ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالما يۈزلۈك ، قارا كۆزلۈك ،ئويما قاشلىق ، مىھرى ئاتەش ئۇز بوي خانىم - قىزلار ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەددى -قامەتلىك ، كىلىشكەن ئاق كۆڭۈل يىگىتلەر ھەممىڭلارغا نىـــگاردىن 90 گىرادۇس ئىگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام !
”يەتتە قىزلىرىم“ مۇنبىرىنى گەرچە كۈندە دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرمىساممۇ ، لىكىن ئانچە مۇنچە كۆرۈپ تۇراتتىم . ئەزالارنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇرلۇق تىما ، ئىنكاسلىرى مىنى شۇنداق جەلىپ قىلاتتى . لىكىن شۇنداقتىمۇ ئەزا بولۇپ كىرمىگەن . مانا بۈگۈن مۇنبەردىشىم ئارىسلان ( ئەسمەتۇللا ئىكەن بۇ مۇنبەردىكى نامى )نىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرىپ تۇرۇپتىمەن . ئىشىنىمەنكى مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ ئەڭ سەرخىل ئەزاسىدىن بولالايمەن .
ئەگەر بۇندىن كىيىن مىنى دوس قاتارىدا كۆرسەڭلار قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك تىما ،ئىنكاسلىرىڭلارغا قوشۇۋىلىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن !
قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىپ كەتتىم ، تۇنجى كەلگىنىمدە ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىر < نىمشىھىت ئىلى ئارمىيە داموللا > نىڭ ئالدىدا ناملىق شىئىرىنى ئىلىپ كەلدىم . ئالدىمىزدا كۈنلەر تىخى ئۇزۇن چوقۇم مىنىڭ ئىجادىيەتلىرىم بىلەنمۇ يۈز كۆرىشەلەيسىلەر ، ھازىرچە بۇ شىئىرنى ئاز كۆرمەي كۆرگەش تۇرۇڭلار !

ئــالـــدىــــدا

ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا ،
ئارزويۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا .
بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا،
تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا،
يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا .

دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تېشىنى ،
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى ،
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىبلەر يېشىنى
مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قېشىنى ؟!
قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىدا .

سەن ئىدىڭ دۇنيادا بىر ھۆسنى گۈزەل نازۇك بەدەن ،
ئىككىمىزدە باغلىنىش گوياكى ئەردى جانۇ- تەن ،
ئاھ!…گۈزەل يار ئوينىغان قەشقەر، كۇچا، يەكەن، خوتەن ،
نېمىلەر بولدى ئىكىن ئىپلاس ئاياغدا پاك ۋەتەن ؟!
سەن ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنمەس قانچە قۇربان ئالدىدا.

سۇلىرىڭى ئابىھاياتتۇر ،ئەي گۈزەل يارىم،سېنىڭ ،
تۇتىيادۇر تۇپرىقىڭ كۆزۈمگە ،دىلدارىم ،سېنىڭ ،
جانغا جاندۇ ئۇندا ئۆسكەن پارچە غەمخارنىم سېنىڭ ،
ئايرىلىش تىلدى يۈرەكنى ،كۆزى خۇمارىم ،سېنىڭ ،
ئۆرتەنۇر كويىڭغا قەلبىم جەرخى كەيۋان ئالدىدا.

ئاۋۋالىدا سەن ئىدىڭ جەننەتتە ئوخشاش بىر ماكان ،
ئەركە ئويناپ ئۆسكەن ئەردىم قىسمىغان بۇ كەڭ جاھان ،
خۇش پۇراقلىق گۈل – چىچەك تاللاپ ئۈزەردى باغبان ،
ئابرويۇڭنى ساقلار ئەردىم مەن بولۇبان پاسىبان ،
دۈشمىنىڭ كۆز تىكمەس ئەردى شىرى غىرران ئالدىدا.

باغا گۈل ،شېخىدا بۇلبۇل ،نېمىتىڭ شۈكرىن ئوقۇر ،
تاڭ سەھەر تورغايلىرىڭ تەسۋى سېرىپ قانات قاقۇر ،
بەلكى قۇشلار بارچىسى مەدھىيىڭ بىلەن يەرنى چوقۇر ،
چۈنكى خەۋپسىز يەر ، ھاۋا،تاغ، چۆل ۋە سۇ ،دۆڭ ھەم چوڭقۇر ،
ئەركىلەپ ئۆسكەن ئىدىم شاھزادىدەك خان ئالدىدا .

مەن ئۇ چاغدا سەندىن ئايرىلماقنى ئەسلا كۈتمىگەن ،
“ئىېھتىيات قىلغىن رەقىپتىن ” دېسە ، ھەرگىز پۈتمىگەن ،
چۈنكى ئۇ كۈندە بېشىمدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ،
ئارغىمىقىمنى ئەپەندى قەبرىدە ئۈركۈتمىگەن ،
باشقا قامچا تەگمىگەنتى يولدا كارۋان ئالدىدا .

بال -شېكەردىن بەلكى شېرىندۇر كۈمۈش رەڭ سۇلىرىڭ ،
تاغلىرىڭدا يايرىشىپ ئەركىن ئۆسەر ئاھۇلىرىڭ ،
چېنىقىپ ئەردى رەقىبكە قارشى قول-بازۇلىرىڭ ،
ساڭا تەسىر يەتكۈزەلمەس ئەردى ھېچ جادۇلىرىڭ ،
سەلتەنەتلىك شەۋكىتىڭ بولغاچقا ئىنسان ئالدىدا .
ماختىناردىم سەن كەبى بىر نازىنىننىڭ يارى دەپ ،
يارنىڭ كۆكرىگىگە تەككەن بىر سازىنىڭ تارى دەپ ،
ساڭا باغلانغان مۇھەببەت ھەممىدىن يۇقارى دەپ ،
خاھ گۈلۈم ..خاھ بۇلبۇلۇمغا قىش ۋە ياز باھارى دەپ ،
كوكۇلۇڭ بويىن ئۆپەردىم لالە- رەيھان ئالدىدا .

دىلبىرىم ،ئاھۇ كۆزۈم ،خۇرشىد يۈزۈم ،شېرىن سۆزۈم ،
ھۆسنى ئەپلاكىڭدا تۇغقان ئەردى تەلەي يۇلتۇزۇم ،
لەۋلىرىڭدىن قىزغانۇردى باغدا پىشقان تال ئۈزۈم ،
قاشلىرىڭ مىھراب قىلىپ سەجدە قىلاي تەنھا ئۆزۈم ،
چوڭ گۇناھكار بولسىمۇ دىن بىرلە ئىمان ئالدىدا.

ۋادەرىخا ،قايسى كۈندۈز ، شۇم رەقىب باستى ئاياق ،
سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق ،
مەن قۇچاقىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەب دەردى پىراق ،
نېمىتىڭ لەززەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق ،
بىر تىلەمچىدەك قىسىلدىم كۈزدە خامان ئالدىدا .
يىغلىدىن شۇندىن بۇيان تۈن -كېچىلەر بىدار بولۇپ ،
رەھىمسىز ئۆگەيگە قالغان قىز يېتىمدەك خار بولۇپ ،
ھەۋزىكەۋسەرنى كېچىبان تامچە سۇغا زار بولۇپ ،
تارلىشىپ كەتكەن جاھانغا سىغمايىن بىمار بولۇپ ،
بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك داڭدا ساچقان ئالدىدا .

شۇنداق ئۆمرۈم ئۆتكەنىدى ئۆرتىنىپ ھەم كۈل بولۇپ ،
ئات ،ئېشەكلەر ئورنىدا دۈشمەنلىرىڭگە قۇل بولۇپ ،
“ئاللا ئەمرى شۇمىكىن؟” دەپ ، ساتسا بەلكى پۇل بولۇپ ،
ئۆتكەن ئۆمرۈم ئەسلىسەم يېشىم تۆكۈلەر كۆل بولۇپ ،
موللىنىڭ ئىمانى بولدۇم خۇددى شەيتان ئالدىدا .

ئاقىۋەت قوغلاندى بولدۇم ، بىر يولى تارتتىم پىراق ،
شۇم رەقىبنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلدى ، مەن بولدۇن يىراق ،
جانغا تويغان خۇددى بىر پەرۋانىدەك ، سەن بىر چىراغ،
كۈنمۇ كۈن ئارتتى ساڭا كۆڭۈلدە بولغان ئىشتىياق ،
تامچە سۇغا زار بولدۇم بەھرى ئۇممان ئالدىدا .

مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئارت ،
مەيلى مەھبۇم بېشىدا قانلىق قىلىچىق پارقىراق ،
مايلى ۋەھشىيلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات ،
ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات ،
ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشىي ھايۋان ئالدىدا
ئۆلگىنىم ياخشى نىگارىمدىن تىرىك ئايرىلغۇچە ،
ئۇچىمەن ساڭا بېقىپ تاكى قانات قايرىلغۇچە،
كۈرىشىم قايتماس رەقىب جېنى تېنىدىن ئايرىلغۇچە ،
بولدى ئەمدى سەۋرى يوق ياتتىم مانا بىر يىلغىچە ،
ئورما ئورماق ئانچە تەس بولمايدۇ دېھقان ئالدىدا .

تارت قولۇڭنى ۋەھشى دۈشمەن ،تېخى جېنىم تەندە بار ،
ئىنشائاللا ،پات يېقىندا سېنى قىلغۇم تارماي ،
ئەي پەلىد، چاپسان يوقال! گۈزەل يېرىمنى قىلما خار ،
سەن قارا زۇلمەتنى يوقاتسام ،سائادەت تاڭ ئاتار،
كۈن نۇرىن كۆرسەتمىگەن سەن پەردە ئاسمان ئالدىدا.
كۈرىشىم ھېچ توختىماس تا قەترە قانىم قالغىچە ،
تەسىرىڭنى يوق قىلۇرمەن قەلبىم ئارام ئالغىچە ،
ئەزرائىل «پۈتتى ئىشىڭ»دەپ تاكى جانىم ئالغىچە ،
تەن سوۋۇپ يۈرەك ، تومۇر ،قان ، ھەرىكەت توختالغىچە ،
شۇندا ئەۋلادىم تۇرار دەۋاغا سۇلتان ئالدىدا .

مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمۈدنى ئۈزمىگىن ،
دۈشمىنىڭنى ئۇر !پەقەت ئەركىنغىنا يۈرمىگىن ،
ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى-ئىشرەت تۈزمىگىن ،
شۈم رەقىبكە باغلىرىمدىن مىۋىسىنى ئۈزمىگىن ،
پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل-گۈلىستان ئالدىدا .

ئەر ئەمەسمەن تاكى دۈشمەننىڭ قېنىن ئاققۇزمىسام ،
دۇنيادا خائىنلىق ئەيبىن كۆكسىگە تاققۇزمىسام ،
ئوت زەھەرلىك نەشتەرىلە ئۆزىنى چاققۇزمىسام ،
«ئەللەي ئېتىپ» يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام ،
شۇندا” مەرد ” نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئالدىدا .

ئەي سەنەم ، ئەتراپقا باق ، خەلقىممۇ ھەم تېنچ ياتمىسۇن ،
“تاشلىۋەتتى ، سۆيگىدىن كەچتىمۇ ؟” دەپ باش قاتمىسۇن ،
جىم يېتىپ ،ھەسرەت چېكىپ ،قانلار يۇتۇپ ،دەرد تارتمىسۇن ،
ھىلىگەر مەككار رەقىبكە ئابرويىنى ساتمىسۇن ،
ئەيلىسۇن خار بولغۇنۇمنى ئۇندا زىنداق ئالدىدا .

دەردلى دىل ھېچ توختىماس، سىرلىق قەلەم قايناپ يازار ،
مۇڭلۇق دادىمنى ئىشىتسە خىزرى تەسىبىھدىن ئازار ،
چۈنكى ئول بەتبەخت رەقىبلەر نىمشېھىتكە گۆر قازار ،
مەيلى ئۆلسەم سۆيگۈ يولىدا ،تېنىم بولغاي مازار ،
كۆز يېشىم ئارتار تېخىمۇ قىز ۋە ئوغلان ئالدىدا .

1946-يىل ئاۋغۇست ،غۇلجا