يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 4

مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:52:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ!




ئۆمەر



مۇنبەر دېگەن ئىلىم كانى، كىتابتۇر،
ئۇ بولمىسا كۆڭۈل گويا بىتاپتۇر،
ئۇنى ئاسراش ھەممىمىزگە خىتاپتۇر،
مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ!



تىنىش بەلگە ئوخشار يېزىق ئۇلىغا،
توغرا قويۇش كېرەك ئوڭ ھەم سولىغا،
پىسەنت قىلماي ئەمما ئۇنىڭ رولىغا،
مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ!



بىرسى قويار پەش،چېكىتنى سانىماي،
بىرسى يازار ئابزاسلارنى چانىماي،
جان بەرمەكتە يېزىق ئۈنسىز، قانىماي،
مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ!...



مۇنبەر مەكتەپ، ئوقۇسىڭىز بىكارلىق،
شېئىر-قوشاق توقۇسىڭىز بىكارلىق،
كەلسىڭىز ھەم يوقۇسىڭىز بىكارلىق،
مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ!



شۇڭا يېتىپ مۇنبەرلەرنىڭ قەدرىگە،
ھۆرمەت قىلىپ باشقىلارنىڭ ئەجرىگە،
قۇلاق سېلىڭ يېزىقىمىز دەردىگە،
مۇنبەرلەردە يېزىقىمىز يىغلايدۇ!...




2010-يىلى 16-سىنتەبىر

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمانداق ياخشى يازغان بۇ شېئېرنى ،دىمىسىمۇ مۇنبەرلەردە مۇشۇ ھادىسلەر بەك ئېغىر ،ھەممىمىز ئۈزىمىزدىن ،ھەربىر جۈملىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلساق بولىدۇ .

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 07:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇژايىم، ئەمدى بىزدەك ساۋادى ئەمدى چىقانلار، بىرنەرسە يازالماي تەرلەپ كىتىدىغان بولدۇق دە.

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 08:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oglan بۇ يازمىنى 14/10/2010 07:15 AM دە يوللىغان
ۋاي خۇژايىم، ئەمدى بىزدەك ساۋادى ئەمدى چىقانلار، بىرنەرسە يازالماي تەرلەپ كىتىدىغان بولدۇق دە.


ھىم.... شۇنداقتەك...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 10:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە بۇ شېئىرنىڭ رولى بولۇپلا قالسا، يۈكۈم بىر يېنىكلەيتى-دە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 01:11 , Processed in 0.052874 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش