يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 272|نەقىل: 10

يـــــۈرىكــىم ئاغــرىـــدى ، كـــەچــۈرمـەيـمـەن ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
46
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كەچۈرمەيمەن ، يۈرىكىم ئاغرىدى .

سىنى شۇ قەدەر سىغىنغان ئىدىم ، تىزراق قايتىپ كىلىشىڭگە تەشنا بولغان يۈرىكىم پەقەت سەن ئۈچۈنلا سوقىۋاتقاندەك قىلاتتى ، مەن بۇ سۆيگۈنى پىنھان جايغا يوشۇرماقچى بولدۇم لىكىن يوشۇرۇشقا ئامالسىزمەن كۆزلىرىمدىن چاقناپ تۇرغان سۆيگۈ يالقۇنى ھەممىگە ساڭا ئاشىقلىقىمنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى .

ئاشىق بولغان ئىدىم  ساڭا ،
يۈرەكلىرىم گەر بولسىمۇ يارا.
لىكىن سەن بىلمىدىڭ بۇنى ،
مۇھەببەت گۈلۈم توزىدى مانا.

ھاياتىمدا ھىشقاچان بۇنداق ئازاپنى ھىس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن ، مانا ئەمدىلىكتە سىنى سۆيگەندىن  كىيىن ھىس قىلىۋاتىمەن . يۈرىكىم شۇ قەدەر ئاجىز شۇ قەدەر زەئىپ تىپىرلىماقتا ، خۇددى  قانىتىدىن ئايرىلىپ ھىشنەرسە يوق بىر چۆلدە يىگانە قالغان  ئاجىز قۇشتەك  تىپىرلىماقتا !

سىغىنىش ئوتىدا كۆيۋاتقان بۇ يۈرەك تۇيۇقسىزلا كەلگەن ئايرىلىشنىڭ بۇ ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلمىدى ،ئۇ ئاغرىدى ، ئاغرىغاندىمۇ شۇنداق قاتتىق ئاغرىدى ، خۇددى بىرى پىچاق بىلەن تىلىپ پارە-پارە قىلۋەتكەندەك ئاغرىدى ، قارىغىنا مانا سىنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىڭ . سىنىڭ بۇ مۇھەببىتىڭ مىنىڭ قان ياشلىرىم بەدىلىگە قۇرۇلغانمۇ ؟ نىچۈن مىنى بۇنداق ئازاپقا دۇچچار قىلىسەن ؟ سىنى شۇ قەدەر سۆيەتتىم ،سۆيگەندىمۇ چىن دىلىمدىن سۆيگەنتىم . ھەر بىر كۈن سىنى ساقلاش بىلەنلا ئۆتەتتى ، تىزراق تەتىل بولسا سىنى يەنە بىر قىتىم كۆرسەم يۈرەكلىرىم ساڭا قانسا دەپ تەلپۈنەتتىم جىنىم .  بىراق سەن بۇ ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى شىرىن خىياللىرىمنىنىڭ ھەممىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردۇڭ .

سىنىڭدىكى يۈرەك زادى قانداق يۈرەك جىنىم ؟ سىنىڭ مۇھەببىتىڭ قانداق مۇھەببەت ؟ ئۇنداقتا مىنىڭچۇ ؟ بۇنداق قىلىپ يۈرىكىمنى ئاغرىتىپ نىمىگە ئىرىشمەكچى سەن ؟ مىنىڭ مۇھەببىتىم شۇنچىلىك قەدىرسىمۇ ؟ ئەقىدەم ھىشنەرسىگە ئەرزىمەس كىرەكسىز نەرسىمۇ ؟ بۇ سۇئاللار پۇتۇن ھۇجۇدۇمنى ئىگەللىۋالدى ، ھەر قانچە قىلىپمۇ جاۋاپ تاپالمىدىم . پەقەت يۈرىكىم ئاغرىغىننى سەندىن شۇ قەدەر كۆڭلۈم قالغىنىنىلا ھىس قىلۋاتىمەن . كەچۈرۈشكە ئامالسىز قىلۋاتىمەن جىنىم .

ئەمدى بۇ نىمە قىلىق ، نىمە ئۈچۈن ماڭا يىلىنىسەن نىمە ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سورايسەن ؟ بولدى قىلساڭ بولمامدۇ ؟ مەندىن كەچۈرۈم سوراپ ئاۋارە بولمىغىن ، كەچۈرۈمنى مەندىن ئەمەس سەن پارە-پارە قىلۋەتكەن ئاشۇ يۈرىكىمدىن سوراپ باق ئۇ نىمە دەيدىكىن . ئاڭلىدىڭمۇ يۈرىكىمنىڭ ھەتتا قانداق سوقىۋاتقانلىقىنى سەزمىگۈەك ئاجىزلاپ كەتكىننى ، ئاڭلىدىڭمۇ يۈرىكىمنىڭ ئاچچىق نىدالىرىنى ،  ئاڭلا يۈرىكىم ساڭا ئاچچىق نالە قىلۋاتىدۇ : ئەي ۋاپاسىز مەن قان -ياش تۆكۈپ يىغلىغاندا ، يۈرىكىمدىن دەريا-دەريا ھىجران يىشى ئاققاندا سەن بۇلارنى كۆرمەسكە سىلىپ يۇرگەن ئەمەسمىدىڭ ؟ ئەمدى نىمە بولدى ساڭا بولدى قىل بۇ يۈرەك سىنى كەچۈرمەيدۇ ، كەچۈردۇم دىيىشكىمۇ مادارى قالمىدى بۇ يۈرەكنىڭ ، ئەمدى بولدى قىل .

مەن نىمىشقا خەيـرى خوش دىدىم ؟
چۈنكى سەن قىلدىڭ سۆيگۈنى ۋەيران ،
چۈشـەنگەن  بولساڭ پاك قەلبىـمنى .
بەلكى تولماستى يۈرىكىمگە ھىجران .

يۈرىكىمنى توشقۇزۇپ دەرتكە ،
ئىرىشمەكچى بولغىنىڭ نىمە ؟
ھىجران ئوتى تىلغىدى يۈرەكنى ،
كۆتكىنىڭ مۇشۇمىدى ئەسلى .

يۈرىكىم ئاغرىدى ، ئەمدى سىنى كەچۈرەلمەيمەن !



تەنھا كىچىلەر  

ھاياتىمدا پەقەت سەنلا باردەك ، سەن بولمىساڭ بۇ ھاياتنىڭ ماڭا كىرىكى يوقتەك ھىس قىلاتتىم ، ھەر بىر تىنىقىمدا ، ھەر بىر نەپەس  ئىلىشىممۇ خۇددى سەن ئۈچۈندەكلا  بىلىنىتەتتى .  سەن بولمىساڭ بۇ ھاياتتىنمۇ ئۆمۈد ئۈزۈشكە رازى دەك سۆيەتتىم سىنى .  ئايرىلىشنىڭ تەمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى  ، ھىجران ئازابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم . پەقەت سەن بولساڭلا ھەممە ماڭا كىرەك ئەمەستەك ھىس قىلاتتىم .

ئارىمىز بارا-بارا يىراقلىماقتا ، خۇددى پەقەتلا تونۇشمايدىغان ناتونۇشلاردەك بولۇپ كىتىۋاتىمىز ، مانا  مۇشۇ يىراقلىشىش بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز  ئاخىرلاشتى .  سىنى چىن دىلدىن سۆيگەن ھەممىدىن كىچىشكە  رازى بولغان بۇ يۇرەك بارا-بارا مۇزلاشقا باشلىدى . قىشتىكى قەھرىتان سوغۇقنى ھىس قىمىغان بۇ يۇرەك سەنسىز ئۆتكەن تەنھا كىچىلەردە تومۇزنىڭ ئىسسىق ھارارەتلىرىنىمۇ ھىس قىلالمىغۇدەك توڭلاپ كەتتى جىنىم .

سەنسىز  ئۆتكەن بۇ تەنھا كىچىلەر ماڭا پەقەت  ئىلگىركى ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ، شىرىن مىنۇتلارنى ئەسلەتمەكتە ............................. ئاشۇ چاغلا قەدەر گۈزەل نەدەر شىرىن ھە - ،  بۇ تەنھا كىچىلەردە تولۇن ئايغا قاراپ  پەقەت شۇ چاغلارنى ئەسلىيەلەيمەن خالاس ئۇنىڭدىن باشقا نىمىمۇ قىلالايتىم !

سۆيگۈڭگە ھازىدارمەن جىنىم ، ھاياتىمدا سەندىن باشقا بىرىگە  كۆڭۈل بىرىپ باقمىغان ئىدىم ، پەقەت بىر سىنىلا  كۈيلەيتىم ئەپسۇس  تولىمۇ ئەپسۇس .   سەن مىنى بۇ سۆيگۈگە ھازىدار قىلىپ قويدۇڭ . بۇ سۆيگۈدىن ئۆزۈمگە خۇشاللىق - بەخىت ئىزدەيتىم سەن بۇلارنى قايغۇ - نەپرەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭ !



يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت

يۈرىكىمنى  ئىلىپ كەت جىنىم يىراقلاردىن ساڭا تەلمۇرۇپ يۈرمىسۇن ،
يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم سىنىڭ ئۈچۈن سىغىش ئوتلىرىدا كۆيمىسۇن ،
يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم سۆيگۈ ئوتلىرىدا كۆيۇپ كۈل بولمىسۇن ،
يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم ھەر ۋاقىت يىنىڭدا بولۇپ ئۆزىنىڭ پاك مۇھەببىتى  چىن ئەقىدىسى بىلەن سەندىن ئايرىلمىسۇن. يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم بۇ ئاجىز يۇرەكنىڭ  سىغىنىش ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولماسلىقى ئۈچۈن ، يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم . چىراق تۈۋىدىن كىتەلمىگەن پەرۋانىگە ئوخشاش  ساڭا ئاشىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم بىر سىنى دەپلا سوققانلىقى ئۈچۈن ، يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت جىنىم .....................................
      يۈرىكىمنى ئىلىپ كەت بۇ ئاجىز مىسكىن يۈرەك سىنىڭ ئىشقىڭدا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتمىسۇن ، ئۇنىڭ مۇھەببىتى شۇ قەدەر ساپ ھەم سەمىمىي ئۇنى ئىلىپ كەت ، ئۇنى ئاسرىغىن خۇددى كۆز قارچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ، ئۇنى قەدىرلە خۇددى ھاياتىڭنى قەدىرلىگەندەك  ، ئۇنى سۆي خۇددى ئۇ سىنى سۆيگەندەك .  سەن بۇ ئاجىز يۈرەكنىڭ  بارلىقى جىنىم  پەقەت سەنلا بۇ يۇرەككە تەسەللىيچى ، موڭداشچى بولالايسەن !  



يادىڭدا بارمۇ ؟

ئىسىڭدىمۇ ئامرىقىم يامغۇرلۇق كۈنلەردە كىيىملىرىمىزنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي يول يۈرگەنلىرىمىز بىر بىرىمىزگە مۇھەببەتلىك ئوتلۇق كۆزلىرىمىز بىلەن قارىشىپ تۇرغىنىمىز ئىسىڭدىمۇ ؟ شۇ دەقىقىلەر نىمە دىگەن شىرىن ھە ! كوچىلاردا خۇددى ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقتەك  شۇ قەدەر قاقاقلاپ كۈلۈپ يۈرگەن ئاشۇ چاغلار ................. ئاشۇ يامغۇرلۇق كۈنلەر مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان  كۈنلەر .............

خەيىر ئامرىقىم ،  سەن بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەر ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرى ئىدى ، سىنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولغان ئىدىم ، ھەتتا  سەن يوق بولغان  ھاياتنىڭمۇ ماڭا  كىرىكى يوق دەپ ئويلايتىم ، بىراق سىنىڭ ئاشۇ پەرۋاسىزلىقىڭ ئاشۇ بىپەرۋا ئاسى كۆزلىرىڭ مىنى يەنە بىر قىتىم مۇھەببەتنىڭ يولىدا يىقىتتى ، سىنىڭ بۇ قەدەر رەھىمسىز ئىكىنلىكىڭنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .
خەيىر بىۋاپا يايرىم سىنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلار ...........................    ھەممىسى سەن ئۈچۈن ھىشنەرسىگە ئەرزىمەس بولۇپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەر . ....
سىنىڭ ئۈچۈن سوقۇۋاتقان بۇ يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلماقتا  ،  بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ياق بەزىدە ئەمەس ھەمىشە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن . بىز بىللە ئۆتكۈزگەن  كۈنلەر ، مۇھەببەتنىڭ  شىرىن تەمىدىن ھوزۇرلانغان  ئاشۇ كۈنلەر  ،  بىللە خىيالغا چۈمگەن ئاشۇ كۈنلەر  ،  بىر _ بىرىمىزگە ئۈنتىنسىز  قاراپ كۆزلىرىمىزنىڭ  مۇھەببەتلىك  قاراشلىرىدىن مەسخۇش بولغان ئاشۇ كۈنلەر يادىڭدا بارمۇ ؟



تەنھا ھىسلار

ماڭا  ئوخشاش بىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭ  ئۈچۈن ئازاپلىنامسەن ؟ ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسلىمىلىرىڭ ئىچىدىن  مىنى  خىيال قىلغىنىڭدا  ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈڭ يىرىم بولارمۇ ؟ سەن  ئۆزۈڭ ۋەدەڭدە تۇرمىدىڭ ،  شۇ قەدەر ئازاپلارنى كۆتۇرۇپ يەنىلا سىنىڭ كەينىڭدىن يۈرۈشكە  مادارىم قالمىدى  .
تۇرمۇشۇڭدىن  يوقۇلۇشقا باشلىدىم  ،بىراق ئىسىڭدە بولسۇن  كەڭ  قورساقلىقىم ،   جايىللىقىم ، ساڭا كۆيۇنۇشلىرىم ، سىنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭدىن  ئۆزۈمگە تەسەللى  تاپقانلىرىم  ھەممىسى سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن .......................
گەرچە بىز بىللە ياشىيالمىغان بولساقمۇ بىز بىللە  ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇتتى  ئۇنۇتماسلىقىڭنى ئۆمۈد قىلمەن  . چۈنكى بۇ  ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر دەقىقىگە بىزنىڭ خۇشاللىق  ئەسلىملىرىمىز ، ئىيتىپ  تۈگەتكۈسىز مۇھەببەتلىك سۆزلىرىمىز مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى  ئۇنۇتارسەنمۇ  ......
گەرچە بىز قىسقىغىنا  بىر نەچچە ئايلا ۇرگەن بولساقمۇ  بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى ۋاقىت بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ . ۋاقىت قىسقا بولغىنى بىلەن  ساڭا بولغان مۇھەببىتىم شۇقەدەر چوڭقۇر ، شۇ قەدەر سەمىمي ، شۇقەدەر پاك  . بۇ مىنىڭ  ئۆمرۈمدىكى  ئەڭ  گۈزەل   تىل بىلەن  ئىپادىلىگۈسىز  مىنۇتلار  .....

خىياللاردا يۇمدۇم كۆزۈمنى ،
خۇددى بىرى توپا چاچقاندەك .
ئاچچىق ئەلەم قىينىدى مېنى،
يۈرەكلەرگە زەرداپ ياققاندەك .  

يىغلىغۇم كەلمەكتە شۇ تاپ ،
بارچە دەرتنى دۇسلارغا تۆكۈپ .
قەلىبلىرىم مۇڭلانغان دەريا ،
ياشلار ئاقماقتا يىپى ئۈزۈلۈپ ،

جانىم سەندىن قانداق كىچىمەن ،
بۇ يۈرەك  كۆيىدۇ  بىر ساڭىلا .
نىمانچە قىينايسەن بۇ جاننى ،
يىغلاش خاس ئەمەس بىر ماڭىلا .




بۇ سەن ئاچقان يول

بىز تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەن ئاشۇ جاي شۇ قەدەر  غىرىپلىق باسقان ، بىراق يەنىلا بىزنىڭ قايتا كىلىپ قىلىشىمىزنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بىراق بۇ مومكىنمۇ ؟  بىز بۇيەرگە   قايتا  قەدەم باسمايمىز  ،ھەم بىسىشىمىزمۇ  مومكىن  ئەمەس .
ئىچ -ئىچىمدىن  چىقىۋاتقان  ئاھۇ زارلار ،  يۈرىكىمدىن تۆكىلىۋاتقان  ھىجران ياشلىرىنى  يوشۇرۇشقا  ئامالسىزمەن . بىراق سەنچۇ  ؟  ساختىلىق بىلەن تولغان  ئاشۇ  ھاياتىڭدىن ئۆزۈڭگە   شۇ قەدەر خۇشاللىق  تاپالىغانسەنمۇ  ؟  بۇلارنى بىر سەندىن باشقا  ھىشكىم  بىلمەيدۇ .
بۇ يولنى سەن خۇشاللىق ئىچىدە باشلىغان  ئىدىڭ  لىكىن  بۇ يولنى يەنە  ئۆزۈڭ  ئاياقلاشتۇردۇڭ  !

ئايرىلايلى دىگەن چىغىڭدا،
قۇلاقلىرىم قالدى تىڭىرقاپ.
ھىجران ئەمەس بىلسەڭ بۇ ئۈلۈم،
كۆزلىرىمدە شەبنەم يالتىراپ.

پاك_سۆيگۇمنى بەرگەنتىم ساڭا،
سۆيگۇم قالدى چۆللەردە پىنھان.
سۆيۈش شىرىن ئايرىلىش ئازاپ،
سەن قەلبىمگە بوپ قالدىڭ مىھمان.




مۇھەببەت ، ئەمدى سەن ئۈچۈن ياش تۆكمەيمەن .

قاپ قاراڭغۇ ھىچ نىمە كۆرگىلى بولمايدىغان نىشانسىز بىر يولغا كىرىپ قالدىم ، بۇ يولدىن ئۆرۈلۈپلا ئارقامغا يېنىپ چىقىشىم كېرەك ئىدى ئۇنداق قىلماستىن يەنىلام ئالدىمغا قاراپ كېتىۋاتىمەن .........
ئادەم نىمىشقا قىلۋاتقان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇ يولدىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ ؟ كىشى دۇنيادىن نىمىشقا نۇرۇغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ ئارقىدىن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايلام  ھەسرەت ھەم پۇشايمان بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغاندۇ؟ .....
سەن  ئۈچۈن ياش تۆكمەيمەن دەۋاتىمەن ، بىراق مەن قىلالامدىم ، راستىنلا  ياش تۆكمەيلا سىنىڭدىن  ئايرىلالامدىم ؟  بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ..............

تاۋلىدى ھايتنىڭ جەۋرى جاپاسى ،
بەخىت ھەم قايغۇلار ياندىشىپ ماڭا .
شۇڭلاشقا قەدىرلىك ئاچچىق بۇ ھايات ،
چۈشۈنۈپ يەتكەندە قانداق ياشاشنى.

كۆزلىرىڭدىن ئۇچقان بەخىت نورلىرىنى كۆرۈپ  بەخىتلىك بولغىنىڭدىن  شۇنداق خۇش بولغان بولساممۇ ، يىنىڭدىكى  مەڭگۈلۈك ھەمراھىڭنىڭ ئۆزۈم بولماي قالغىنىم ............................. .
سۆيگۈنىڭ ساھىللىرىدا يالغۇزئىغىر  قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتىمەن .  سىنىڭ ئاشۇ تۈگىمەس ۋەدىلىرىڭ ۋە قەسەملىرىڭ سەۋەپلىك  مانا بۈگۈنكىدەك  ئازاپقا  دۇچچار بولىۋاتىمەن ، مەن نەقەدەر  ئاجىز ھە سىنىڭ ئالدىڭدا  قىنى ۋەدىلىرىڭ  دەپ بىر ئىغىز سورىمايلا  بوپتۇ بەخىتلىك بول دىگىنىمچە  ئۈنسىز ياش تۆكۈپ كىتىپ قالدىم . سەن بولساڭ يەنىلا شۇنداق بىپەرۋا  .
  سۆيگۈنىڭ يىگانە  ساھىلى مىنى  قانىتىدىن  ئايرىلغان قۇشتەكلا قىلىپ قويدى ..............  




سىغىندىم سىنى

بۈگۈن مەن ساڭا سېغىنش ھېسياتى ئىچىدە، ئىچمدىكى دەرتلىرىمنى يېزىش قارارغا كەلدىم. مەن قۇيۇن ئىچىدە قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇۋېلپ ئاچقان چېغمدا كۆزۈم گويا بىر يۇرۇقلۇقنى كۆرگەندەك بولدى. بۇ يۇرۇقلۇق نىمە دەپ قالماڭ، بىز ئىككى ئاي ئالدىدا چۈشكەن بىر پارچە خاتىرە سۈرەت.

  دۇنيا گۈزەل ئادەمدىكى خىيال ئىستەكلەر تېخمۇ گۈزەل ، ئىككىمز بۇ گۈزەللىكتن ئۆزىمىزنى ئاسماندىكى پەرشتە دەپ قارايتۇق ، مۇھەببەت بۇلارنڭ ھەممسدىن ئۈستۈن تۇراتتى، مۇھەببەت ۋە تەقدىر قىسمەتلەرنى يېڭىشقا قابىل ئىدى. سەن دائىم دىگەندەك خۇددى ئۆزەڭگە مۇھەببەت كېرەك ئەمەستەك  پەقەت مىنىلا دەپ ياشاۋاتقاندەك قلاتتىڭ  .    تەلەپ قويغانلارنى رەت قىلاتتىم، ئۈزەمنى ئۇلاردىن چەتكە ئالاتتىم . چۈنكى قەلبىمدە  پەقەت  سەن بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك.  سەنمۇ باشقىلار بىلەن پەقەتلا پاراڭلىشىپ قالمايتتىڭ ، چۈنكى مەن قەلبىڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدىم  .

سىنڭ شۇنچە ئىللىق چىرايڭغا ياراشقان يەنە بىر نەرسە دائىم ئۇچۇق _يۇرۇق يۈرۈشۈڭ بىلەن كۈلۈپلا يۈرۈشۈڭ ئىدى.  ئاشۇ ساددىلارچە  كۈلۈشۈڭ ، خۇش پىئىل مىجەزىڭ  ئادەمنى شۇنداق سۆيۈندۈرەتتى  ،  لىكىن ھازىر سەن زادى قەيەردە ...........
ھەركۈنى سىنى سىغىنىش بىلەن  ئۆتىۋاتقان كىچە  كۈندۈزلەر  مىنى تەنھالىقنىڭ  چوللىرىدە قىينىماقتا ، سىنى  شۈنچە سىغىنسىمۇ ،  ئاشۇ غەمكىن چىرايىڭنى كۆرۈشكە تەقەززار بولساممۇ  سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە  ئامالسىزمەن . چۈنكى سەن ماڭا  تەئەللۇق ئەمەس  .............  
گەرچە سەن مەندىن مەڭگۈلۈك  ئايرىلغان بولساڭمۇ  لىكىن قەلبىمدىكى بۇ سىغىنىش  ھەر دايىم سىنىڭ  ئىشقىڭ  ئوتىدا يۈرىكىمنى  زىدە قىلماقتا .  كۈنلىرىم سىنى سىغىنىش  ئەسلەش  ئىچىدە  ئۆتمەكتە ..........
سەن بىلەن يۈرگەن  ئاشۇ يوللار  مەندەك تەنھا قەلىبنى  ئەمدى سىغدۇرالمايۋاتقاندەك  ،بۇ تەنھالىق ماڭا  شۇنداق ئىغىر كەلمەكتە .  سەن بولساڭ يەنىلا شۇنداق بىپەرۋا  يۈرىۋەردىڭ ..........
سىغىنىشقا   تولغان  ئاجىز   قەلبىم سىنىڭ مىھىرلىك  كۆزلىرىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ ، سىنىڭ  سىمايڭنى يەنە  بىر قىتىم كۆرۈش  ئۈچۈن  تىپىرلاۋاتىدۇ ،  بۇ ئاجىز قەلبىمنىڭ  تىۋىشلىرىغا قۇلاق  سىلىپ باقتىڭمۇ ؟   ئاجىز  قەلبىم سىنىڭ  قەلىپ  ئۇچقۇنلىرىڭنى  يەنە بىر قىتىم  ئاڭلاشقا  شۇنچىلىك  تەشنا بولماقتا  .........
ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان بۇ ھاياتىمدا خۇددى سىنىڭدىن باشقا  ئادەم يوختەكلا  ھىس  قىلماقتىمەن ، مانا  يەنە  ئاجىز يۈرىكىمنىڭ پارە بولۇپ كەتمەسلىكى  ئۈچۈن چىڭ  قۇچاقلاپ تۇرۋاتىمەن ،  يۈرىكىم نەقەر ئاجىز ھە _  
تەنھا قالغان ئاشۇ كۈنلىرىم ، سىنى سىغىنىش بىلەنلا  ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلىرىم .....................    ئەمدى قاياقلارغىدۇر  قاراپ  مەندىن يىراقلاشماقتا  ، سىنىڭ  ئاشۇ تەنھا ھىسلىرىڭدىن ، مىھرلىك كۆزلىرىڭدىن ، ھەمىشە تەبەسسۇم تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان چىرايىڭ ماڭا  ئاستا- ئاستا ناتونۇش بولۇپ  قالماقتا  ...............
  بۇ ناتونۇش چىرايلارنى ، ھىسلارنى ،كۆڭۈللەرنى  قوبۇل قىلماقتىمەن .  سىنىڭ يىراقلاپ كىتىشىڭگە  يول قويۋاتىمەن  . ئۆزۈم ئەنە شۇنداق تەنھا قالغان روھىمنى قۇچاقلاپ تۇرماقتىمەن ..........



مۇھەببەت سەن نىمە ؟

مۇھەببەتنىڭ  شىرىن تەمىنى تىتىپ ئۇنىڭدىن لەززەت ئىلۋاتقان ئاشۇ كۈنلىرىم نىمە دىگەن شىرىن ھە _  ، سەن بىلەن يۈرسەم خۇددى ھەممە نەرسە ماڭا تەئەللۇق بولغاندەكلا ھىس قىلاتتىم ، سىنىڭدىن بىردەممۇ ئايرىلىشقا يۈرىكىم چىدىمايدۇ جىنىم ، بىراق سەن مەندىن ئايرىلىشقا  چىدامسەن ؟ سەنمۇ چوقۇم چىدىمايسەن دەپ ئويلايتىم بىراق سەن يەنىلا مىنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىۋاتىسەن ، سەن نىمە دىگەن تاش يۈرەك ھە جىنىم .....

بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىمىزگە بولغان ئاشۇ شىرىن خىياللىرىم ، ئارزۇ - ئۆمۈدلىرىم مانا مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلىنارمۇ ؟  ياق ياق ....   بۇنداق ئۇن - تىنسىز ھىشبىر سەۋەپسىز مىنى بۇنداق تاشلىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ جىنىم ؟   تويۇقسىزلا كەچۈرگىن بىز ئەمدى ئالاقىلاشمايلى دەپلا  ئاياقلاشتۇرماقچى بولىۋاتىسەن ، سەۋەبىنى شۇنچە سورىساممۇ بىرەر ئىغىز جاۋاپمۇ قايتۇرمىدىڭ جىنىم . سىنىڭ جاۋابىڭغا قانچىلىك ئىنتىزار ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلالمامسەن ؟  بۇ يۈرىكىمنىڭ  سەندىن باشقىنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتامسەن ؟  بەرگەن ئاشۇ ۋەدىلىرىڭ قىنى ؟ ئىيتقىنە . نىمە ئۈچۈن مىنى بۇ ئوتقا يالغۇزلا تاشلاپ قويۇپ كەتمەكچى بولۇپ قالدىڭ ؟
سەن بىلمىدىڭ جىنىم يۈرىكىمنىڭ ساڭا شۇ قەدەر ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى ، سەندىن باشقا بىرىنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىڭ .

مەن زادى قانداق قىلىشىم كىرەك ، نىمە قىلسام توغرا بولىدۇ ، توۋا ھەتتا بۇنىمۇ ئايرىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدىممۇ ئەمدى ؟ بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟  ئىيتقىنا مىنىڭ گۇناھىم زادى نىمە ؟  قارا يۈرىكىم يىغلاۋاتىدۇ ، يىغلىغاندىمۇ شۇنداق زەئىپ  يىغلاۋاتىدۇ .  جىنىم ماڭا قارا مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ جىسمى كۈل بولغان بۇ  يىگانە يۇرەكنىڭ سەلدەك ئىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىغا قارا ، ئاۋۇ زارلىرىغا بىرەر قىتىم بولسىمۇ قۇلاق سىلىپ باق !

مۇھەببەت  سەن زادى نىمە؟
ھەممە دىلنى زار قىلىپ شۇنچە .
گۈللەر تىرىپ ئىللىق باغرىڭدا ،
زىمىستاندا تۆكىسەن غۇنچە .

مۇھەببەت سەن زادى نىمە ؟
يۇمران دىلنى تىلغىدىڭ ۋەيران ،
كۈلكە بىرەپ  مىسكىن يۈرەككە .
ئازاپلاردا تىلغىدىڭ ۋەيران .

يۈرىكىم يىغلاۋاتىدۇ جىنىم  ،  سىنى سۆيگەن ، سەن ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىغان بۇ مىسكىن  يۈرەك ھىجران ئوتۇڭدا كۆيۋاتىدۇ  ، مىنىڭ بۇ ئاھۇ پەريادلىرىم ساڭا يىتىپ بارامۇ  ؟  بىر مىنۇت بىر سىكىنۇت بولسىمۇ  مىنى ئەسلەپ قويارسەنمۇ ؟  سەنمۇ مەن ئۈچۈن مۇھەببەت دەردىدە ئازاپلىنىپ باقالامسەن ؟  

كۆيۈپ كۈلگە ئايلانسا جىسمىم ،
بىر چەتتە سەن قاراپ تۇرارسەن .
ئىچىنىشلىق پەريادلىرىمدىن ،
نەپرەتكە ئايلىنار سۆيگۈم .

خار بولغاندا ئەقىدەڭ سىنىڭ ،
چۈشىنىسەن ئاندىن قەلبىمنى .
بىر يامانغا ئۇچۇرماي تۇرۇپ ،
يىتەلمەيسەن قەدرىمگە مىنىڭ .


ياق ياق سەن بۇنداق قىلمايسەن ، يەنىلا پەرۋاسىز يۈرىسەن جىنىم .
جىنىم ........ بۇ مىنىڭ سىنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم جىنىم دەپ چاقىرىشىم بولۇپ قالسۇن ، ئەمدى سىنى بۇنداق چاقىرىشقا ئامالسىزمەن .
يۈرىكىم شۇ قەدەر زەئىپ خۇددى سوقۇشتىن توختاپ قالىدىغاندەكلا ، يىغلىغۇدەك مادارمۇ قالمىدى . بارلىق ئازاپلارنى بىراقلا كەينىمگە تاشلىۋەتكۈم بار ، بىراق بۇنداق قىلىشىمغا كۆزۈم يەتمەيۋاتىدۇ . مەن شۇنداق قىلالامدىم ؟ تىرىشاي چوقۇم قىلالايمەن ، يىغلاش ماڭىلا مەنسۇن ئەمەستۇ ؟    بۇلارنى يەنىلا بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن ، پەقەت اللاھ ئىگەملا بەندىلىرىگە بەخىت- ئامەت ، خۇشاللىق ،ۋە قايغۇ - ئازاپ بەرگۈچىدۇر !


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:12:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگارىم ، نىمانچە بىچارىسىز ؟ ماڭىلا كۈيىڭە . پەرۋاسىزلىق تۈگۈل كۈندە گۆشگىردە بىلەن باقىمەن

باھا سۆز

نىگار  جىق گەپ قىلماي ھە قىرى ...................  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:11:34

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا ھىسلار

ماڭا  ئوخشاش بىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭ  ئۈچۈن ئازاپلىنامسەن ؟ ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسلىمىلىرىڭ ئىچىدىن  مىنى  خىيال قىلغىنىڭدا  ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈڭ يىرىم بولارمۇ ؟ سەن  ئۆزۈڭ ۋەدەڭدە تۇرمىدىڭ ،  شۇ قەدەر ئازاپلارنى كۆتۇرۇپ يەنىلا سىنىڭ كەينىڭدىن يۈرۈشكە  مادارىم قالمىدى  .
تۇرمۇشۇڭدىن  يوقۇلۇشقا باشلىدىم  ،بىراق ئىسىڭدە بولسۇن  كەڭ  قورساقلىقىم ،   جايىللىقىم ، ساڭا كۆيۇنۇشلىرىم ، سىنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭدىن  ئۆزۈمگە تەسەللى  تاپقانلىرىم  ھەممىسى سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن .......................
گەرچە بىز بىللە ياشىيالمىغان بولساقمۇ بىز بىللە  ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇتتى  ئۇنۇتماسلىقىڭنى ئۆمۈد قىلمەن  . چۈنكى بۇ  ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر دەقىقىگە بىزنىڭ خۇشاللىق  ئەسلىملىرىمىز ، ئىيتىپ  تۈگەتكۈسىز مۇھەببەتلىك سۆزلىرىمىز مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى  ئۇنۇتارسەنمۇ؟!!!


بۇ قۇرلارنى رۇخسەتسىزلا خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ئالدىم، ماڭا بەك يارىدى، بەك تەسىر قىلدى، بۇنداق جۇدالىق سۆزلىرىنى ئېيتىشنى خۇدايىم ساقلىسۇن، ئەمما نېمىشقىدۇر بەك ياقتۇردۇم، كۆزلىرىم نەمدەلدى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى سۈيدىغان ئادەمنى كەچۈرمەيمەن دەپمۇ كەچۈرۈپ سالىدىكەنمز
سىنى سۆيگەندىن بىرى بەك ئەپۇچانلىقنى ئۈگەندىم

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
46
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:32
تەنھا ھىسلار

ماڭا  ئوخشاش بىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭ   ...

ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن كۆچۈرۋالدىڭىزدە ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن  بولدۇم  .

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
46
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنىرا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:22
ھەقىقى سۈيدىغان ئادەمنى كەچۈرمەيمەن دەپمۇ كەچۈرۈپ سال ...

بۇ ھازىرقى كەيپىياتىم بىلەن تازا اس كەلمەي قالدى دەڭە ، ئىلگىرى يازغىنىم بولغاشقا . شۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەن شۇنداق ئويلىغانتىم، بىراق يەنىلا كەچۈرۋەتتىم ئەمما لىكىن ھازىر ئۇنداق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىدىم .

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 15:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى،تاتلىق ئەسلىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:28  


باھا سۆز

نىگار  مەندە ئەسمە يوق ، ئەسلىمە با خە خە خە .....  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:12:21
ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم نۇرغۇن ۋاقىتلاردا يەنىلا كەچۇرۇشكە مەجبۇر بوپ قالىدۇ، كەچۇرمەيمەن دىسىمۇ شۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگارنىڭ نەسىرىي تىلى شۇنداق يېقىشلىقكەن،ئەسلمىسىمۇ،تۇرمۇشىمۇ گۈزەل بولغاي

باھا سۆز

نىگار  ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت !  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:12:55

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى ئوقۇپ ئەجەپلا بىر قىسىم بوپ قالدىما ؟ ئىككىمىز تونۇشامدۇق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 05:02 , Processed in 0.142648 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش