يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1879 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 24

مىنى كەچۇرۇڭلا . . . R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
417 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
879

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:54:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنى كەچۇرۇڭلا

بالىلىق ئادەمنىڭ غۇبارسىزلىققا تولغان، ئەركىنلىك، ئىختىيارلىققا تولغان بىر دەۋىردۇر.دوستلۇق،-دۈشمەنلىكىمىز ئىنىق، مۇھەببەت-نەپرىتىمىز ئاشكارە باتۇرلۇق، ئاق كۈڭۈللۈككە تۇيۇنغان ۋاقتىمىزدۇر.
ئاچچىقىزمىنى كەلتۈرسە «ئەمدى سەن بىلەن ئوينىمايمەن» دىيەلەيتتۇق، كەچۈرۈم سورىسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوينىتالايتتۇق.
قانداقلا بالا بولسا بىريەرگە كەلسەكلا دوس بۇلۇپ قالالايتتۇق.

دۇكاننى ئېچىۋېتىپ پۇلات تۇرسۇننىڭ «بالىلىقنى سېغىنىپ» دىگەن ناخشىسى بالىلىقتىكى ھاياتىمغا قايتۇرۇپ كەتتى. شەرەپلىك ئۆتكەن بۇدەۋىردىكى بەزى ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى . . .  بەزىللىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراي دىسەم كىچىكىپتىمەن. بىر نەچچە دوستۇم بالىلىقنى تۈگۈتۈش بىلەن تەڭ ھاياتلىقنىمۇ تۈگۈتۈپ كىتىپ قاپتۇ.
ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئاختۇرۋېتىپ چىش چوتكىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىھتىمال چىش چوتكىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋاقىتلىرىم بولساكىرەك، ئۈزى كىچىك، قىلى يۇمىشاق بۇ نەرسە تۇلىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇبدان ئوينايدىغان نەرسىنىڭ چىققىنىغا خۇشال بۇلۇپ باققا ئەچىقىپ يەرنى كۆلاپ، قىلى بىلەن يەر سۈپۈرۈپ ئوينىدىم.  شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىك سۈپۈرگىنى سۇندۇرۋېتىپ تاشلىۋېتىپ كىردىم.
ئىككى كۈندىن كىيىن ئانامنىڭ چىشى ئاغرىپ كىتىپتۇ. چىشىنى چوتكىلىماقچى بۇلۇپ ئىزدەپ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مىنى چاقىرىپ سورىدى. بۇ ئۆيدە نەرسىلەرنى بۇزۇدىغان، تىقىپ قويغان نەرسىلەرنى تېپىۋېلىپ چۇۋۇپ تاشلايدىغان، چاپتىكەش بالىدىن مەن بىرسىلا بارئىدىم. قايسى بىرى بىرنەرسىسىنى تاپالمىسا مىنى قورقۇتۇپ ئىخرا قىلدۇراتتى.مەن تېنىپ تۇردۇم. ئانامنىڭ ئاچچىقى راسا كەپتىكەن ئۇتۇن يارىدىغان پالتىنى ئەكىرىپ ئالامەت قورقۇتىۋەتكەنتى. مەن شۇ ۋاقىتتا «مىنى راسلا چېپىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ بەك قورققانتىم.
جېنىم ئانا مىنى كەچۈرۈڭ ! خاپا بولماڭ ! ئۇ نەرسىنىڭ سىزگە ئۇنچىۋىلا قىممىتى بارلىقىنى ئەسلا بىلمايدىكەنمەن. شۇ ۋاقىتتا مىنى ئۇرغىنىڭىز ئېسىمدا بار ئەمما ئۇنىڭدىن بەكىرەك سىزنىڭ چىشىڭىزنىڭ ئاغىرقىغا چىدىماي ۋايسىراپ كەتكىنىڭىز تېخىمۇ ئىسىمدە قاپتۇ. شۇڭا مىنى ئۇرغىنىڭىزنى ئۈزۈمگە ھەقلىق ! مەن ئۇنىڭدىن ئىككى دۇنيا رازى . . .  سىزمۇ ئوغلىڭىزنىڭ بەڭۋاش، چاپتىكەشلىكىدىن رازى بۇلارسىزمۇ ؟ بۇيەردە تىلغا ئالغىنىم بىرلا ئىش بولسىمۇ سىزنى بىئارام قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئۈزۈممۇ ساناپ بۇلالمايمەن. ئانا مىنى كەچۈرۈڭ !

دادا سىزنىڭ نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىشىپ چىققان يۇڭ ئارغامچىڭىزنى كىسىۋەتكىنىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. نىمانچىۋىلا بەڭۋاش بالا بولغىيدىم دەپ قالىمەن. قۇلۇمغا بىر كىۋەزۈن چىقىپ قاپتىكەن. كارۋات، تۈگۈرۈكلەرنى چاناپ چىقتىم. چۈنكى كىۋەزۈن بەك ئىتتىك بۇلۇپ نەگە سالسام پېتىپلا قالاتتى. شۇ قاتاردا كارۋات ئۈستىدە تۇرغان ئارغامچىنى بىر قۇيۇپلا ئۈچ يەردىن ئۈزۈۋەتكەنتىم.
شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ «بىزدە نىمە ئۈچۈڭ بار !ئۆيدىكى نەرسىلەر سىنىڭ كاساپىتىڭدىن بىركۈن ساق تۇرالمايدۇ » دىگىنىڭىز ئىسىمدە بار . دادا سىلەردە ئۆچۈم يوق. لېكىن، بەڭۋاشلىق، كىۋەزۈننىڭ ئىتتىكلىكىدىن چىققان ھوزۇرغا قىززىقتۇرۇپ شۇندا قىپ ساپتىكەنمەن. سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى چاپتىكەشلىكلىرىممۇ ئاز ئەمەس مىنىڭ كەچۈرۈڭ ! بالىڭىزنىڭ بەڭۋاشلىقىنى كەچۈرۈڭ !
ئاكا سىزنىڭ تەستە پۇل يىغىپ سېتىۋېلىپ سېلىشقىمۇ كۈزۈڭىز قىيماي ئۆيدە قۇيۇپ قويغان سائىتىڭىزنى تېپىۋېلىپ ئاۋۋال ئىچىنى كۆرۈپ باقماقچى بۇلۇپ ئاچقىنىم، كەينىدىن نۇرغۇن نەرسىللىرىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ سائەتنى قۇراشتۇرالماي ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپ سىزنىمۇ بەك جىلە قىلغانتىم . مىنى كەچۈرۈڭ ! قۇلىڭىزغا نەچچە سائەت تاقاپ قويدىميۇ نىمىشقىكىن ھېچ قايسىسى ئاشۇ سائەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغاندەك تۇيلىدۇ. تەربىيە قۇبۇل قىلماس، بەڭۋاش بالىغا ئاكا بۇلۇپ قالغىنىڭىز سەۋەپلىك دائىم بىرنەرسىللىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالاتتىڭىز. . . شۇنداقتىمۇ مىنى ئۇرمايتتىڭىز . . . بىر قېتىم گەپ تالىشىپ قېلىپ سىزنى تازا ئۇرۇپتىمەن. سىز جىم تۇرۋالسىڭىز «مەندىن قورقىدۇ ،كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ قاراپتىمەن.  نىمە دىگەن ئەخمەقلەرچە خىيال ھە-بۇ . «مىنىڭ ئۇكام، ئۈزى كىچىك» دەپ يول قۇيۇپ جىم تۇرۋالغىنىڭىزنى ئۇققىنىمدا كانىيىمغا قىلتىرىق قادىلىپ قالغاندەك بىئارام يۈردۇم.

بائىممە سىنىڭ ھاياتىڭدىكى تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ ئىكەنلىكىمنى بەك كىچىكىپ ھېس قىلدىم . چۈنكى سەن تۇنجى «مەن ساڭا كۈيۈپ قالدىم» دىگەندە ئاران 12 ياشتا ئىكەنمەن. مەن سىنى شۇ ۋاقىتتا «جالاپ»، «بۇزۇق» دەپ تىللىغانتىم. چۈنكى سەھرادا ئۇغۇل بالىغا گەپ قىلغان، سالام خەت يازغان قىزلارنى جالاپ دەيتتۇق. لېكىن سەن ئۈن-تىنسىز تۇرغانتىڭ. مۇشۇنداق ئاھانەتكە سەۋىر قىلدۇرغان ئاشۇ سەبى قەلبىڭدىكى مۇھەببەت ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ سەن شۇ ۋاقىتتا 14 ياشتا ئىكەنسەن، سەندىكى بۇنچىۋىلا قىزغىن، جۈرئەتلىك مۇھەببەت تۇيغۇسى نەدىن كەلگەن بولغىيدى. مىنىڭ نەزىرىمدە 14 ياشلىق قىزلار مۇھەببەت دىگەن گەپنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمايدۇ دەپ ئويلايدىكەنمەن. سىنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنى 4 يىلدىن كىيىن ھېس قىلدىم. چۈنكىن سەن 4 يىلدىن كىيىنمۇ يەنىلا ماڭا قىزغىن ئىپادە بىلدۈرگەنتىڭ ! ماڭا«  5يىل بولدى، ئۈزۈمنى زىلەيخا سىزنى يۈسۈپ بىلىپ سىزنى ساقلاپ كىلىۋاتىمەن» دىگەنتىڭ ! سىنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ چىنلىقىنى بىلگەن بولساممۇ يەنىلا پەرۋا قىلمىغانتىم چۈنكى قاتتىق ئىشتىياق بىلەن ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. مۇھەببەت دىگەن بۇ نەرسە ئادەمنى زەھەرلەيدىغان نەرسە دەپ قاراپتىكەنمەن. سەن ماڭا «يۈرەك ئوغىرسى» دەپ بىر شىئىرلار تولىمىنى سوۋغا قىلدىڭ ۋە ئۈزىگىمۇ بىرە نەرسە سوۋغا قىلىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ مەن مەجبۇرلانغاندەك تۇيغۇدا ئىككى يۈۋەنگە بىردانە خاشۇ بولوپكا سوۋغا قىلدىم. ۋە شۇندىن بىرى ساڭا كۆرۈنمەي يۈردۈم. سەن دائىم ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بۇيىغا چىقىپ بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ ئولتۇراتتىڭ. ئۆيدىكىلەر «بائىممەڭ سىزنى ساقلاۋاتىدۇ» دەپ كۈلۈشۈپ كەتكەندە سەندىن نۇمۇس قىلىپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۋاپتىكەنمەن.
كىيىن توي قىلدىڭ بىريىلدىن كىيىن ئېغىر پالەچ بۇلۇپ قالدىڭ ! 4 يىل پالەچلىك كىسىلىنڭنىڭ دەردىنى تارتقاندىن كىيىن قازا قىلىپ كەتتىڭ ! سەن قازا قىلىشتىن ھەپتە ئىلگىرى ئانام كۆرگىلى كىرگەندە مىنى سوراپسەن «ئۆيدە بار»دىگەندە «بىر كىرگەن بولسا بىرقېتىم كۆرۋالغۇم بار ئىدى. بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك تۇرىمەن»، دەپتىكەنسەن ئانام چىقىپ كىرىلى دىسە بۈگۈن ئەتە دەپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى سىنىڭ نامىزىڭغا چىقتىم.
سەن قازا قىلىپ بىرە ئايدىن كىيىن ئىنىڭ «ئاچام مەن قازا قىلىپ كىتىپ قالسام بۇنى يۈسۈپجانغا بىرىپ قويغىن» دەپ بىر لىپاپىنى بەردى. ئاچسام بىر نەچچە پارچە خەت بىلەن ھېلىقى بولوپكا ئىكەن.  بائىممە سىنىڭ ئالدىڭدا كەچۈرۈم سوراشقا ئامالسىز . . .  قەبرە بېشىڭغا چىقىپ سۈرە تابارەكنى تىلاۋەت قىلسام بىلەرسەنمۇ ؟ يۈسۈپۈم چىقىتى دەپ خۇرسەن بۇلارسەنمۇ ؟ ئالدىڭدا كەچۈرۈم سوراشقا ئامالسىزمەن.  سوۋغا قىلغان كىتابىڭغا «ئۆيدىكىلەرنى ئەلچىلىككە كىرگۈزۈپ مىنى ئىگىلەپ قۇيۇڭ !سىز تەييار بولغۇچە ساقلايمەن »دەپتىكەنسەن ! ئۆيدىكىلەرمۇ «بائىممە بەك ئاۋارە بۇلۇپ كەتتى ئىگىلەپ قۇيامدۇق» دىسە پەرۋايىمغا ئالماپتىكەنمەن.
بۇ پاجىئەگە كىم سەۋەپچى ؟ كىمنىڭ خاتالىقى ؟ كىمنىڭ نادانلىقى بىلەن ھاياتىڭ سېغىنىش ئىچىدە تامام بولدى.  ئۇ مىنىڭ، بالىلىقىمنىڭ، سەبىلىكىمنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ؟ بۇ غۇبارسىز بالىلىق بىر ئادەمنىڭ قاتىلىغا ئايلاندىمۇ ؟ چۈنكى سەن خېتىڭدە ئۆزۈڭنىڭ ياتلارغا قىلىنغان مەجبۇرى تويغا، مىنى ئۇنتىيالماي جېنىڭ قىينىلىپ بەرداشلىق بىرەلمەي قىلىپ سالغان بەزى ئىشلىرىڭنىڭ كىسىلىڭگە سەۋەپچى بولغانلىقىنى يېزىپتىكەنسەن.  مىنى كەچۈرەمسەن بائىممە ؟ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ زەربىسى ھەممە ئادەمگە ئېغىر كىلىدۇ. ئەمما، سىنىڭدەك پاجىئەگە قويماس . تۇنجى مۇھەببەتنىڭ بەدىلىنى سەندەك تۈلەپ كەتمەس.  ئاشۇ 11-12 ياش ۋاقتىمدا ئۆيۈڭگە تىلىۋىزور كۆرۈشكە كىرمىسەم بۇپتىكەن. پاجىئە ئەنە شۇيەردىن باشلانغان !
مىنى كەچۈر بەلكىم بۇ ئەفۇنى قەبرە بېشىڭدا تۇرۇپ سورىسام بەكىرەك توغرا بۇلار . . .

قۇيۇش كونوپكىسىنى بېسىڭ !

مەلىمخان ئانا مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ باي ئادەم سىز ئىدىڭىز . سىز بىر تول خۇتۇن ھەم نامرات بولسىڭىزمۇ تۇنجى 10 يۈۋەنلىك پۇلنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە كۆرگەنتىم. سىزنىڭ بايلىقىڭىزنى بۇلاش مەقسىتىدە يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيىڭىزگە كىرسەم ئۆيدە ئادەم يوق. سىزنىڭ پۇلنى كىگىزنىڭ قېتىغا تىقىپ قۇيدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم . كىگىزنى ئۆرىسەم بىرمۇنچە پۇل باكەن 15 يۈەننى ئېلىۋېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ۋە بالىلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردىم. ئۈزۈمچە بايلارنى بۇلاپ نامراتلارنى يۈلىگەن بىر قەھرىمان بولغان ئىدىم. سىزنىڭ بالىڭىز بولمىغاچقا مىنى ئۆزبالىڭىزدەك كۆرەتتىڭىز .شۇنداق قىلىپ ئۆيىڭىزگە كىرىپ چىقىپ يۈرۈپ نەچچە يىل ئۆتتى .ھەرقېتىم سىز يوق ۋاقىتتا كىرسەم پۇلىڭىدىن 15-20 يۈەننى ئېلىۋالاتتىم. چوڭ بۇلغانسىرى بۇ ئىشنىڭ ئوغۇرلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ سىزگە راستىنى دىيىش نىيتىدە يۈرگەندە بۇگەپنى ئۆزىڭىز دىدىڭىز. ئەسلى مىنىڭ قانچە قېتىم، نەچچە پۇل ئالغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپتىكەنسىز. ئەمما سىزگە شۇنچىلىك يېقىن يۈرگىنىمدىن خۇشال بۇلۇپ رازى بۇلۇپتىكەنسىز ؟ پۇلىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ چېغىدا تۇلۇقلاپ قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ يۈرگەن كۈنلەردە سىزمۇ كىتىپ قالدىڭىز .گەرچە ئۆزىڭىز رازىلىق بەرگەن بولسىڭىزمۇ ئاشۇ ئىشىم ئۈچۈن دائىم خىجىل يۈرىمەن. « ئۆلسەك بېشىمىزغا دۇئا قىلارمىكىن دەپ ئۇقۇتتۇق.  مىنىڭ قەبرەمنى يوقلىغۇدەك ھېچ نىمەم يوق.  سىز يوقلاپ تۇرڭ بالام» دىگەن دۇختۇرخانىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرڭىزدىكى گەپلىرىڭىز مىنى يېزىغا ھەر بارسام قەبرىستنالىققا  ئالدىرتىدۇ. بالىڭىزنىڭ ئوغۇرلىقىغا رازى بۇلۇڭ مەلىمخان ئانا . . .

ئابلەھەت ئادىشىم سەن ئۇنتۇدۇڭمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن ئەمما مەن ئۇنتىيالمىدىم. ھايات بولغان بولساڭ ئالدىڭغا نەچچە بارار ئىدىم. ئەمما سەن تۇلىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا كىتىپ قالدىڭ ! سىنىڭ ئۈلۈمىڭگە بىۋاستە نامراتلىق سەۋەپ بولدى دەپ قارايمەن.
بىرخالتا ئۇغۇتنى ئەسلى 4 مو يەرگە چاچىدىغان ئىش ئىكەن. سەن ئۇقماي ئىككى مو يەرگىلا چېچىۋېتىپسەن . ئاران ئالغان بىرخالتا ئۇغۇتنىڭ يەرنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەنىنى كۆرگەن داداڭ سىنى ئۇغۇل بالا دىمەستىن قاتتىق ئۇرۇپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن 16 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىڭ ! بۇ ئاھانەتكە چىدىماي چاشقان دورىسى ئىچىۋاپسەن. لېكىن چاشقان دورىسىڭ قىينىقىغا چىدىماي خوشناڭغا يالۋۇرۇپسەن ،خوشناڭ موتوغا مىندۇرۇپ دۇختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغاندا قازا قىپسەن يېزىلىق دۇختۇرخانىغىمۇ 8 كىلو مىتىر كىلەتتى ئەمەسمۇ ؟
سىنىڭ قارامتۇل چىرايىڭ، دورداي كالپۇكۇڭ ، ۋىجىك بەدىنىڭ خاتىرەمدە بەك ئىنىق ساقلىنىپ قاپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن سەن بىلەن 4 يىل باشلانغۇچتا بىللە ئۇقۇدۇق ئەمەسمۇ ؟
شۇ ۋاقىتتا جاڭگالدا كالا ھەيدەپ ماڭغان يەردە سىنى خوشنامنىڭ بالىسى ئابدۇللا ئەمەر بىلەن ئۇچۇرتىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە بىزنى بۇزەك قىلغان دەپ سىنى ئىككەيلەن تازا ئۇرۇپتۇق شۇ ئىشتىن ئىككى ئاي ئۈتۈپ ئۈلۈمىڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدىم.
مىنى كەچۈرگىن ئاداش ئەسكىلىكىمنى كەچۈرگىن . . . بىز ئاداش ئىدۇق .
ئاھ . . .  جىنايەتكە تولغان بالىلىق، گۇناھكار غۇبارسىزلىق، سەبىيلىك ! ئويلاپ باقسام كەچۈرۈپ سورايدىغانلىرىم بەك جىقكەن . . .  بۇنداق يازغىلى تۇرسام ئايىغىنى چىقىرالايدىغاندەك ئەمەس . . . بېشىم تۇپراقتا . . . يېشىم تۇپراقتا . . . مىنى كەچۈرۈڭلا !



Rank: 2

توردا
768 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2044
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:26:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز- ئۆزىىنى كەچۈرۈشمۇ بىر تەسەللى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:39:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بائىممەنىڭكىنى ئوقۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتىم دىسەم ئىشىنىڭ، كۆزلىرىم ئەمەس يۈرىكىممۇ تەڭ يىغلىدى... مەن ناتونۇش بىر ئادەم ئوقۇۋېتىپ بۇنچە يىغلىغان يەردە بۇ ئىشلارغا شاھىد بولغان سىز يېزىۋىتىپ قانچە ئازابلانغانسىز... يېزىش ئۇسلۇبىڭىز ۋە تىل ئىشلىتىشىڭىزگە مەن قايىل. ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈشنى خالايمەن.

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراشلىق ۋە سالامەتلىكىمنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى مۇنبەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، كىرسەممۇ تېمىلارنى، ئىنكاسلارنى ئوقۇپلا چىقىپ كېتىپ باراتتىم، بىراق روھچىننىڭ بۇ يازمىسىغا بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلماي چىقىپ كېتىشكە قەتئىي رايىم بارمىدى.
ئۆزۈمنى زادىلا تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، روھچىن، بەزىدە ئادەمنىڭ قەلىب قەسىرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈپ قالغاندەكلا يازىسىز، چۈنكى يازمىلىرىڭىزنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ بالىلىقتىكى كەچمىشلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم، نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار....... مۇزىكىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلانغاچ، يازمىڭىزنى قايتا- قايتا ئوقۇپ، سىزنىڭ شۇ بەڭۋاشلىقىڭىزنى كىنۇ كۆرگەندەك كۆز ئالدىمغا بىرمۇ- بىر كەلتۈردۈم، شۇ گۆدەك، شۇ غەمسىز، شۇ بەڭۋاش بالىلىقىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم، يازمىڭىز ھەقىقەتەن بەك تەبىئىي چىقىپتۇ، ھارماڭ ئۇكام

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
492 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏بەزىدە ئادەم شۇنداق ئولتۇرۇپ كىچىك چاغلىرىدىكى بەڭباشلىقتا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ ،لېكىن بۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەچۈرۈم سوراپ ئاشكارىلايدىغانلار كۆپ ئەمەس ،شۇڭا يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى شوخلۇقلىرىم ،قاقشاتقان ئادەملىرىمنى ئويلاپ كېتىپتىمەن ،چىن ھىسيات بىلەن يېزىلغان بۇ كەچۈرۈم سوراش خېتىنى ياقتۇرۇپ قالدىم

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
492 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:07:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏بۇنى ئوقۇپ بولۇپ ئېسىمگە بىر كىنو كېلىپ  قالغانتى ،شۇ نىمۇ يېزىپ قويسام قاقشاپ كېتەرسىزمۇ
‏ھېلىقى 非诚勿扰‏دىگەن فىلىمدا باش پىرسۇناژ بىر چېركاۋدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ توختاپ پوپقا گۇناھلىرىمنى ئېيتىپ تىلىۋالاي دەپ كىرىپ يەسلىدىن باشلاپ قىلغانلىرىنى سۆزلەپ ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندە پوپ چارچاپ ئۇنىڭ دوستىغا :دوستۇڭلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ سەل ئالدىغا ماڭساڭلار چوڭ بىر چىركاۋ بار شۇ يەرگە ئاپىرىڭلار ،بىزنىڭ چىركاۋ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى تىلىشىگە كىچىك كېلىپ قالدى دىگىنى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ باشلىق،بۇ ھەقتە ئايرىم بىر توختىلاي...

مەندىن كەچۈرۈم سوراشنى ئۇنتۇپ قاپسىز جۇمۇ!  QQ  دىكىسى ھىساپ ئەمەس دەيمەندە!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
19
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلىپىدىلا بىر كىچىك بۇزغۇنچى ئىكەنسز ..............
                                كىيىنكىلىرى بەك تەسىرلىك ئىكەن .........

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:01:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مېنى كەچۈر ئانا...ئەپسوس تولىمۇ ئەپسوس سەن يىغلىسام كۆز يېشىمنى كۆرەلمەيدىغان،ئۇھسىنسام ئاھىمنى ئاڭلىيالمايدىغان يىراقتا جېنىم ئانا،مەن شۇتاپ مۇنبەردىشىم روھچىن ئاكامنىڭ يازمىسىغا ئەگىشىپ سېنىڭ ئىزدىسەم تېپىشقا قىلچىلىكمۇ مومكىن بولمايدىغان ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت تۇرقىڭغا زار-زار بولۇۋاتىمەن جېنىم ئانا.
   كىچىكىمدە دائىم ‹‹تۆتقۇلاق››نىڭ ھېكايىسىنى ئېيىپ بېرەتتىڭ،‹‹بالام،تۆتقۇلاق بەخىتنىڭ سىموۋولى،ئۇنى تېپىۋالغان ئادەم مەڭگۈ بەخىتلىك بولىدۇ،قىزلار تۆتقۇلاقتەك بولىشى كېرەك،سېنى تاپقان كىشى چوقۇم بەخىتلىك بولىشى كېرەك،مانا شۇڭا بوۋاڭ مېنى تۆتقۇلاق دەپ چاقىرىدۇ››دائىم شۇنى دەيتتىڭ،ئېسىڭدىمۇ،گۈلنىسا،رەيھانلار ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئوينايمىز دەپ تۇرىۋالسا تۆتقۇلاق ھېكايىسىدىن قېچىش ئۈچۈن ئايىغىمنى سىرتقا قارىتىپ ئاتاتتم-دە،ئايىغىمنى مۈشۈك ئەپ قاچتى دېگەن باھانە بىلەن سىرتقا قېچىپ كېتەتتىم...
   شۇ مەن ياقتۇرىدىغان يامغۇرلۇق كۈن،مەن خۇشال يامغۇردا سەكرەپ-تاقلاپ،ئىمتىھاننى تۈگەتكەن كۈن،مەن قاقلاپ ھايات قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتقان كۈن...دەل،دەل شۇ سەن مېنى تاشلاپ كەتكەن،ياق،ياق ئۇخلاپ قالغان كۈن،شۇ بىر تىلفۇن،ئۆيگە كەمدىن كەم كېلىدىغان نەۋرە ئاچامنى تىترەڭگۈ ئاۋازى...چوڭ ئاپامنىڭ ھۇشسىز ياتقان ھالىتى...ئاپامنىڭ ماڭا ئېسىلىپ قان-زار يىغلىشى...مەن يامغۇرغا قوشۇلۇپ كەتتىم،كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى يامغۇر بولۇپ قۇيۇلۇپ كەتتىم...سەن ۋە مەن ياخشى كۆرگەن يامغۇر ماڭا ئايلاندى،ئايىغىمنى سىرتقا قارىتىپ كۈچەپ ئاتتىم...بۇ ئاياغ چوڭلاپ كېتىپتۇ...يالاڭئاياغ ئاياغ تامان يۇرۈپ كەتتىم،تۆتقۇلاق ئىزدىگىلى كەتتىم................
   قېنى ئىككى مو؟قېنى...جاھاندا بىردىنبىر مەن بىلەن بىر قېرىندا ياتقان ئەزىزىم ئاكا،پەھلىۋان،زەبەردەس يىگىت بولدۇڭ ئائىلەڭ بولدى،شۇنداق كۈنلەر بولغان ھە!؟سەن،مەن ئىككىمىز ،ھويلىدا ئىككى مو تالىشىپ قانچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى پارتىلاتمىغان،بۇ ئۇرۇش ئائىلە تارىخىمىزدىكى خېلى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئۇرۇش ئىدى،مەندەك ئۆينىڭ كىچى بولمىش سىڭلىڭ ئۇششۇقلۇق قېلىپ ئىككى مونى سەندىن تالىشىپ ئېلىۋالغان...مانا 200يۇەننى ماڭا ئۇزىتىۋاتىسەن...مەندەك ئادەم سېنى قانچە قېتىم تىللىمىغان،ئېسىمدە،ئاكا ئېسىمدە ھېلىقى قونچىقىمنى بىر پارچە گۆشكە تىگىشىۋەتكەندە بوۋامغا يالغان ئېيتىپ سېنى بىر كاچات ئۇرغۇزغىنىم ئېسىمدە...مېنى كەچۈرگىن ئاكا...بىلىمەن سەن كەچۈرۈپ بولدۇڭ...لېكىن مەن ئۆزۈمنى كەچۈرۈشكە ئاجىزمەن...
   دادا،سەن ئاپام كېسەل بولۇپ قېلىش،مېنىڭ ھەددىدىن زىيادە يىغلىغاق بولۇش،ئاكامنىڭ كەپسىزلىكى تۈپەيلى ئۆزۈڭنىڭ قىزىقىشى،ئارتۇقچىلىقى بولغان يېزىقچىلىقتىن مەڭگۈلۈك قول ئۈزۈپسەن،توۋۋا،توۋۋا مەن سېنى قاتىلىڭ دادا،شۇ دەۋىرلەردە مەكتەپتە ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۆز تىرىشچانلىقىڭ ئارقىلىق ئۆگىنىپ مەكتەپلەرگە ئۆتكەنىكەنسەن پاسىبانىم دادا...تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئىدى،مۇئەللىم مېنى تۇرغۇزۇپ سىزنىڭ دادىڭىز بۇرۇن خېلى نەرسىلەرنى يازغان ئىدىغۇ،ھە سىزمۇ بىر كەلتۈرۈپ قويمامسىز دېدى،مەن نەدىن بىلەي دادا،‹‹ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەسقۇ دەيمەن››دەپ قۇتۇلاشتىم،جېنىم ددا ئۇكىشى سەن ئىكەنسەن ئەمەسمۇ،شۇ ئەمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىنغان قەدىمىڭگە مانا بىزلەر پۇتلاشتۇق...بىزنى سەن كەچۈردۈڭ...
   ئاپا مېنى كەچۈر...ھوشۇڭدىن كېتىپ،جىددى قۇتقۇزۇلۇپ ئىشىكتىن چىقىپلا مېنىڭ ئىسمىمنى توۋلاپسەن،ھاياتىم خانتاجى،جېنم ئاپا مەن شۇ چاغ خىرامان دەرس ئاڭلاۋاتقانىكەنمەن،سەن ئىسسىق ياشلىرىڭدا ئاكامنىڭ قوللىرىنى نەمدەپ،چىڭ قاماللاپ تۇرۇپ‹‹مېنىڭ بىر تال گۈلۈم،ياخشى قارا ئۇكاڭغا....››دەپ بىر مۇنچە تاپىلاپسەن ،مەن شۇ چاغ دەرستىن چۈشۈپ تاماق يەۋاتاتتىم،سەن يەنە ئۇخلاپمۇ ئىسمىمنى تەكرار تەكرار چاقىرىپسەن ،ئېھ ئاپا،يۈرىكىمنىڭ سەكپارىسى،جېنىمنىڭ جانانىسى،قەدىردانىم ئاپا مەن شۇ چاغدا سەندىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا ...يۈرىكىم تۇيدى،تىلفۈن قىلدىم ،قىلچە چاندۇرماپسەن،مەن ھاڭۋاقتى خاتىرجەم تىلفۇننى قويدۇم...تالاي-تالاي ئىشلار ئاپا مېنى كەچۈر،ئاللاھ خالىسا ئۈمۈدىڭنى ئاقلايمەن...كەچۈر،كەچۈر...
   مېنى كەچۈرۈڭلار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غۇنچەقىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:06  


ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
417 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
879

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسما يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:31
دەسلىپىدىلا بىر كىچىك بۇزغۇنچى ئىكەنسز ..............
            ...

مۇنبىرىمىزگە قېتىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن. ئەسما ئىسىملىك بىر قېرىندىشىم بار ئىدى شۇنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:43 , Processed in 0.077098 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش