يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 328|نەقىل: 17

سامسىپەزنىڭ قىستۇرما ھىكايىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:47:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار خېلىغىچە قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ،  مۇڭلۇق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى:

ئېيتاي بۈگۈن دەردىمنى.
قۇلاق سالغىن ناخشىغا،
نە قىسمەتلەر كەلمەيدۇ؟
بۇ جاھاندا ياخشىغا؟

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

ئونبەش ياشلىق قىزتىمغۇ؟
گۈل قىسقاندا باشىمغا.
يۇيۇلغايمۇ بۇ قارا؟
كۆزدىن ئاققان ياشىمغا.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

چۆچۈپ ۋار-ۋۇر يىغلايتىم،
پاقا چىقسا كۆلچەكتىن.
ئاڭلىمايتىم، قاچاتتىم،
"جادى" چىققان چۆچەكتىن.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،..
....................
  ئەزەلدىنلا باغرى يۇمشاق بولغان ئايقىز بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى...  سامسىپەزمۇ دەرەخ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا قولىغا چىقىپ قالغان لاخشىگىرنى دۇتتار قىلىپ چېلىپ، لىڭشىشقا باشلىدى...
......
پۇجۇڭ خېنىم، ئاي دېسە،
كەتكەنتىمغۇ خوش بولۇپ؟
شېرىن-شېكەر گەپلەرگە،
ئېرىگەنتىم گول بولۇپ،

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

ئاشىقىڭمەن، كۆيگەن دەپ،
مېنى ئالداپ ئالغانتى.
ئەپقاچقاندا سەت دىۋە،
ئانام يىغلاپ قالغانتى.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

  ناخشا بۇ يەرگە كەلگەندە ئايقىزمۇ،  سامسىپەزمۇ پەقەتلا ئۆزىنى تۇتالمىدى... سامسىپەز بىر تىزىنى پۈكۈپ تىزلىنىپ تۇرۇپ، لاخشىگىرنى پۈتۈن ئىشقى بىلەن چېلىپ كەتتى... ئايقىز بولسا چاچلىرىنى چۇۋۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، سامسىپەزنى ئايلىنىپ توختىماي پېقىراپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.... ناخشا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى... ئايقىزمۇ ناخشىغا ئاككورت چىقىرىپ يىغلاشقا باشلىدى.... ھەتتا قېرى سۆگەتكە باغلاقلىق ئاق ئېشەكمۇ قۇلاقلىرىنى لىڭشىتىپ، تۇياقلىرىدىن رېتىملىك ئاۋازلارنى چىقىرىپ جۆر بولدى....
......................
تاز بولسىمۇ ئېرىم دەپ،
ئۆتمەي ئامال بولمىدى.
ئاتالساممۇ جادى دەپ
كۆنمەي ئامال بولمىدى.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

سېھىر قىلدى ئۇل دىۋە،
ياشالمايمەن، قانسىزمەن.
قان ئىچمىسەم ھەركۈنى.
تۇرالمايمەن، جانسىزمەن.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،...

ئۇچۇپ كەتتى ئاھلىرىم،
قۇرۇپ كەتكەن ياشلىرىم.
يول تاپالماي قېچىشقا،
قېتىپ كەتكەن باشلىرىم.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

بۇلبۇلگويا، ئەتتىرگۈل،
مېنىڭ دورام ئەمەسمۇ؟
قۇتۇلۇشقا سېھىردىن،
تاپقان چارەم ئەمەسمۇ

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،
...................................
................
  ئېرىق بويىدىكى بۇ ناۋا ئاخىرى قەلئەدىكىلەرنى ئويغاتتى..... قىزلار پەتنۇس-داس، قوشۇق-چوكا، ساپلىق -چۆمۈچلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، چاتما دۇمباقلارنى ياساپ چېلىشتى.... باغرىم كونا لىگەندىن بىرىگە DJ دەپ يېزىۋېلىپ. دۈم قىلىپ يەرگە سۈركەپ غاچچۇر-غۇچچۇر ئاۋازلارنى چىقىرىپ DJ  ئويناپ كەتتى.... مەرىم شەپكىدىن بىرنى تەتۈر كىيىپ، قىسمەتكامنىڭ ئارقىسىغا "قىس"، ئالدىغا "مەت" دە يېزىۋالغان يوغان مايكىسىنى كىيىپ، RAP ئېيتىشقا باشلىدى:
   "ئاڭلا، ئاڭلا ئەي قىزچاق، گەپ ئاڭلىماس ياغاچ قۇلاق، تەگمە دېسەم تەگدىڭمۇ؟ كەتمە دېسەم كەتتىڭمۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ قۇتۇلمىساڭ ئۆلىسەن، دىۋە دىگەن يامانمۇ؟ دوست يارەنلەر يامانمۇ؟  قوناق يەمسەن سامانمۇ؟ ..... مـــــــــــــــەرى..... مــــــــــــــــــــــەرى~~~! "
...................
  بۇ چاغدا دۈپۈرلىشىپ ئات چاپتۇرۇپ، يىگىتلەرمۇ يېتىپ كېلىشتى... ئۇلارغا قىزلاردىن بىرى تېل قىلغان ئىدى. جاھاندار ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا ، يىقىلىپ كەتكىنىنى چاندۇرماي، يەردە يۇمۇلاپ HIP-HOP  ئوينىغان بولىۋالدى... سايە سايىسىنى ئايلىنىپ پېقىراپ، قۇرۇق يەردە تېيىلىپ مېڭىپ، جېكسوندەك ئويناپ كەتتى...... ئەييۇھانناس... ئەگەر مەيدانغا XJTV  نىڭ تېلېۋىزىيە تارقىتىش ماشىنىلىرى كەلگەن بولسا، بىلمىگەن ئادەملەر چوقۇم بۇنى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى.....
    ئەسەبىيلەرچە ناخشا ئۇسۇللار ئاخىرى سامسىپەزنىڭ مۇڭلۇق لاخشىگىرىنىڭ تەڭكىشىدە، ئايدارنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ياڭراق ئاۋازى بىلەن توختىدى:
ئـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەي~! ھەي دوستۇ- يارەنلــــــــەر~!
كىمگە دېسەڭلار تېگــــــــــــــــــــــــەيمـــــــــــەن،
مېنىڭ جادى بولغۇم يــــــــــــــــــــــــــــــوق~~~~~~!

..................
  مەيدان ئاخىرى جىمىقتى... ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قىز -يىگىتلەر بىر بىرىگە قاراشتى.... نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتى... ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئايقىز بىلەن سامسىپەزدىن ئىشنىڭ جەريانىنى بىلىشتى.. ۋە ھەممىسى بىردەك ئايدارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئايدارنىڭ سېھىردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى... سامسىپەزمۇ كۈمۈش ھالقىنى يېشىپ ئايدارنى ئەسلىگە كەلتۈردى... ئايدارمۇ ھەممىسى بىلەن دېگۈدەك قۇچاقلىشىپ، مەڭىز يېقىپ كۆرۈشتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى....
  بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى............ كۆپچىلىك قايتىپ كېلىپ، ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ ھېچقايسىسىغا ئارىلاشماي ئېرىقنىڭ قارشى قىرغىقىدا " كەچكىچە بۇ ئايدارنى قۇتۇلدۇرىمىز دەپلا ئۆتەمدۇ بۇ كۈن؟" دەپ غودۇراۋاتقان ئەرۋاھنى كۆرۈشتى................
............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈزۈك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:13  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئۆزەمنىڭ نەدىلىكىنى ئۇنتۇپ  بار ئاۋازىم بىلەن كۈلۈپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئانارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگىرەپ كىلىشىم

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمانداق تاققا-تۇققا ھىكايە بۇ؟ دۇكاندىكى خىرىدارلارغىمۇ قارىماي شۇنداق كۇلىۋىتىپتىمەن

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:00:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماندا تىما بولسا ئېرىنمەي ئۇقۇيمەن،ئېچىلىپ ئېچىلىپ كۈلىمەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكە جاننىڭ ھوزۇرى، دەپ شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۋاپتۇقكىن ئانار بىلەن، كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ، ئاۋازلىرىمىزنىڭ قايسى دەرىجىدە چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قاپتۇقكۈتكۈچى قىزلار ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ كېتىپ قېلىشتى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 01:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەتىگەن ئۇقۇۋېتىپ كۈلگەنچە توختىمايۋاتىمەن.
بىر چاغلاردا ئۈزۈم يازغان تاققۇ-تۇققۇغا كۈلۈۋىرىپ مەرىمخانلار مىنى دوختۇرخانىغا پالىۋەتكەنىدى،ئۇرۈمچىگە چىقسام ئۇ دوختۇرخانا پۈتمەپتىكەن،يېنىپ كىرىۋىدىم......ئەمدى قانداق قىلارمەن،توختىيالمىسام
ئۆتكەن كۈنلەر ساياھەتتىن خېلى غىدىقلىنىپ قايتتىمۇ نىمە.
مىنى كىم قىستۇرما ھىكايىسىگە قىستۇرۋالار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 01:41  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچچارە ئايدار ئەمدى جادى ئاتىلىپتۇما، زادى ئوسال نىمە ئەرلەر دىگەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 18:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنىرا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:25
بىچچارە ئايدار ئەمدى جادى ئاتىلىپتۇما، زادى ئوسال نىم ...

‏بۇ مۇنبەردە جادى جىق ، ئايدار دىگەن دوكتۇر ئاشتى جادى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 18:21
‏بۇ مۇنبەردە جادى جىق ، ئايدار دىگەن دوكتۇر ئاشتى جاد ...

جادى ئاشتى ئونۋانى باركەندە ،ھا ھا ھا... قىززىق گەپكەن بۇ ،بىر چىرايلىق قىزلارنى جادى دەپ ئەمدى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:52 , Processed in 0.155727 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش