يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1873 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 343|ئىنكاس: 30

باشلامدۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
280 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
774
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاققۇ-تۇققۇ زەنجىر ھالقا،
قارا قوي نەدە ياتا.....................................................

دەپ باشلىناتتى قەدىم-قەدىم تاققۇ تۇققۇلىرىمىز.
بىراق ھازىر ئۇنداق باشلىماس بولدۇق
قانداق باشلايمىز،
باشلامدۇق؟
مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئەبەي تاققۇ تۇققۇ ئىكرانلاردا كۈرۈنمەس لا بولدى.نىمە بولدىكىن دىسەم ماۋۇ ئالدىنقى قېتىملىق تاققۇ تۇققۇلارنى  مەرىمخانلىق دەپ قۇيۇپتىكەن ئەبەيگە،شۇڭا ئۇ بولدى مىنىڭن ئىشىمنى گۇلخانلا قىلسۇن،ئۇ بار يەردە ماڭا كۈن يوق ماڭا دەپ يېتىۋاپتىمىش.
شۇڭا ئامال يوق يەنە باشلاشقا توغرا كەلدى ،
گىپىمىزنى باشلامدۇق‹؟
باشلىساق باشلىدۇق،باشلىيالمايدىغان يەدە بولمىغاندىكىن ئەلۋەتتە باشلىدۇقتە تۆرگە،يەنە كىلىپ كۆرپە تۆپىسىگە.باشلا باشلىمايلابىردەمدە بوپ بۇپتۇ يەر،يەرنى بوپتۇ دەپ ئېغىزنى ئىتىۋەتتۇق،بىراق ئۇ بەك ئاغزى بوش نەرسىكەن،قانچە ئەتكەن بىلەن تۇرمىدى،تۇرمىدى دەپ بەك خاپا بولايلى دىسەك ئۇنىڭ بۇلىشى شۇكەن،ھېلىغۇ بىزكەن باشقىلارغىمۇ تۇرمايدىكەن ئۇ،بەك تەس تۇرىدىكەن دەپ يۈلەپ قويدۇق تازا ئەتراپىنى تىرەپ.تىرەپ تۇردۇقا تۇردۇق ئاخىرى بۇلالماي قۇيۇپ بەردۇق،بەرگەن بىلەن ئالامدۇ ئۇلار،ئالسا ئالمىسا مەيلى يا ئېلىپ قالار دەپ تېلىفۇننى ئېلىۋەردۇق،بىراق سالىدىغان يەر يوق يەنە تاشلاشقا توغرا كەلدى.بىر قېتىم تاشلىغاندىكىن خۇمارى قالتىس تۇتىدىغان نەرسىكەن،تۇتىدىغان نەرسە تاپالماي ئۇ يېقىلىپ  چۈشۈپتۇ.چۈشكەنلىرىنىڭ بەزىللىرى شۇنداق يوغان،بەزىللىرى شۇنداق كىچىك،ئامال يوق كىچىكلىرىنى كىسىپ  يوغانلىرىغا چاپلاپ يەنىمۇ كىچىكلەتتۇق،كىچىكلەتكەنسىرى ئۇ چوڭايغىلى تۇردى،چوڭىيىپ چوڭىيىپ يوقاپ كەتسە قانداق قىلارمىز.قانداق قىلارمىز دەپ غەم يەپ تۇرساق يىمەيدىغانلارمۇ چىقتى.يىمەيىدىغانلار ئاۋال ماڭغاچ تۇردى ،يەيدىغانلار قالدۇق،قالغان بىلەن چىشىمىز بولمىسا يە،قانداق يەرمىز،ئاخىرى بىرى ئۇلارنى ئىزىپ يۇمشىتىپ بىرىدىغان بولدى،يۇمشاتسا ئىش بىردەمدە تۈگەيدۇ،تۈگىسە لازىم بولسا بىردەمدە يەنە ئەكىلىدىغان گەپ.بىراق ئۇنى نىمىدە ئەكىلىش كىرەك؟ماشىنىدا ئەكەلسەكمۇ،ھارۋىدا ئەكەلسەكمۇ ئەكەلمىسەك بولمايدۇدە،ھارۋىدا ئەكەلسەك ماشىنىدا ئەكەلمىدى دەپ خاپا بولغان،خاپا بولسىمۇ ساقال بەرىبىر چىقىدۇ دە،شۇڭا پات-پات قىرىپ تۇرۇش كىرەك،قىرىپ تۇرسا قارىسىمۇ ياخشى چىقىدۇ قازاننىڭ.قازاننڭ قارىسى ياخشى دورا،ياخشى دورىلارنى ئىچىپ تۇرۇش كىرەك،ئىچىمىسا گېلىغا تۈرۈپ قالىدۇ چاينى،چاي ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ مۇنبەردە ئادەم يوقكەن ،مايسىخان بولسا چاي بىرەتتى،ئۇسسسۇلۇقىمىز قاناتتى دىيىشىۋاتىدۇ،قانار،قانمىسا يەنە بىر ئىككى پەدە ئوينىسا قانىدۇ ياشلىقىغا، ياشلىقىمغا داغ چۈشمىسۇن دىسە تاققۇ تۇققۇنى ئاز دەسسەپ كىرىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالسۇن،ئۇخلاپ قالسىلا ھېچنىمىنى تۇيمايدۇ..بۇنداقلارنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش كىرەك.گىپىدە تۇرمىسا ئۇنداقلارنى ئادەم دىمەيمىز،لېكىن ھازىر دىمىگەن بىلەن كىيىنچە دەپ سېلىشىمىز مۇمكىن.سېلىش سالماسلىق بۇ مۇھىم ئەمەس،ئەڭ مۇھىمى بۇ تاققۇ تۇققۇدا كىم چىقىدۇ،؟كىم چىقسا شۇنى ئايدار ئايرۇپىلانغا سېپ ئاپىرىپ مەرىمخاننىڭ ئۆيىدەن خورگو بىلەن جازالايدۇ،شۇڭا  چىقمىغانلار دەرھال تىزىملىتىڭلار.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قاملىشىپتۇ بۇ تاقا -تۇققىلار ،لىكىن مەن يېزىشقا سەل ئاجىزلىق قىلىپ قالدىم،چەتتە تۇرۇپ تۇراي

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
202
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋپىر...ئەسسالام دەپ تۇنجى كىرىپلا ئەبەيكامنىڭ ۋارىسى بولدۇممۇ نىمۇ ئەمدى؟ ھەممىڭلا تىژ تۇدۇڭلا تۇققانلا ،يىڭى كىردىم ،قارشى ئېپ قۇياسىلەر ئۇنداق قىلماي...
ئەمسە باشلىدىم-ھە:
مۇنبەر دوقمۇشىدا بىرسىنى ساقلاپ ئولتاسام، ئايدار ئايرۇپىلانغا سېلىپ يېززىمۇ-يېزا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرىدۇ دىگەندەك بىر ئېلاننى كۈرۈپ قالدىمدە، بوپتۇ بىي ئويناپ كەلسەممۇ كىلەي بىكا ئولتاغىچە دىدىم، شۇ ھامان كونىلارنىڭ ئولتاغىدەك ۋاقتىڭ بولسا يېتىۋال دىگەن ھېكايىسى ئىسىمدىن كەچتى،ئېيتىپ كىتىپتىمەن شۇنداق چىرايلىق، گۈل دىگەننى ئەچىقىپ كەتتى پەستە ئولتاغانلار،يەنە بىرنى---يەنە بىرنى دەپ ۋاقىرشىدۇ،ئەمدى ئېيىتمايمەن ئاپام يالغان ئېيتسا گۇناھ بۇلىدۇ دىگەن دەپ ئاران قۇتۇلدۇم،قۇتۇلدۇممىكىن دىسەم تۇتۇلۇپتىمەن ئەسلى، پىراۋاڭ يوقكەن دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى دەپ تۇتىۋالدى ، تۇتساڭ تۇتە قۇلۇمنى تۇتمىغاندىكىن دەپلا مەيلىگە قۇيۋەتتىم، قۇيۋەتسەم ئۇچۇپ كەتتى بىچارە قەپەزدە بەك زىرىكىپ كىتىپتىكەنچۇ، بىزلەرغۇ زىرىكسەك ئانچە مۇنچە باغچىلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كىلەتتۇق ،شۇڭا ئايلىنىپ كەلدۇق ئەمدى، لېكىن شۇ قارشى ئالىدىغانلار چىقارمۇ،چىقماسمۇ دەپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم....

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 09:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا  قارشى ئالىمىز ،قەدەملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
927 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1641
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 09:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىنىرا دەپ ئۇماق قىزدىن بىرسى كەپتۇ دىۋىدى . قۇلۇمغا گۈل ئېلىپ قارشى ئالاي دەپ چىقسام ، توۋا خۇتۇن ئېلىپ توي كۈچۈرۋاتقانلارنىڭ ئالدىغىلا چىقىپتىمەن . يولنى توغرا كىسىپ ئالدىمىزغا چىقىۋالدى دەپ ئارغامچا تارتىپ تۇسۇۋالماسمۇ . توسساڭ تۇسۇۋە دەپلا مېڭىۋەردىم  . پىراۋا دەيدۇ قاسقان شەپكە كىيىۋالغان بىرى . پىراۋىنى ئالدىنقى يىلى ئېلىپ بولغان ، مەن ئەمدى نەزىرىيە ئۈگىنىۋاتىمەن دىسەم ، ئىلىپبەنى گۈلخان خانىم بالىلىرىغا ئۈيىدە ئۈگىتىۋاتىدۇ . چەۋەندازدىن ئۈگەن ، ئۇ تەخىيىنى مىنىسىمۇ قىزىل چىراققا قاراپ ماڭىدۇ دەيدۇ . ماقۇل دەپ قۇيۇپ قىزىل چىراقنى كۆزلەپ مېڭىپتىمەن . كۈپكۈندۈزدە قىپقىزىل چىراقلار يېنىپ كەتكەن بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كىلىپ قېلىپ ، مىلەڭزىسىنى شۇنداق قايرىسام ، نىمىنى كۆردۈڭ دىمەمسىلەر ؟ بىر توپ مايمۇنلار .... مەن ئەزەلدىن مايمۇنغا ئۆچ بولغاچ قاسقان شەپكىلىكنى ئىچىمدە نەچچىنى تىللىدىم . ھۇيت غۇجام ، توڭ غورا يىگەندەك قاپاقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ، مىنى نىمىگە تىللايدىلا ؟ خۇتۇنلىرى تۇز قۇيماي موما ئىتىپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ . ئاچچىقلىرىنى يامان قىلمىسىلا . مايمۇننىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ ئەتىيازدا يېتىپ چىققان 7 - نى ئەسلەپ قالدىم . زەپ كۈڭۈللۈك چاغلار ئىدى ئۇ . مەرىم نەچچە يىل ھۇشىنى يۇقاتقان بىرىنىڭ تۇمۇرىنى تاپالماي پىشانىسىگە يىڭنە سانچىپ قۇپۇرۋەتكەن ئەمەسمىدى . ئاڭلىسام مەرىم كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا تىما تەستىقلاپ ، ئىنكاس يېزىشنى تەس كۈرۈپ نۇپۇسنى ئاۋۇتماقچى بۇپتىمىش . كەچلىكى ئانار ، نەيىمەلەرنى يىغىۋېلىپ ناخشا توۋلاپ ، قىسمەتنىڭ بېشىنى ئۇچاق قىلغانمىش . ئويلىسام ئويلىسام پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى . يول توغرا كىسىپ ئۆتكەنگىمۇ پىراۋا دىسە ، يا شەھەردە چىغىر يول بولمىسا ...

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
202
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 09:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى قارشى ئالىمەن دەپ جىق دىشۋارچىلىققا ئۇچراپسىز،ئالدىڭىزدا خىجىلمەن،كۆپ رەھمەت!
مىنى قارشى ئالغان مودەن قىزغىمۇ رەھمەت!

Rank: 2

توردا
759 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2043
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:53:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەردە چىغىر يوللار بولمىغان بىلەن جىق جىق ئۈتۈشمە ستوبىللار بارلىغىغا بارىكاللا نەزمە قىلىپ ئولتاسام،ئانار مومام مودەننى نىماندا جىق ئەرگە تەگدىڭ دەپ تازا تىللاپ،ئەمدە كوچا سۈپىرگىلى چىقماي يىڭى جاڭشۇ قىلغان ئۈيۈمنى ئۇلانبايغا ئاپىرىپ يۇيۇپ تازلاپ كەل دەپ بۇيروپتىكەن،يىغلاپ ئالدىمغا كەپتۇ،ھازىر ئۈرۈمچىدە قاتناش بەك قىستاڭ، ب رت غا بېسىپ نەنزىگودىن تىز يوللانما قىلىپ خوتەنگە ماڭدۇرۋىتىڭ،سىز چەۋەندازنى مىنىپ خوتەنگە بېرىپ بولغىچە ئارسىلان شېخىللىرىنى كىپەك قىلىپ بوپ ئۇلۇغئاتادا يۇيغاچ تۇرىدۇ،گۈلىخانمۇ پۇتىغا لاتىن ئوسمىسىنى،قۇلىغا دۇبەينىڭ سۈرمىسىنى،چىچىغا ھەسەننىڭ خېنىسىنى قۇياپ بۇلاپ يۇرۇڭقاشتا چايقىشىپ ،روھچىننىڭ مال تەقسىملەيدىغان تانكىسى بىلەن لوپ بىكەتتىن چىرايلىق يولغا سىپ قۇيىدۇ،قىسمەتكە ئۇچۇر قىلسىڭىز،مەرىمنىڭ تۇغۇش ۋاختى قىلىپ قالمىغانلا بولسا دىلەيسەمنى قوشوپ چاقارتىپ ئۈزۈپ تاشلىغان مىفەن بىلەن غاز توخىمى پىشۇرۇپ سەندوڭبى بىكەتتە ساتقاچ سىزنى ساقلاشنى ئورونلاشتۇرۇپ قۇيىشى ئېنىق،كۈنلەر بىلەن قەمبەرنىسا گۈل ئېلىپ ئالدىڭىزغا چىغىشىمۇ  مومكىن دەپ  تەسەللى بىرىپ  يولغا سالدىم قاراڭلار،چۈشەنمىسەڭلەر ئايدارغا دەڭلا پارىسچىغە تەرجىمە قىلىپ بېرىشى مومكىن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
39 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
202
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبەيكامنىڭ شاگىرىتلىرى ئازمۇ نىمە؟ داۋاملاشتۇرۇڭلاچۇ...

Rank: 1

توردا
269 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ماۋۇ كۈنلەر بىلەن مودەننىڭ ئالدىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن چىقىدىغان بولغان. چىقساقمۇ چىقاتۇق لېكىن بۇ قېرىپ قالغاندا 6-قەۋەتكە چىقماق تەس كېلىدىكەن ئادەمگە. قانداق قىلاتتۇق، ئەڭ ئاخىرقى قەۋەتتە ئولتۇرۇپ ئېنكاس يازسۇن دەپ كىم دەپتىكەن ماڭا، ئولتۇرىدىغان جاي تىپىلمىغاندەك تېخى خەلق مەيدانىدا ئولتۇرۋالغىنىمنى كۆرەيمۇ. مودەن كەلسە مەيدانىڭىز مۇستەھكەم ئەمەسكەن دەپ ئەيىپلەپ كەتسە قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام، ماۋۇ چەۋەنداز كەپتۇ. دېھقانلار تەپسە تەۋرىمەس ئۆي قۇرۇلىشىغا ئائىت خىزمەتنى تۇتقانتىم دەيدۇ. تۇتقىنىڭىز ياخشى بوپتۇ، ئەمما نېمىشقا چىقڭراق تۇتمىدىڭىز دىسەم، خىزمەتنى چىڭ تۇتىۋىتىپ، مۇنبەردىكى ئورنۇمدىن ئايرىلىپ قالماي دىدىم دەيدۇ. ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقسىڭىز، نېمىشقا خاپا قىلىسىز ئۇ قىزنى دەپ بىر مۇنچە كايىپ ئۆيۈمگە كەلسەم ئارسلانكام بىلەن گۈلخان ھەدەم مېھمان بولۇپ كەپ قاپتۇ. كايىمىساڭلارمۇ بولىتى، شۇنداقلا كىلىۋەرمەپسىلە دەپ ئۇلار ئەكەلگەن گۇلاخما كۆچىمىنى تاز ئىشتىھا بىلەن يەۋەتتىم. كۆمەچنى يەپ بوپ ھويلىغا چىقسام، گۈلئايىم پايپاق تىكىپ ئولتۇرىدۇ، نېمە قىلاسىز روھچىن؟ بۇ كۆچەتنى ئەتىيازدا تىكەتتۇق ئەمەسمۇ، ھازىر كۆچەت تىكسە تۇتامدۇ دىسەم، تۇتسا تۇتا تۇتمىسا بىزمۇ گۇلخان ھەدەملەردە تېرەك تىرەپ قويامىز دەيدۇ.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ...خەپ چەتتە تۇراي دىسەم مېنى چىشلەپ تارتىپ....ھە مانا چىدىماي يەنە كەلدىم ئەمسە قاملاشمىسىمۇ چانمايدىغۇ-ھە.......بەربىر تاغدىن –باغدىن بولغاندىكىن.

مەن ئولتۇرغان 10-قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىدە شامالداپ ئولتۇرۇپ پەسكە شۇنداق قارىسام چەۋەنداز ئات چاپتۇرۇپ قىز ئىزدەپ يۈرۈپتۇ،بىرنى ئۇنداق بىرنى بۇنداق دەپ ،بىرنى لەغمەننى پېتىر ئېتىدۇ،بىرنى سامسىغا پىياز تۇغراپتۇ دەپ،قايسى كۈنى قەمبەرنىسا،ئەسمۇتۇللا بىلەن مەھسىلەتلىشىپ  ئاران بىر قىزنى تاپسام يۈزىدە سەپكۈن باركەن،بىر قېشى ئېگىز بىر قېشى پەسكەن  دەپ يەنە ئۇنمىدى،شۇنىڭ بىلەن  سۈپۈرگەمنى يەنە ئالدىم بەك ئاچچىغىم كەلدى ،قوپسام چەرچەنگە كېلىپ بوپتىمەن ،ئايدار مېنى تىز ئۇچىدىغان بىر ياغاچ ئايرۇپىلانغا بېلەت ئالمايلا چىقىرىپ قويدى ،ئەينا دىمىدىمۇ  بەربىر ئانار كەلسە قۇرۇق كەلمەيدۇ دەپ.ئۇ  كىمدۇ؟... گۈلىخاننىڭ  قاپىغى سەل يامان تۇرىدۇ ،قولىدا بىر كۆمەچ نان، ئەسمۇتۇللا دېرىزىنى بەك چەكمەپتۇ يە خەپ –ھە   بابۇر،ئاھۇ،غۇنچە قىزلار قولىدىكى شېئرلىرىنى كۆتۈرۈپ بولالمىغان ھالدا بۇ ياققا كېلىۋاتىدۇ يا بۇ چەۋەنداز غاچ-غاچ بولمىغان،ئەينا شېئرلار چۈشۈپ قالغىلى تاسلا قالدى. رەھمۇتۇللانىڭ يۈرىكى زىدە، سامسىپەز بۇراپ قالغان سامسىلارنى نىسىغا سېتىپ، يەر شارى چۆگلەپ ،ئەرۋاھ پوشكالنىڭ پۇرىقى نەدە دەپ،سايە دەرەخ تۈۋىدە،جاھاندار جاھان كېزىپ،جېدەلخور جېدەل چىقىرىپ كەچكىچە يوخلامغا كېچىكىپ بارمايمەن دىسەم مېنى زورلاپ ئۇنداق دىگەن بىلەن  قىسمەتكام ۋاي كېلىڭ دىدى مەرىم چىرىيىنى ئاچمىدى نىمىشقا ھازىر ئۇنۇڭغا مىھمان ئېغىر كېلىدۇ ئەمسە مەن مىھمان قىلاي، كىچىك كېلىپ قالغان ياغاچ ۋىلسىپىتنى مىنىپ  قىزىل قەغەزدە كالپۇكۇمنى بوياپ ،ئوچاقنىڭ كۈيىسىدە قاشلىقنى بولىشىغا ئېتىپ،لاخشىگىردا چېچىمنى بەك دەششەت بۈدىرە قىلدىم كېتىۋاتىمەن، قاياققا؟ پىراۋام يوق مېنىڭ .مېنى ئىزدەمسىلەر؟ مۇشۇ مۇنبەردە مەن بار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:13 , Processed in 0.058882 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش