يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 7

مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى (تېما، ئىنكاس قىسمى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
724 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 01:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      
بىرىنچى. تېما يوللاش:

مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز يوللىماقچى بولغان تېما مەزمۇنى بويىچە ماس سەھىپىگە كىرىڭ.
ئاندىن كۇنۇپكىىسنى چېكىڭ. (بۇ كۇنۇپكىغا مائۇس ئىستىرىلكىسىنى ئەكەلسىڭىز يېڭى تېما، سايلام تېمىسى، تاۋار تېمىسى ... دېگەندەك تىزىملىكلەر چىقىدۇ. بۇ تىزىملىكلەر كېيىن ئايرىم چۈشەندۈرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلىنمايدۇ.)
بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تېما يوللاش بېتى ئېچىلىدۇ.


(ئەسكەرتىش: سىز كۆرگەن بەتتە بۇ رەسىمدىكىدەك قىزىل رەڭلىك رامكا ۋە نومۇرلار يوق. چۈشەندۈرۈشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، رامكىغا ئېلىنىپ، نومۇرلار بويىچە كۆرسىتىلدى)

1 - نومۇرلۇق ئورۇن: يوللىماقچى بولغان يازمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىنى مۇشۇ ئورۇنغا يازىسىز. ئادەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى قوزغىتىلغان بولىدۇ، ئىنگلىزچە كىرگۈزۈش زۆرۈر بولسا، Ctrl+K بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىنگلىزچە ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. دىققەت: ماۋزۇ ئۇزۇنلۇقى 200 ھەرپتىن ئېشىپ كەتمىسۇن.

2 - نومۇرلۇق ئورۇن: يازمىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى مۇشۇ ئورۇنغا يازىسىز. ئادەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى قوزغىتىلغان بولىدۇ، ئىنگلىزچە كىرگۈزۈش زۆرۈر بولسا، Ctrl+K بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىنگلىزچە ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

3 - نومۇرلۇق ئورۇن: قوراللار رايونى

بەلگىسى: بۇ كود (code) كىرگۈزۈش قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا كود كىرگۈزسىڭىز، كىرگۈزگەن كودىڭىز بەتتە ئۆلچەملىك كود ئۆلچىمى شەكلىدە كۆرۈنىدۇ.

بەلگىسى: بۇ نەقىل ئېلىش قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا نەقىل ئالماقچى بولغان مەزمۇننى كىرگۈزىسىز.

بەلگىسى: بۇ رەسىم قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا يازمىڭىزغا قىستۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولغان رەسىم (سۈرەت) نىڭ تور ئادرېسىنى كىرگۈزىسىز. دىققەت: سىز ئىشلەتمەكچى بولغان رەسىم (سۈرەت) چوقۇم مەلۇم تور بوشلۇقىدا بولۇشى كېرەك، كومپيۇتېرىڭىزدىكى رەسىم (سۈرەت) نى قىستۇرغىلى بولمايدۇ.

بەلگىسى: بۇ مېدىيە قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا يازمىڭىزغا قىستۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولغان فىلىم (ناخشا - مۇزىكا) نىڭ تور ئادرېسىنى كىرگۈزىسىز، يەنە ھۆججەت شەكلى، كۆرۈنۈش چوڭلۇقىنى بېكىتىپ بېرىسىز، ئاندىن "يوللاش" كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز بولىدۇ. دىققەت: سىز ئىشلەتمەكچى بولغان فىلىم (ناخشا - مۇزىكا) چوقۇم مەلۇم تور بوشلۇقىدا بولۇشى كېرەك، كومپيۇتېرىڭىزدىكى فىلىم (ناخشا - مۇزىكا) نى قىستۇرغىلى بولمايدۇ.

بەلگىسى: بۇ ئېلخەت (E-mail) ئۇلانما قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا ئېلخەت (E-mail)  ئادرېسىنى يازىسىز. بۇنىڭ ئۈنۈمى شۇ بولىدۇكى، زىيارەتچى بۇ ئادرېسنى چەككەندە، ئېلخەت (E-mail) يوللاش، قۇبۇللاش سىستېمىسى ئاپتوماتىك قوزغىلىپ، بۇ ئادرېسىقا ئېلخەت (E-mail) يوللىيالايدۇ.

بەلگىسى: بۇ تور ئادرېس (Url) ئۇلانما قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا تور ئادرېس (Url) يازىسىز. بۇنىڭ ئۈنۈمى شۇ بولىدۇكى، زىيارەتچى بۇ ئادرېسنى چەككەندە، سىز قالدۇرغان ئادرېستىكى ئۇلانمىغا كىرىپ، مەزمۇننى كۆرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

بەلگىسى: بۇ گورزىنتال تەڭشەش قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن تاللانغان مەزمۇننى ئوڭغا، سولغا ياكى ئوتتۇرىغا توغرىلىيالايسىز.

بەلگىسى: بۇ رەڭ قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننى خالىغان رەڭگە ئۆزگەرتەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ خەت نومۇرى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بەلگىلىيەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ خەت شەكلى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننىڭ خەت شەكلىنى ئۆزىڭىز خالىغان خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرالايسىز.

بەلگىسى: بۇ خەت ھالىتى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننىڭ ئاستىغا سىزىق چىقىرىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ خەت ھالىتى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننى ئوڭ تەرەپكە قىيسايتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ خەت ھالىتى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننى توم قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ خەت ھالىتى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننى كىچىكلىتىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. (مەسىلەن، ۋىتامىن B2 دېگەندەك)

بەلگىسى: بۇ خەت ھالىتى قورالى بولۇپ،  سىز مەلۇم مەزمۇننى تاللاپ، بۇ بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق، تاللانغان مەزمۇننى كىچىكلىتىپ، ئۈستىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. (مەسىلەن، a2 دېگەندەك)

بەلگىسى: بۇ QQ قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا QQ نومۇرىنى تولدۇرىسىز. نەتىجىدە زىيارەتچى بۇ نومۇرنى چېكىپ، بۇ QQ نومۇرى ئىگىسى بىلەن پاراڭلىشالايدۇ.

بەلگىسى: بۇ Flash قورالى بولۇپ،  بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا ئۆزىڭىز قىستۇرماقچى بولغان Swf ، Flv قاتارلىق Flash تۈرىدىكى ناخشا - مۇزىكا، كىنو - ئىتوتلارنىڭ ئادرېسى يازىسىز. نەتىجىدە يازمىڭىزنى Flash تۈرلىرىدىكى ناخشا - مۇزىكىلار بىلەن زىننەتلىيەلەيسىز.

[ مەسىلەن، ھەقسىز Flash تۈرىدىكى ناخشا - مۇزىكا، فىلىملەر ئامبىرى ھېسابلىنىدىغان www.56.com تور بېكىتىگە كىرىسىز.  ئىزدەش رامكىسىغا ئۆزىڭىزگە لازىملىق ناخشا - مۇزىكا، كىنو - ئىتوتلارنىڭ ئىسمىنى (خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ULY چە كىرگۈزىسىز، ئەلۋەتتە) كىرگۈزىسىز، ئاندىن ئىزدەش رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى "ئىزدەش" (搜索) كۇنۇپكىسىنى چېكىسىز. ئىزدەپ تېپىلغان بەتتىكى ناخشا - مۇزىكا، كىنو - ئىتوتلارنى چېكىسىز، قويۇش بېتى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردىن فىلىم ئېكرانىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى "كۆچۈرۈش" (复制) كۇنۇپكىسىنى چېكىسىز. ئاندىن بۇ ئادرېسىنى مۇنبىرىمىزدىكى بەلگىسىنى چەككەندە چىققان رامكىغا چاپلايسىز، ئىش تامام. ]

بەلگىسى: بۇ دومىلىما خەت قورالى بولۇپ، چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا ئۆزىڭىز مۇناسىپ دەپ قارىغان مەزمۇننى قىستۇرىسز. نەتىجىدە بۇ مەزمۇننى ئوڭ - سول تەرەپلەرگە دومىلىتىش ئۈنۈمىگە يېتەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ مەزمۇن يوشۇرۇش قورالى بولۇپ، چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا ئۆزىڭىز مۇناسىپ دەپ قارىغان مەزمۇننى قىستۇرىسز، ئاندىن ئاستىدىكى تۈرنى تاللايسىز. بەزى مۇنبەرلەردىكى "ئىنكاس قايتۇرغاندىن كېيىن تېما مەزمۇنىنى كۆرەلەيسىز" دېگەندەك تەڭشەك مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بېكىتىلىدۇ.

بەلگىسى: بۇ جەدۋەل سىزىش قورالى بولۇپ، چەككەندىن كېيىن ئېچىلغان رامكىغا سىزماقچى بولغان جەدۋەلنىڭ سىتون، قۇر سانىنى، جەدۋەلنىڭ تەگلىك رەڭگىنى، جەدۋەل كەڭلىكىنى بېكىتىپ بەرسىڭىز، سىزگە شۇ ئۆلچەملەر بويىچە جەدۋەل سىزىپ بېرىدۇ.

بەلگىسى: بۇ مەزمۇننى ئوڭ - سولغا ئاقتۇرۇش قورالى بولۇپ، مەزمۇننى تاللاپ بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن، تاللىغان مەزمۇننى ئوڭ ياكى سول تەرەپكە ئاقتۇرۇش مەقستىگە يېتەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ ئارىلىق سۈرۈش قورالى بولۇپ، مەزمۇننى تاللاپ بۇ بەلگىلەرنى چەككەندىن كېيىن چەككەندىن كېيىن، تاللىغان مەزمۇننى ئىچى ياكى سىىرتىغا سۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز.

بەلگىسى: بۇ بەلگە قويۇش قورالى بولۇپ، بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن، نۇر بەلگىسى تۇرغان قۇرنىڭ بېشىغا چوڭ قارا چېكىت بەلگىسى قويۇلىدۇ.

بەلگىسى: بۇ نىنچى چىقىرىش قورالى بولۇپ، بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن، نۇر بەلگىسى تۇرغان قۇرنىڭ بېشىغا 1. 2. دېگەندەك نىنچى بەلگىسى قويۇلىدۇ.

بەلگىسى: بۇ بىكار قىلىش / ئەسلىگە كەلتۈرۈش قورالى بولۇپ، بۇ بەلگىلەرنى چەككەندىن كېيىن، نۆۋەتتە ئىجرا قىلغان بۇيرۇقنى بىكار قىلىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

بەلگىسى: بۇ ئۇلىنىشنى بىكار قىلىش قورالى بولۇپ،   قورالى بىلەن ئۇلانما قىلىنغان ئېلخەت (E-mail) ئۇلانمىسى ۋە قورالى بىلەن ئۇلانما قىلىنغان تور ئادرېس (Url) ئۇلانمىلىرىنى بۇ قورال ئارقىلىق بىكار قىلىشقا بولىدۇ.

بەلگىسى: بۇ ھۆججەت شەكلىنى تازىلاش قورالى بولۇپ، مەزمۇننى تاللاپ بۇ بەلگىنى چەككەندىن كېيىن، مەزمۇنغا بېرىلگەن ( خەتنى توم قىلىش، رەڭ بېرىش، چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشەش، خەت ئاستىغا سىزىق سىزىش قاتارلىق ) بارلىق شەكىل بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ.

4- نومۇرلۇق ئورۇن:  بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ، يازما مەزمۇنى ئورنى (2 - نومۇرلۇق ئورۇن) دىكى مەزمۇننىڭ قانداق كۆرۈنۈشىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. " Discuz! كود ھالىتى " نى تاللىسىڭىز، مەزمۇن تور بەت كودى شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. " كۆرۈنىدىغان ھالىتى " نى تاللىسىڭىز نورمال لايىھىلەش شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. " كۆرۈنىدىغان ھالىتى " تەڭشىكىدە ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

5 - نومۇرلۇق ئورۇن: بۇ ئورۇندىكى خەتنى چېكىش ئارقىلىق، قوراللار رايونى (3 - نومۇرلۇق ئورۇن) دىكى قوراللارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارە قىلغىلى بولىدۇ.

6 - نومۇرلۇق ئورۇن: بۇ ئورۇندىكى " مەزمۇننى تازىلاش " كۇنۇپكىسى ئارقىلىق، يازما مەزمۇنى ئورنى  (2 - نومۇرلۇق ئورۇن) دىكى مەزمۇننىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. " كۆرۈپ باقاي " كۇنۇپكىسى ئارقىلىق، تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن تەقلىدىي كۆرۈپ باققىلى بولىدۇ. " خەت سانى تەكشۈرۈش " كۇنۇپكىسى ئارقىلىق، يازغان يازمىڭىزنىڭ قانچە ھەرپ ئىكەنلىكى، يەنە قانچە ھەرپ يېزىشقا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

7 - نومۇرلۇق ئورۇن: بۇ ئورۇننى چېكىش ئارقىلىق، يازما مەزمۇنى ئورنى (2 - نومۇرلۇق ئورۇن) نىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

خۇلاسە: يۇقىرىقى قوراللار ئارقىلىق، تېمىڭىزنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئاستى تەرەپتىكى " يېڭى تېما " كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز، تېمىڭىز يوللىنىدۇ.

ئىككىنچى. ئىنكاس يوللاش:

مۇنبىرىمىزدە ئىنكاس يوللاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.
1. نورمال ئىنكاس يوللاش ئۇسۇلى:
مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى چېكىڭ.
ئاندىن كۇنۇپكىىسنى چېكىڭ.
ئېچىلغان بەتتىكى جەريانلار ئۈستىدىكى تېما يوللاش ئۇسۇلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. ئىنكاسنى يېزىپ، تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن ئاستى تەرەپتىكى " ئىنكاس يوللاش " كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز، ئىنكاسىڭىز يوللىنىدۇ.
2. تېز ئىنكاس يوللاش ئۇسۇلى:
مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى چېكىڭ.
ئېچىلغان بەتنىڭ ئاستىدىكى " تېز ئىنكاس قايتۇرۇش " رايونىغا ئىنكاسىڭىزنى يېزىپ، " يوللاش " كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.
بۇ ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىسمى - جىسمىغا لايىق تېز ئىنكاس يوللىغىلى بولىدۇ، كەمچىلىكى " نورمال ئىنكاس يوللاش ئۇسۇلى " دىكىدەك ئىنكاس بېزەش ، تەھرىرلەش قوراللىرى تەمىنلەنمىگەن.

ئۈچىنچى. تېما، ئىنكاس تەھرىرلەش:

مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، تەھرىرلىمەكچى بولغان تېمىڭىز ياكى ئىنكاسىڭىز يېزىلغان بەتنى ئېچىڭ. ئاندىن تېما ياكى ئىنكاس يېزىلغان قەۋەت ئاستىدىكى " تەھرىرلەش " كۇنۇپكىسى چېكىڭ. بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بەت ئېچىلىدۇ. باشقا ئۇسۇللار يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش. (پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تېمىڭىزنى ياكى ئىنكاسىڭىزنى تەھرىرلىيەلەيسىز. باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا)





ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى



«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 08:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تۇلۇق چۈشۈندۈرۈپ بېرىپتۇ .مۇنبەر مەسئۇلى مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولسا ،يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ تەرەققى قىلىپ مۇنبەرلەرنىڭ سەرخىلى بۇلۇشىدا ئۈمۈد بار .
مەن قارىسام مۇنبەرنىڭ سۈرەتسىز ناخشىلارنى قوشىدىغان كۆزنىكى يوقمۇ قانداق ؟ خېلى ئىزدەپ باققان بولساممۇ تاپالمىدىم .
قايسى كۈنى بىر تىمامغا مۇزىكا قوشاي دىسەم  شۇنچە ئېتىشىپمۇ قوشقىلى بولمىدى .

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتنىڭ كۆپ ئەجىر قىلىپ مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىزگە ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۈرگىنىگە كۆپ رەھمەت
بىراق بىزگە ئايرىمچىلىق قىلماڭلارھە . نەدە ئىۋۇ Flash يوللايدىغان يەر بۇلىدۇ ، مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭكىدە شۇنداق كۈرۈندىغان ئوخشايدۇ ، مەن قارىسام ھىچ نەدە ئۇنداق يەر يوقكەنغۇ؟

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ ئۇ يەر بۇيەرلىرىنى كوچىلاپ يۈرۈپ ئىشلىتىشكە بۇلدىغان ھەممە كودلىرىنى تېپىۋالدىم ئەمدى ناخشا مۇزىكا ،قىزىقارلىق كۆرىنىشلەرنى تۆكمە قىلىۋىتىدىغان بولدۇمدە

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ ئىشلمىدىغۇ

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور سۈرئىتى سەل ئاستىمۇ قانداق؟

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
724 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Mehmut بۇ يازمىنى 2009-3-25 09:29 دە يوللىغان
قىسمەتنىڭ كۆپ ئەجىر قىلىپ مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىزگە ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۈرگىنىگە كۆپ رەھمەت
بىراق بىزگە ئايرىمچىلىق قىلماڭلارھە . نەدە ئىۋۇ Flash يوللايدىغان يەر بۇلىدۇ ، مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭكىدە شۇنداق كۈرۈندىغان ئوخشايدۇ ، مەن قارىسام ھىچ نەدە ئۇنداق يەر يوقكەنغۇ؟


Flash ۋە فىلىم يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى، قايتا سىناپ بېقىڭ.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەھۋە اقىز مىنى باشلاپ كەلدى

كەھۋە  اقىز مىنى باشلاپ كەلدى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:25 , Processed in 0.055148 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش