يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1874 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 4

ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل پەزىلەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:36:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ قورساقلىق ـــ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتتۇر ،باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشلەر شەخسىيەتسىز ، مەردانە كىشلەردۇر . ئۇلار مەسلىلىلەرگە باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراشنى ، ھەر ئىشتا
ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلاشنى بىلىدۇ .باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا باشقىلار
بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى بىلگەندە ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى ۋە سەۋەنلىكىگە تاقەت قىلغاندا ،
ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىننى زىغىرلاپ كەتمىگەندە ، باشقىلارنىڭ نۇقسانلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بەرگەندە
پەزىلەتنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۇرۈگىلى بولىدۇ .ئەكسىچە زىيادە ئۆزىنىلا ئويلىغاندا كەڭ قورساق بولغىلى
بولمايدۇ .بۇنداقلار خۇددى ئاچكۆز بېخىللاردەك پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ئېرىشىشنىلا ئويلاپ ،ئۆزىگە سېخىي ،
باشقىلارغا چىڭ كىلىدۇ .خۇددى <<ئىنجىل>> دا ئېيتىلغاندەك ، ئۇلار ھامان باشقىلاردىكى كىچىككىنە ئەيىپنىلا
كۆرىدۇكى ، ئۆزىدىكى چوڭ نۇقساننى كۆرمەيدۇ .ئازراقلا زىيانغا ئۇچرىسا ، دەردىنى چىقىرۋالمىغۇچە بولدى
قىلمايدۇ . ئۆچ - ئاداۋەت خۇددى بىر ئۆتكۈر خەنجەركى ،ئۇ ئۆزگىنى ئازابلاش بىلەن بىللە ئۆزىنىمۇ ئازابلايدۇ ،
شۇڭا ئۆچ ئېلىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەرئىككى تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ .ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان ھايات ئازابلىق ھاياتتۇر .ئۆچمەنلىكنى نېرى قىلىپ كەڭ قورساقلىقنى ھەمراھ قىلغاندا ،قولنى چىرماپ تۇرغان تۈگۈن ئاندىن يىشىلىپ ، كۆڭۈل مىھرى-مۇھەببەتنىڭ بېغىغا ئايلىنىدۇ .خۇددى<< ھېكمەتنامە>> دە
ئېيتىلغاندەك ، ئاداۋەت ــ ئاپەتنىڭ كېنى ، مۇھەببەت ــ ئامەتنىڭ بېغى .

كەڭ قورساقلىق ـــ غەمگۈزارلىق بىلەن قىسمەتكە چىداش دىمەكتۇر . شۇڭا ، كەڭ قورساقلىق ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، كىشىنى زور جاسارەتكە ئىگە قىلىدۇ ، تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۇ ئارقىلىق باشقىلارمۇ ئۆزگىرىپ ، ئۇلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن
پۈتكۈل جەمئىيەت بىر ئىللىق ماكانغا ئايلىنىدۇ . كۆرۈش كېرەككى ، ناۋادا بىر كۈنەلردە بىز بىلىپ - بىلمەي
باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويساق ، ئېھتىمال باشقىلارمۇ بىزگە كەڭ قورساقلىق قىلىشى مۇمكىن .

كەڭ قورساقلىق ـــ ئالىيجاناپ خىسلەتتۇر ، ئۇ بىرەر ئىنسانغا بولغان غەمخۇرلۇقلا ئەمەس ، بەلكى بارلىق كىشلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقتۇر . ئەلۋەتتە ، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ، دوستلارغا ، تۇنۇش-بىلىشلەرگە كەڭ قورساقلىق قىلىش ئوڭاي ، ئەمما ئۆزىنى ئازابلىغانلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىش ، مۇنداقچە ئېيتقاندا يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش تەس . بۇ كەڭ قورساقلىقتىكى ئەڭ ئالىي مەنزىلدۇر ، بۇنداق كەڭ قورساقلىق ئاجايىپ زور قۇدرەتكە ئىگە . بۇ ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى يېپىش ، ئۇنى مەيلىگە قۇيۋېتىش بولماستىن ، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈپ ، ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى ئارتۇقچىلىققا ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىشتۇر .
مانا بۇ ھەقىقىي كەڭ قورساقلىقنىڭ ئىپادىسى .

شۇنى بىلىڭكى ، كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆچمەنلىككە يۈزلەنگىنىڭىزدە ، كەڭ قورساقلىق ـــ سىزنىڭ ئاقىلانە تاللىشىڭىز بولسۇن !



مەنبە:تور دۇنياسى

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
51
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلى كۆكسى كەڭ بۇلۇش ناھايتى ياخىشى بولغان ئادىمى خىسلەتتۇر.

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل نەسھەتلەركەن جۇمۇ، رەھمەت مودەنگۈل،چۇقۇم مۇشۇ تېمىڭىزدىكىدەك ئادەم بوپ كىتىمەن بىر كۈنى

Rank: 2

توردا
765 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:29:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلى كۆكسى كەڭ،ئۆزى جاھانغا تەڭ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
49 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:43:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل جايىدا ئېيتىلغان نەسىھەتكەن بۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:11 , Processed in 0.052335 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش