يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1874 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 10

نەۋرىزە: ھەي مۇھەببەت!!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى تەسىرلەندۈرگەن  ئەرنىڭ پەۋقۇلادە مۇھەببىتى
توۋا...! بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىپ تۇرىدىغان، يۈز كۆزلىرى شالتاق بىر كىچىك بالا ئاپا...ئاپا...دېگەنچە يۈگۈرۈپ ئويناۋاتاتتى. بىر ئەرنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ بىر ئايال بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتاتتى. قارىسام ئالدىدا بىر دۆۋە كۆكتات، قوغۇن- تاۋۇز دېگەندەكلەر دۆۋلىنىپ تۇراتتى، ئۆتەر يولۇم بولغىنى ئۈچۈن، بىرەر تال تاۋۇز ئېلىش مەخسىتىدە تاۋۇزدىن بىرنى تاللاپ جىڭلىتىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ قېشىغا باردىم ، ئۇ ئەردىن كىلوسى قانچە، دەپ تاۋۇزنى جىڭلاپ بېرىشكە ئۆتۈندۈم. ئۇ ئەر ماڭا ئەپچىللىك بىلەن قول شەرىتى قىلىپ <<ھېچ نىمە ساتمايمەن، ئايالىم ئۇخلاۋاتىدۇ... بولدى گەپ قىلماڭ، ئۇ ئويغۇنۇپ كېتىدۇ>> دېگەندەكلەرنى بىلدۈردى، ئاپا...ئاپا...دەپ توۋلاپ يۈرگەن بالىنىمۇ يېنىغا تارتىپ دۈشكەلەپ قۇچاقتىكى ئايالىنى كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ زىۋانىنىمۇ يىغدى بولغاي. ئاغزى بۇرنى شالتاق بۇ بالا، ئەسلىدە بۇلارنىڭ بالىسى بولۇپ. بۇلار داۋاملىق مۇشۇ دوخمۇشتا ئۇنى بۇنى ساتاتتى. بىلىشىمچە مۇشۇ كىچىك تىجارەت ئارقىلىق جېنىنى باقاتتى. كۈندە قېشىدىن ئۆتسەم، <<كۆكتات ئېلىۋالمامسىز>> دەپ يولۇمنى توسۇيدىغان كىشى بىردەمدىلا ھېچنېما ساتماس بولۇپ قالغىنىنى قارا دەپ، توۋا......دېگىنىمچە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ، ھەم ھەيران قېلىش نەزىرىدە سىنچى كۆزلىرىم بىلەن ئۇلارنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتتۈم، ئۇلارنىڭ سېتىش ئۈچۈن دوۋلەنگەن نەرسىلىرىمۇ چوڭ دۆۋە ئەمەس، كىشىگە ئاز- ئازدىن، ئۇدۇللۇق كۈندىلىك سېتىلىپ بولىنىدىغان نەرسىلەردەك تۇيغۇ بېرەتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزى دەل ياز ۋاقىتى بولۇپ، پىشغىرىم ئىسسىق، قۇياش زىمىنغا سېخىلىق بىلەن نۇرىنى چېچىپ كىشىنى ئازاپلايدىغان تىنجىق ھاۋا شەكىللەنگەن ئىدى، بولۇپمۇ بۇ ۋاقىت چىڭقى چۈش بولغىنى ئۈچۈن، ھاۋا ناھايىتىمۇ ئىسسىق، ئاسماندا ئالقانچەمۇ بۇلۇت يوق، شامالدىن قىلچە ئەسەر يوق، ھاۋا قېتىپ قالغاندەك، يالقۇنجاپ تۇرغان يۈزلەر بىئاراملىق ئىچىدە شامالنى تەققەززالىق بىلەن كۈتىۋاتاتتى. ئادەم ئۆزىگىمۇ ئۆزى ئېغىر كېلىپ خۇشياقمايدىغان كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ۋاقىت ئىدى، ىىراق شۇ تاپتا بىردىن- بىر بەخىتلىك ئايال دەل ئەرنىڭ قۇچىقىدىكى ئايال ئىدى، ئەر بىر قۇلىدا كۈنلىكنى ئايالىنىڭ بېشىغا تۇتۇپ،ينە بىر قولىدا يەلپۈگۈچنى تۇتۇپ ئايالىنى يەلپۈپ ئولتۇراتتى. شۇنداق ئەھۋالدا بۇ كۆرۈنۈشنى كىملا كۆرسە ئۇ ئەردىن تەسىرلەنمەي قالمايدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇ ئايالغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ. مەنمۇ بۇلارنىڭ قېشىدا تۇرغۇنۇمچە، ئۆز- ئۆزۈمگە سۇئال قويۇپ، ھەقىقىي مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ دەپ ئۇ ئەردىن تەسىرلەنگىنىمچە بىر ھازا چىگىش خىيللار بىلەن تۇرۇپ كەتتىم. ھەقىقىي مۇھەببەتلا بولىدىكەن ئۇنى ئىپادىلەش تۈرلىرى تولىمۇ ئاددىي بولىدىكەن. بۇ بىر جۈپ ئەر- ئايال، كۈنلىكىنى كۈندە تېپىپ ھايات كۆچۈرىۋاتقان ئاددىي بىر ئىنسانلار بولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى مېھرى- مۇھەببەتكە تولغان تەڭداشسىز بەخىتلىك ئەر- ئاياللار بولۇپلا قالماي، يەنى تولىمۇ بەخىتلىك ئائىلە ئىكەنلىكىنى جەزمىلەشتۈردۈم ۋە ئالەمچە سۆيۈندۈم . بۇ مۆمۈن ئەر كۆز ئالدىمدا گويا بىر مۇھەببەت ئىلاھىغا شۇنداقلا مېھرى- مۇھەببەت ئەلچىسىگە ئايلاندى. دېمەك پەقەت بايلىقلا بەخىتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالماي، بەلكى ھەقىي مۇھەببەت، بولۇپمۇ مەنىۋى جەھەتتىكى مۇھەببەت كىشىلىك تۇرمۇشقا رەڭ بېرىدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم چىن پۈتتۈم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 07:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بولغان بولسام ئۆيگە ئاپىرىپ ئۇخلىتاتتىم ، كۇچىدا يەلپۈپ ئولتۇرماي

Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:18:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيگە ئاپارغۇچە ئۇيقۇسى قېچىپ كەتمەمدۇ.

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:18
ئۆيگە ئاپارغۇچە ئۇيقۇسى قېچىپ كەتمەمدۇ.

ئۇنىمىسا ئۇنىماي زاكىلاپ قۇيىمەن

Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئامالىڭىزمۇ بولغۇدەك.

دېمىسىمۇ راست جۇمۇ، ئالتۇن كۈمۈش، مال دۇنياغا كۆمۈلۈپ ياشىغان بىلەن، ئاۋۇ كۈنلۈك ئاستىدا ئېرىنىڭ قۇچىقىغا باش قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقان ئايال ھېس قىلالىغانچىلىك بەختنى ھېس قىلالمىسا بىكار.

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

Rank: 2

توردا
765 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل-بايلىق بولمىسا بولمايدۇ.لىكىن ئۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس.
تۇرمىشى ئۇتتۇر ئوقەت،قەدراۋال ئۆتكەن بىلەن ئاغرىق-سىلاقتىن نېرى بوپ،مىھرى-مۇھابەتكە ئۆز-ئارا نائىل بوپ ئۆتسە بايلىق دىگەن شۇ،مىھىرە مۇھەببەتلىك بايلىق نى نىلاردا يوق

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
416 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
879

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بايانلار يېزىشقىلا يارايدۇ ئەمەلى تۇرمۇشتا كىرەكسىز. نەچچىنچى خۇتۇن، ئاشنا بۇلۇپ مال دۇنيانىڭ ھوزۇرىنى ئىزدەشكە رازىكى ھەرگىز ئاددى  تۇرمۇشتا مۇھەببەتلىك ياشاشقا كۆنەلمەيدۇ

Rank: 1

توردا
49 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قايناقسۇ ئىچ،كۆڭلۈڭ تىچ ››دېگەندەك تۇرمۇش ئۇنچىۋالا باياشات بولمىسىمۇ،ئەمما ئەر-ئايال ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ ،بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يەتسە بەخىت دېگەن شۇ.

Rank: 2

توردا
765 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1398 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3496

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:05
بۇنداق بايانلار يېزىشقىلا يارايدۇ ئەمەلى تۇرمۇشتا كىر ...


ئۇنداق ئۈمىدسىزلەنمەڭ ئۇكام، بۇ يازمىدىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئەر- ئاياللاردەك جاپا- ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ ياشاۋاتقان ئەر- ئاياللار بىزنىڭ كۆزىمىزگە چېلىقمايدىغان يەرلەردە كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بىزنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزدىكى ۋە ئەتتىراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىزنى مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلەندۈرۋەتكەن بولسا كېرەك.
مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر ئەر- ئايال بار، ئۇلار ئىككىلىسى تازلىق ئىشچىلىرى، كىيگەن كىيىملىرى شۇنداق ئاددى، چىرايىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇر ئەر- ئاياللارنىڭ ئىش ئارلىقىدىكى ئاشۇ قىسقىغىنە دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر- بىرىنىڭ قول- پۇتلىرىنى تۇتىۋاتقانلىقىنى، ئەرنىڭ ئايالنىڭ ئاغزىغا كەمپۈت ئاقلاپ سېلىپ قويۋاتقانلىقىنى، ئايالنىڭ ئەرگە زورلاپ بىر نەرسە يىگۈزۋاتقانلىقىنى ........ ئىشقىلىپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇنداق ئاددى كۆرۈنىشلەرنى تولا كۆرىمەن، ھەر قېتىم ئۇلارنى كۆرگىنىمدە ھېلىقى باياشات تۇرمۇشتا بىر- بىرىگە دۈشمەنلەرچە ياشاۋاتقان ئەر- ئاياللارنى، ياكى ئەرنىڭ كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقى تۈپەيلى راھەت ۇترمۇش ئىزدەپ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ بالىلىرىنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاۋاتقان ئاياللارنى، ئاياللىرىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكى ياكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى ۋە ياكى ئازراق يول، پۇل تېپىپ ۋاپادارىدىن يۈز ئۆرۈپ سىرتلاردا ئاشنا ئوينايدىغان شۇ ئەرلەرنى ئويلاپ كېتىمەن، ئىچىمدە ئاللاھتىن بۇ بىر جۈپلەرنىڭ بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈشىنى ۋە مۇشۇنداق جۈپلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەپ كېتىمەن!!!


مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:37 , Processed in 0.258908 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش