يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 224|نەقىل: 9

سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ئاپتۇر: قەييۇم مەجنۇن

ئېسىلزاد بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ،   
ئۇلۇغزاد بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .   
سۇمباتلىق بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ،   
باياشات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ئۇ سېنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بېقىپ ،   
جېنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بېسىپ .   
ئوتۇڭدا كۆيۈپ ، سۈيۈڭدە ئېقىپ ،   
قاق سەنەم بولسىمۇ بارىنى سېتىپ ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ، ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ساڭىلا تۈگۈنۈپ ئۆزى يېمەيدۇ ،   
سېنىلا كەيسۇن دەپ ئۆزى كىيمەيدۇ .   
جاپا ھەم زەربىگە ۋايساپ كەتمەيدۇ ،
بەلكى كۆز يۇمغىچە غېمىڭنى يەيدۇ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

پۇتلىرى مىڭ قاداق ، قوللىرى يېرىق ،   
يىل بويى ئىشلەپمۇ كىيىمى يىرتىق .   
ئۈستىدە تۇرسىمۇ تۈمەن مىڭ سېلىق ،   
ئۇ شۇنچە مۇلايىم ، ئۇ شۇنچە سىلىق ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ئۆتكۈزدى ئۇ ئۆمرىنى بالام ، بالام دەپ ،   
كۈندۈزى ئەتىزدە ، كەچتە كالام دەپ .   
تېخى كوپ بالامغا مېھرىم چالام دەپ ،   
ياشىدى ھەممىگە ئوخشاش سالام دەپ ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

سەن ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ باقتىڭمۇ ،   
بېشىغا بىر تەلپەك بېرىپ باقتىڭمۇ . ;
مۈكچەيگەن قەددىگە قاراپ باقتىڭمۇ ،   
ئاقارغا چېچىنى سىلاپ باقتىڭمۇ ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ئۇ سېنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويدى ،   
شۇنداقلا دۇنيانى تونۇتۇپ قويدى .   
بەختنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى ،   
سېنى دەپ ياشلىقىنى يوقىتىپ قويدى ،
سۆي، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

شۇ گۈزەل ھۆسنۈڭگە كۆچكەن ياشلىقى ،   
سەن ئۈچۈن كەتمەسكە كەتكەن شاشلىقى .   
سېنى دەپ يوقالغان ھەم ئوت شاشلىقى ،   
سېنى دەپ ئاقارغان بەشى چاچلىقى ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ساڭا ئايدا ئاش ،   
نەۋرىلەر يېسۇن دەپ چامغۇر ھەم كوكباش .   
ھىچيەردىن ئالمايدۇ بىر تىيىن مائاش ،   
ئۇ شۇنچە چىداملىق ئۇ شۇنچە ياۋاش ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

كۆمۈرگە پۇلى كەم ، قالايدۇ مەدەك ،   
پۇل ئۈچۈن ئەتىزدە تېرىيدۇ غوزەك .   
ئەمما سەن قەھرىڭنى چاچىسەن بۇزدەك ،   
ئېيتقىنا سەندىكى ئۇ قانداق يۈرەك ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

كوچىدا كۆرسەڭ قاچىسەن تېخى ،
كەمسىتىپ ئەيىۋىنى ئاچىسەن تېخى .
ئاچچىقلاپ زەھىرىڭنى چاچىسەن تېخى ،   
شۇندىمۇ بالام دەپ كۆيەر ئۇ تېخى ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...


تۇرقىغا قاراپ باق ، كىيىمى جۇل - جۇل ،
ھەممىدىن ئايرىلىپ بولۇپ قالدى تۇل .
تۇرمۇشنىڭ يولىدا يۈرىكى چۇل - چۇل ،
پۇرىۋال ، ئۇ دېگەن خۇش پۇراقلىق گۈل ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

قاراپ باق بەستىگە مۈكچىيىپ كەتتى ،
ئىش - ئەمگەك دەستىدىن چەيلىنىپ كەتتى .
ئۈششۈگەن گۈل كەبى شۈمشىيىپ كەتتى ،   
دەردىنى ئېيتالماي ئۈمچىيىپ كەتتى ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...   

ئۇنىڭدا يوق قىلچە كىبىر - تەمەننا ،   
ھەر باسقان ئىزىدا تۈمەن مىڭ مەنە .
ئەپسۇسكى ياشىنىپ قالدى ئۇ ئەمما ،   
لېكىن سەن قەرزىڭنى قىلدىڭمۇ ئادا ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

بىلەمسەن سەن ئۇنىڭ نامراتلىقىنى ،
نامراتلىق تەختىگە سۇلتانلىقىنى .
بىلسەڭمۇ ئەڭ ئاددىي پاك زادلىقىنى ،
بىلمەيسەن قەرزىڭنىڭ قات - قاتلىقىنى ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

كىيىشىڭ ئېسىل تون ، ساڭا كۈندە توي ،
ئىچىشىڭ مەي - شاراب ، يېيىشىڭ قوي .   
سەن گويا بىر ئەنبەر ، ئۇ بولسا بەتبۇي ،
شۇ سەۋەب داداڭنىڭ بېشىدا مىڭ ئوي ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ئۇ بەرگەن پاختا رەخ ئۇستاخانلاردا ،
ئۇ بەرگەن ئاش - غىزا داستىخانلاردا .   
ئۇ تەرگەن سەي - كۆكتات شۇ قازانلاردا ،
ئۇ يەنە ئۆتەلمەس ئىمتىھانلاردا ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

سەن ئۇنى بىر قېتىم يوقلاپ باقتىڭمۇ ،
بىرەر رەت قورسىقىنى توقلاپ باقتىڭمۇ .
ئۇ سۇنغان داغ چاينى ئوتلاپ باقتىڭمۇ ،
بايرىمىڭ بولدى دەپ قۇتلاپ باقتىڭمۇ ،
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ...

ياشىدى ئۇ ھامان ھەقنى - ھەق سۆزلەپ ،
ئەۋلادىم ، خەلقىم دەپ يىراقنى كۆزلەپ .
ئىش - ئەمگەك ئەزسىمۇ ھەتتا ھەسسىلەپ ،
چىداشلىق ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بەزلەپ ،
سۆي، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ...

ئۇ كەتسە قايتىدىن تاپقىلى بولماس ،
ئۇ كەتسە تاي بولۇپ چاپقىلى بولماس .
ئۇ كەتسە قوشاققا قاتقىلى بولماس ،   
پۇل خەجلەپ بازاردىن ئالغىلى بولماس ،   
سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ ..



Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇراتتىم بۇشېئىرنى....
مەكتەپتىكى ۋاقىتتا يادقىمۇ ئېلىۋالغان تېخى...

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:19:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانلا ئاڭلىماي، نەچچە قېتىم ئاڭلىماي، ھەر قېتىمدا ئوخشاشلا  يىغلىغۇم كېلىدۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
338
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 08:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرىلىك دادا مىنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت،مەن سىنىڭ باسقان قەدەملىرىنىڭنى مەڭگۇ داۋاملاشتۇرىمەن.ئۇلۇغ ئاللادىن ساڭا خاتىرىجەملىك تىلەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:06  


Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 08:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادا مېنى جاپا تارتىپ چوڭ قىلىپ،ئوقۇتۇپ ھچبىر راھىتىمنى كۆرمەيلا ئۇ ئالە،گە كەتتىڭىز....

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام بولسىتى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
51
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئۇقۇپ كۆڭلۈم ھەجەپمۇ يېرىم بولدى دىسە ....

جېنىم مىنى سېغىنمىدىڭمۇ؟

Rank: 1

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
58
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر چەۋەنداز،ئىپارئاي،ئۇنداق كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار،سىلەرنىڭ داداڭلار يېنىڭلاردا بولمىغىنى بىلەن كۆيۈمچان ئاپاڭلار قېشىڭلاردا بار ئەمەسمۇ،شۇ كۆيۈمچان ئاپاڭلارغا كۆيۈنۈپ،سىلەردىن كۈتكىنىنى قىلىپ بەرسەڭلار داداڭلارنىڭ روھى خوش بولىدۇ .

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لالە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:08
باتۇر چەۋەنداز،ئىپارئاي،ئۇنداق كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىل ...

گېپىڭىز بەك ئورۇنلۇق

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر شئېركەن ،تۇنجى كۈرۈپتىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:33 , Processed in 0.078410 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش