يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1892 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1112|ئىنكاس: 72

ئايدارنىڭ يەتتە شەھەرگە ساياھىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
773 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1305

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىسسە، يەتتە قىز قەلئەسىدىكى جىدەل ماجرالار تۈپەيلى ھېرىغان ئايدار بۆجەن ئۆيىدىكى يوغان بۆرىدىن مىڭ تەسلىكتە رۇخسەت سوراپتۇ.
-ئەمدى،...شۇ..شۇ...
-نىمە ؟ نىمە؟ -دەپ ھۆكىرەپتۇ بۆرىباي شاپ بۇرۇتلىرىنى سىيلاپ، كىلەڭسىز قوساقلىرىنى يەلپۈپ ئولتۇرۇپ.
-ما ئالدىمىزدا يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش باركەن، شۇڭا...شۇ...
-ھەشۇ نىمە؟ دىمەمسەن؟
ئايدارنىڭ بېشىغا كالتەكتىن بىرسى تاڭ قىلىپ تىگىپتۇ. ئۆزىنى ئايدا چاغلايدىغان ئايدار كەنجى، تۇيۇقسىز يەتتە قىز قەلئەسىدىن بوراندا ئۇچقان پېتى (ئايرۇپىلان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ) قۇمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل شەھەر چەرچەننىڭ چېتىدىكى ئايرۇدۇرۇمنىڭ قېشىدىكى بۆرىباينىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپتۇ. بۆرىباي ئۆتۈپ كەتكەن زالىم، خۇتۇننى ئۇرۇشتا چەرچەندە ئەمەس چەتئەلدىمۇ داڭقى بار ئادەمكەن. ئايدارنىڭ يوغان بەستى تاياقتا كىچىكلەپ، خۇددى ئاق بۆجەندەكلا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ھەر بىر قەدەمنى ئېھتىيات بىلەن ئالىدىكەن. ھەر كۈنى خىزمەتكە بارغاندىن باشقا، بۆرىباينىڭ 18 بالىسىنى، 28 كالىسىنى ھەلەپ ئېتىپ باقىدىكەن. ئەگەر بىرلا بالىسى قوساق تۇيمىدى دىسە، ئايدار شۇ ھامان تاياق ئاستىدا قالىدىكەن.
شۇڭا ئۇ ئاخىرى چىشىنى چىشلەپ بۆرىبايدىن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ بىر ساياھەتكە چىقىپ كېلىشىنى يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ رۇخسەت سوراپتۇ؟
-نىمە ؟ -بۆرىباينىڭ بۇرۇتى لىكىلداپ، قاش كۆزلىرىدىن بوران چىقىپ پۈتۈن چەرچەن بورانغا توشۇپ كىتىپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن بۆرىباي ئىككى مۈرىسىگە ئارتىۋالغان بۇرۇتىنى پاكىز تازلىغاندىن كېيىن :
-نەگە بارماقچىسەن شۇنداق قىلىپ.
-شۇ ئەگەر...ئەگەر سىلى رۇخسەت بەرسىلىرى خوتەنگە بېرىپ تىۋىپقا تومۇرۇمنى تۇتقۇزۇپ كىلەيمىكى دىگەن.
-ما 18 بالا، 28 كالا قانداق قىلىدۇ؟
-ئۇ ..مەن ...سىز ...ئۇ..
ئايدار ئەمدى تۈگەشتىم دەپ ئويلىشىغا بۆرىباينىڭ رەھىمى كېلىپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ سەل يۇمشىغان چىراي جاۋاب بىرىپتۇ.
-بوپتۇ، ئەمما سېنى يات كۆزلەردىن ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈم بىللە ئېلىپ بارىمەن. لېكىن بىر شەرت شۇكى، بۆجەنلەر يىغىلىپ قالساڭلار مېنى چاقىرىۋىلىشنى ئۇنتۇما....
ئايدارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ، يالاقلىرى يېيىلىپ كىتىپتۇ. شۇ ھامان پەلتۇسىنىڭ ئىچىدىكى جىلىتكىسىنىڭ ئىچكى يانچۇقىغا تىقىۋالغان، كىچىك كەپ قالغان 4 س تىلىفۇنىنى چىقىرىپ، 7 قىز قەلئەسىگە ئۇچۇر يوللاپتۇ.
ئەيۇھانناس...ئىشىتىڭلار ئامۇ خاس....
ئايدار نىمىلەر قىلدى، نىمىلەرنى كۆردى. 18 بالا 28 كالىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا چىقتى.
كىيىنكى بابتىن ئىشىتكەيسىلەر.
ھازىرچە قازان يۇغىلى كەتتىم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
941 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1650
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازىنىڭىزنى تىزراق يۇيۇپ 18 بالىڭىزنى ئۇخلىتىۋېتىپ كىلەرسىز . كالىلارغا كەلسەك يەپ تويمايدۇ ، مۆرىگىنىچە ئېغىلدا تۇرۇۋەرسۇن ، داۋامىنى تىزراق ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:00  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1410 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3512

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھا~~ ئوماق دوستۇم، يەنە بىر قىزىقارلىق قىسسە باشلىنىپتۇ-دە، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن، داۋامىغا بىزنى بەك ئىنتىزار قىلمىغايسىز جۇمۇ، ماۋۇ قوساقنى سۆرەپ مۇنبەرگە كىرمەكنىڭ تەسلىكىدە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
773 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1305

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتاق يوق. 81 قىسىم قىسسەنى تۈگەتكۇچە بالىڭىز 5 ياشقا كىرىپ قالىدۇ مانداق.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
773 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1305

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2-قىسىم: ئايدارنىڭ سەپەرگە ئاتلانغانلىقى بايانىدا
بۆرىباي بۇ قېتىم قانداق ئىنساپقا كېلىپ قالدى، بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ شاپ بۇرۇتلىرىنى مۈرىسىدە قويۇپ تازا تازىلاپ پاقىراتقاندىن كېيىن، ئايدار پاكىز سۈرتۈپ پاقىراتقان تىمساھ تېرىسى ئايىغىنى، كالا تېرىسى پايپىغىنى، كۆن ئىشتىنىنى، ئاق رەخىتتكە چاخماق چىقىرىپ سىزىۋالغان مەنچۇ كۆڭلىكىنى، بىرزىنىت كاستىيۇمىنى كىيىپ، ئاندىن ئايدارغا قارىدى.
-سەن...ئايدارخان...بۈگۈن سەپەرگە نىمە كىيىدۇ؟
-ئالىيلىرى...ياق بۆرە ئاكا...ياق ئېرىمجان...مەن شۇ بۆجەن يۇڭۇمنى گەنشى قىلدۇرۇپكا ئۈستىگە بىر تال قوي تېرىسى ئارتىۋالايمىكى دىگەن.
-سەن بۇ قېتىم مەن بىلەن سەپەرگە چىقىدۇ. شۇڭا ياخشى-ياخشى كىيسۇن.
-نىمە كىيىمەن؟
-سەن شۇ چېچىنى ئاتتۇرسۇن، بىر تال تىمساھ تېرىسىنى كەستۈرسۇن. ئۆيدىكى بارلىق قازانلارنىڭ قارىسىنى قېشىڭغا، بارلىق شوخلىلىلارنى لىۋىڭگە سۈرسۈن. ئۇنلارنى يۈزىگە سۈرسۈن. بولمىسا مەن بۆرىباي چېنىپ قالىدۇ.
ئايدار بۆرىباينىڭ ئالا-تاغىل قىياپىتىگە قاراپ كۈلكىسى قىستىغان بولسىمۇ، تاياق يىيىشتىن قورقۇپ گەپ قىلماي تۇرۇپتۇ.
ئەتە ئەتتىگەن سەن خىزمەتكە بارمىسۇن. مەنمۇ ئىشقا بارمايمەن. 18 بالا 28 كالىنى بېقىپ تۇرسۇن. بىر كالىنى ئۇلارغا سويۇپ بىرەيلى. سەن كالىنىڭ ئۆپكىسى بىلەن ھېسىپىنى قۇيسۇن. بالىلار بىز كەلگۈچە شۇنى يەپ تۇرسۇن.
-خوپ. قۇللۇق...پەرمانبەردارمەن...
ئايدار خوشاللىقىدىن تاس قاپتۇ يېرىلىپ كەتكىلى. ئۇ ئاناردىن كىچىك كەپ قالغان سومكىسىنى ئېلىپ، مەرىمدىن كىچىك كەپ قالغان مايكىسىنى كىيىپ، تىۋىشتىن كىچىك كەپ قالغان ئاستا مېڭىشى بىلەن ئاستا قازناققا كىرىپ، كىچىك كەپ قالغان كومپىيۇتىردا تورغا چىقىپ، يەتتە قىزلىرىم خەرىتىسى تېپىپ چىقىپتۇ. ئاۋال نەگە ئاندىن نەگە بېرىشنى بىكىتىپتۇ.
ھاي...قېنى سەن...-بۆرىباينىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازى ئايدارنى دەسسىدە چۆچۈتىۋىتىپتۇ.
-مانا...دادىسى مانا...مەن كەلدىم. –ئايدار كومپىيۇتىرنى ئەسكى يوتقانلار ئارىسىغا تىقىپ قويۇپ قازناقتىن چىقىپتۇ. قارىسا تۆردە بۆرىباي شاپ بۇرىتىنى سىيادان مېيى بىلەن مايلاپ ئولتۇرغۇدەك.
-نىمە قىلىۋاتىدىلا دادىسى...قېرىغاندا قېرى تاتۇق دىگەن..
-ھەي خۇتونخان بۆجەن...سەن بىلمەيسەندە. خوتەن تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسام بۇرۇتۇمغا سۇغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دەپ...بولماپتۇما؟ ئانداق قىلساق بۇرۇتۇمنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشۈرۋىتىمەن جۇمۇ....
-سىلى ئۇنداق قىلسىلا بارغۇ...مەن چېچىمنى چۈشۈرۋىتىپ تاز بارىمەن.
-تاز بۆجەنكەن دەپ ساقچىلار تۇتىۋالىدىغۇ تازا....
-تۇتىۋالسا...
ئايدار بۆرىباينىڭ چەكچەيگەن كۆزىنى كۆرۈپلا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ، ئۇزارغان تىلىنى ئاغىزىغا مەھكەم تىقىپ ئاستا قازناققا كىرىپ بىر تەخسىدە قوي گۆشى ئەچىقىپ بۆرىباينىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. بۆرىباي بۇرۇتلىرىنى بوغۇپ مەھكەم تارتىپ كەينىگە ئېتىپ، ساقىلىنى تېقىمىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قوي گۆشىنى راسا ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ.
كىيىنكى بابتا بۆرىباي ئايدار بىلەن ئاپتۇبۇسقا قانداق چىقىدىغانلىقىنى سۆزلەيمىز.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
419 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
879

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
81 قىسسە بەك ئۇزۇنمۇ چىقمۇغۇدەك . . .  بۆرە باينىڭ بۇرۇتىنى مايلاشقىمۇ بىرباپ يازغىلى تۇرسىڭىز

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
941 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1650
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلۈپ كىتىپتىمەن ئۇقۇپ بولغىچە ....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1410 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3512

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازىم چىقىپ كەتتى....يارايسىز ئادىشىم، داۋامى...

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
207
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىسىملىق چۆچەك ئاڭلاشقا تەييارلىق قىلىمىزكەندە؟ بەك كۈڭۈللۈك ھەقىچان بۇ سەپەر،داۋامىنى كۈتەي

Rank: 1

توردا
121 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
528
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك پەيزى چىقىۋاتىدۇ مانا...ئاران بۆرىبايدىن سوراپ بولۇپ،كالىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇيۇپ بالىلارغا بىرىېىتىپ ماڭماقچى   ...ساقلىدۇق ئەمسە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:36 , Processed in 0.064661 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش