يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 25

ئايدار - چىرىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
942 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1652
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 14:09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىكەتتە


يىڭناغۇچنىڭكىدەك سۈپسۈزۈك قاناتلىرى ھاۋانىڭ ئىسسىقىدا سالپىيىپ قالغان كۈمۈش رەڭلىك ئالتە كىشىلىك ئايرۇپىلان ، سودا  -سېتىق قىزىپ كەتكەن چىرا ئايرۇدۇرومىدا پۇشۇلدىغىنىچە چىپپىدە توختىدى . مىھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئادەملەر توپى ھەدەپ ئايرۇپىلان ئىشىكىگە بۇيۇنداپ قارىشاتتى . تۇمۇر قۇشنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق پەلەمپىيى چۈشۈرۈلۈپ ، يۇلۇچىلار قىستىلىشىپ چىقىشقا باشلىدى . ئون بەشتەك ئادەم چۈشۈپ بولغان بولسىمۇ ئەزىز مىھمان ئايدار خانىمنىڭ سايىسىمۇ كۈرۈنمەيتتى . شۇنچە ئىسسىقتا بوينىغا شارپا ئۇرۇۋالغان گۈلخان تاقەتسىزلىنىپ ، بۇدرە چاچلىرىنى تارىغىنىچە بوينىنى غازدەك سۇزۇپ تاقەتسىزلىنەتتى . كىچىك كىلىپ قالغان سومكىسىنى كۈتۈرەلمەي چىپ -چىپ تەرلەپ كەتكەن ئايدار ، 5- ئەۋلات ئالما يانغۇنىدا كىيۇ - كىيۇ ئوينىغاچ ئايرۇپىلان ئىشىكىدە پەيدا بولدى . گۈلخان ئۈزىنى ئاتتى ، ئايدار پەلەمپەيدىن سەكرىدى  . ئۇلار چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ ، بىر ھازا كۈلۈشكەندىن كىيىن ئەھۋال سورىشىپ ، بىر - بىرىنى قولتۇقلىدى دە ، بىكەت ئىشىكىدىن چىقتى . ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايىدا ئۆزگىچە خۇشاللىق ، دەپ ئېيتقۇسىز شاتلىق جىلۋە قىلاتتى .

ئاشخانىدا


- سىلەرنىڭ چىرانىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ ھەممىسى يەر ئاستى قەۋىتىدىمۇ ؟

ئايدارنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىدىن مەڭدەپ قالغان گۈلخان ، ئىتتىكلا ئايدارغا قاراپ :

- نىمىسىنى دەيسىز جېنىم . ئەسلى بىز يەر ئاستىدا ئولتۇرۇپ ، ئاشخانىلار ئۈستىدە ئېچىلاتتى . يېقىنننىڭ ياقى شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئالمىشىپ قالدۇق . نىمە يەيسىزكىن ، تارتىنماي دەۋىرىڭ .

مۇزدەك سۇ توشقۇزۇلغان يۇغان جانان چىنىلەرنى ئۈستەلگە دوققىدە قۇيۇپ كىتىپ قالغان كۈتكۈچىگە قاراپ چىرايى ۋىللىدە ئېچىلغان ئايدارنىڭ ،  لەڭپۇڭغا ئىشتىھاسى قوزغالدى بولغاي ، گۈلخان ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرگەن ، ئەركەك قوينىڭ گۈشىدە كۈمۈلگەن كۈمەچنى چوڭ چوڭ چىشلىگىنىچە ، بىر كىشىلىك بۇيرۇتتى . ئاچچىقسۇ  ، لازىلىرى ئۇبدانلا تېتىغان لەڭپۇڭ ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغاتتى . گۈلخان سومكىسىدىن ئاچقۇچىغا ئۆتكۈزۋالغان غېرىچ چوڭلۇقتىكى ئەپچىلگىنە قەلەمتىرىچىنى چىقىرىپ ، لىغىلداپ تۇرغان لەڭپۇڭنى نەچچە پارچە قىلىپ پارچىلاپ ، كىچىك تەخسە بىلەن ئايدارغا سۇندى . ئۇلار كۈلكە چاقچاق بىلەن غىزالىنىپ ئاشخانىدىن چىققاندا ، ئۇلارنىڭ مەڭىزلىرىدە سىڭىشمەي قېلىپ قالغان لازا ، ئاچچىقسۇ مايلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ چاقناپ تۇراتتى .


خەلق مەيدانىدا


ياپيېشىل چىملىقلار بىلەن كۈكۈرۈپ تۇرغان خەلق مەيدانىدا ، كىچىك كىلىپ قالغان يانفۇنى توغرۇلۇق ھىكايە سۆزلەۋاتقان ئايدار قاراپ ، گۈلخان تىزىغا شاپىلاقلاپ كۈلمەكتە ئىدى . مەرىم ، ئانار ، نەئىمە ، تىۋىشلەرنىڭ تاتلىق غەيۋەتلىرىدىن كۆڭلى كۈتۈرۈلۈپ شوخلىشىپ كەتكەن چوكانلارنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندە كىچە سائەت 12 : 30 بۇلۇپ قالغانىدى . ئايدار ئوڭ بىلىكىنى سىقىپ قاپارتىۋەتكەن قاشتېشى بىلەيزۈكىنى كەينىگىرەك سۈرۈۋەتكەندىن كىيىن سول قۇلىدىكى رەقەملىك سائىتىنى ئىشارە قىلىپ ، ماڭمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى . گۈلخاننىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدە ياش كەلكۈنى يامراپ ، ئېغىر - ئېغىر تىنغىنىچە بىر قۇلىدا قىزى تۈركەنئاينى ، بىر قۇلىدا ئايدارنى يىتىلىگىنىچە ئايرۇدۇرومغا يۈرۈپ كەتتى .                        


ئۇزىتىش


خۇتەنگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلان سائەت بىردە قوزغىلاتتى . چىۋىن قورۇپ كىتاپ ئۇقۇغاچ ئۇخلاۋاتقان بىلەت ساتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئۈچىرەت ساقلاپ بىلىتىنى كەستۈرۋالغان ئايدارنىڭ چىرايىدا بىر خىل قىيالماسلىق غىل پال ئەكس ئىتىپ تۇراتتى . گۈلخاننىڭ تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان چىھرىدىمۇ غەم تۇمانلىرى لەيلەپ يۈرەتتى . << قونمىغان مىھماننىڭ كەتكىنى ياخشى >> ئايدار كۈلۈپ تۇرۇپ ، گۈلخاننى باغرىغا باستى . ئەزەلدىن كۈرۈشۈپ باقمىغان بۇ قىرىنداشلارنىڭ خوشلىشىشىنى كۈرۈپ تۇرغان يۇلۇچىلارنىڭ كۈزىدە ياش ئەگىپ ، ئۇلارنىڭ مىھرى مۇھەببىتىگە زوقلىناتتى . ئايرۇپىلان پەلەمپىيىگە قەدەم قۇيۇپ ئارقىغا قايرىلغان ئايدار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ، ھاۋا بوشلىقىغا سىڭىپ كەتتى . ھەر ئىككىسىنىڭ قەلبىدە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ خۇشاللىقى ، دوستلۇقنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىندەك مەڭگۈلۈك مىلودىيىسى  قىيان ياسىماقتا ئىدى .



Rank: 1

توردا
272 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
386
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:32:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 كىشىلىك ئايروپىلاندىن 15 تەك ئادەم چۈشۈپ بولسىمۇ ئايدار ھەدەمنىڭ كۆرۈنمىگىنى قىززىق ........

ماۋۇ قاغىلىقتىكى ئۇچرىشىش تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا يېزىلمىدى. ئۆزرە سورايمەن.....

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:56:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار كۈلكە چاقچاق بىلەن غىزالىنىپ ئاشخانىدىن چىققاندا ، ئۇلارنىڭ مەڭىزلىرىدە سىڭىشمەي قېلىپ قالغان لازا ، ئاچچىقسۇ مايلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ چاقناپ تۇراتتى .
بۇلارنى كۆز ‏ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۈلۈپ ئاۋازلىرىم چىقىپ كەتتى ،مۇشۇ ئايدار كەلسىلا شۇنداق خۇشخۇي بولۇپ كېتىمەن كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلىغىچە كۈلۈپ ...چوقۇم گۈلخانمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدۇ ئەمدى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
172
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلخان ھەدەمنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى نېمىدىگەن چىرايلىق،ئارسلانكام بىر چەتتە قارپ تۇردىمىكىنە،ئىش-ئىزلىرىنى بىرتالمۇ تىلغا ئالماپتۇ،مېنىڭ مۇنبەردىكى ھەممىسى بىلەن كۆرۈشكۈم كەلدى..........

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
942 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1652
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:42:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇنچەقىز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:36
گۈلخان ھەدەمنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى نېمىدىگەن چىرايلىق،ئار ...

مەن گەرچە ئۇلار بىلەن بىللە بولساممۇ ، ئۈزەمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تىلغا ئالغىم كەلمىدى . بەلكىم بۇ مىنىڭ تۇغما كەمتەرلىكىم بولسا كىرەك

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
172
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:42
مەن گەرچە ئۇلار بىلەن بىللە بولساممۇ ، ئۈزەمنىڭ ئىش ئ ...

ھا ھا ھا...تۇغما كەمتەرلىك مېڭىڭە ۋۇي پايلاپ يۈرگىنىڭىزنى دېمەي

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
942 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1652
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:50:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇنچەقىز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:46
ھا ھا ھا...تۇغما كەمتەرلىك مېڭىڭە ۋۇي پايلاپ يۈرگ ...

پايلاپمۇ گەپمۇ ؟ ئۇنى تەكلىپ بىلەن ئەكەلگەن تۇرساق

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
172
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇلا باشنى بەك چايقىدىڭىز ئىشىنەي

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
942 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1652
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇنچەقىز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:53
بوپتۇلا باشنى بەك چايقىدىڭىز ئىشىنەي

ئىككى ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىغا  قىستۇرلىۋېلىپ ، كەنت ئاياللار مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن ئەرگە ئوخشاپ قالماي دىدىمچۇ . ئەمەليەتتە باشتىن ئاخىر مەنمۇ بار دەڭە .

Rank: 1

توردا
565 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
734
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ئارىسلان راسلا تۇغما كەمتەر ھە سىز
ۋىي ئاۋۇ بىزنىڭ ئۇچۇرشىشىمىزنىمۇ يازسام بولغۇدەك جۇمۇ، ئەمما ھەممىنى يازسام رومان بوپ كىتەرمىكىن، خىلى كۆپ مەن ئۇچراشقانلار، بۇ قىتىم ئۇرۇمچىدە مەرىم، ئانار ،نەئىمە قاتارلىق نەچچەيلەن بىلەنكى ئۇچىرشىشىمىز تولىمۇ كۆڭۇللۇك بولغانتى، سەل ۋاقتىم چىقسا يازىمەن تازا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:38 , Processed in 0.196438 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش