يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئەسمەتۇللاھ

ئارسلان - قارا ئەتىرگۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏قولىمىزدىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى تاشلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرايلى مانداق ،بېشىنى چىقىرىپ قويۇپ  قېچىپ كەتمەي

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلىدىغان بىرى بولىدىغان، بىر ئوبدان ئېرى تۇرسا نايناقلاپ كېتىپ ئاخىرى ئىككى بالىسىنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتىرىپ... تا ھازىرغىچە تۈزەلمىدى، ئەر ئاتلىق بولسىلا نىكاھ قىلىپ تۆت كۈندە يەنە يولىغا مېڭىپ يۈرۈيدۇ، ئىشقىلىپ خۇدايىم ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ھەسسىلەپ ئىنساپ بەرگەي!!! ئەرنىڭ تالاغا قارىشىدىن ئايالنىڭ تالاغا قارىشى بەكرەك ۋەھشىمىكىن دەيمەن.

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ يۇرتىغا كىتىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغانىدى . بىراق ئانىسىنىڭ تىلىفۇندا قىلغان سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى پارە پارە قىلىۋەتتى . بالىسىنى بېقىپ بەرگەن تۇققىنى گەپنى باشقىچە يەتكۈزدىمۇ ئەيتاۋۇر ئانىسى ئۇنى شەرمەندە ئىشلارنى قىلىپ ، يۈزىمىزنى يەر قىلدىڭ دەپ بىر مۇنچە سەتلىگىنىچە يىغلىغان پېتى تىلىفۇننى قۇيۇۋەتتى . ئۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر رەھىمسىزلىكىنى ، ئىنسانلارنىڭ ئۆز پايدا مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇنىڭدەك بىر ئاجىز قىزنى ئىككىلەنمەستىن قۇربان قىلىۋىتىشىنىڭ ئانچىكى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى . ئۇ چىشىنى چىشلەپ خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى  .  كىشىلەرگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان ئاشخانا خۇجايىنلىرىنىڭ بالىلىرىنى باقتى ، قاچىسىنى يۇيدى . شەھۋەتپەرەسلەرنىڭ ھاياسىزلاچە تىكىلىپ تۇرۇپ كارۋاتقا زورلاشلىرىغا ئۇچرىدى . ئىپپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق بېسىملارغا باش ئەگمىدى . ئايىقىنى چاققان قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتمىدى . ئايلىق ئىش ھەققىنى تىجەشلىك بىلەن خەجلەپ ئازراق پۇلمۇ ئىقتىسات قىلدى . قاچانلا قارىسا خېمىر يۇغۇرۇپ ، پىلتە قىلىش بىلەن ئەمبەلنىڭ ئالدىدىن نېرى كىتەلمەيدىغان بىر بالىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قالدى . ئۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ ، ھېلىقى بالىنىڭ يۈرەك سۈزىنى ئاڭلىدى . بالا ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى . ئۇ جاۋاپ بىرىشكە ئالدىرىمىدى . نەزىرىدە ئۇ ياخشى بالا ئىدى . نۇرغۇن ئويلىنىش ، ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن قەۋم قىرىنداشسىز بۇ شەھەردە  ئۇنى قوغدايدىغان ، دەرت ئەلەمدە پۇچۇلانغان يۈرىكىگە تەسەللىي بىرەلەيدىغان بىرسىنىڭ  كىرەكلىكلىكىنى ھىس قىلىپ يىگىتنىڭ تەلىۋىگە قۇشۇلدى . ئاشخانا خۇجايىنىمۇ قۇلىقى يۇمشاق بۇ ئىككىسىنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن تۇيىنى قىلىپ قۇيۇشقا ماقۇل بولدى . ئۇ  ئاشخانا كەينىدىكى قاچا يۇيۇشتىن قۇتۇلۇپ ، خىرىدارلارغا چاي قۇيۇش ۋە تاماق تۇشۇش ئىشىغا قۇيۇلدى . ئۇ ھەر بىر مىھمانغا تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى . بىر كۈنى ئۇ بىرسىنىڭ تامىقىنى ئۈستەلگە قۇيۇۋېتىپ قورققىنىدىن ئوڭدىسىغا چۈشكىلى تاسلا قالدى . ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ سېسىق بۇخسۇپ تۇرغان خىرىدار ئۇنىڭ بېغىشىنى تۇتۇۋالغانىدى . بۇ ئادەم دەل ئاچچىق چۈچۈك دۇكىنىدىن قوغلىنىشىغا سەۋەپچى بولغان ئۇزۇن چاچلىق ھېلىقى يىگىت ئىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىت كۈندە كىرىدىغان بولدى . تامىقىنى يەپ بۇلۇپ ، پىيالىنى قۇلىغا ئالغىنىچە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالاتتى . يىگىتنى كۆرگەنسىرى ئۇ تېخىمۇ تەشۋىشكە چۈشەتتى . بۈگۈن ئاشخانا خۇجايىنىنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاچقا  خۇجايىنىنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئەكىلىش ئۈچۈن بۇرۇن ئىشتىن چۈشتى . بالىلارنى ئۆيگە ئەكىلىپ بولغاندىن كىيىن  كىيىم كىچەكلىرىنى يۇيۇپ قۇرىتىۋېلىش ئۈچۈن ياتىقىغا قايتىپ كەلدى . باشقىلارنىڭ ئىشتىن چۈشىشىگە يەنە نەچچە سائەت بار ئىدى . ئۇ  ئىسسىق سۇ تەييارلاپ راھەتلىنىپ يۇيۇنىۋالدى . غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ تامغا چاپلانغان ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ چاچلىرىنى قۇرۇتىشقا باشلىدى . غىچ قىلىپ ئىشىك ئېچىلدى . ئۇ تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى   بۇسۇغىدا ئايال خۇجايىن بىرىپ تۇرىدىغان خەج خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قۇسىغىدا غوم ساقلاپ يۈرگەن ، قىزنى ئاشخانىدا ئۇچرىتىپ قالغاندىن كىيىن كۆڭلىدە باشقىچە چوت سۇقۇپ قىزنىڭ ھەر بىر ئاياق تىۋىشىنى پايلاپ يۈرگەن گەدەنچاچ تۇراتتى . يىگىت ئىشىكنى تاقىدى ئارقىدىن ۋارقىراشقا تەييارلانغان قىزنىڭ ئاغزىغا ئالقىنىنى باستى ... قىز جىمجىت ياتاتتى . كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ياشلىرى مەڭزىدە ئىز قالدۇرۇپ سىڭىپ كىتەتتى . يىگىت كىيىملىرىنى كىيىپ ئۇنىڭغا كۈڭۈل چۈشەندۈرۋاتاتتى . قىزنىڭ بىر نەرسە ئويلىغۇدەك ماجالى قالمىغانىدى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ نەپرەت بىلەن يىگىتكە قاراپ قۇيۇپ ، نەرسىلىرىنى يىغىشتۇردى دە ، يىگىتكە ئەگەشتى . ئۇ يىگىتنىڭ قالايمىقانچىلىق تولغان ياتىقىغا كەلدى . ئۈن تىنسىز شىپىلداپ مېڭىپ يۈرۈپ تازىلىدى . يىگىت گەپ قىلىپ ھارمايتتى ، قىز ئۈندىمەيتتى . ئۇنىڭ يۈرىكى ئارمانلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۆلگەنىدى . يىگىت باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ شەھەرنىڭ ئارقا كۇچىسىغا جايلاشقان نەچچە ئېغىزلىق  ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ھاراق دۇكىنى ئاچتى . سودىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يۇرتىنى تاشلاپ شەھۋەت كۇچىسىدا نايناقلاپ يۈرگەن بىر نەچچە قىز تۇنۇشلىرىنىمۇ باشلاپ كەلدى . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى گۈلسۇمئاي مۇشۇ قىزلارغا خانئاچا بۇلۇپ دۇكاننىڭ رەسمىي خۇجايىنى بۇلۇپ قالدى .

Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ بىرسىگە ياتلىق بولغان تۇرۇپ يەنە  قانداق سىگە ئاۋۇ ئەبلەخنىڭ كەينىدىن ئۇن-تىن سىزلا كەتسە قانداق بولغىنى بۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلئايىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:31  


Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:37:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نېمە ئىش؟
ئاۋۇ مەنجاڭلىق قىلىدىغان گۈلسۈمخاننىڭ ئېرى بالاڭزا نەگە كەتتى؟ گەدەنچاچ گۈلسۈمخاننى ئىلىپ ماڭسا ‹‹ قويە ھەي لاتا، بۇ مېنىڭ خوتۇنۇم ›› دېمىدىمۇ ؟

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ شوپۇر يىگىتنىڭ ئاخىرقى بىكەتكە كەلدۇق دەپ قۇپال توۋلىشىدىن دەررۇ ئىسىنى يىغىپ چامادانىنى كۈتۈرگەن پېتى ئاپتۇبۇستىن چۈشتى . ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئەتراپقا قارىدى . ئەزەلدىن كىلىپ باقمىغان بۇ جايغا نىمە ئۈچۈن چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەمدى ئىسىگە ئېلىۋاتقاندەك ، بىكەتتىن ئۇزاپ بولغان كوچا ئاپتۇبۇسىغا قۇل كۈتۈرگىنىچە توختاپ قالدى . بىر خىل ئاچچىق پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرغان ئەگرى كۇچىلاردا تاملىرى قارىداپ ئىلگىرىكى ھەشەمىتىنى يۇقىتىشقا باشلىغان  قاتار ئۆيلەر جايلاشقانىدى . ئۇ سومكىسىدىن قەغەز چىقىرىپ بۇرنىنى تۇسۇغاچ ، سەل نېرىدا كۈرۈنۈپ تۇرغان كىچىككىنە دۇكانغا قاراپ ماڭدى . تەشنالىقتىن ئۇنىڭ تامىقى قۇرۇپ كەتكەنىدى . ئۇ دۇكان ئالدىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن پالاز تاشلانغان كارۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇرۇپ  بىر يۇتۇم سۇ ئىچتى . ئۈيىدىن قېيداپ چىقىپ نامۇلۇم جايدا بىچارىلەرچە ئىچكەن نەچچە تامچە سۇ ئۇنىڭ دەرتلىرىنى قوزغاپ كۈزىگە غىللىدە ياش ئالدى . ئىرى كەت دەپ قۇيۇپ باشقا سۆز قىلماي چىقىپ كەتكەندە ، ئۇ ياغاچتەك قېتىپ قالغانىدى . خىيالىدا ئاچچىقلىغاندەك قىلغان بىلەن يېنىپ كىرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى . چۈشتىن كىيىن بولغان بولسىمۇ
ئىرى كىرمىدى . ئۇ كىتىمەن دەپ جىدەل قىلغانىكەن ، ئىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىغا بولسىمۇ نەچچە كۈن كۈزىگە كۈرۈنمەسلىك كىرەك . ئۇ كىيىملىرىنى زەردە بىلەن چامادانغا پۇرلاپ تىقىپ بۇسۇغىدىن ئاتلىدى . خۇددى قايتا كەلمەيدىغاندەك ئۈيىگە يەنە بىر قېتىم نەزەر تاشلىۋېتىپ قەدىمىنى ئىتتىكلەتتى . ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا كەتكۈسى يوق ئىدى . نىمە دەپ بارىدۇ ؟ كۆرسىتىدىغان باھانە سەۋەپنىڭ تايىنى بولسىچۇ كاشكى .  ئۇ كىتىۋېتىپ يېنىدىلا پۇشۇلداپ توختىغان ئاپتۇبۇسقا ئىختىيارسىز پۇتىنى ئالدى . ئۇرۇندۇقتا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈزىنىڭ تەلەيسىزلىكىگە ئېچىنىپ ئۈنسىز ياش تۆكتى . تۇلا ئۇچۇر قىلىپ بىئارام قىلغان ھېلىقى ناتۇنۇش نۇمۇرنىڭ ئىگىسىنى تىللاپ كەچۈرۈم سۇراتقۇزغانلىقلىرىنى ئويلىدى . مانا ئەمدى مەينەتچىلىك باسقان بۇ كۇچىدا غېرىپ بۇلۇپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ تىلىفۇنىنى ئېلىپ قاراپ باقتى . ئۈيىدە بىكار ئولتۇرغاندا سىغىزخاندەك تۇلا سايرايدىغان نىجىس تىلىفۇننىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك جىمجىت تۇراتتى . ئۇ ئىرى تىلىفۇن قىلىپ قالسا ئالماسلىقنى ، دەرھال بېسىۋېتىشنى ئويلاپ كەتتى . ئۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى . ئۇنىڭدەك چىرايلىق ئايالنىڭ  چامادان كۈتۈرۈپ يالغۇز يۈرۈشىمۇ  ياخشى ئەمەس ئىدى . ئالىمادىس بىرەر كىلىشمەسلىك بۇلۇپ قالسىچۇ . ئۇ ئۇيىدىن چۈچۈپ كارۋاتتىن تۇرۇپ كەتتى . ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ھېچنىمە كۈرۈنمەيتتى . ئۇ نەگە بېرىشنى ئويلانغاچ ئاستا يول يۈرۈشكە باشلىدى . ھېلىدىن  - ھېلىغا قاپساۋاتقان يىغىسىنى زورىغا ئىچىگە يۇتۇپ ئېغىر چامدايتتى . ھەدە ، بىرەسىنى ئىزدەمسىز ؟ ئۇ چۈچۈپ بېشىنى كۈتۈردى . نەچچە قەدەم نېرىدا چىرايلىق كىيىنىۋالغان مىھرى ئىسسىق كۈرۈنىدىغان غۇنچە بوي بىر ئايال ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . ئۇ  يېقىن دوستىغا ئۇچراپ قالغاندەك جاۋاپ بىرىشنىڭ ئورنىغا پاڭڭىدە ئېتىلىپ كەتتى . ھېلىقى ئايال ئىتتىكلا كىلىپ چاماداننى قۇلىغا ئالدى دە ، ئۇنى ئۆيگە باشلىدى . گۈپپىدە ئۇرۇلغان سېسىق پۇراقتىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاينىپ يىغىسىنى چىپپىدە توختاتقان پېتى ئايالغا شۈبھە بىلەن قارىدى .  ياندىكى ئۆيلەردە ئەر كىشىلەرنىڭ پاراڭلاشقان ئاۋازى ئۇچۇق ئاڭلىنىۋاتاتتى . ئايال قىزىل مىلەڭزە تارتىلغان ئۈيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنىڭ كىرىشىنى ساقلاپ تۇراتتى . ئۇ  تاملىرىغا  مەنزىرە رەسىم چاپلىنىپ ، بىر نەچچە يۈرۈش سافا ۋە قوش كىشىلىك كارىۋات بىلەن جابدۇلغان ئۆيگە ئەيمىنىپ قەدەم باسقىنىچە ، كاۋاتتىن جاي ئالدى . ئايال چاققانلىق بىلەن چاي دەملەپ ئەينەك ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان  يۆگەلگەن داستىخىنىنى يايدى . ئاندىن پارچىلاپ ئۇنى تەكلىپ قىلدى . ناتۇنۇش ئايالنىڭ بۇ قىزغىنلىقىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى دەككە دۈككە ئىچىدە تۇرسىمۇ ، رەت قىلىشقا تىلى بارماي بىر پارچە ناننى قۇلىغا ئالدى . مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇدۇلىدا قاراپ ئولتۇرغىنى ئۈزىگە ئوخشاشلا ئايال ئىدى . بىر پەس جىمجىتلىقتىن كىيىن داستىخان يىغىلدى . ئۇ رەھمەت ئېيتىشقا تەمشىلىپ ئايالغا قارىدى . نىمىشقىدۇ ئايال ئۇنىڭغا تۇنۇشتەك ، قەيەردىدۇ كۆرگەندەك بىلىنىپ كەتتى . شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك كوپتا دەل ئۈزى . ئۇنىڭ ئىسىگە كىيىم كۈرۈۋېتىپ  مۇشۇ كوپتىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئايال كەلدى . بۇ ئۇقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۈملۇق بولغان ھاراق دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى گۈلسۈمئاي ئىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:39  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلسۈمئاي ئۇنىڭدىن گەپ سورىمىدى . سىرتقا چىقىپ قىزلارغا بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن ئىشكنى يېپىۋېتىپ تىلىۋۇزۇرنى ئاچتى . ھۈكۈم سۈرۈۋاتقان ئېغىر جىمجىتلىقنى تىلۋۇزۇردىن ئاڭلىنىۋاتقان ناخشا ساداسى بۇزدى . ھەر ئىككىسىنىڭ كۈزى تىلۋۇزۇردا بولسىمۇ كاللىسىدا ھەر خىل خىياللار كىزىپ يۈرەتتى . گۈلسۈمئاي پات پات ئۇنىڭغا قاراپ قۇياتتى . ئۇ شۇ قەدەر مىسكىنلىشىپ كەتكەن ، چۈچۈپ تۇرغان كۆزلىرى گۈلسۇمئاينىڭ خورلۇققا ئۇچرىغان ۋاقتىنى ئىسىگە سېلىپ قويدى . گۈلسۇمئاي چىدىمىدى بولغاي ئاۋازنى پەسلەپ قۇيۇپ  ئاللىقاچان سۇۋۇپ قالغان چايدىن بىر پىيالە قۇيۇپ غورتىلدىتىپ ئىچتى . ئۈزى گەپ قىلمىسا ئۇ مەڭگۈ ئېغىز ئاچمايدىغاندەك قىلاتتى . قەلبى يەتكۈچە ئازاپ بىلەن تولغان گۈلسۈمئاي كەچۈرمىشلىرىنى تامغا سۆزلەۋاتقاندەك باشقا ياققا قاراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى . ھەسرەتلىك تىنىقلار كۈچىيىپ خىتىلداشلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى . گۈلسۈمئاي قانداق بۇلۇپ مۇشۇ رەڭلىك ئارامگاھنىڭ خۇجايىنى بۇلۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ تۈگەتكەندە ، ئۇ ئالقىنى بىلەن يۈزىنى تۇسۇۋېلىپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى . گۈلسۇمئاي ئۇنىڭمۇ شۇنداق بىر پاجىئەگە يۇلۇققانلىقىنى ئۈزىچە پەرەز قىلىپ ، تەسەللىي بەرگەچ قولياغلىق ئۇزاتتى .  ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاشقا قانچە قىزىققانسىرى ئۇ يىغىسىنى ئاستا ئاستا توختىتىپ يەنىلا جىممىدە ئولتۇردى . بىراۋنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاش ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان بىلەن باراۋەر . بەلكىم ئۇ ئۈزى تۇرۇۋاتقان ئۆزگىچە مۇھىتنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان بولسا كىرەك . شۇلارنى خىيال قىلغان گۈلسۈمئاي ئۇنىڭغا جاي راسلاپ بىرىپ ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ يېتىشنى جىكىلەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇ يالغۇز قالدى . گۈيا گۈلسۈمئاي ھازىرلا كىرىپ ، ياندىكى ئۆيدىكى مەستلەرگە ھەمراھ بۇلۇشقا قىستايدىغاندەك گۈپۈلدەۋاتقان يۈرىكىنى ئالقىنى بىلەن چىڭ بېسىپ ، ئىتتىلا ئىشكنى تاقىۋالدى .  گۈلسۈمئاينىڭ كەچۈرمىشىدىن بۇ يولغا ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس ، بۇلغانغان تىنىنى باشقىلارغا قايتا كۆرسەتمەسلىكنى نىيەت قىلىپ مۇشۇ ئارقا كۈچىدىكى يىرگىنىشلىك ماكانغا قەدەم قويغانىدى  . ئۇنىڭ نىكاھ قىلىپلا تىگىۋالغان ئىرى كىچىك بىر قىزغا پەسكەشلىك قىلىپ قۇيۇپ قاماققا كىرىپ كەتكەنمىش .  ئۇ گۈلسۈمئاينىڭ گەرچە كەلگەنلەرگە  چاي ، ھاراق قۇيۇپ ھەمراھ بولمىسىمۇ بىر نەچچە قىز بىلەن قورقماي ياشاۋاتقىنىدىن ھەيران قالدى . بۇنداق يولدا تاپقان پۇلنىڭ قانچىلىك راھىتى بۇلار ئويلاپ قالدى ئۇ . ئۇنىڭ كۈزىگە بىردىنلا ئىرى كۈرۈنۈپ ئۇيىنى سىغىنىپ قالدى . نىمىشقا تىلىفۇن بولسىمۇ ئۇرۇپ قويمايدۇ ؟ ئۇ خالىغان بىر نۇمۇرغا تىلىفۇن ئۇرۇپ باقتى . تىلىفۇن توختىمىغانىدى . بەلكىم ئىشلىگەن بولسا ئۇنتۇپ قالغاندۇ ياكى ئاچچىقى يانماي تىلىفۇن ئۇرۇشقا قۇلى بارمىغاندۇ . ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن تولغۇنۇپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى . ئويغانغاندا ئۆيگە ئۇبدانلا يۇرۇق چۈشكەن ئىدى . كىيىملىرىنى سالماي ياتقاچقا پۈرلىشىپ قالغان يەرلىرىنى ئانچە مۇنچە تۈزەشتۈرۈپ سىرتقا چىقتى . چاچلىرى سالۋاراپ تۇرغان بىر قىز كىچىلىك كىيىملىرى بىلەنلا ھويلىغا سۇ چېچىۋاتاتتى . ئۇ ئۈزىگە قاراۋاتقان قىزدىن كۈزىنى ئېلىپ قېچىپ ، تۇرۇبا يېنىغا قۇيۇلغان چۆگۈننى قۇلىغا ئالدى . ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈن تىنسىزلا يىيىلدى . قېنىپ ئۇخلىغاچقىمۇ ئۇنىڭ چىرايى تۈنۈگۈنكىدىن ياخشى كۈرۈنەتتى . بىراق گۈلسۈمئايغا تىكىلىپ قارىمايتتى . ئۇلار تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى . ئۈيىگە شۇنچىلىك قايتقۇسى كەلسىمۇ ، ئىرىنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ تىلىفۇن قىلىپ خۇتۇن قايتىپ كەل ، مەن ناماقۇل بۇلاي دىيىشىنى تەمە قىلىپ چىداپ ئولتۇرۋاتاتتى . ھەر قېتىملىق جىدەلدە داۋاملىق شۇنداق بۇلاتتى . ئىرىنىڭ ئۈزىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى ئۇ ئۇبدان بىلەتتى . ئۇمۇ ياخشى كۈرەتتى . شۇنداقتىمۇ كۈنۈپ قالغان خۇيىنى تاشلىيالمايتتى . ۋاقىت تۇلىمۇ ئەزمىلىك بىلەن ئۆتمەكتە . كۈن چۈش بولغان بولسىمۇ تىلىفۇنىنىڭ سايرىمىغانلىقى ئۇنىڭغا بەك ئەلەم قىلدى . گۈلسۈمئاينىڭ دەرتلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ بىشەملەرچە ساراڭلىقى ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى . خۇددى قىرىندىشىدەك كۈرۈپ خىرىدارلىقىنى قىلىۋاتقان گۈلسۈمئايغا گەپ قىلماي ئولتۇرۇشتىن خىجىل بۇلۇپ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى . ئاندىن ئۇلۇغ كىچىك تىنغىنىچە سۈزىنى باشلىدى . گۈلسۈمئاينىڭ ئۇنىڭغا ھەۋىسى كەلدى . چىراي تۇرقى قاملاشقان بولسىمۇ ، ئۇنىڭكىدەك ياخشى ئەر گۈلسۈمئايغا نىسىپ بولمىغانىدى . تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار بىلەن يامانلاپ چىقىپ ھەدەپ تىت تىت بولغىنىچە كۈزىگە ياش ئېلىپ ئولتۇرغان مۇنۇ ئايالغا ئاچچىقىمۇ كەلدى .
- مەن ، دەپ سۆز باشلىدى گۈلسۈمئاي . نامرات بولسىمۇ كۆڭلى ياخشى  بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرسام ، بەك بېيىپ كەتمىسەكمۇ ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالىغۇدەك پۇلىمىز بولسا شۇنىڭغا شۈكرى دەپ ئۈتۈشنى ئويلايتتىم . پىشانەمگە بەخىت دىگەن سۆز يېزىلمىغان بولسا كىرەك . تۇغۇلۇپلا باشقىلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپتىكەنمەن . شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە خەقلەرگە بېقىندى بولدۇم . گەرچە ھازىر يەتكۈدەك پۇلۇم بولسىمۇ نىمىنى يۇقىتىپ نىمىگە ئىرىشكىنىمنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بۇلىدۇ . بىز ئەرلىرىمىزگە بولغان ۋاپاردارلىقىمىز ئارقىلىقلا قەدىرلىك بۇلاتتۇق . ماڭا قېنى شۇ ئەر ، شۇ بەخت ؟ دۇكانغا بايۋەتچىلەرمۇ ، ئۇقۇغۇچىلارمۇ ، جېنىنى ئاران جان ئىتىۋاتقانلارمۇ كىلىدۇ . ئۇلارغا قاراپ كىچىلىرى ئۇخلىماي ئىرىنىڭ يۇلىغا قاراۋاتقان ئاياللىرى ئىسىمگە كىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ يانچۇقىنى قۇرۇقدايمەن . ئالدىمدا غۇرۇرىنى يۇقىتىپ كۈچۈكلىنىپ كەتسىمۇ نىسىيگە بەرمەيمەن . ئۇلارنى سەكرىتىۋاتقان يەنىلا شۇ پۇلى ئەمەسمۇ .  خەجىلىگۈدەك پۇلى قالمىسا ھېچ بولمىسا خۇتۇنى ئەتكەن بىر قاچا ئاشنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يەرمىكىن ، بالىلىرىنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ بولسىمۇ ئەقلىنى تاپارمىكىن دەپ قالىمەن . بەك كۆپ بەك كۆپ .... گۈلسۈمئاي سۆزدىن توختاپ ئۇنىڭغا قارىدى .ئەگەر ئىپادە بىلدۈرگىدەكلا بولسا چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇنى ئۈيىگە يولغا سېلىپ قۇيۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى . تـۆت كۈن تۆت يىلدەك ئۆتتى . ئۇ ئاخىرى چىدىيالماي گۈلسۈمئايغا بىر نىمە ئالىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ  ئۈيىگە ماڭدى . يىقىنلاشقانسىرى يۈرىكى سېلىپ ئىرىنىڭ ئۆيدە بولماسلىقىنى تىلەپ كەتتى . ئۈزى كىتىپ ئۈزى كەلسە يۈزىنى نەگە قۇيىدۇ ؟ ئۇ گۈلسۈمئاينىڭ ئۈيىدىكى ۋاقتىدا ئىرىدىن كەچۈرۈم سۇراشنى ئويلىغانىدى . ئۈيىگە كىلەي دىگەندە بولسا ئۇ خىيالىدىن يەنىلا يالتىيىپ قالدى . ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ قالايمىقاچىلىقتىن ئىچى سىقىلىپ كەتتى . گازىر ۋە مىۋە شۈپەكلىرى ئۈستەلنى بىر ئالغان ئۇنى ئاز دەپ بىر نەچچە قۇرۇقدالغان ھاراق بوتولكىسى دۈم ياتاتتى . ئۇ ئاۋال دېرىزىنى ئېچىۋەتتى ئاندىن يىغىلمىغان يوتقاننى قۇلىغا ئالدى . تۇيۇقسىز چايان چاققاندەك قۇلىدىن يوتقان چۈشۈپ كەتتى . يوتقاننىڭ ئارىسىدا پۈرلىشىپ كەتكەن بىر قىپقىزىل ئىچ كىيىم تۇراتتى .                                       
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:42  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭ،ياخشى چىقىۋاتىدۇ

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:50:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرسىتىدىغان باھانە سەۋەپنىڭ تايىنى بولسىچۇ كاشكى . ئۇ كىتىۋېتىپ يېنىدىلا پۇشۇلداپ توختىغان ئاپتۇبۇسقا ئىختىيارسىز پۇتىنى ئالدى . ئۇرۇندۇقتا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈزىنىڭ بىتەلەيسىزلىكىگە ئېچىنىپ ئۈنسىز ياش تۆكتى . مانا ئەمدى مەينەتچىلىك باسقان بۇ كۇچىدا غېرىپ بۇلۇپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ تىلىفۇنىنى ئېلىپ قاراپ باقتى . ئۈيىدە بىكار ئولتۇرغاندا سىغىزخاندەك تۇلا سايرايدىغان نىجىس تىلىفۇننىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك جىمجىت تۇراتتى .


‹‹ بىتەلەيسىز ›› ـــــــ بۇ سۆز تازا جايىدا ئىشلىتىلمەي قاپتۇ ئارسلانكا، ياخشىراق قاراپ باقارسىز.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەمبەرنىسا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:50
كۆرسىتىدىغان باھانە سەۋەپنىڭ تايىنى بولسىچۇ كاشكى . ئ ...

قەمبەر نىسا گۈل تېپىۋاپسىز ھە؟ مەنمۇ بايا ئوقۇپ شۇنداق ھىس قىلغانتىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:23 , Processed in 0.046840 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش