
سەپكۈننى يوقۇتىشنىڭ ئۇسۇللىرى
شوخلاشەربىتى. كۈندە بىر ئىستاكان شوخلا شەربىتى ئىچىش ياكى كۈندە شوخلا يېيىش ئارقىلىق سەپكۈننى داۋالىغىلى ھەمدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
لىمون-مۇزشەربىتى. لىمون شەربىتىگە ئازراق مۇز قوشۇپ ئىچىپ بەرگەندە، تېرىنى ئاقارتىپلا قالماستىن، تېرە قان-تومۇرلىرىنىڭ قېرىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قاراقېرىنقۇلاق - چىلان شورپىسى. قارا قېرىنقۇلاقتىن 30 گىرام ، چىلاندىن 20 گىرامئېلىپ مۇۋاپىق سۇدا يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن، كۈندە ئەتىگەن ھەم كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، سەپكۈننى يوقىتىپ، ئۇرۇقلىتىدۇ،
پۇت ۋە ئاياغ كىيىمدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
1. كۈندە كەچتە ئاياغ كىيىم ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى سېپىپ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ قويسا،سېسىق پۇراق يوقايدۇ. ئاياغ كىيىمنى كىيگەندە، ئىچىدىكى تۇزنى قېقىۋېتىپ كىيسىلابولىدۇ. ھەر كۈنى كەچتە پۇتنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئازراق ئاش تۇزى سۈرۈۋالسىمۇ پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.
2. قۇرۇتۇلغان چاي شامىسىنى لاتىغا يۆگەپ، ئاياغ كىيىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسا، سېسىق پۇراق يوقايدۇ.
3. 100 گىرام تۇرۇپنىتوغراپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا بەش مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، داسقا تۆكۈپ پۇت كۆيمىگۈدەك بولغاندا، ئەتىگەن – كەچتە پۇتنى تاكى سۇ سوۋۇغىچە چىلىسا، بىر نەچچەكۈندە پۇت پۇراش ئاساسەن يوقايدۇ.
4. بىر داس سۇغا 10مىللىلىتىردىن 15مىللىلىتىرغىچە ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ھەر كۈنى كەچتە پۇتنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلىسا،بىر نەچچە كۈندە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ。
مەنبە :جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيۇ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:47