يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1874 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 3

ئائلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011-10-25-16-04-11[1].jpg
(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 9- ئاينىڭ14-كۈنىدىكى سانىدىن)گۈلنىسا ئابلىز
ھايات مۇرەككەپلىكى تۈپەيلى تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئۇششاق –چۈشەك زىدىيەتئەربىلەن ئايال نىكاھلىنىپبىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئىلگىرى بايقالمىغان كۆز قاراش ۋە خارەكتېرلار بايقىلىشقا باشلايدۇ.بۇ مەسىلەتوغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا،زىددىيەت بارا-باراكەسكىنلىشىپ،بىر-بىرىنىڭ غورۇرىغا تېگىش،ھالىغا يەتمەسلىك،كەمسىتىش،بويۇنتاۋلىق،مەنمەنچىلىك تۈپەيلىدىن ئورتاق پىكىرگەكېلەلمەي،ياتلىشىپ كېتىشلەرئەدەپ،ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ،مۇقەددەس ئائىلە بىرلىكى بۇزۇلۇپ،نىكاھتىن ئاجرىشىش پاجئەسى يۈز بېرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،ئورۇنسىز كۈندەشلىك قىلىشمۇ ئەر-خوتۇن مۇھەببىتىنى ۋە مۇقەددەس ئائىلىنى نابۇت قىلىدۇ.
بەزى ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەن ئۆزى قوبۇل قىلالمايدىغان زىددىيەت ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي نىكاھتىن ئاجراشسا،بەزىلەرتۈگمىدەك زىددىيەت- مەسىلسىنى تۆگىدەك قىلىپ ،يەڭگىلتەكلىك بىلەن نىكاھتىن ئاجرشىپ،پەرزەنتلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ماتېرىياللاردا  ئېنىقلىنىشچە،جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەنلەر  ئىكەن.بۇ ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.بۇنداق ئاقىۋەت ئاتا-ئانىغىلا ئەمەس،جەمئىيەتكىمۇ باش ئاغىرقى كەلتۈرىدۇ.شۇڭا،ئەر-خوتۇن،بولۇپمۇ ياش ئاتا-ئانىلار ئىمكان بار تۇرمۇشتا سەۋىرچان،ئەپۇچان ،ئېغىر –بېسىق بولۇپ،مۇھەببەت،ئائىلەمۇقەددەسلىكىنى قوغداپ،پەرزەنتلىرىنى ئويلىشى كېرەك.   《ھەر كىم ئۆزىنى بالىسىنى ئۆزى بېقىش》دېگەن بۇ سۆز مۇنداقلا دەپ قويۇلغان سۆز ئەمەس.ئادەتتە ھايات ،تۇرمۇش زىددىيەتلەرگە تولغان بولىدۇۋە شۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاقىلانە ھەل قىلىنىشى بىلەن راۋاج تاپىدۇ.زىددىيەت- تۇقۇنۇشسىز تۇرمۇشنىڭ بولىشىمۇمكىن ئەمەس.ئابباسىيلارنىڭ10-ئەۋلاد خەلپىسى مۇتەۋەككىل ئىبىنى جەففا (861-847)سەلتەنەت سۈرگەن زاماندا بىرسى ئۇنىڭدىن《ھۆرمەتلىك خەلپەئى ئالەم،يەر يۈزىدەسىزدىنمۇ بەخىتلىك كىشى تېپىلماس》 دېگەندە،خەلپە《خاتا سۆزلىدىڭ ،گۈزەل ئائىلىسى،ئىزگۈ خوتۇن –بالىسى،ياخشى مەئىشەتىبولغان ھەر قانداق ئادەم بىزگە قارىغاندا بەخىتلىكتۇر》دېگەن ئىكەن.دەرۋەقە،بەزى كىشىلەر ئائىلە ئۇقۇمىنى نەزىرىگە ئىلمايدۇ.ئائىلە دىگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغاكىچىككىنە قورۇ-جاي ۋە ئۇنىڭدىكى كىشىلەر كۆز ئالدىغا كېلىدۇ.ئائىلە مەسىلىسى شەخسى ئىشتەك بىلىنىدۇ.بۇ قاراش تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ،ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 《ئائىلە》دېگەن كىتابىدا《ئائىلە مىللەتنى تەۋەللۇت قىلىدىغان بۇلاق،ئائىلە جەمئىيەتنى  كەلگۈسىگە ئېلىپ ئۇچىدىغان بۈركۈت قانىتى.ئائىلىسىز مىللەت،جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس》دەپ قەيىت قىلغان بولسا،تاتار ئالىمى رىزائۇددىن ئىبنى پەخىردىن《نادانلىقنىڭ نېگىزى بىلەن كامالەتنىڭ قانىتى ئائىلىدە》،《مىللەتنى كۆتۈرۈپ تۇرغان نەرسە ئەسكەر ياكى باشقىلار بولماستىن،ئائى؛ىدىن ئىبارەت》دېگەن.شۇڭا،ئەر-خوتۇنلارئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئوبدان تونۇپ،پەرزەنتلەرنى ،ئائىلىنى قەدىرلىشى،ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلىشى تولىمۇ مۇھىم.

Rank: 2

توردا
765 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا،ئەر-خوتۇن،بولۇپمۇ ياش ئاتا-ئانىلار ئىمكان بار تۇرمۇشتا سەۋىرچان،ئەپۇچان ،ئېغىر –بېسىق بولۇپ،مۇھەببەت،ئائىلەمۇقەددەسلىكىنى قوغداپ،پەرزەنتلىرىنى ئويلىشى كېرەك.

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1398 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3498

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:36
شۇڭا،ئەر-خوتۇن،بولۇپمۇ ياش ئاتا-ئانىلار ئىمكان بار تۇ ...

ماقۇل، دېگىنىڭىزدەك قىلىمىز باتۇركا

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
765 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:06
ماقۇل، دېگىنىڭىزدەك قىلىمىز باتۇركا

بەك  ئويلايدىغان بوپ كىتىپ بارسىز مۇشۇ كۈندە، كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:28 , Processed in 0.054043 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش