يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1874 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 18

ئارسلان - گۈلخان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۇلخان

ئۇ ، سۇ يالاپ كەڭىرىپ كەتكەن قۇمساڭغۇ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ داپشىپ ئېقىۋاتقان قاپقارا كەلكۈنگە قارىغىنىچە ئىختىياسىز ئۈلۈمنى ئويلاپ قالدى . بۇ جاھاندا ئۇنىڭ تارتىشقۇدەك نىمىسى بار ؟ گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلىرى ئاللىقاچان ئۆلگەن . بىر ۋاقىتلاردا لاپلا قىلىپ يېنىپ ئۆچكەن ياشلىق سىزىمىنىڭ قرپقالغان زەررىچە ئۇچقۇنلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئۇنىڭ جىسمىمۇ ھىسياتسىز مۇردىغا ئايلانغانىدى . ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم چامدىدى ، تيقۇقسىز ئۇنىڭغا بىرسىنىڭ ‹‹ گۈل ،گۈل ›› دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى . ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ بىپايان ئاسمانغا قارىدى . ئۇنىڭ چىرايىدا ئازاپقىمۇ ، شادلىققىمۇ ، پۇشايمانغىمۇ ۋە ئارمانغىمۇ ئوخشاش گىرەلىشىپ كەتكەن ئاللىقانداق بىر چۈشىنىكسىز ئىپبدە قېتىپ قالغانىدى .

ئۇ بەزىدە ئۈزىنىڭ نىمىشكە باياشادراق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغىنىغا ئۈكۈنەتتى . غورىگىل تۇرمۇش ، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى ، ئۇرۇنسىز تاپا - تەنە ، قۇپال سىلكىشلەر ... ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق رەھىمىسىز تۇرمۇش بۇيۇنتۇرۇقى ئاستىدا ئۈتەتتى . قىز ، ئەتىگەن تۇرۇپ ، نامىزىنى ئۇقۇۋالغاندىن كىيىن چارۋىلارغا يەم بىرەتتى ، ئۆي يىغىشتۇراتتى ، ھۇيلا - ئارام سۈپىرەتتى . ئاندىن قورقۇمسىراش ئىچىدە ئازراقلا ناشتا قىلىپ ، ئېتىزغا يەنە ئاللىقانداق ئىشلارغا يۈگىرەيتتى . ئۇ ، قاچانلا قارىسا چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئادەم تىللاپلا ئولتۇرىدىغان بىشەم ئانىسىنىڭ كوتىلداشلىرىغىمۇ ، كىچىككىنە ئىشلاردىن قۇسۇر تېپىپ ، ئالەمنى مالەم قىلىدىغان دادىسىنىڭ قۇپال سىلكىشلىرىگىمۇ ، چوڭ ئاكىسىنىڭ غەزەپلىك ئالىيىشلىرىغىمۇ ، سىڭلىسىنىڭ ‹‹ دىدەك ›› دىگەندەك ھىڭدىن سېسىق تىللاشلىرىغىمۇ ، ھەتتا ئائىلىسىدىك چار خۇرازنىڭ دوق قىلغاندەك پالاق - پۇلۇق قانات قېقىشلىرىغىچە ھەممىگە › ھەممىگە كۈنۈك ئىدى . چۈنكى ئۇ بېقىۋېلىنغانىدى .

قىز بۈگۈنمۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ئادىتى بۇيىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىرتقا ئالدىرىدى . قىز قەلبىدەك ساپ ھاۋا ، قۇشلارنىڭ خۇشال سايراشلىرى م كۆپكۆك بىپايان ئاسمان ، يېشىللىققا پۈرگەنگەن مۇنبەت ئېتىزلىقلار ، ئۇنىڭغا بۈلۈكچىلا ئىللىق تۇيۇلاتتى .

يەر ئاستىدىن قارايسەن ،
ياخشى كۆرگەن گۇناھمۇ ؟
بىزنى ئوتتا قىينىغان ،
يارلار قۇچاق ئاچارمۇ ؟

ھەر كۈنى مۇشۇ دەمدە ، قىز ئىش باشلىشىغىلا ئاڭلىنىدىغان بۇ ناخشا ئۇنىڭ يۈرەك تارىنى ئىختىيارسىزلا چىكىپ ئۈتەتتى . ناخشىدا ئىزھار قىلىنغان مۇھەببەت ئىلتىجاسى ئۈزىگە ئېيتىلىۋاتقاندەك قىزىرىپ كىتەتتى - دە ، يەنە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بۇلاتتى . ئاياق تىۋىشى يېقىنلا يەردە توختىدى . قىز ئاستا بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۈزىگە ھېرىس بىلەن تەلپۈنۈپ تۇرغان ئاق كۆينەيلىك يىگىتكە قارىدى . يىگىت ھۇدۇقتى .قارىغاندا يىگىت قىزنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى . بۇنداق ئۇچرىشىش ، قىزىرىپ - تارتىنىشلار نەچچە رەت داۋاملاشتى . ئاخىرى يىگىت غەيرەتكە كىلىپ ، قىزغا ئىچ باغرىنى تۆكتى . ‹‹ يىگىت قىزنى ياخشى كۈرىدىكەن ، ئۇنىڭغا ئۆيلىنىش نىيىتىگە كەپتۇ ›› . قىزنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەك كەتتى . يىگىتنىڭ ھەر بىر سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرەك تالالىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ ، شامالدىكى ئاجىز گىياھتەك تىترىتىۋەتتى . قىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن بېشىنى ئەگدى .
قىزنىڭ خۇشال كۈنلىرى ئەنە شۇنداق تاسادىپىي باشلاندى . ئۇ كۈلەتتى ، بادام قاپاقلىق يوغان قارا كۆزلىرىدىن بەخت ئۇچقۇنى چاقنايتتى . قىز ئەمدى ئۈيىدىكى ئاھانەت ، سىلكىشلەرنى بۇرۇنقىدەك ئىچىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان بولدى . يىگىتنىڭ تاتلىق گەپلىرى ، ئەركىلىتىشلىرى ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىغا مەلھەم بۇلاتتى ئەلۋەتتە !
- توۋا ، - ئويلاتتى قىز ئىچىدە ، - ھايات نىمە دىگەن گۈزەل ، مەن قانداق بەختلىك ھە ! قىز يەنە يىگىتنى ئەسلىدى . ئاق خەسە كۆينەك ، رەسمانە ئىشتان كىيىۋالغان قامەتلىك گەۋدە ، قاچانلا قارىسا سەمىمىيەت چاقناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆز ، ئۈزىگە خۇپ ياراشقان قاپقارا بۇرۇت ، ئۇنىڭ سۈيۈشلىرى نىمە دىگەن يېقىملىق ! ... قىزنىڭ تىنى بىر خىل شىرىن سىزىمدىن جۇغۇلداپ كەتتى .

قىزنىڭ زالىم ئاتا - ئانىسى ئۇنى ئۈزىدىن 35 ياش چوڭ بىرسىگە بەرمەكچى بۇلۇشتى . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ بولغۇسى ئىرى يېشى چوڭ بولغىنى بىلەن ، 70 -80 تۇياقتەك قۇيى ، بانكىدا بىر نەچچە تۈمەن پۇلى ، كاتتا قورو جايى بار باي ئادەم ئىمىش ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە راھەت - پاراغەتتە ئۈتەر ئىمىش، ئۇلا قىزىنىڭ بەختىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تويغا رازىلىق بەرگەنمىش ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ‹‹ ياخشى ›› كۆڭلى ئىمىش .
قىز ھەممە گەپنى ئۈنچىقماي تۇرۇپ ئاڭلىدى . قۇشۇلمىسا ئۈزىگە ياخشى كۈن يوقلىقىنى ئۇبدان بىلەتتى . شۇڭا بۇ شۇم خەۋەرنى يىگىتكە ئېيتىشقا ئالدىرىدى . ئىش چۇقۇم ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دەپ ئويلاتتى قىز ، يىگىتنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەسلەپ .
ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى . بۇ تۈگن يىگىت بۈگۈن باشقىچە شۈكلىشىپ كەتكەنىدى . ئۇلار كوكات بېسىپ كەتكەن ئېرىق لىۋىدە ئولتۇرۇشتى . ئادەمنى ئىچى سىقىلغۇدەك ئېغىر جىمجىتلىقنى ئاخىرى يىگىت بۇزدى .
- مىنى كەچۈر گۈل ( قىزنىڭ ئىسمى گۈلخان بۇلۇپ ، يىگىت ئۇنى گۈل دەپ چاقىراتتى ) ساڭا ، مۇھەببىتىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان بولدۇم . ئاتا -ئانام ئىككىمىزنىڭ تۇيىغا ئۆلسىمۇ قۇشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . چىڭ تۇرۇۋالسام ئاتا - بالىلىقتىن كەچسەم بۇلىدىكەن . بەك تەڭلىكتە قالدىم . ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىشقا ۋىجدانىم چىدىماي ، مۇھەببىتىمنى قۇربان قىلىش قارارىغا كەلدىم ، سىنىڭ ئائىلە شارائىتىڭ ....
يىگىت سۆزدىن توختاپ ، قىزنىڭ ئىپادىسىز چىرايىغا قارىدى . قىز ئۆكسۈپمۇ يىغلىمىدى . يىگىتكە چىش يېرىپ بىر نىمىمۇ دىمىدى . پەقەت مۇڭغا تولغان چوڭ كۆزلىرىنى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇغا تىكتى . تەقدىر ئۇنى ئەخمەق قىلغانىدى .

ئۇنىڭ ئىرى - ئاشلانمىغان قوي تىرىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەكتە بېسىلىپ ، تۈۋەنگە ئىگىلىپ قالغان يۇغان سالپاڭ قۇلاق ، كۈيە يەپ كەتكەندەك ئالا قاشلار ئارىسىدىن جانسىز پىلدىرلاپ تۇرغان بىر جۈپ پىستە كۆز ، بۆرتۈپ چىققان مەڭىزلەر ئوتتۇرىسدا چاپلاپ قويغان خېمىر تۇرۇچتەك كۈرۈنىدىغان يۇغان بۇرۇن ، ساپسېرىق ئاراچ چىشلار ئارىسىدىن غەلىتە سادالارنى چىقىرىدىغان يالاق ئېغىز ، تۇڭگان ساقال بۇ ئادەم تۇلىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى .
ئىگىز پىشايۋانلار چىقىرىلىپ ، ۋاسا جۈپلەپ سېلىنغان گەج تاملىق بۇ بەش ئېغىز ئۆي خېلى كەڭتاشا بۇلۇپ ، ئۆي ئىگىسىنىڭ قول ئىكىدە بار ئادەملەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بۇلۇپ قەد كۈتىرىپ تۇراتتى .
ئۇ ، بۇ ئۆيگە كىلىپ ئەتىسىلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى . يۇيۇقسىز دۈۋە - دۈۋە كىرلار ، ئۆمۈچۈكلەر تور تارتىپ ، ئىستىن قارىيىپ ئەسلى رەڭگىنى يۇقاتقان تام - تۇرۇسلار ، قالايمىقان تاشلاپ قۇيۇلغان ئائىلە جابدۇقلىرى ...
ئىشقىلىپ تۇرغان پۈتكىنى مەينەتچىلىككە تولغان بۇ ئائىلە ئۇنىڭ كىلىپ تازىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئىدى . تۆت ئەردىن چىققان ئۈگەي قىز ۋاتىلداپ ئۆينى بېشىغا كىرگەن بىلەن ھېچ ئىشقا قۇلىنى ئەگرى قىلماي ، كۈنبۇيى ئەينەككە قاراپ ئۈزىگە پەداز قىلىپلا ئولتۇراتتى .
ئىرىنىڭ باشقا ئىككى ئوغلى بولسا ، نوقتىسى يوق ئىشەكتەك كۈنبۇيى تالادىن كىرمەيدىغان ، بارنى يەپ ،يوققا كارى بولمايدىغان لەقۋا بىر نىمىلەر ئىدى .
ئۇ تاملارنى ئاقارتتى . نەرسە - كىرەكلەرنى تۈجۈپىلەپ قۇيۇپ ، ئۆي ئىچىنى خېلىلا ئىسكەتكە كىرگۈزدى . بىراق ئۈچ ئانىدىن تۇغۇلغان بولسىمۇ مىجەزى قېلىپتا قۇيغاندەك بىر- بىرىگە تارتقان بۇ بىشەم ئاچا - ئىنىلەر رازى بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۇنى تۇشمۇ - تۇشتىن ئەيىپلىشىپ كىتىشتى .
- قانداق ئىش بۇپكەتتى بۇ ئۆيدە ، ئادەم ھېلى قويغان نەرسىسىنى ھېلى تاپقىلى بولمىغان . بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى سەن تېپىشىپ بەرمىگەندىكىن ، تۇلا ئۇياق - بۇياققا يۆتكەپ ئاۋارە بولمىساڭمۇ بۇلىدۇ ، سەنمىچۇ ، ئۇچىقىڭغا ئوت قالاپ ، تاماق ئىتىشىڭنى بىل .
- شۇنى دەيمەن ، ئۇنىڭغا ئاتىكاچىلىق قىلىشنى كىم قۇيۇپتۇ ؟ ئۇ يوق ۋاقىتتىمۇ بۇ ئۆيدە ئاق تاڭ ئېتىپ ، قاراڭغۇ كەچ بۇلۇپ كەلگەن . شۇنچە شاپاشلاپ كەتكىنىگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ زادى بىر مەقسىتى بار ...
قان ئىچىۋالغان ئىتتەك تۇمشۇقىنى قىپقىزىل بۇيىۋالغان ئۈگەي قىزى ئىنىسىغا بۇلۇشتى . بىر كۈنى ، ئۇ بىر نەرسە لازىم بۇلۇپ قېلىپ قازناق ئۆيگە كىردى . ئۆيدە چوڭ ئوغلى دادىسىنىڭ مەخپىي بىر نىمىلىرىنى سالىدىغان كۆك ساندۇقنى ئاختۇرۋاتاتتى . ئىشىكنىڭ غىچ قىلىشىدىن چۈچۈگەن ئۇغۇل ، كەيندە ئۈزىگە شۈبھە بىلەن قاراپ تۇرغان ئۈگەي ئاپىسىغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ ، قوينىغا بىر نىمىنى تىقىشتۇرغان پېتى ئۇنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ساندۇقنىڭ زەنجىرى قايرىلغانىدى . ئەتىسى ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىرى قايناپلا كەتتى .
- ساندۇقتىكى ئىككى مىڭ يۈەن پۇلنى قايسىڭ ئېلىشتىڭ ؟ سەنمۇ ، يا سەنمۇ ؟ - ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ ئىككى ئۇغۇلغا ئالىيىپ قارىدى . ئاندىن ئايالىغا گۈلىيىپ قويدى . ئۆيدىكىلەردىن زۇۋان چىقمىدى . ئۇنىڭ چىرايى تۈمۈردەك قارىداپ ، ئەسلىدىمۇ قورقۇنچلۇق تەلەتى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى . ئېغىزىدىن خەپرۈك چاچرىتىپ ئوغرىنى جىمىكى يامان گەپلەر بىلەن قارغاشقا باشلىدى .
-ۋۇ تۇزكورلار ، دەۋزىخىيلار ، راستىڭنى ئېيتىش ، بولمىسا مازارغا بېرىپ شاخ يىرىمەن . قۇرسىقىڭ يېرىلىپ قان قۇسۇپ ئۈلىشىسەن ...
- دادا ، - چوڭ ئۇغۇل دادىسىنى سۆزدىن توختاتتى ، - سەن ، بىزلەر سىرتقا چىقىپ كەتسەك ، بۇ ئۆيدە كىم قالىدۇ ؟ كىم بۇ ئۆيگە يات ، بىز ھەر قانچە ئەسكى بولساقمۇ ، ئۈزىمىزنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلايدىغان ۋاپاسىز ، نائەھلىلەردىن ئەمەس . ئىشقىلىپ بالىلىرىڭدىن كۆرسەڭ خۇدا ئالدىدا بىزگە ئۇۋال قىلغان بۇلىسەن دادا ...
- شۇ ئەمەسمۇ . مەن ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە كەلگەندىلا نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى سەزگەن . شاپاشلاپ يۈرۈپ ، نەرسە - كىرەكلىرىمىزنى تۇلا يۆتكەپ ئۆينى بىر قىلىۋەتتى . ئۇ ئالمىسا كىم ئالىدۇ ؟ ئۈگەي قىزى ئۇنىڭغا قاراپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى .
تۆت جۈپ كۆز ئۇنىڭغا بىگىزدەك تىكىلدى . بۇزىرىپ - تاتىرىپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان تەلۋە ئەر ئاق - قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ، ئۇى نەچچە شاپىلاق ئۇرۇۋەتتى .
- زادى سىنىڭدىن گۇمانلانغانتىم . ‹‹ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق ›› دەپ سەنمۇ ئاشۇ تىگى پەس قەلەندەرلەرنىڭ قىزىغۇ ، ئۇ يالاڭتۆشلەر سىنى ماڭا زورلاپ ، تۆت مىڭ تەڭگەمنى شۈلىۋالدى . پۇلۇمنى ئوغۇرلاپ ھەقىچان ئاشۇ گېلىغا تىرىك تۈگە پاتىدىغانلارنىڭ ئاچكۆزلەرنىڭ پۇكىنىغا بېسىپ بەرگەنسەن تايىنلىق . پۇلنى تاپساڭمۇ تاپىسەن ، تاپمىساڭمۇ تاپىسەن ، مىنىڭدىن قۇتۇلىمەن دەپ خام خىيال قىلما ...
ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن ، ئۈزىنى قانداقمۇ ئاقلىيالىسۇن ؟ شۇ تاپتا يۈز بىرىۋاتقان بۇ رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا خۇدامۇ سۈكۈت قىلىۋاتقاندەك ئىدى .
تەلۋە ئەر ئۇنى تىللاپ قارغىغاچ قارا - قۇيۇق ئۇرۇشقا باشلىدى . ئۇ زەئىپ ئاۋازدا ئىڭرايتتى ، نالە قىلاتتى . ئۇ تاياقتىن پۈكۈلۈپلا قالدى . ئېغىز - بۇرۇنلىرىدىن ئاققان قانلار پەگادا قارامتۇل ئىزلارنى قالدۇراتتى ...
ئۇ تاڭ ئاتقۇچە قاتتىق قىزىپ چىقتى . تاياقتىن كۈكىرىپ ، غۇرىدەك ئىششىغان مەڭىزلەر ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇراتتى . ئۇ چىشىنى چىشلەپ يەنە ئەتىگەنلا ئورنىدىن تۇردى . چاي قاينىتىدىغان قىزغۇچ مىس چۆگۈننى ئۇچاققا ئەپلىككىنە قوندۇرۇپ ، ئۇتۇنغا ئوت ياقتى . چارۋىلارنىڭ جېنىنىڭ بېرىچە ۋارقىرىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىغان بۇ جاپاكەش ئايال ، چاي قاينىتىش ئۈچۈن ، سىرتتى ئەكىرگەن سۈيىنى تاپسىدىلا قۇيۇپ ، دەلدۈگۈنگەن پېتى يەنە كەينىگە ياندى . ئۇ قايتىپ كىرگىنىدە تەگلىكىدىن ئاجراپ ، تۈۋى تىشىلىپ كەتكەن چۆگۈنگە قاراپ رەللە بۇلۇپ ئولتۇرغان ئۈچەيلەننى كۈرۈپ ، قورققىنىدىن تۈگۈلۈپلا قالدى .
- ھۇ كۈزى يوق دەللە ، ئەقلىنى چېلىپ ئىچكەن دىۋەڭ ، ئانامدىن قالغان تەۋەرۈك چۆگۈننى تىشىۋەتكۈدەك ئۇنىڭدا نىمە ئۈچۈڭ بار ئىدى ؟ بىزگە ئاپا بۇلىمەن دىگۈچە بېرىپ پاداڭنى باقساڭچۇ دەيۈز ئوغرى ...
ئۈگەي قىزىنىڭ ۋىت - ۋىت ئېغىزى بېسىقماي تۇرۇپ ، اتڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پىشانىسىدىن قىپقىزىل قانلار شۇرقىراپ ئاقتى . ئىرى ئۇنى لاخشىگىر بىلەن ئۇرغانىدى .
- مىنى نىمە كۈرۋاتىسەن ، پۇلنى ئوغۇرلىغاننى ئاز دەپ نەرسە - كىرەكلىرىمىزنى بۇزغىلى ئاناڭنىڭ ئارپىسىنى خام ئورغانمۇ بىز . ماڭ چىق ، پۇلنى تاپ . سېرىق سىنىتىنى كەم ئەكىلىدىغان بولساڭ ، ئانا - ماناڭنى كۈزۈڭگە كۆرسىتىپ بۇرنۇڭدىن بۇلاق ، ئارقاڭدىن يۇمىلاق چىقارمايدىغان بولسام ، تۇردى دىگەن ئېتىمنى يۆتكىۋىتىمەن ... يۇقال ...
ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ...
داپشىپ ئېقىۋاتقان قاپقارا كەلكۈن قۇمساڭغۇ قىرغاقتا مۇڭلىنىپ تۇرغان گۈلخاننى بارغانچە ئۈزىگە تارتماقتا ئىدى ...



بۇ ئەسەر يىڭى قاشتېشى ژورنىلىنىڭ 2000- يىللىق 6 - سانىدا ئىلان قىلىنغان .



Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
492 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ بۇنى ،مەن تېخى بىزنىڭ گۈلخاننى يازغان چېغى دەپتىكەنمەن ماۋزۇسىنى كۆرۈپ 
‏توۋا دەيمەن بەزىدە ،شۇنچە ناھەق تاياقنى يەپ يەنە ئۈنسىز ياشاپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن ، قارىلانغاندا چاقىدىغاننى چېقىپ جان چىقىپ كەتسىمۇ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالسا بولمامدۇ دەيمەن 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:32
‏ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ بۇنى ،مەن تېخى بىزنىڭ گۈلخاننى يا ...

ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن شۇنداق ياشاشقىمۇ مەجبۇر بوپ قالىدۇ بەزى ئادەم
مەنمۇ مەنبەردىكى گۇلخاننى يازدى دەپ يۈگۈرەپلا كىرىپتىمەن،ھى ھى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنىرا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:58
ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن شۇنداق ياشاشقىمۇ مەجبۇر بوپ ق ...

ھا ھا ھا ...

گۈلخاننى يازغۇدەك ھىچ ئىش بولمىدى . دەپتىرىنى قولتۇقلاپ مەكتەپكە بارىدۇ كىلىدۇ . يازغۇدەك يىڭىلىق يوق ئۇ چوكاندا

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:14
ھا ھا ھا ...

گۈلخاننى يازغۇدەك ھىچ ئىش بولمىدى . دەپتىر ...

ۋاي تاڭ ئەمدى ،بىزگە ئۇنداق دەپ قويغان بىلەن ،كىم بىلىدۇ كۈڭەللىرىدىكىنى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
932 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنىرا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:20
ۋاي تاڭ ئەمدى ،بىزگە ئۇنداق دەپ قويغان بىلەن ،كىم بىل ...

كۈڭەلدىكىنى قۇشاپ دەۋەتسەم بۇپتىكەن ھە ئەسلى .

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ گۈلىخانمىكىن دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن بۇ تېمىغا...بۇ ئايالنىڭ بۇنچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتىپ كەتكىنىگە بەك ئىچىم ئاغىردى

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:47:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:24
كۈڭەلدىكىنى قۇشاپ دەۋەتسەم بۇپتىكەن ھە ئەسلى .

مەيلى ئەمدى، ئايرىم بىر تېما ئاچالا ئۇنىڭغىمۇكۈرىدىغان كۆزنىڭ چوڭىنى تەييار قىپ تۇرىلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1398 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3498

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇنبەردىكى گۈلخاننى يازغان چېغى دەپ يۈگرۈپ كىرىپتىمەن دېسە
ئاشۇنداق ئوساللىققىدىن ئۈچ خوتۇن ئالغان ئوغرىكەن ئۇ، ئاق- قارىنى پەرىق ئەتمەستىن بىگۇناھ قىزنى ئۇرۇپ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
270 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە قىزغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى.
سىزنىڭ پىرسۇناژلارنىڭ روھى-ھالىتىنى تەسۋىرلەشلىرىڭىزگە قايىلمەن ئارسلانكا.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:26 , Processed in 0.068464 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش