يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 161|نەقىل: 8

چۆچەكنىڭ ئاخىرى (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
165
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەكنىڭ ئاخىرى
مۇھەممەد شەرىپ قۇل(ئۆزبىكىستان)

تۈن يېرىم،كۈڭۈل يېرىم،،،،
سەن يېرىملاپ قالغان تاماكىنى قاتتىق شورايسەن،تۈرۈم-تۈرۈم كۈكۈش تۈتۈن ھاۋاغا ئۆرلەيدۇ.پەرىشان تۈتۈن ئىلكىدە ئالدىڭدىكى قىز غايىپ بولغاندەك ،روھىڭ يەڭگىللەپ قالغاندەك بۇلىدۇ.
تۈتۈن تارىغاندىن كىيىن ،قىزنىڭ سەندىن كۆز ئۈزمەي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىسەن.
ئۆي ئاچچىق تۈتۈنگە تۇلۇپ كىتىدۇ،قىزنىڭ كۆزلىرى ئېچىشىپ ،نەملىشىدۇ.بىراق بۇ ئازاپلار مەن ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس دىگەندەك،ساڭا ئىنتىزارلىق بىلەن باقىدۇ.قىز بۇيرۇقۇڭنى كۈتۈپ تۇرغان چۆرىدەك بىر ئېغىز سۈزۈڭگە ئىنتىزار بۇلىدۇ،سەن ئۈزۈڭنىڭ ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرغانلىقىڭدىن ،ھۈكۈم قىلىشنىڭ ئۈزۈڭگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ،مىيىقىڭدا كۈلۈپ قۇيىسەن.ئەمما يۈرىكىڭنى غايىپ بىر قول شەپقەتسىز مۇجۇيدۇ،ئىچىڭدىن''ئاھ،ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئۈمۈر قۇل بۇلۇپ ئۈتۈشكە رازى ئىدىم!‘‘دىگەن نىدا ئۆرلەيدۇ.
--نىمىگە كۈلىسىز ؟-دەپ سورايدۇ قىز.
--شۇنداقلا كۈلۈپ قويدۇم.-دەيسەن سەن.
--مىنىڭ ئۈستۈمدىن كۈلۈۋاتمايدىغانسىز؟-دەيدۇ ئۇ.
--ياق ئۈزۈمنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈۋاتىمەن.
سىنىڭ بۇ راسىت گىپىڭگە قىز ئۈزىنى ئىشەنگەندەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ،ئىشەنمىگەنلىكىنى يۇشۇرىدۇ.

تۈن يېرىملاپ قالغان،بەخىتمۇ يېرىملاپ قالغان،،،،
تاشقىرىدا شامالنىڭ ھۇۋۇلدىغىنى ئاڭلىنىدۇ،بۇ ئاۋاز تاشقىرىدىن ئەمەس،سىنىڭ قۇپقۇرۇق قەلبىڭدىن كىلىۋاتقاندەك
ئۈزۈڭنى قۇيۇشنى بىلەلمەي قالسەن.
--تىزىڭىزغا بېشىمنى قويسام بۇلامدۇ؟-دەپ سورايسەن قىزدىن،سەن ئۈچۈن جېنىدىن كىچىشكىمۇ تەييار تۇرغان قىزدىن بۇنى سوراش ئۇنىڭغا ھاقارەتتەك بۇلۇپ تۇيۇلىدۇ.سەن قىزنىڭ بېشىغا تىزىڭنى قۇيۇپ،كۆزلىرىڭنى يۇمىسەن،قىز نازۇك بارماقلىرى بىلەن چېچىڭنى سىلىغاندا دۇنيادا بەخىتسىزلىكنىڭ نىمىلىكىن بىلىسەن.سەن باشقا بىر قىزنىڭ چېچىڭنى شۇنداق سىيلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىڭ...
قىز ئارامىڭنى بۇزۇپ قۇيۇشتىن چۈچۈگەندەك ئاستا سورايدۇ:
--ئېيتمامسىز؟
--نىمىنى؟
--بىر گىپىمنى ئېيتىمەن دىگەندىڭىز.
--باياتىن بېرى نۇرغۇن گەپلەرنى ئېيىتتىم.
--ياق،ئېيتىڭ!
--نىمىن ئېيتاي؟
--نىمىشقا مىنىڭ تىزىمغا بېشىڭىزنى قۇيىسىز،شۇنى ئېيتىڭ!
--چۈنكى،،،،
سەن’’چۈنكى سەن ئۈزۈڭ كەلدىڭ‘‘دىيىشتىن خىجىل بۇلۇپ گىپىڭنىڭ ئاخىرىنى يۇتىسەن،قىزنىڭ يىنىك تىترەپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىسەن.
--بىلمىدىم ،ئىھتىمال شۇنى خالىغاندۇرمەن.
--نىمىشقا خالىدىڭىز؟ شۇنى ئېيتىڭ!!
--بىلمىدىم،،،،
قىز تەشنالىق بىلەن سەندىن سۆز كۈتىدۇ،ياق،سەن ئۈزۈڭنىمۇ،بۇ قىزنىمۇ ئالدىيالمايسەن.بۇسۆز باشقا بىر قىزغا ئاتالغانىدى.ئەپسۇس....

تۈ يېرىم،ئارمانلار يېرىم....
--چۆچەك ئېيتىپ بىرەيمۇ؟سورايسەن قىزدىن.قىز نىمىنىدۇر ئۈمۈدۋار بۇلۇپ سەگەكلىشىدۇ،سەن يەنە بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرىسەن.
--بار ئىكەنۇ،يوق ئىكەن.ئاچ ئىكەنۇ توق ئىكەن.بىر يىگىت بولغان ئىكەن.ئالغانۇ ئادۇرمىغان،يەڭگەنۇ يېڭىلمىگەن.
ئىشقىلىپ ئارزۇ -ئارمانلىرى كۆپ ئىكەن.بىلىكىدە كۈچى يۈرىكىدە چۈشى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ يىگىت ئويلىمىغان يەردىن قۇياشقا ئاشىق بۇلۇپ قاپتۇ.يۈتەلسەم ئاسمان گۈلدەرلەيدۇ،دەسسىسەم يەر تىتىرەيدۇ،شۇ قۇياشقا ئىرىشەلمىسەم قانداق بولغىنى ،دەپ ئويلاپتۇ يىگىت،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياشنى مۆلچەرلەپ سالغا ئېتىپتۇ،ئەمما ئاتقان سالغىسى قۇياشقا ئەمەس ئايغا چۈشۈپتۇ.يىگىت ئايغا ئىرىشىپتۇيۇ،شۇندىن بېرى قۇياشقا قاراپ بوزلارمىش.
سەن ئۇزاق سۈكۈتكە چۈكىسەن.
--تۈگىدىمۇ؟-ئەجەپلىنىپ سورايدۇ قىز.
--تۈگىدى.-سەن ئېغىر خۇرسىنىپ قۇيىسەن.
--كىينچۇ؟يىگىت قانداق قىپتۇ؟
”توغرا ،يىگىت .ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟“دىگەنلەرنى ئويلايسەن.
چۆچەكنىڭ ئاخىرىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلمەي ئامالسىز ،ئاخىرىنى كىين ئېيتىپ بىرەي دەيسەن.
سەن يېرىملاپ قالغان تاماكىنى كۈلدانغا ئۇزاق مىجىيسەن،

تۈن زىدە،كۈڭۈل زىدە.

                     مەنبەسى:”شىنجاڭ ياشلىرى“  2005-يىل 4- سان  58-بەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:26  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تۈن يېىرىم ،ئارمانلار يېرىم،
شۇنداق تۈن زىدە،
كۆڭۈل زىدە،
تىلى بەكلا ياخشى چىققان نەسىركەن.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 07:04:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبېكلەر بۇ خىل ژانىردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ھىكايە دەمدىغاندۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 08:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا تەرجىمە ئەسەر ئىكەندە.
مەن نەسىر دەپ قارىدىم بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرىنى.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە ‏ئازابلىق ...

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
79
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئايغا ئېرىشىپتۇيۇ ،قۇياشقا قاراپ بوزلارمىش ...
‏توۋا ،قولىغا ئاي چۈشكەن بولسا جايىغا قويۇپ قويسا توپا باسماستى ئۇنىمۇ ، نىمانچە جاپا ئەمدى يارىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قاپتۇ دىگەندەكلا چارچاپ ياشاپ 

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 07:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يېقىشلىق ئىكەن .

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي چۈشكەن بولسا،قۇياشقا قىلدىغانلىرىنى قىلارمۇ؟قۇياشقا مۇئامىلە قىلغاندەك قىلارمۇ؟

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىنداق بۇ قىسمەت دائىم تەكرارلىندىغاندۇ؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆز-ياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:22 , Processed in 0.052037 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش