋەر قىلىپ قويۇڭ قىزىم. ئۇمۇ ئەتە بىر كۈن ۋاقتىنى چىقارسۇن. ئېمتىھان بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيدۇ. ئاكام جۈرئەتجانغا بەك ئامراق.
ئايىمخان بالدۇرراق ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. نائىلە جۈرئەتنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلىغاچ، تۇرۇپلا ئانىسىغا تېلىفۇن قىلىشنى ئويلاپ قالدى. تۈنۈگۈن تېلفۇن قىلغان ۋاقىتتا دادىسى ئانىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتقاچقا ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنىدى. نائىلە مېھمانخانا ئۆيدىكى سىملىق تېلفۇننى قولىغا ئىلىپ نۇمۇرلارنى باستى.
- ۋەي...
تېلىفۇندىن ئاسىيخاننىڭ ھاسىرىغان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلاندى. نائىلەنىڭ يۈرىكى بىر ئېغىپ توختىدى.
- ۋەي ئانا، تىشلىق تۇردىڭىزمۇ؟ مەن نائىلە...
- تىشلىقمۇ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ قېىيىنئانىڭىز بىلەن كۈيئوغۇل بالا تېشلىقمۇ؟
- ياخشى ئانا، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
- ياقەي، مەن ياخشى...
بىر-بىرىگە قېيدىشىپ قالغان ئادەمدەك ئۇزاق ۋاقىتلىق سۈكۈتتىن كىيىن ئۇلار تېلفۇننى قويۇشتى. نائىلەنى ئانىسىغا گەپ قىلماي تۇرىۋالدى دىگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئانىسىنى سىغىنىپ ياش تۆككەنلىكىنى ئانىسىغا بىلدۈرگىسى كەلمىدى دىگەن تۈزۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ ‹‹كۈيئوغۇل بالا ›› دىگەن گىپىگە سەل خاپا بولغانىدى. ‹‹ بەرىبىر توي قىلىپ بولدۇققۇ، ئىسمىنى ئاتىسا ياكى كۈيئوغلۇم دەپ قويسا نېمە بولىدۇ؟ مۇشۇ ئانامنىمۇزە، نېمىلەرنى ئويلايدىكىنتاڭ ! ››
ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى نائىلەنى خىيالدىن ئويغىنىشقا مەجبۇر قىلدى. جۈرئەت قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇ نائىلەنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە قاراپ بىر نەرسىدىن ئەنسىرىگەندەك قىلىپ سورىدى.
- نېمە بولدى؟ ئانام بىلەن ....
جۈرئەت گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىغانىدى. ئۇ تويدىن ئىلگىرى ئانىسىنى بەك تەستە قايىل قىلغاچقا، نائىلە بىلەن ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئەنسىرەپ كۆڭلى ئۇيۇپلا تۇراتتى.
-ئانام ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ. بايا تېلفۇن قىلسام ھاسىراپلا تۇرىدۇ. ھېلىمۇ توي بولغىلى ئىككى ئايدىن ئىشىپ كەتتى. ئاتا-ئانامنى بەك كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ. جۈرئەت، بىزنىڭ يۇرتقا بېرىپ كىلەيلىچۇ؟
ياتاق ئۆيگە كىرىپلا نائىلە ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى. ئانىسىنىڭ توي كۈنىدىكى ئۆمسۆرۈن چىرايى، دادىسىنىڭ قېيمىغاندەك ھالدا قاراپ تۇرىشى، قىزغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلغاندا ئاقىرىشقا باشلىغان ساقاللىرى تىترەپ، گۈنسىز كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چىققانلىقى.....ئۇنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىدا ھەر ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
- بولىدۇ. ئەتە تاغاملارنىڭكىگە بېرىپ كىلىۋىتەيلى. يەنە ئىككى كۈن توختىساق شەنبە بولىدىكەن. ئۇنىڭغىچە مەنمۇ ئېمتىھان تەييارلىقىمنى پۇختا قىلىۋالاي. ئاندىن بىللە بېرىپ بىرەر ھەپتە تۇرۇپ كىلەيلى بولامدۇ؟
نائىلەنىڭ چىرايى باھار ئاپتىپىدەك ۋاللىدە ئىچىلدى. بىر نەرسە تېپىۋالغان كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ ئۆي ئىچىدە پىرقىرىۋەتتى.
- سىز بەكلا ياخشى جۇمۇ. سىز ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەم مەن رازى.
جۈرئەت ھاياجانلاندى. ئايالىنىڭ جان ئالغۇچى مېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن بىقىپ تۇرۇپ پىچىرلاشلىرى ئۇنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوينىتىۋەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنى پەقەتلا تۇتالمىدى. كۈچلۈك سىغىنىش ئىلكىدە نائىلەنى باغرىغا باسقان جۈرئەت ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتاتتى. - ھە راست، تاغامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟
- كېرەم ئاكام تېلفۇن قىپتىكەن. ئەتە چوقۇم كەل دەيدۇ.
- ھە، بالدۇرراق ئۇخلايلى. ئەتە ئەتتىگەندە تۇرمىساق بولمايدۇ.
- بولىدۇ. مەنمۇ ئەتتىگەندىن بېرى ئۆگىنىش قىلىپ ھېرىپ كەتتىم. بالدۇرراق ئارام ئالايلى خوتۇن.
جۈرئەتنىڭ ‹‹ خوتۇن ›› دىگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ سوزۇپ ئېيتىشى نائىلەگە يىقىملىق ئاڭلانغان بولسىمۇ، ئۇ جىنەستىدەك لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ يالغاندىن باتنىۋالدى.
-بىز تېخى ياش تۇرساق، ھېلىتىن ئادەمنى قېرىتىپ خوتۇن دەيدىكەنسىز.
-خاپا بولماڭلا خوتۇن......ئاپلا،-جۈرئەت ھەييارلىق بىلەن ئېغىزىغا يەڭگىل بىرنى ئۇردى،- مېنىڭ مۇشۇ ئېغىزىمنىزە، يەنە دەپ سالدىم....
نائىلە پۇسۇققىدە بىرنى كۈلىۋەتتى. جۈرئەتمۇ نائىلەنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولدى. ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلىرىنى قىلىشىپ كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۇخلاپ قىلىشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:21