يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1879 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 16

بولدىلا مۇھەببەت كەتسەڭ كىتىۋەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
281 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
778
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بولدىلا مۇھەببەت كەتسەڭ كىتىۋەر

گۇلنىسا ئىمىن

مۇھەببەت سەن ئۈچۈن بەردىم كۆپ بەدەل،
ۋە لېكىن ئىچمىدىم ۋىسال شارابى.
ياغدۇردۇم سۇئاللار دۇقاللىرىڭغا،
سوغ كۈلۈپ قۇيۇشۇڭ بولدى جاۋابى.


قەلبىمدە كۆكلەتتىم سۆيگۈ دەرىخى،
ئەقىدە سۈيىدە سۇغاردىم ئۇزاق.
ئۇنىڭدىن ئالغىنىم بولدى بىر شاكال،
بەلكىم سەن ئاڭىمۇ قويغانسەن تۇزاق.


ساقلىدىم كۈنۈ-تۈن دوقمۇشلىرىڭدا،
قۇلۇڭنىڭ ئۇچچىنى تۇتقۇزماي كەتتىڭ.
بىر ئەركە شاھ ئىدىم،ئەمدى يۇلۇڭدا،
بىر تېمىم سۈيۈڭگە خارۇ-زار ئەتتىڭ.


يۇلۇڭغا راسلىدىم پۇلدىن پايانداز،
ئەپسۇسكى بىر نەزەر سالمىدىڭ ئاڭا.
ئارقاڭدىن يۈگۈردۈم خۇشامەت بىلەن،
يەنىلا شاللاندىم يارىماي ساڭا.


سەدىقە تىلىدىم بۇلۇپ قەلەندەر،
ۋە لېكىن ئالغىنىم سۇغۇقلا قاراش.
باغۋەن بوپ راسلىدىم ساڭا گۈلچىمەن،
ئىسىڭدىن كەچمىدى گۈللەرنى پۇراش.


ئىت بۇلۇپ بۇسۇغاڭ تۈۋىدە ياتتىم،
چاغ دىدىڭ تاشلىماي بىر تال سۈڭەكمۇ.
بېغىڭغا كىرگەنتىم بۇلۇپ كىپىنەك،
پۇراتماي قوغلىدى ھەتتا چىچەكمۇ!


بازىرىڭ قۇرۇق قول ياندۇردى مىنى،
گۈل چاغلىق نەرسەڭگە يەتمىدى كۈچۈم.
قوغلامسەن ھېچنىمە بەرمەستىن ماڭا،
بارمىدى يا مەندە تۈگىمەس ئۆچۈڭ.


بولدىلا ،مۇھەببەت كەتسەڭ كىتىۋەر،
مەن قايتاي ئۆزۈمگە ،ئادەملىكىمگە.
ئىىتقاد ،غۇرۇرۇم يول قويماس ئەمدى،
ئۆتكۈزگەن شۇنچە كۆپ سەۋەنلىكىمگە!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:26  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
281 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
778
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىمنى  بۇ مۇنبەرگە يوللىمىغان چېغىم،باشقا مۇنبەرلەردە ئىگىسىنى تاپالماي  مۇساپىرنىڭ كۈچىكىدەك يۇرۇپتۇ.شۇڭا بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويدۇم قۇلاقلىرىدىن سوزاپ تازا.
بۇرۇنمۇ يوللاپ سالغان بولسام يەنە يوللاپتۇغۇ دىمەي  بوپتۇ دەۋىتەرسىلەر گۇناھىمدىن ئۈتۈپ  ھە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:32  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
933 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1645
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلۇپلا ئەكەپسىزدە .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
281 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
778
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:47
يۇلۇپلا ئەكەپسىزدە .

شۇ، ............. يۇلۇپلا ،......تارتىپلا ئەكەلدىم مۇنداق ئاچچىغىمنىڭ دەردىدە............

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
933 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1645
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈتكەن نەرسىنىڭ سېپى ئالتۇن دەپ ھەر نىمە بولسا ئۈزىڭىزگە ئۇچراپتۇ

Rank: 1

توردا
270 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:49
شۇ، ............. يۇلۇپلا ،......تارتىپلا ئەكەلدىم مۇنداق  ...

ئاچچىقىڭىز كەلگىنىنى ئۇققانتىم مەن.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:30
بۇ شئېرىمنى  بۇ مۇنبەرگە يوللىمىغان چېغىم،باشقا مۇنبە ...

مەنمۇ قايتاقۇيتا يوللىۋەردىمغۇ،ھېچقىسى يوق

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 2

توردا
767 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2044
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتۋەر مۇھەببەت دىگەنكىن،نەگە كەتسە كەتكەندۇ......
  كەتكەنكەندىن كىيىن چىدالماي ياندۇرۇپ ئەكىلىپسىزغۇ مانا.
      شېئىر دىگەن ماندا بولمامدۇ ،بەزى شېئىرلارنى ئوقىسام گاڭگىراپلا قالىمەن، مەقسەت -مۇددىاسىنى چۈشەنمەيمەن.

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
19
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:34:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خە خە ................ئەسلى ئىگىسى سىز ئىكەنسىزدە ..................باشقا يەرلەردە تىنەپ يۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ ؟ ھە نىمە بولسا ئەكىلۋالغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ ............سوغاق چۈشۈپ قالغاندا تەس بولاتتى ..............

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ كەلمىگەننى قوغلىايمان

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:14 , Processed in 0.059689 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش