يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1874 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 8

نىكاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010042020424064382[1].jpg
گۈلبوستان ئابدۇرىھىم(نەسىر)
نىكاھ-مۇھاببەتنىڭ نازۇك سىناقلىرىدىن ئۆتەلىگەن ،بىر-بىرىگە ھەقىقىي كۆيەلىگەن،ئەقىدە-ئشتىياق بىلەن سۆيەلىگەن قەلىب ئىگىلىرىنىڭ  ئىللىق ئۇۋا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى ۋىسال مەنزىلگاھىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى،ئۇھسىنىشلار بىلەن تولغان بىسەرەمجان كېچىلەرنىڭ ھىجىران پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغۇچى.....
نىكاھ ئوخشاش يولدا ماڭغان ،ئوخشاش ئوتتا كۆيگەن قەلىبلەرنىڭ ئۈمىت يۇلتۇزىنى چاراقلاتقۇچى،خىرە كۆزلەرنى نۇرلاندۇرغۇچى،غەمناك كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرغۇچى،مەنىۋى مۇكەممەللىك،مەنىۋى مۇقەددەسلىكنىڭ ئالىي شەكلى بولغان ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىنىڭ تەختىنى،بەختىنى ياراتقۇچى، قەلبىگە بىرلىك مۆھىرى بېسىلغان ئەر-خوتۇنغا تاغدەك مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدامچانلىقنى،ھەممىگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان  قەيسەرلىكىنى ئاتا قىلغۇچى،مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئالتۇن كۆۋرۈك ئارقىلىق ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ،ئوتتەك قىزغىنلىقنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇرغۇچى.                                          نىكاھ-  مەڭگۇ تانغىلى ھەم يانغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس   قەسەم.ئۇ،ئۇلۇغلۇقنىڭ ئولۇغى بولغان تۇز بىلەن نان گۇۋاھلىقىدىكى بۇزۇلماس ئەھد، شۇڭا ئۇنىڭ بېغى چىڭ.ئۇ ئىككى قەلىبنىڭ سەممىيەتنى قانات،مۇھەببەتنى  قان ،بېغىشلاش ئەقىدىسىنى جان قىلىپ يېزىپ چىققان نادىر تارىخى.ئۇ ساختىپەزلىكنى،ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى  ئەسلا راۋا كۆرمەيدۇ.سەممىيەتسىزلىك   ئۇنىڭ بېغىدا ئۈنگەن شۇم بۇيا،سەمىمىيەتسىزلەر بىر-بىرىگە بىئەتىۋا  .            
نىكاھ –ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئاشىقلىق لېيىدا يۇغۇرۇلغان ئېسىل كوزا.ئۇۋىسال كۈيىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇن ،ساداقەت گىرەلەشكەن پاك  تۇيغۇدىن ئۈنۈپ چىققان يۇلغۇن!
شىنجاڭ گېزىتى2012-يىل 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1398 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3498

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلبوستان ئابدۇرىھىم...ئەسەرلىرى بوپ قالىدىكەن جۇمۇ، سىزنىڭمۇ قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىگەي مودەنگۈل

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ كەشكە ئوخشايدۇ، رەزمېرى توغرا كەلمىسە يا پۇتنى قىستاپ ئاغرىتىدۇ، ياكى پۇتتا تۇرماي چۈشۈپ قېلىپ خاپا قىلىدۇ...... كەشنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان كىچىك تاش كەشنىڭ سىرتىدىكى تىكەندىن بەكرەك پۇتنى ئاغرىتىدۇ......             دەپ ئوقۇغاندەك يادىمدا بىر چاغلاردا، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن كۆرگەنغۇ دەيمەن ئەيتاۋۇر.   
كىچىك ۋاقتىم ئوخشايدۇ، تازا چۈشەنمەپتىكەنمەن. پۇتقا كىيىپ بېقىپ ئاندىن چۈشىنىۋاتىمەن.

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

Rank: 1

توردا
270 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسۇ خانقىزنىڭ پىكرىنى قوللىدىم.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ-كوزا.....
چېقىلىپ كەتكىچىلىك كوزا، چېقىلغاندىن كېيىنلا بىر دۆۋە ئەخلەت خالاس. ئۇنى ئاياپ ساقلىغانلاردىن، قەدىرلەپ ئۆتكەنلەردىن قانچىسى باردۇ؟
ھەممەيلەنگە ئىللىق ئائىلە، مېھىرلىك نىكاھ يار بولغاي!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
32
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئايسۇنىڭ  پىكىرىنى قوللايمەن،ئاياقنى توغرا تاللىمىساق پۇتىمىز ئاغرىيدۇ،بەزىلەر ئۇزى ياقتۇرۇپ ئالغاچقا پۇتى ئاغىرسىمۇ چىدايدۇ،يەنە بەزىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە.

ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم دوسلار :::::

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
55
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:12
نىكاھ كەشكە ئوخشايدۇ، رەزمېرى توغرا كەلمىسە يا پۇتنى ق ...

دەششەت ئوخشۇتۇشقۇ بۇ

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1398 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3498

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makanmusic يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:48
دەششەت ئوخشۇتۇشقۇ بۇ

كىرىپ تۇرمىسىڭىز ئاشۇنداق دەششەت ئوخشىتىشلارنى بىلمەيسىز تازا

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
55
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:58
كىرىپ تۇرمىسىڭىز ئاشۇنداق دەششەت ئوخشىتىشلارنى بىلم ...

كىرىپ تۇرۇتۇم ئەسلى ،مۇشۇ ئۈرۈمچى خەلقىنى قىشتىن ساق-سالامەت ئۆتىۋالسۇن دەپ كىچە -كۈندۈز ئىشلەپ كىتىۋاتىمەن،قوللۇرۇڭلار توڭلىسا ئېنكاسنى تىتىرەپ قانداق يازىسىلەر دەيمەن......

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:11 , Processed in 0.055172 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش