يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1923 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 159|نەقىل: 6

ئايرىلىش ئازابى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
60 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
168
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلدى تارام-تارام ياش،
ئاھ !! ھەجەپ بۇتەغدىر رەھىمسىز شۇنچە.
قەلبىمنىڭ تارىنى چەككەن سەنتىڭغۇ،
ئايرىلدى بەرگىدىن گۈزەل بىر غۇنچە.

يىغلىدىم قاخشىدىم ئامالىم قانچە،
كىم يىتەر ئاھىمغا مىنىڭ نالەمگە.
نەقىلاي تەغدىرگە تەن بەرمەي ئەمدى،
قارايمەن نەپرەتلىك پۈتۈن ئالەمگە.

سەن بىلەن بۇ كۈنلەر گۈزەلتى ماڭا،
سەن بىلەن قاقاسلىق گويا  گۈلۈستان.
سەن بىلەن قايغۇمۇ ماڭا خوشاللىق،
سەن بىلەن ياز ئىدى ماڭا زىمىستان.

سەندىن مەن ئايرىلىپ قانداق قىلارمەن؟؟
بۇ كۈنلەردە سەنسىز مەن قانداق ياشارمەن؟؟
ساڭا بولغان يۈرۈكۈم ھەقىقى پاكتۇر،
ئەمدى خوشال كۈلكەمنى نەدىن تاپارمەن؟؟؟

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:54:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن بىلەن بۇ كۈنلەر گۈزەلتى ماڭا،
سەن بىلەن ئۆتكەنتىم شۇنچە خاتىرجەم.
سەن بىلەن يوللارمۇ شۇنچە بەك يىقىن ،
سەن بىلەن بۇ تۇرمۇش شۇنچە مەنىلىك.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
19
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:23:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆتمۇشۇمنى ئەسلەشتىن تولىمۇ شۇركىنىمەن .........
چۈنكى ،تۇرمۇش تاتلىق ھەم سۆيۈملۇك بولغىنى بىلەن ،ئايرىلىش ئازابى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇشكۈل ، ئەڭ شەپقەتسىزلىك بولۇپ ، پۇتكۈل جىسمىمنى كۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەندەك تۇيۇلىدۇ ................ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:23  


Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىلىش ئازابىنى تارتقۇم يوق، ئەمما شۇنداق كۈنلەرمۇ كەپ قالارمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن...

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەردە سەنسىز مەن قانداق ياشارمەن؟؟


ماۋۇ بىر مىسرادا بۇغۇم ئارتىپ كىتىپتۇ،ياخشى يېزىپسىز

Rank: 1

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
نادىر
0
يازما
108
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:27:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالام.مەن دوستۇمنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن 7 قىزلىرىمدەك ئىمان،ئىتىقادتا كامالەتكە يەتكەن ،شائىرە،شائىرلار توپلاشقان  بۇ سىرداش دوستلۇق باغچىسىغا كىرگىلى تېخى نەچچە سائەتلەر بولدى.سىلەردەك زاتى كامالەتكە يەتكەنلەر بىلەن ئىجادىيەتتە ئورتاقلاشسام دىگەن ئۈمىتتە.

تۇيۇنغان تەسسەۋۇرلار تۈرتكۈسىدە ۋۇجۇدقا چىققان لىرىكىڭىزغا ياندىشىپ قويدۇم.قاملاشمىسىمۇ؟كەچۈرۈڭ.
ئىجادىيەت ئىزلىرىڭىزدىن خۇش-پۇراقلىق گۈللەر ئۈنگۈسى.


ئايرىلىش  ئازابى ئۆتكۈر پىچاقتەك،
قەلبىمنى قۇربانلىق قىلىپ تىلماقتا.
كىلەمسەن، كەلمەمسەن؟ نامەلۇم ماڭا،
يا تەغدىر ئۆزگىرىپ كىتەمدۇ يانا.

خوش دىدىم تەئەللۇق ساڭا تەغدىرىم،
يۈرەكتىن پىنھانچە سۆيدۈم ئۇزاتتىم.
تۇنجى رەت ئۇرۇلغان سۆيگۈ تامغاڭنى،
تەشنالىق ئىلكىدە سېغىنىپ ياتتىم.


ئىشىكنى چىكىۋەرسەڭ ئاخىرى ئۆيگە كىرەلەيسەن.

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتتاش يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:27
ئەسسالام.مەن دوستۇمنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن 7 قىزلىرىمدە ...

خۇش كەپسىز قېرىندىشىم ،قارشى ئالىمىز!
ياخشى يازىدىكەنسىز، يازمىللىرىڭىزنى كۈرۈپ تۇرايلى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:32 , Processed in 0.139009 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش