يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1867 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 7

يۈتۈپ كەتكەن قوي ـــــ ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
266 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
383
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈتۈپ كەتكەن قوي


ھېكايە


ئاتىگۇل ئەخەت (نازپەرى)



   - ئانا، ئانا، قويدىن بىرسى يوق تۇرىدۇ. ئانا....
   ھويلىدىن ئەنسىز ئاۋازدا ۋارقىراپ كىرگەن ئوغلى تۇرسۇنغا قاراپ، گۈلجەمىلىخان قولىدىكى توغراۋاتقان ئاشچامغۇرنى قويۇپ قولىنى پەرتۇقىغا سۈرتكەچ ئورنىدىن تۇردى. چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان تۇرسۇن ھېلىھەم تىترەپ تۇراتتى.
   - نېمە بولدى دىدىڭ ئوغلۇم؟ قويدىن بىرسى يوق تۇرىدۇ دىدىڭما ؟
   - ھەئە، قويلارنى ئېڭىزلىققا قويىۋىتىپ قىر بىشىدا يىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئويغىنىپ قارىسام قويدىن بىرسى يوق تۇرىدۇ.
   - ھىچقىسى يوق، بېشىمىزغا كەلگەن بالا-قازا شۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كەتكەي ئېلاھىم.
   گۈلجەمىلىخان شۇنداق دىگەچ ئىچكىركى ئۆيگە قاراپ ماڭدى. تولا يۇيۇلۇپ ئەسلى رەڭگىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولماس بولۇپ كەتكەن دۇخاۋا كۆينىكى ئۈستىدىن كېيىۋالغان، مىزى چۇۋۇلۇپ كەتكەن پاختىلىق چاپان ئۇنى ئەسلى يېشىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇ بۇلۇڭدىكى بىر نەچچە ياغلىققا قالايمىقان چىگىلگەن كىيىملەر ئىچىدىن بىر چاپاننى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، يانچۇقىدىن گۈلە چوڭلۇقىدا بىر تۈگۈچنى ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى. تۈگۈچكە چىگىلگەن بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك ئانىسىدىن قالغان تەۋەررۈك مىراس ئىدى. ئۇ بۇ بىر جۈپ ئۈزۈكنى ئوغلىنىڭ تويىغا ئاتاپ ساقلاۋاتاتتى.
   - مە بۇنى ئالە ئوغلۇم، بازارغا ئاپىرىپ سىتىپ پۇلىغا يۈتۈپ كەتكەن قويغا ئوخشايدىغانراق قويدىن بىرنى ئىلىپ قايتىپ كەل. تويۇڭغا ئاتاپ ساقلاپ قويغان ئاخىرقى بىساتىم ئىدى. بوپتۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
   بېشى چۈشۈپ كەتكەن تۇرسۇن ئانىسى بەرگەن ئالتۇن ئۈزۈكنى چىڭ سىقىمدىغان پىتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. دادىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ، بىۋاپا تەقدىر ئۇنى مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىپلا كەلگەنىدى.

   گۈلجەمىلىخان تۇرسۇننى تۇغۇپ كىيىنكى يىلى تۇغۇلغان قىزى گۈلسۈم يېشىغا توشمايلا ئۆلۈپ كەتتى. ئەر-خوتۇن ئىككىسى قاتتىق قايغۇرغان بولسىمۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز ئېدى. تۇرسۇننىڭ دادىسى مەمىتاخۇن ئۆزى يۇۋاش، ئىشچان ئەر ئېدى. 3-4 مو يېرىگە يىل بويى ئەجىر سىڭدۈرۈپ كۆڭۈلدىكىدەك مول-ھوسۇلغا ئېرىشسىمۇ، بىر ئائىلىنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ئۈچۈن كىتىۋاتقان ئائىلە چىقىمىنى ئاران قامدايتتى. ئەمما ئەر-خوتۇن ئىككىسى نامرات ئۆتسىمۇ بۇ تۇرمۇشىدىن رازى ئىدى. تۇرسۇن 5 ياشقا كىرگەن يىلى مەمىتاخۇن قارا كىزىك بىلەن ساقىيالماي ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن كىيىن چىققان لايىقلارنى << ئوغلۇمنى ياتنىڭ ئالدىدا بويۇن قىستۇرۇپ قويسام بولمايدۇ >> دەپ يولغا سالدى. 13 يىلدىن بېرى نىم ئەر نىم ئايال بولۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان گۈلجەمىلىخاننىڭ ياشلىق گۈزەللىكىنى رەھىمسىز يىللار ئىلىپ كىتىپ ، ئورنىغا جاپالىق يىللارنىڭ شاھىدى بولغان تال-تال قورۇقلار بىلەن ئەن سىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى.

   كەچ كىرىپ ئەتراپنى گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى قاپلىغاندا تۇرسۇن بىر قوينى يىتىلەپ ھارغىن چىراي قايتىپ كەلدى. سوغۇقتىن توڭلىغانلىقتىن بولسا كېرەك، پۈتۈن ئەزايى جالاقلاپ تىترەپ تىلى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى. ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئانىنىڭ يۈرىكى ئىچىشتى. كۆز جىيەكلىرى قىزىپ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىچىشىپ كەتتى. يىللاردىن بىرى تەڭرىنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە تولا سۆزلەپ ھىرىپ كەتكەن ئانا ئامالسىز ئېدى. بىر يىللىق بىقىپ بېرىشكە كىلىشكەن 24 قوي، ئالتۇن تاۋاققا ئوخشاش بولۇپ ئوتتا كۆيمەيتتى، سۇدا ئاقمايتتى.
   - ئۆيگە كىرىپ ئوت ئىسىنىۋال. بۇ قوينى مەن جايلاشتۇرىۋىتەي.

   سىياھتەك قاپقاراڭغۇ كېچە. ناگان-ناگاندا قوشنا كەنتتىكى ئىتلارنىڭ قاۋاپ قويۇشلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئەتراپ چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمجىت ئىدى. گۈلجەمىلىخاننىڭ كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچقان. ئاۋازىنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچى بىلەن ئىغىزىنى مەھكەم تۇتىۋالغانىدى. يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرى قاراڭغۇدا ھىچنىمىنى ئىلغا قىلالمىسىمۇ، يەنىلا تورۇسقا تىكىلگەن ئىدى.

   قىش ئۆتۈپ باھار، ياز كەلدى. ياز كىتىپ يەنە قىش كەلدى. دىھقانلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراشلا يۈرەتتى. گۈلجەمىلىخان يېقىندىن بىرى ھاسىرايدىغان، يۆتەلگەندە قان تۈكۈرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. تۇرسۇننىڭ بىر قانچە قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىش مەسلىھەتىنى چىرايلىقچە رەت قىلغانىدى. دوختۇرخانىغا بارغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردا ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق ئىدى. چىشىنىڭ كاۋىكىدا يىغىپ ساقلىغان كىچىككىنە پۇلى بىلەن تۇرسۇنغا قىز سوراپمۇ بارغىلى بولمايتتى. شۇڭا گۈلجەمىلىخان ئېرى بار ۋاقتىدا ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئېرىق بويىغا تىكىپ قويغان بىر نەچچە تۈپ تېرەكنى ئېلىشىغا ساتتى. چۈنكى بۇ يىل ئەتىيازدا تۇرسۇننى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ قويۇش ئارزۇسى بار ئىدى.
   - ئانا، نېمىشقا بەزى كىشىلەر شۇنچىلىك باي بەزى كىشىلەر شۇنچىلىك نامرات؟ ھەتتا قىشنى خاتىرجەممۇ چىقىرالمايدۇ ؟ ئورۇقلىقىدىن تومۇرلىرى بۆرتۈپ چىققان قوللىرى بىلەن كونا كۆرپىگە چاپلىشىپ قالغان قىلدەك بىر نەرسىنى چىمدىپ ئىلىپ ئولتۇرغان تۇرسۇن ناھايىتى پەرىشان كۆرۈنەتتى.
   - ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىگىن ئوغلۇم. گەرچە بىز كەمبەغەل بولساقمۇ، قازىنىمىزدا ئاي-يىللاپ گۆش پىشۇرالمىساقمۇ ئانا-بالا شۇنداق ئېناق ئۆتىمىز. مۇشۇنىڭغا شۈكرى قىل !
   گۈلجەمىلىخاننىڭ چىرايىدىكى كىچىككىنە تەبەسسۇم يۆتەل تۇتۇشى بىلەن يوقىدى. ئۇ ئوغلىغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ ئوغلىنى قايىل قىلغاندىن كىيىن مەمىتاخۇننىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ قىزى نۇرگۇلنى ئوغلىغا سوراش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. كۆزىنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئوغلىنىڭ تويىنى كۆرۈش ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئىدى.

   توي داغدۇغىسىزلا ئاياقلاشتى. چۈنكى گۈلجەمىلىخاننىڭ ئارتۇق داغدۇغا قىلغۇدەك ماجالى يوق ئىدى. بۇنىڭغا قىز تەرەپمۇ ماقۇل بولغانىدى. تويدىن كىيىن گۈلجەمىلىخان ئوغلىنىڭ تويىنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك رەسمىي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى. نۇرگۇل 3 ۋاخ تاماقنى ۋاقتىدا ئېتىپ قىيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتاتتى. گۈلجەمىلىخانمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولغاندەك يىنىك نەپەس ئالدى.
   - ئەتە ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ كىلەيلىچۇ ؟ نۇرگۇلنىڭ  تۇرسۇننىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ تۇرۇپ ئەركىلەپ دىگەن گەپلىرى تۇرسۇننى ئېرىتىۋەتتى.
   - ماقۇل، ئەمما سىز بېرىپ كىلىڭ. مەن ئانامغا قارىغاچ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى بۇغداي مايسىلىرىدا قويلارنى باققاچ تۇراي.
   - بۇ نېمە دىگىنىڭىز؟ تويدىن كىيىنكى بىرىنچى ھەپتىدىمۇ مەن يالغۇز بارامدىم ؟
   نۇرگۇلنىڭ ئەركىلەپ قىيداشلىرىغا چىدىمىغان تۇرسۇن بىللە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئۇنى دىمىگەندىمۇ ئۇنىڭمۇ خوتۇنىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئېدى.

   قولتۇقلىشىپ مېڭىشقان بۇ يىڭى ئەر-خوتۇنلارغا ھەممىنىڭ ھەۋىسى كىلەتتى. يولدا بارغۇچە شىرىن پاراڭلارنى قىلىشىپ ماڭغان تۇرسۇن بىلەن نۇرگۇلغا يولنىڭ يىراقلىقى ئانچە بىلىنىپ كەتمىدى. چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپلا ئانىسىدىن ئەھۋال سورىغان نۇرگۇل ئۆيدىن يېڭى كۆرپىدىن بىرنى ئىلىپ چىقىپ تۇرسۇننىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي سىلىپ قويدى. ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىنىچلىق سوراشقاندىن كىيىن نۇرگۇلنىڭ ئانىسى مەرەمنىساخان سۆز ئاچتى.
   - قىزىم داداڭ ماللارغا قاراپ قويۇشىمنى ئىيتىپ كەنتكە كەتكەن. تۈنۈگۈندىن بېرى پۇتۇم ئاغرىپ ھىچ ھالىم قالمىدى. قويلارغا قارىۋەتكىن.
   - بولدى مەنلا قىلىۋىتەي. بىردەمدىلا چىقىپ بولىمەن.
   تۇرسۇن شۇنداق دەپلا مەرەمنىساخاننىڭ تۇتقىنىغا ئۇنىماي ئورنىدىن تۇردى. ئۇرۇق-تۇققان بولغاچقا كىلىپ تۇرىدىغان تۇرسۇن بۇ ئۆينىڭ ئوي-چوڭقۇرىنى ئوبدانلا بىلەتتى. سامانلىقتىن بىر تاغار ساماننى يۈدۈپ چىققان تۇرسۇن قوتان ئوتتۇرىسىغا كىلىپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى. يۈدۈپ چىققان ساماننىڭ يەرگە سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالدى. چۈنكى بىر يىل ئىلگىرى يۈتۈپ كەتكەن ھېلىقى قوي، قوتاندا ئۆز ئىگىسىنى تونىغاندەك مەرەۋاتاتتى.




تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،تېخىمۇ ياخشى يېزىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

Rank: 1

توردا
266 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
383
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:40
ياخشى يېزىپسىز ،تېخىمۇ ياخشى يېزىشنى ئويلىشىپ باقتىڭى ...

تېما يازغۇچى چوقۇم ياخشى يازسامكەن دەپ يازىدۇ.
بۇ گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. تەلىملىرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن سابا خانقىز.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1394 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3493

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋااا....ما ئىشنى، ئادەم تېپىلمىغاندەك بۇ بىچارە ئانا- بالىنىڭ قويىنى ئوغۇرلىغىنىنى قارا، ئاخىردا قۇدا بولۇپ قېلىشقىنىچۇ  تېخى، جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ دېسە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 08:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟ئۇلار ئوغۇرلاپ ئەكىلۋالمىغاندۇ -ھە؟ئاخىرىنى كۈتتۇق

Rank: 1

توردا
266 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
383
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 08:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 08:13
توۋا بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟ئۇلار ئوغۇرلاپ ئەكىلۋالمىغاندۇ ...

ئاخىرى يوق جانىم...
ئۆزرىلىكمەن. ئاخىرىنى يازسام چوقۇم كۆڭۈلسىزلىك چىقىدۇ. شۇڭا ئاخىرىنى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىنىشىغا قويۇپ بەردىم.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
923 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1636
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۈشۈك يۇقالسا ئىزدەيمىزيۇ ، بىر قوي يۇقاپ كەتسە ئىزدىمەمدۇق بالا - قازا شۇنىڭ بىلەن كەتكەي دەپ ؟

Rank: 2

توردا
753 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2034
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولتوقتىن چۈشسە قۇنجۇمغا
  

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 02:57 , Processed in 0.190057 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش