يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 172|نەقىل: 7

نەۋرىزە: كېتىپ قالدىڭمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
132

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېتىپ قالدىڭمۇ؟
ئەجەل ئوقى كىمنى چەنلىسە،
قالقان يوقكەن ئۇنى توسۇشقا.
ھالسىرىغان ئىسسىق تەنلىرى،
تەغدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقا.

تىلسىز ھالدا كېتەركەن ئۈنسىز ،
تۆۋە قىلىشقا رۇخسەت ئالالماي.
ۋاقىتسىز تەككەن ئاشۇ بىر ئوقتا،
كېتىپ قالاركەن قايتا قوپالماي.

تەغدىر دېدۇق پىشانە دىدۇق.
يىغلاپ تۇرۇپ، ھەم تاماق يېدۇق.
ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە دەيدۇ،
مانا بۇ قېتىم يەنە بىر بىلدۇق.

بىر كېچىدە بەش قېتىم قوپۇپ،
ئاق سۈت بەرگەن ئاناڭ قالدىغۇ.
قېرىنداشلىرىڭ قان يۈتۈپ يىغلاپ،
ۋاي- ۋايلىغان بالاڭ قالدىغۇ....

چاقماق كۆينەك سېنىڭ ئىدىغۇ،
ئەمدى رەڭسىز كېپەن كىيدىڭمۇ،
زار يىغلىتىپ قېرىندىشىڭنى،
ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدىڭمۇ.

دەريا سۈيى توسات سۇغۇلدى،
بېلىقلىرى چارىسىز بۇغۇلدى.
دەريا سۈيى ئورنىغا ھەدەپ...
دەرتلىك ئەلەم ياشلار قۇيۇلدى.

( قېينى ئىنىمنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە)
3- سېنتەبېر ئالەمدىن ئۆتتى
2012-يىلى 15- سېنتەبىر



Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 08:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى،بەزى ئىشلارغا ئامال يوقكەن،بۇ جاھاندا

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىرلىك بۇلۇڭ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللادىن مەرھۇمغا ياخشىلىق ، سىزگە سەۋر تىلەيمەن .

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
51
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر كېچىدە بەش قېتىم قوپۇپ،
ئاق سۈت بەرگەن ئاناڭ قالدىغۇ.
قېرىنداشلىرىڭ قان يۈتۈپ يىغلاپ،
ۋاي- ۋايلىغان بالاڭ قالدىغۇ....

بۇ بىر كوپلىت شىئېر بىزنىڭ  ئۈيىمىزنىلا سۈرەتلەپ بىرىپتۇ ....

جېنىم مىنى سېغىنمىدىڭمۇ؟

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:59:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرسىيەرىڭىز شۇنداق ئاچچىق چېقىپتۇكۆزنى نەمدىگۈدەك

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋرى قىلىڭ ھەدە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغىچىدۇر!

سەبىر قىلماي نىمە ئامالىمىز بار.....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 03:04 , Processed in 0.051021 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش