يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1874 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 29

قايرىلىپ قاراپ قويدۇم... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2.gif


قايرىلىپ قاراپ قويدۇم...

قىياق


   خوشلىشىش پەيتىدە نېمىلەرنى ئويلىغىنىڭنى بىلمەيمەن، بىراق كۆزلىرىڭدىن جۇدالىقنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى كۆردۈم. بىر نەرسە دېيىشگە تەمشىلىۋاتقان لەۋلىرىڭ بوشقىنا ئۈمچىيىپ قالغان ئىدى. سەن ھامان ماڭا روبىرو ئولتۇراتتىڭ. مەن كەتمەكچى، يەنە كېلىپ سەندىن ئايرىلىپ، يىراقلارغا كەتمەكچى ئىدىم. كەتمە دېگۈڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئامما گېپىڭگە كىرمەيدىغىنىمغى سەنمۇ بىلىسەن. شۇڭا كۆڭلۈڭدىكىنى ماڭا دېيىشكە پېتىنالمايۋاتلىقىڭمۇ ماڭا قاراڭغۇ ئەمەس. گەپلىرىڭنى دېيىشكە پۇرسەت بەرسەم ھىجران يارامنى تاتىلىتىۋالىمەن، ئاندىن ئاران تەستە چىقارغان قارارىم باھاردىكى چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ. ئىستىقبال ئۈچۈن باسقان بۇ قەدەم سۆيگۈمىزنىڭ خاتىمىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رىشتىنى چىڭىتىدىغان ياكى ئۈزۈدىغان بىر سىناق. مەن شۇنى خالىدىم، ئەگەر بۇمەزگىللىك سىناقنى باشتىن كەچۈرسەك، بىز بەلكىم پىشىپ يېتىلىشىمىز مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى مەن يىراق يوللارغا نەزەر تاشلاپ، شۇ تەرەپكە قەدەم ئېلىپ بولدۇم.  ئەگەر خالىساڭ، مەن سېنىڭ يۈرىكىڭنى ۋە سۆيگۈڭنى بىرگە ئېلىپ كېتىپ، غېرىپلىق باسقان كۈنلىرىمگە تەسەللىي قىلماقچى ئىدىم...
بىلىمەن، ئۇزىتىش شۇ قەدەر تەس. سەنمۇ بىلىشىڭ كېرەك، ئۇزىتىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىن بولىدىغانلىقىنى. يۈرەكتىكى ئىزتىراپنى يۇشۇرغان بىلەن، كۆزلەردىكى ياش ۋە يۈزلەردىكى مۇڭنى يۇشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئامال بار كۈلۈپ تۇرىمىز، ئەمما، يۈرەكلەر ئاللىقاچان يار ئېلىپ بولغان... جۇدۇن سوققان ياپراقتەك تىترەۋاتقىنى يالغۇز تىنىمىزلا ئەمەس، ساڭا خوش ئېيتىپ پولاڭلاۋاتقان پەقەت قولۇملا ئەمەس، ماڭا خوش دەپ مەيۈس بېقىۋاتقان كۆزلىرىڭدە ئۈمۈدسىزلىك شولىسى يالتىراپ تۇرغانلىقىنى يۇشۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولما... چۈنكى، مەن كۆڭۈل بەتلىرىڭگە پۈتكەن مۇھەببەت سىرلىرىڭنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان، كۆزلىرىڭدىن ئوقۇپ بولغان...
خوش دىيىشكە قىيماي مۇڭسىراپ، يىغلامسىراپ قالغىنىمنى بىلمەسكە سېلىشىڭ كېرەك ئىدى، لېكىن سىنچى كۆزلىرىڭ ئوۋچىنىڭ بۈركۈتىدەك ھېسلىرىم كەينىدىن چېپىپلا يۈردى، بۇ دەقىق ئىنكارىمنىڭ ئىرادىسى سۇسلاپ بېرىۋاتاتتى. قانداقلا قىلسام ئۆزۈمدىن قاچالمايمەن، نېمىلا بولسا سەن ھامان مېنىڭ يۈرەك قېنىمدا، جانۇ - جېنىمدا...
ئاخىرقى دەقىقە... يەنە نەچچە قەدەم ماڭساملا ئىككىمىزنىڭ ئارىسى، پەقەت ئىككىمىزنىڭلا ئارىسى ئاستا - ئاستا يىراقلاپ بارىدۇ. ئەممە يۈرەكلەر ئارىسى يەنىلا يېقىن پېتى قېلىۋىرىدۇ. ناۋادا، كېتىۋېتىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قاراپ قويسام، مەن ئۈنسىز ھالدا سەندىن يۈرەك سورايمەن، ئەگەر مەن كېتىۋاتقاندا سەن ئىسمىمنى ئاتاپ مېنى چاقىرىپ قالساڭ، مەن سوراشتىن بۇرۇن يۈرىكىڭنى ماڭا مەڭگۈلۈككە بەرگەن بولىسەن. شۇنداق بولۇپ قالسا دۇنيادا مەندىنمۇ بەخىتلىك بىرەرسى بولماس بەلكىم، لېكىن ئۇزۇن مەزگىللىك كۈتۈشلەرگە دۇچار بولىسەن. يەنە بەلكىم ئىسمىمنى چاقىرماي قالارسەن، قانداقلا بولمىسۇن مان ساڭا قايرىلىپ قارايمەن، يۈرىكىڭنى بىرەمسەن-بەرمەمسەن بۇ سېنىڭ ئاركىنلىكىڭ...
ئىسمىمنى ئۇنتۇپ قالما، ھەم شۇنىمۇ ئېسىڭدە تۇت، ھېلىتىنلا ، مانا ھېلىتىنلا خىيالىمدا ساڭا قايرىلىپ قاراپ قويدۇم... مەن يىراقلارغا كېتىمەن، بەلكىم يۈرىكىڭنى ئېلىپ ياكى ھەسرەت يۇتۇپ...


3.gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىياق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:56  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىجراندا تاۋلانغان مۇھەببەت تېخىمۇ ساپ ۋە ۋە مۇستەھكەم بۇلىدۇ .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
416 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
881

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:31:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسۈم ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋازكەچكەن ئىدىم. ئەمما، كەلگۈسۈم ۋازكەچكەن نەرسىلىرىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلغۇزدى. ئوخشاشلا كەلگۈسۈم ئۈچۈن دەپ چاپلاشقان نەرسىللىرىممۇ پۇشايمان قىلغۇزدى. بۈگۈنكى كۈندە كەلگۈسۈم ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. بىر نەرسىنى ساقلاۋاتىمەن نىمىنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن بەلكىم تەقدىرنىڭ قۇلۇمنى يىتىلەپ بىركۇچىغا باشلاپ قۇيشىنى ساقلاۋاتقاندىمەن. چۈنكى، ئۈزۈم بىلىپ ماڭغان ھەرقانداق يولنىڭ ئاخىرغا چىقالمىدىم.
ئەگەر 10 يىل يىل ئىلگىرى بۈكۈنكىدەك ھالدا بۇلىدىغىنىمنى بىلگەن بولسام . . .


Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 08:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات يەنىلا گۈزەل،ئۆزىڭىزگەقاراڭ سىزدۇنيادا يېگانە ھەممەسىزگە ھەۋەسلەنمەكتە

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يوللار...



شۇنچىلىك ئېغىر قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتىمەن. كىم ئويلىغان كېتەرىمدە سېنى بۇ ھالدا قايتا كۆرەرىمنى؟! بىر قېتىم ئىسمىمنى چاقىرىپ قويۇش ساڭا شۇ قەدەر تەس تۇيۇلغان بولسا، مەن ئۇنى ئېغىر ئالمىدىم. ئەمما، ئەمما... ئەقلىم يەتمەيدۇكى... مەن كەينىمگە قايرىلىپ قارىغان شۇ دەمدە سەن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئىككى قولۇڭنى شىمىڭنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ئىسقىرتقىنىڭچە كېتىۋاتاتتىڭ... كەينىڭدىن ئۇزاققىچە قارام قالغىنىمنى، لىۋىمنى چىشلىگەن پېتى يۇم - يۇم ياش تۆككىنىمنى سەزمىدىڭمۇ؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ سەزمەس بولۇپ قالدىمۇ؟ مېنىڭ يۈرىكىم ئالدىڭدا شۇنچىلا خارمىدى؟ مەن تېخى شۇ قارىشىم بىلەن سەندىن يۈرەك سورىماقچى ئىدىم. ئويلىماپتىمەن، سەن ئۇنى ماڭا بېرىشنى ئويلاپمۇ باقماپسەن. ئارىمىزدىكى ھەممە ئىش شۇ بىر ئېغىز <<خوش>> بىلەنلا تۈگەپتۇ...
يوللار ئېغىر پەنجىلىرى بىلەن مېنى ئەزمەكتە، يۈرىكىم ھەسرەت ئامبۇرىدا قىسىلماقتا... نېمە ۋەجىدىن بۇنچە ئەلەمگە قالدىم دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە سوئال قويىمەن. ئەمما جاۋابىغا قۇربىم يەتمەيدۇ. ئەگەر بىرسىگە ئەقىدە باغلاش گۇناھ ھىساپلانسا، مەن بەختىم ئۈچۈن ھەممىگە چىدىغان بولاتتىم. ئەپسۇسكى، بۇ گۇناھ تېخى ئىتىراپ قىلىنماي تۇرۇپ مەن تەقدىرىمنىڭ مەھبۇسىغا ئايلاندىم. بەلكىم ئاي -  يىللار خاتىرىسىگە پۈتۈپ قويارمەن بۇسىرلىرىمنى، يەنە بەلكىم بىر ئۆمۈر تامغا بولۇپ ئۆمۈر بەتلىرىمگە بېسىلىپ كېتەر. شۇنى بىلىمەنكى، مەن ئەمدى ھامان سەنسىز، بۇ يوللاردا ھامان يىگانە، ھامان سەنسىز...
يوللار قەدەملىرىمنى ھالسىراتماقتا، سېنى بۇ مۇساپىدىن پاك - پاكىز چىقىرىۋەتسەم بولاتتى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىياق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:28  


Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يەنىلا غەيرەتلىك ياشىشىمىز كېرەك بىز باسىدىغان يول ئوزۇن،بەزىدە تەقدىر شۇنداق ئېغىر چاقچاق قىلىدىكەن،لىكىن ۋاقىت ھەممنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.شۇنداق بىر ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن شۇ ھىجىران ياشلىرىنىڭ  ئەرزىمەيدىغانلىقىنىمۇ ھىس قىلىسىز،ئۇ بۇ ۋاقىتتا سىزدىن ئايرىلغانلىغىنى ئۇيلىغىنىدا،سىزگە قايتا يارىشىۋىلىشنى ئېيتقىنىدا كىچىكىدۇ ،سىز ئاللا بۇرۇن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ بولغان بولىسىز،نىمىشقا دەمسىز ؟چۈنكى ياخىشى كۆرگىنىڭىزنىڭ ھىجىران ياشلىرىنى تۆككۈزگەن يىگىتتىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىڭىزدە.....

Rank: 2

توردا
765 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىياقنىڭ ئېسىل نەسىرلىرى بىلەن مۇنبەرگە قەدەم باسقانلىغىغا مۇبارەك،قەلەملىرىڭىزھارمىسۇن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
270 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تۇلپارىڭىز چاپچىپ تۇرغاي قېرىندىشىم.
ئارسلانكا ياندىشىپ قويماملا دەيمەن.......

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەمبەرنىسا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:30
قەلەم تۇلپارىڭىز چاپچىپ تۇرغاي قېرىندىشىم.
ئارسلانكا  ...


قايرىلىپ قاراپ قويغانغىما بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:51  


مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
416 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
881

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر ئۇقۇسام چۈشۈنۈپ بۇلالماي ئاۋارە بۇلۇپ قالاتتىم.لېكىن سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى چۈشۈنۈشلۈك ئاددى چىقىدىكەن. يەنە يېزىپ تۇرۇڭ ! يازغانلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىلا بولماستىن كۆڭلىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيۋاتقان نۇرغۇنلارنىڭ كۆڭلىدۇر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:27 , Processed in 0.055970 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش