يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 98|نەقىل: 2

ئاپتورلار يازمسىدىكى ‹‹يۈسۈف-زۇلەيخا››داستاننىڭ ۋەقەلىك پەرقلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 20:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   《يۈسۈف-زۇلەيخائۇزاقتارىخقا ئىگە قىسسەدۇر . ئۇ يەھۇدىلار ئارىسىدا بۇنىڭدىن 3يېرىم مىڭ يىل بۇرۇنقىدەۋرلەردە پەيدا بولغان بولۇپ ، كېيىنچە تەۋرات،زەبۇر،ئىنجىلۋەقۇرئانقاتارلىق مۇقەددەس كىتابلار ئارقىلىق ئاسىيا ، ياۋروپا ۋەئافىرقىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئارىسىغا تارقالغان . بۇلۇپمۇ غەربىي ۋە ئوتتۇرائاسىيا رايونلىرىدا ياشىغۇچى ھەر قايىسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭدىنخەۋەردار بولغان . مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئەرەب ، پارس ۋە تۈركى تىللىقشائىرلاردىن يۈز نەچچە كىشى يۈسۈف-زۇلەيخاقىسسەسىنىئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ۋە ئۆزلىرىنىڭ شئېرىي شەكىللىرىدە تەكرار ئىجاد قىلىپكەلگەن . جۈملىدىن بىر نەچچە كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمۇ بۇ قىسسەنى نەزمي شەكىلدەياكى نەسىرىي ۋە نەزمي شەكىلدە داستانلاشتۇرۇپ چىققان . خەتتاتلىرىمىز ھەرخىل خەتنۇسخىلىرى بىلەن ئۇنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان . خەلق ئارىسىدىكى مەدداھلىرىمىز ئۇنىكوچا – رەستىلەردە ، توي – تۆكۈن  ، ھېيت –بايرام سورۇنلىرىدا زوخ – شوخ بىلەن بايان قىلىشقان . ھاپىز – ناخشىچىلىرىمىزھەرخل چالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق بۇ داستاننىڭ شئېرلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ناخشاقىلىپ ئېيتقان . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستىتىك ھاياتىدا كەم بولسابولمايدىغان بىر گۈزەل ئەسەرگە ئايلىنىپ ، ئەسىر – ئەسىرلەردىن بىرى كىشلەرقەلبىنى لەرزىگە سېلىپ كەلگەن .

         ئۇيغۇرخەلقى ئىچىدە يۈسۈف بىلەن زۇلەيخاقېرىدىلا ، ئىششىق ئوتىنى جاھانغا تېرىدىلادېگەنقوشاق بار . بۇ يۈسۈف بىلەن زۇلەيخا ئوبرازىنىڭ خەلقىمىز قەلبىدە نەقەدەر چوڭقۇريىلتىز تارتقانلىقىنى ، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئۇلارنى ئىششىق – مۇھەببەت پىرى ،ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىنى بارلىق ئاشىق – مەشۇقلار ھەققىدىكى قىسسەلەرنىڭ ئەڭقەدىمكىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇبۇ تېمىدا ئەسەر  يازغانلار خېلى بار . بۇئەسەردە باشقا مۇھەببەت داستانلىرىدىكىگە ئوخشاش چىن ئىنسانى مۇھەببەت ،ۋاپادارلىق ۋە پىداكارلىق ئۇلۇغلانغاندىن باشقا يەنە ، بىرىنچىدىن ، يۈسۈفنىڭمۇقەددەس كىتابلاردا نامى تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ؛ ئىككىنچىدىن ، ئۇھەقتىكى بايانلارنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق ، تەسىرلىك ئىكەنلىكى ؛ ئۈچىنچىدىن ،مۇھىمى ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئادەتتىكى ھىسىيات ئۈسىتىگە قۇرۇلغان مۇھەببەتبولماستىن ، بەلكى كۈچلۈك ئېتىقاد ، تەقۋادارلىق ، پاكلىق ، سەۋر – تاقەت قاتارلىقئىنساننىڭ ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىدىكى بىردىنبىر مەنىۋى قورالى بولغان گۈزەلئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

   《يۈسۈف-زۇلەيخاداستانىنىڭئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئەلۋەتتە رابغوزى نۇسخسىدۇر .

   《يۈسۈف-زۇلەيخانىڭرابغوزى نۇسخىسىدىكى زۇلەيخا بۇزۇق ئايال تەرىقىسىدە ئەمەس ، بەلكى سۆيگىنىگەسادىق ، پاك ، سەمىمىي قىز سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن . ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشچە ،زۇلەيخا يەمەن پادىشاھى تەيمۇسىنىڭ قىزى بولۇپ ، ئۇ چۈشىدە يۈسۈفنى كۆرۈپ ئاشىقبولۇپ قالىدۇ ۋە يۈسۈفتىن سىزنىنەدىن تاپقىلى بولىدۇدەپ سورايدۇ . يۈسۈفمىنى مىسىردىكى ئەزىزىمىسىرنىڭ ئۆيىدىن تاپالايسىز دەپجاۋاب بىرىدۇ . زۇلەيخا ئويغىنىپ قاتتىق ئازابقا قالىدۇ . تەيمۇس شاھ بۇنىڭدېنخەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، قىزىم مىسىر پادىشاھىنىڭ ۋەزىرى ئەزىزى مىسىرنى ياخشىكۆرۈپ قاپتۇ دەپ چۈشىنىپ ، ئەزىزى مىسىرىغا خەت يېزىپ ، زۇلەيخانى نىكاھىغائېلىشنى ئۆتۈنىدۇ . ئەزىز مىسىرى بۇ تەلەپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ، زۇلەيخابىلەن توي قىلىدۇ . زۇلەيخا ئەزىز مىسىرىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ، ئۆزى چۈشىدەكۆرگەن يىگىتنىڭ بۇ ئەمەسلىكىنى بىلىپ تېخىمۇ ھەسرەتتە قالىدۇ . مۇشۇ چاغدا ئىلاھزۇلەيخانى قوغداش ئۈچۈن ھەر كېچىسى بىر پەرىشتىنى زۇلەيخانىڭ قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ ئەزىزمىسىرىنىڭ قوينىغا سېلىپ بىرىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، زۇلەيخا قىز پېتىچە      پاك ساقلىنىپ قالىدۇ . يۈسۈف بولسا سودىگەرمالىك تەرىپىدىن مىسىرغا ئېلىپ كىلىنىپ ، دەل ئەنە شۇ ئەزىز مىسىرىگە سېتىپبېرىلىدۇ . ئەزىز مىسىرى يۈسۈفنى زۇلەيخانىڭ خىزمىتىنى قىلىشىقا بۇيرۇيدۇ .زۇلەيخا چۈشىدە كۆرگەن يىگىتنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا مۇھەببىتىنىئىزھار قىلىدۇ . ئەمما يۈسۈف خوجايىنىمنىڭ ئايالىغا باشقىچە نىيەتتە بولسامبولمايدۇ دەپ قاراپ ، زۇلەيخانىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلىدۇ . زۇلەيخا ئۆزىنى كونتىرولقىلالماي يۈسۈفكە ئېسىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سەتچىلىك يۈز بىرىپ ، يۈسۈف زىندانغاتاشلىنىدۇ . ئەزىز مىسىرى زۇلەيخانى تالاق قىلىۋېتىدۇ . زۇلەيخا يۈسۈفنىڭ دەردىدەتولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ . يۈسۈف زىنداندىن چىقىپ پادىشاھلىق تەختىگەئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ زۇلەيخاغا كۈچلۈك مۇھەببەت ئوتى يالقۇنجايدۇ. ئۇ زۇلەيخادىنمۇ بەكرەك ئىشىق ئازابىنى تارتىدۇ . شۇ چاغدا ئىلاھ زۇلەيخانىڭكۆزىنى ساقايتىپ ، ئۇنى 14ياشلىق ھالىتىگە قايتۇرىدۇ . بۇ ئىككىسى توي قىلىپ مۇراد– مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ .

   《يۈسۈف-زۇلەيخاتېمىسىئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىردىكى داۋامى ۋە تەرەقىقىياتى ھىسابلانغانئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىمۇ ئىزچىل تۈردە قايتا ئىجاد قىلىنىش ۋەرەتلىنىشتىن توختاپ قالمىدى . بۇ جەھەتتە ئابدۇللا ھاپىز (1875-1956) ۋە ئۇنىڭ يۈسۈف-زۇلەيخاداستانىدىققەتكە سازاۋەر . ئابدۇللا ھاپىز بۇ داستاننى يېزىشتا ئۇيغۇر خەلقداستانچىلىقىنىڭ نەسىرىي – نەزمي ئۇسلۇبىنى تاللىۋالغان بولۇپ ، بۇ مۇئەللىپنىڭمۇشۇ داستانىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ۋارىيانتىلىرىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ، ئۇنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى شۇ تېمىدىكى باشقا خەلق داستانلىرنىڭكىدىنپەرقلىنىدۇ . ئابدۇللا ھاپىز ئۆز داستانىدا نەسىرىي باياندا چاغاتاي ئەدەبىيتىلىنىڭ نەسىرىي ئەسەرلەر تىلىنى ئىشلەتكەن بولسا ، نەزمىي تەسۋىرلەردە ئارۇزۋەزنىنىڭ مەسنەۋى ، غەزەل ، مۇخەممەس ، مۇسەددەس ، مۇستەھزاد قاتارلىق شەكىللىرىنىقوللانغان . شائىر بۇ داستاندا رىۋايەتلىك ۋەقەلەر ۋە ئوبرازلاردىن پايدىلىنىپ ،ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ ئىجىتمائىي مەسىللىرىنى يۇرۇتۇشىقا   تىرىشىقان .

       مەنرابغوزى يازغان  يۈسۈف-زۇلەيخا بىلەنئابدۇللا ھاپىز يازغان يۈسۈف-زۇلەيخاناملىقئىككى داستانىنى ئوقۇش جەريانىدا ئەسەر ۋەقەلىكىدە پەرقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپيەتتىم . تۆۋەندە مەن مۇشۇ جەھەتتە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .

ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخا 9يېشىدا يۈسۈفنى چۈشىدە ئۈچ قېتىم كۆرىدىغانلىقى بايانقىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە بولسا زۇلەيخا 7يېشىدا يۈسۈفنى ئىككى قېتىمكۆرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈفنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يەمەن ، سىڭلىسىنىڭ ئىسمى نارجان دەپبايان قىلىنغان ، رابغوزىنىڭكىدە ئىنىسىنىڭ ئىسمى بۇنيامىن ، سىڭلىسىنىڭ ئىسمىزەيىنە دەپ بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈفنىڭ ئاتىسى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام چۈشىدە ئون بۆرە كېلىپيۈسۈفكە خىرىس قىلغاندا يەر يېرىلىپ يۈسۈف غايىب بولدىغانلىقى بايان قىلىنغان .رابغوزىنىڭكىدە ئون بۆرە يۈسۈفكە خىرىس قىلغاندا يەنە بىر بۆرە كېلىپ باشقابۆرىلەرنى قوغلايدىغانلىقى دەل شۇ ۋاقىتتا يەر يېرىلىپ يۈسۈف غايىب بولدىغانلىقىبايان قىلىنغان .

ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈف قۇدۇققا چۈشكەندە يىلان ۋە بوۋاي بىلەن يۈزكۆرىشىدىغانلىقى ، يىلان جەبرائىلنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يۈسۈف قۇدۇقىتىن چىكەتكۈچە باشكۈتۈرمەيدەغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە لەھەڭدەك قۇرتلارنىڭكۆرۈنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخانىڭ ئاشىقلىق سەۋەبىنى ئاتىسى ئانىسى ئارقىلىق بىلىدۇ ،زۇلەيخانىڭ ئاشىقلىقىنى بىلگەن باشقا دۆلەتلەردىن ئەلچىلەر كىلدىغانلىقى ، ئاتىسىمىسىر شاھى رىيانغا مەكتۇپ ئەۋەتىدىغانلىقى ، شۇنداقلا زۇلەيخانى مىسىر دۆلىتىگەئەكىلىپ قۇيىدىقانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە زۇلەيخانىڭ ئاشىقلىقسەۋەبىنى ئاتىسى بىۋاسىتە بىلدىغانلىقى ، بۇنىڭ بىلەن مىسىر دۆلىتىنىڭ ۋەزىرىفوتىفارغا مەكتۇپ ئەۋەتىدىغانلىقى ، فوتىفارنىڭ بولسا قىزنىڭ دۆلىتىگەبارىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخا رىياننىڭ چۈشىدە كۆرگەن يىگىت ئەمەسلىكىنى ھۇجرىسىدابىلدىغانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن بىر پەرىشتىنىڭ زۇلەيخانىڭ سۈرىتىدە رىيان بىلەن بىرگەبۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

      ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە پادىشاھ رىيانيۈسۈفنى بارلىق مال – دۇنيالىرى بەدىلىگە سېتىۋالماقچى بولغاندا بۇ مال –دۇنيالىرىنىڭ يۈسۈفكە تەڭ بولمىغانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف بىر پارچە قەغەزگە لائىلاھە ئىللاللا مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا دەپ يېزىپ شۇ مال – دۇنيانىڭ ئۈستىگە قويغاندا ئاندىنتەڭلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈف قۇل بازىرىغا كىرىشتىن بۇرۇنيۇيۇنماقچى بولغاندا كۆلدىن بىر ئەجدىھا چىقىپ ئۇنىڭ يۇيۇنىشىغا پەردە سۈپىتىدەسىرتىقى مۇھىتتىن تۇسۇپ تۇرغانلىقى ، فوتىفار يۈسۈفنى سېتىۋالماقچى بولغانداقەغەزگە لائىلاھە ئىللاللائىبراھىم خېلىللا دەپ يازغاندىلاتەڭلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغاندا يۈسۈف سەۋىر قىلىشنىھامان بىر كۈنى مۇرادىغا يىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈفزۇلەيخاغا ئېرىگە سادىق بۇلۇشىنى ، بۇنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنىئەسكەرتىدىغانلىقىنى ۋە زۇلەيخاغا پىسەنىت قىلماتدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈف ئاتىسىنىسېغىنغاندا يۇرتى كەنئانلىق تۆگە سودىگىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قېلىپ مۇشۇ سودىگەرئارقىلىق ئاتىسىغا مەكتۇپنامە ئەۋەتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .رابغوزىنىڭكىدە  تۆگە سودىگىرىدىنئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەيدىغانلىقى ، ئەمما ئۆزىنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىمايدىغانلىقىبايان قىلىنغان .

      ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخا يۈسۈفنىچاھار باغقا قۇل سۈپىتىدە سۈرگۈن قىلىغاندا شۇ يەدىكى ئەمگەكچىلەر يۈسۈفكە دۇئاقىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئون كۈنلۈك ئىشنى بىر كۈندە قىلىشىغا كۈچ ئاتا قىلىشىنى تەلەپقىلدىغانلىقى ھەم بىر كۈندە ئون كۈنلۈك ئىشنى قىلىپ بۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈف ئۆزى يالغۇز ئون كۈنلۈك ئىشنى قىلىپ بۇلىدىغانلىقى بايانقىلىنغان .

      ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخا بارلىق دەردىنى بىر ئاقىل ئايالغا ئېيتىدىغانلىقى  ، يۈسۈف يەتتە ئىشىكلىك ئۆيگە كىرگەندەزۇلەيخاغا قارايدىغانلىقى، زۇلەيخانىڭ مۇرادىنى ھاسىل قىلمىغاندا شەيتاننىڭئازدۇرۇشى بىلەن زۇلەيخاغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا غايىپتىن ئىككى قېتىم ئاۋازئاڭلىنىپ ئاتىسى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام كۆرۈنىدىغانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف ئەقلىنىتېپىپ ھۇجرىدىن چىكىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە زۇلەيخابارلىق  دەردىنى ئىنىكئانىسىغائېيتىدىغانلىقى ، يۈسۈف ئۆيگە كىرىپ زۇلەيخانى كۆرۈپلا كۆزىنى يۇمىۋالدىغانلىقى ،كېين شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن زۇلەيخاغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا غايىپتىن يەتتەقېتىم ئاۋاز ئاڭلىنىدىغانلىقى ، بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغاندا ئاتىسى ياقۇپئەلەيھىسسالام كۆرۈنۈپ يۈسۈف ئەقلىنى تاپىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

       ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈف زۇلەيخانىڭ مۇرادىنى ھاسىل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىنتۆھمەتكە قالغاندا پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرىنىڭ تۆت ئايلىق ئوغلى گۇۋاھلىقبىرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە تىلھام ئاتلىق كىنىزەكنىڭ تۆتئايلىق بالىسى گۇۋاھلىق بىرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە ئاكىلىرى يۈسۈفنى بۆرە يىدى دېگەنگە ئاتىسىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈنتۇتۇپ كەلگەن بۆرە مىسىر دۆلىتىدىن ئىنىسىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان ،رابغوزىنىڭكىدە تۇتۇپ كەلگەن بۆرە بالىسىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان .

      ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە زۇلەيخا ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىتوغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە ئۆزىنى ئەيىبلىمەكچى بولغان ئاياللارنىيىغىپ ئۇلارغا بىردىن پىچاق ۋە گۆش بىرىپ ، ئۇلارغا توغراش بۇيرۇقىنى بەرگەندەيۈسۈف چىقىدىغانلىقى ، يۈسۈفنى كۆرگەن ئاياللار ھۇشىنى يۇقاتقانلىقىدىن قوللىرىنىتوغرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە پىچاق بىلەن پىيازتارقىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

       ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە  زىندانغا كىرگەندە زىنداندا بىر تۈپ دەرەخ بىنابولۇپ ، بىر تەرىپىدىن ماي ، بىر تەرىپىدىن سۈت چىقىدىغانلىقى ، يۈسۈفنىڭزىنداندىن چىقىشنى ئويلاپ يىغلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدەزىنداندا ئىككى تۈپ دەرەخ بىنا بۇلىدىغابلىقى ، بىر تۈپتىن تائام ، يەنە بىرتۈپتىن شەربەت چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

      ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە پادىشاھ رىيانيۈسۈفنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشىگە توغرا تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىمان كەلتۈرۈپ خىلۋەتبىر ئۆيدە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈفنىڭئۆزىنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاشلىق ئىشلىرىغا مەسئۇلقىلدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

      ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە مىسىر خەلقىنىڭ قەھەتچىلىكىتىن قۇتۇلدىغىنىغا ئالتە ئايقالغاندا يۈسۈف ئۆز رۇخسارى ئارقىلىق خەلىقنى قىرىق كۈن ھۇشىسىزلاندۇرۇپ ، ھەرقىرىق كۈندە بىر قېتىم تائام بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قەھەتۋىلىكتىن ئۇڭۇشلۇقئۆتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە قەھەتچىلىك ئاياغلىشىدىغىنىغا تۆتئاي قالغاندا ئۆز رۇخسارى ئارقىلىق خەلقنى ھۇشىسىزلاندۇرۇپ قەھەتچىلىكىتىنقۇتۇلدۇردىغانلىقى بايان قىلىنغان .

      ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈف ئاكىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئاكىلىرىنىڭ تۆۋە قىلغان –قىلمىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئالتۇن جام ئارقىلىق ئۆزىگە قىلغانلىرىنىسۆزلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە تاش ئارقىلىق سۆزلەيدىغانلىقىبايان قىلىنغان .

ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە ياقۇپ ئەلەيھسالامنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتائاكىلىرى يۈسۈفنى بۆرە يىدى دەپ ئەكەلگەن كۆينەكنى سۈرتۈشنى بۇيرۇيدىغانلىقى بايانقىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈف كەيگەن كۆينەكنى سۈرتىسە ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭكۆزى روشەنلىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

        ئابدۇللا ھاپىزنىڭ ئەسىرىدە يۈسۈف ئاتىسى ياقۇپئەلەيھىسالامغا ئۆزىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋەزىرى بەشىرەنى ئەۋەتىدىغانلىقى، بەشىرە ئالدىدا ئانىسى (ئەينى ۋاقىتتا ياقۇپ ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىنئايرىۋىتىلگەن) بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن ياقۇپ ئەلەيھىسالامغا خەۋەر يەتكۈزىدىغانلىقىبايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈف قېرىنداشلىرىدىن بىرىسىنى ماڭدۇرسا ،جەبرائىل (ياقۇپ ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئايرىۋىتىلگەن ئۇزۇن يىللار ئاتىسى بىلەنكۆرۈشەلمىگەن) بەشىرەگە خەۋەر قىلىپ يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بۇرۇنئەۋەتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئائىلە – تاۋاباتلىرىنى باشلاپ مىسىرغاكېلىپ يۈسۈف بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ جەم بۇلىدىغانلىقى ، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ماڭغاندايۈسۈفنىڭ ئىككى ئاكىسى ئاتىسىغا ھەمرا بولۇپ قايتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .رابغوزىنىڭكىدە مىسىر پادىشاھى ئون ئاكىسىنىڭ خاسىيىتىنى بىلىپ ، ئۇلارنىڭياردىمىدە ئون شەھەرنى ئالدىغانلىقى ھەم ئۇلارغا بىردىن شەھەرنى بىرىدىغانلىقىبايان قىلىنغان .

     ئابدۇللاھاپىزنىڭ ئەسىرىدە ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۈسۈف خانلىق تەخىتنىشەمئۇن ئاتلىق ئاكىسىغا ئۆتۈنۈپ بىرىپ زۇلەيخا بىلەن ۋىدالىشىپ يۇرتى كەنئانغاقايتىپ ۋاپات بۇلدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رابغوزىنىڭكىدە يۈسۈف ئاتىسىنىڭۋاپاتىدىن كېيىن يۇرتى كەنئانغا قايتىپ كېلىپ ۋاپات بۇلدىغانلىقى ، زۇلەيخايۈسۈفنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىگە ياشاشنى ئارتۇق كۆرۈپ جان ئۈزىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .

     پايدىلانغانماتىرىياللار :

1.ئابدۇللاھاپىز يۈسۈف - زۇلەيخا،1985-يىل 2-ئاي 1-نەشىرى .  

2.ناسىرددىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغوزى يۈسۈف - زۇلەيخا، 1996-يىل 4-ئاي 2- نەشىرى .

3.ئەنۋەر مەتسەيدى 《〈يۈسۈف- زۇلەيخانىڭ ئاارخىپى، بۇلاقژۇرنىلى 2008-يىل 5-سان .

4.ئوسمان ئىسمائىل تارىم《〈يۈسۈف-زۇلەيخاداستانى ھەققىدە مۇھاكىمە، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىئىلىمى ژۇرنىلى (پەلسەپە – ئىجىتمائىي پەن قىسمى) ، 2007-يىل 6-ئاي ، 28-يىللىق 2-سان .

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 07:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئوقۇيدىغان ئىشمىكىن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە،مەن ئەسلىدە ئابدۇللا ھاپىزنىڭ «يۈسۈف-زۇلەيخا»سىنى ئۇقۇپتىكەنمەندە،
باشلانغۇچتائوقۇغان ئىسىمدە،كىچىك نىپىز بىر كىتاپنى.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:19 , Processed in 0.063325 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش