يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 768|ئىنكاس: 55

ئارسلان - قارا ئەتىرگۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
942 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1654
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بىر يىلدىن بۇيان تەنھا ياشاۋاتاتتى . شەھەرنىڭ چېتىدىكى مەينەتچىلىك قاپلىغان بۇ كۇچىغا ھەر قېتىم نەزەر تاشلىغىنىدا مىھمانخانىسى ، ياتىقى ، ئاشخانا ھەم ھاجەتخانىسى رەتلىك سېلىنغان ، ۋاي دىگۈدەك ئىقتىسادى ، ھەشەمەتلىك ئائىلە جابدۇقلىرى بولمىسىمۇ ، باشقىلارغا مۇھتاج بۇلۇپ  كىشىلەر ئىشىكىدە سارغىيىپ يۈرۈشتىن مۇستەسنا تىنىچقىنە تۇرمۇشىنى ئەسلەپ قايغۇغا چۈمەتتى .  ئۇ ئىرىنى ياخشى كۈرەتتى . ئۇنىڭ قاپقارا مۇلايىم كۆزلىرىدىن ئايالىغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت بالقىپ تۇراتتى . ئۇ ئىرىنىڭ  ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن كىچە - كۈندۈز ئىشلەپ قاپىرىپ كەتكەن قوللىرىدىن ، گەز باغلاپ ئاق ئۆرلەپ كەتكەن لەۋلىرىدىن ، تۇلا يۇيۇلۇپ ئۈڭۈپ كەتكەن كىيىملىرىدىن ، قات قات چەم سېلىنىپ ئېغىرلاپ قالغان ئاياقلىرىدىن بىرەر قېتىم قاقشاپ باققىنىڭنى ئەسلىيەلمەيتتى . ئشتىن بەك كەچ كىلىپ ئاللىقاچان سۇۋۇپ كەتكەن تامىقىنىمۇ خۇتۇنىنى ماختاپ تۇرۇپ يېيىشنى ئۇنتىمايتتى . ئايلىق مائاشى چىققان ھامان ، ئۇنى يىتىلەپ ئاپىرىپ ئاددىيراق بولسىمۇ بىرەر قۇر كىيىم ئېلىپ ئايالىنى خوش قىلىشنى بىلەتتى . تۇرۇپ ئۇنىڭ خۇيى ئۆزگىرىپ كەتتى . كۈنسىرى ئېشىۋاتقان ئىستىمال ، چىرايلىق مودا كىيىملەر ، داڭلىق ماركىدىكى قىممەت باھالىق ھۈسىن گۈزەللەشتۈرۈش مايلىرى ، ساپسېرىق ئالتۇن بۇيۇملار .... ئۇنى قانائەتچان ، رايىش  ئايالدىن شۆھرەتپەرەس ، جىدەلخور خۇتۇنغا ئايلاندۇردى . ئايلىق تۇرمۇشىغا ئارانلا يىتىۋاتقان پۇل ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتراۋاتقان ئىھتىياجىنى قامدىيالمايتتى . ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ  خۇلۇم خوشنا ئاياللارنىڭ يۈرۈش  -تۇرۇش ، ئۈستىباشلىرى ئۇنىڭ ھەسىتىنى قوزغىدى . دەسلەپتە ئەركىلەپ تۇرۇپ پۇراتقان بولسا ، بارا - بارا ئىرىنىڭ كۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ زەھىرىنى سانچىلىۋالىدىغان بولدى . ئىرى چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ، كۈلۈمسىرەش بىلەن باش لىڭشىتاتتى . ئىرىنىڭ سەۋرچانلىقى ئۇنىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قاينىتاتتى . بۇنداق كۈنلەردە بۇ ئائىلىدە بىر نەچچە كۈنگىچە قازان ئېسىلمايتتى ، چايمۇ قاينىتىلمايتتى . ئايالىنىڭ ئۈنچىدەك  تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆز ياشلىرىغا چىدىمىغان ئەر يا ئاغىنىلىرىدىن قەرز سۇرايتتى . يا ئىش ھەققىنى ئالدىن ئېلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بۇلاتتى . يۈز يۈئەنلىك قىپقىزىل  بىر نەچچە ۋاراق پۇل ئالدىغا قۇيۇلغاندا قىياقتەك قاشلار ئاستىدىكى چولپاندەك كۆزلەردە سۇسقىنە تەبەسسۇم پەيدا بۇلۇپ ، تىگىدىن ئاق مەرمەردەك يۈزلەردىكى غەم تۇمانلىرى دەقىقە ئىچىدە قۇياشتەك پارلايتتى . ئەتىسى يۇغان قەغەز كۇرۇپكىدا ماڭغاندا تاكاسلاپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ئىگىز پاشنىلىق ياقۇتلۇق ئاياق ياكى گىرىم ئۈستىلىدە بىر نەچچە قۇتا يۈز مېيى پەيدا بۇلۇپ قالاتتى . بۇ خۇشاللىق بانكىنىڭ قەرەلسىز ئامانىتىدەك بىر نەچچە كۈنگىچە ، بىر نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملىشاتتى . بىر كۈنى ئۇلار قىزىرىشىپ قالدى . خۇتۇنى يۇرتتىكى سىڭلىسىنىڭ تۇيىنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن مىڭ يۈەن ئېلىپ بارماقچى بولدى . دست -دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا كىيىشكە چاقناپ تۇرىدىغان بىر قۇر كىيىم سېتىۋالدى . ئەڭ ئاخىرىدا نازۇككىنە بارماقلىرىغا سېلىش ئۈچۈن بىر جۈپ ئۈزۈك ئويلىشىۋاتقاندا پۇل تۈگەپ قېلىپ بىر ئاخشام يىغلىدى . ئىرى نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى ، يالۋۇردى ، ۋەدە بەردى . گىپىنى يىگۈزەلمىگەن ئەر ئۇنى تۇنجى قېتىم ئاياپ ئولتۇرمىدى .

داۋامى بار .


Rank: 2

توردا
775 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2051
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  تەسۋىر دىگەننى يېزىپ قۇيىدە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
17 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
60
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى چىققۇچە تاقەت قىلالمامدىم نىمە، ياخشى چىقىپتۇ

تۈنۈگۇن مۇنبەرگە كىرىپلا شىېر يوللاپ كەتتم ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
942 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1654
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:45:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىدە ئاتا - ئانىسىدىن يىتىم قېلىپ ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ھامىيىسىدە چوڭ بولغان گۈلسۈمئاي تۇلىمۇ چىرايلىق ئىدى . ئۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرە پۈتتۈرمەيلا ئۆيگە ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى . باققان ئاتا ئانىسى كىچىككىنە قىزنىڭ تۇيىنى قىلىۋېتىشكە چىدىماي ، شەھەردىكى يىراقراق بىر توغقىنىنىڭ بالىسىنى بېقىپ بىرىشىگە بەردى . مىجەزى سەھرا ئاپتىپىدەك ئۇچۇق يۇرۇق بۇ قىز شەھەرگە ئاسانلا ئۆزلىشىپ كەتتى . شەھەرگە كىلىپ ئۇنىڭ ياغلىقى ئېلىپ تاشلاندى . چىكە چاچلىرىدىن چىرايلىق ماڭلاي چىقىرىلىپ ، ئىككى تال قىلىپ ئۈرۈپ قۇيۇلدى . ئايىقىدا پۇتلىشىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆينەكلىرى  تىزىغا كىلىدىغان تالا تالا يوپكىغا ئالماشتى . 3 ياشقا كىرىپ قالغان بالىغا قارىغاچ تاماق ئىتىش ۋە كىر قات يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئانچە مۇنچە ياردەملەشكىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇ ئاساسەن بىكار ئىدى . ئۆي ئىگىلىرى بالىنى يىغلاتماي قاراپ بەرسىلا شۇنىڭغا رازى بۇلاتتى . بىر نەچچە يىل ئۈتۈپ ئۇلار بالىنى يەسلىگە بالىنى بىرىشتى . ئۆي ئىشلىرىغا  ئۇبدانلا پىشىپ قالغان گۈلسۈمئاي قازان چۈمۈچنى قۇلىغا ئالدى . دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاشخانىغا قەدەم باسماي تەييار تاماقنى يەپ ، ئۇكىسىغا قارايتتى .   ئۇكىسىنى ئېلىپ پەسكە چۈشسىلا بۇ ئولتۇراق رايۇندىكى بۇرنى كۈپۈپ قالغان بىر نەچچە بالا ئاسماندىن  چۈشكەندەكلا پەيدا بۇلاتتى . بىر كۈنى قاملاشمىغان بىر ئىش يۈز بەردى . ئەمدىلا پەسكە چۈشۈپ ،
مەجنۇنتال تۈۋىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرىشىغىلا ھېلىقى بالىلاردىن بىرى كىلىپ قالدى . گۈلسۈمئاي  ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر نەچچە قەدەم نېرىدىكى ئۇكىسى بىلەن توپ ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتى . ھېلىقى بالا تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چەككەچ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . توپ يۇمۇلىنىپ ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئايىقى ئاستىغا كىلىپ قالدى . بالا تاماكىنى تاشلاپ توپنى قۇلىغا ئالدى . گۈلسۈمئاي ئۇكىسىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدى . بالا توپنى تۇتۇپ پەرۋاسىز تۇراتتى . گەپ قىلىشنى بىئەپ كۆرگەن قىز ئۆيىگە چىقىپ كىتىشكە تەمشەلدى . شۇندىلا يىگىت ئالدىغا چامدىدى . ئۇ توپنى بالىغا بەرگەن بۇلۇپ گۈلسۈمئاينىڭ مەڭزىگە سۈيۈۋالدى . گۈلسۈمئاي يىغلاشنى ئويلىغان بولسىمۇ نىمىشقىدۇر ئىپادە بىلدۈرمەي يىگىتكە قاراپ قېتىپ قالدى . دېرىزە پەردىسىنى چۈشۈرۋاتقان ئايال خۇجايىن كۈزىگە چېلىقىپ قالغان بۇ مەنزىرىدىن بىئارام بۇلۇپ كەتتى . كەچلىك تاماق جىمجىت يىيىلدى . ئايال پات پات گۈلسۈمئايغا قاراپ قۇياتتى . قىز بولسا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ، يىگىتنىڭ لەۋلىرى تەككەن مەڭزىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىلىۋۇزۇر كۈرۈۋاتاتتى . بۇ ھال خۇجايىن ئايالنىڭ زەردىسىنى قايناتتى . تىلىۋۇزۇر تۈگەپ ھەممىسى ئۇخلاشقا تۇتۇش قىلىشتى . يېتىپ خېلىغىچە ئۇيقۇسى قاچقان گۈلسۈمئاي ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ئۈچۈن ھۇجرىدىن چىقىۋاتقاندا ، ئىشىكى ئىتىلمىگەن ياندىكى ئۆيدىن ئايالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى . ئايال ئۇنى تىللاۋاتاتتى . بۇنداق بۇزۇقنىڭ قۇلىدىن تاماق يەپ بىر نىمە بۇلۇپ قالماي ساق تۇرۇۋاتقىنىغا ، بالىسىنى پالاكەت باسماي ئامان ئىسەن ئۈتىۋاتقىنىغا توختىماي شۈكرى ئېيتاتتى . ئۇلار ئۇزۇن كۇسۇرلاشتى . ئاخىرى يۇرتقا تىلىفۇن قىلىپ ھەممە ئەھۋالنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ ئۇنى قايتۇرۋەتمەكچى بۇلۇشۇپ چىراقنى ئۈچۈردى . شۇنچىلىك بىر سۇيۇپ قۇيۇشنىڭ بېشىغا بۇ قەدەر كۈلپەتلەرنىڭ كىلىشىگە گۈلسۈمئاي ھەيران قالدى . ئۇلار شۇنداقلا دىسىغۇ بىر نۆرى ، باشقا گەپلەرنى قىلىپ توغقانلىرىنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قالسا ، ئۇ يۈز كۈتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى . ئۇ سەھەرلا ئويغىنىپ كەتتى . كىيىملىرىنى كىيىپ ، يۇتقانلىرىنى يىغىۋەتكەندىن كىيىن ئىشكاپتىكى نەرسىلىرىنى سومكىغا قاچىلاپ ، ئۆيگە ئاخىرقى قېتىم قارىدى دە ، چىقىپ كەتتى .


Rank: 1

توردا
565 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
734
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئارىلان بەگ ھەجەپ بىر يامان يىرىگە كەلگەندە  توختاپ قالدىغۇ،،،،،،

Rank: 8Rank: 8

توردا
783 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1345

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى ...داۋامى...
ئەسەر شۇنداق ياخشى داۋام ئېتىپتۇ....

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 1

توردا
272 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
386
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا، ياخشىلىق ياراشمايدىغان بولۇپ قالماس گۈلسۈمئايخانغا...........

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
788
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىسلانبەگ.باشتىلا ۋاقىتتا يەنە خاتالىق بار،ئوڭشاپ مېڭىڭ.ئۈچ ياشلىق بالىنى بىر نەچچە يىل باقسا بۇبالا ھېچ بولمىغاندا 6-7 ياشلار غا كىرىپ قالىدۇ،شۇڭا بۇ بالىنى كۈتۈرۈپ يۈرۈپ ئويناتمايدۇ،.يەنە بىرى بالىلارنى 5 ياشتىن باشلاپ باغچىغا بىرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا قىز ئۆزى يالغۇز قالدمدۇ ئويدە......بۇ بايان مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن، ئاۋۇ يىگىتنىڭ سۈيۈۋېلىشى ۋە ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەن ئىپاد بەك تىزلىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:53  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
121 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
528
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىۋاتىدۇ،داۋامىغا تازا قىزىقىۋاتىمەن،ساقلىدۇق ئەمسە

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
207
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامـــــــــــــــــــــــــــــــــــــى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:12 , Processed in 0.076706 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش