يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدارنىڭ يەتتە شەھەرگە ساياھىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىنچى باب: ئايدارنىڭ سەپەر تەييارلىقى قىلغىنى بايانىدا
ئايدار ناھايىتى خوش بوپتۇكى، بۆرىباينىڭ ھەممە گۆشنى يەپ بولۇپ، ئۆزىگە چامغۇر سەۋزىسىنى قالدۇرۇپ قويغانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. ئەينەككە قاراپ چېچىغا ئۆرۈك يىلىمىدىن راسا چېپىپ، ئاندىن ئۇنى لاخشىگىر بىلەن قىسىپ تارتىپ بۈدرە قىلغاچ ھېساباتقا چۈشۈپتۇ.
-ئەتە يولغا چىقساق، 6 كىشىلىك ئايرۇپىلاننىڭ 15-ئورۇندۇقىدىن ئورۇن ئالسام، شۇنداق ئايرۇپىلاننىڭ قۇيرۇقىدا ئولتۇرسام ئولتۇرىمەنكى، ھەرگىز ئادەتتىكى ئادەملەردەك ئاپتۇبۇس، ماشىنىلاردا ئولتۇرمايمەن. ئىشەك ھارۋىسى، ئۈچ چاقلىق ھارۋا دىگەنلەرغۇ نېرى تۇرسۇن. ئاندىن ئايرۇپىلاننىڭ نىيا، كېرىيە، چىرا بىكەتلىرىدە توختاپ، ئايرۇپىلان ئالمىشىپ خورتەن بىكەتكە چۈشسەم.... ئاندىن ...ئاندىن...
ئۇ شېرىن خىيال بىلەن لاخشىگىرنى چىڭىتىۋىرىپ، چېچىنىڭ بىر تەرىپىنى ئۈزۈلۈپ چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ تۇيماپتۇ. قىزىپ كەتكەن لاخشىگىر ئۆرۈك يىلمى بىلەن بىرلىشىپ يەنە بىر تەرىپىنى خۇددى بىر باغلام ئۆرۈك ئوتۇنىغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.
-ۋاي خوتۇن....
بۆرىباي گۆشكە تويۇپ بۇرۇتىنى مايلاپ ئولتۇرغاندا، قازناق ئۆيدىن ئىس چىقىپ كەتكەچكە، بۇ خوتۇن ماڭا يەنە كاۋاپ ئېتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ يەنە ئىشتىھا بىلەن قازناق تەرەپكە قاراپتۇ. لېكىن ئىسنىڭ ئاشخانا تەرەپتە ئەمەس، قازناق-ئەسكى-تۈسكىلەر بار يەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى پۇراپ يەتكەندىن كېيىن، كاڭدىكى گۈللۈك كىگىزنىڭ قېتىدىكى توبانىڭ توخمىقىنى كۆتۈرۈپ قازناق ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ ئايدارنىڭ تازا ساپتۇ.
ئايدار ۋاقىراپتۇ، چىقىراپتۇ، توۋلاپتۇ، پەرياد ئۇرۇپتۇ، قاخشاپتۇ،...لېكىن توخماق يەنە توختاي دىمەپتۇ.
-دادىسى مەن تۆۋۋە قىلاي...سېلى سىلى چارچاپ قالمىسىلا، ئەكەسىلە توخماقنى، مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئۇراي، مۇبارەك قوللىرى تالمىسۇن، بىر دەم تۇرۇپ كالىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇيغاندا قوللىرىنى ئۇزاتسىلىرى ھېرىپ كەتكەن قوللىرى ئۆپكىنى دىگەن يەردىن كىسەلمەيدۇ.
بۆرىباي قولىدىكى توبانىڭ تايىغىنى ئايدارغا سۆزسىز ئۇزىتىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. ئايدار بېشىغا پەم بىلەن بىرنى ساپتۇ. بۆرىباينىڭ ئىچى ئاغرىپ كېتىپ، بىر تال ئەسكى يوتقاننىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئايدارنىڭ بېشىغا قويۇپ بىرىپتۇ. ئايدار شۇنىڭ ئۈستىگە ئاستا بەشنى ئۇرۇپلا بۇ مۇراسىمنى تامام قىپتۇ.
-ئايرۇپىلان ئەتە ئەتتىگەن سائەت بەشتە يېنىمىزدىكى بىكەتتىن قوزغىلىدىكەن. بىلەت ئاللىمىكىن؟
-ھەئە...سەن ئۆپكەڭنى قۇيۇۋەر، مەن سەل ئۇخلىۋالاي.
بۆرىباي ياتاق ئۆيگە كىرىپ بىر دەمدىلا ئايرۇپىلاننىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىپ ئۇشقىتقان پېتى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئايدار بىلىنى باغلاپ، يۇغان داشقازاندا بىر سۇغا ئىككى تاغار ئۇننى چېلىپ يۇغۇرۇپتۇ، ئاندىن كالىنىڭ ئۆپكىسىنى پەم بىلەن قۇيۇپ ئاندىن ھېسىپلارنى چىڭقاپ قۇيۇپتۇ ۋە داشقازانغا پاخالدىن ئوت يېقىپ كىچىچە ئۆپكە قۇيۇپتۇ ۋە ئۇنى ئون سەككىز بالىغا ئۈچ ۋاقلىقتىن توققۇز كۈنلۈك قىلىپ ئايرىم-ئايرىم توغراپ ئاندىن ئۇنى بەش مۇزلاتقۇغا تىزىپتۇ. بۇ ئىشلارنى تۈگەتكەن ئايدار يۈزىنى يۇيۇپ تۇرىشىغا ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، تاڭ يورۇشقا ئازلا قاپتۇ. ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يەتتە قىز قەلئەسىدىن ئېلىپ كەلگەن ياغاچ كومپىيۇتىرنى ئېلىپ ئاستا تورغا چىقىپتۇ.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 00:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى نەزىرىمدە بولغاي..

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 07:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىرەت تۇرۇپ كۈتمەكتىمەن

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ ئۆچىرەتكە تىزىلىدىم،تەقەززالىق بىلەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىككى كىشلىك ئۆچىرەت ئايدارىم

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆچرەتنىڭ خىلى ئالدىدا جۇمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏شۇ ،بۇ بۆجەن گەرچە دىر دىر ياشىسىمۇ مەندىن ياخشىكەن ،ھىچ بولمىغاندا ساياھەتكە بولسىمۇ ئەپچىقىپتۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:48:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:36
‏شۇ ،بۇ بۆجەن گەرچە دىر دىر ياشىسىمۇ مەندىن ياخشىكەن ، ...

شۇ سىز قاۋانباي ئاچىقاي دىسىمۇ ئۇنىمايسىزغۇ دەيمەن

Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 06:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىزدىسەملا يەتتە قىزلىرىمغا كىرىمەن، ئازادىلىك تەمە قىلىپ. رەھمەت مايسىخان ھەدە
بۇ كۈنلەردە مۇشۇ چۆچەكلا مېنى كۈلدۈرۈپ ئازابىمنى بىر ئاز يەڭگىللىتىۋاتىدۇ.  رەھمەت ئايدار

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ئۇ تىۋىشنىڭ كىچىك كەپ قالغان ياغاچ كومپىيوتىرى قاچان ئىشقا چۇشەر ئەمدى؟ ئادەمنى تەقەززا قىلىپ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 05:34 , Processed in 0.080456 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش