يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1763 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 270|ئىنكاس: 11

ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ‹‹ تەرجىمانلار ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
840 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1516
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 18:54:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر مىللەت تىلىنىڭ تەرەققىياتى شۇ تىلنى قوللانغۇچى خەلقنىڭ ئۆز تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقلار خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر تىلىنى توغرا قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. لېكىن، بىر قىسىم مەمۇرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى بىلەن سىرتلاردىكى ئېلان-ۋېۋىسكىلاردا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىككى خىل تىلنى ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلماسلىق ئەھۋالىرى يۈز بەردى. بۇ ئەھۋاللار بىر تۇرۇپ كۈلكىمىزنى قىستىسا، بىر تۇرۇپ نەپرىتىمىزنى قوزغايدۇ.بۇلارنىڭ بەزىلىرى قارغۇلارچە تەرجىمە قىلىشتىن، بەزىلىرى سۆزلەرنى توغرا يازماستىن كېلىپ چىققان. بىزدە ”چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتىرەر ؟“دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. قارىغاندا، ئارىمىزدا ”ئادەم ئۆلتۈرۈش“ قەستىدە يۈرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھېلھەم مەۋجۈت ئوخشايدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەلۇم بىر دىراممىدا، بىر تەرجىمان خەنزۇ ئەمەلدارنىڭ ”شىما شىما“ دېگەن گىپىنى قارشى تەرەپ ”نېمە دەۋاتىدۇ“دېسە، ”تولا غىڭشىما“دەيدۇ، دەپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدى. مانا بۇنداق تەرجىمانلار ”ئادەم ئۆلتۈردىغان“تەرجىمانلاردۇر. يېقىندا مىكرو بلوگلاردا تارقىلىپ يۈرگەن مۇشۇنداق تەرجىمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇلارنى يىغىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئەلۋەتتە ئارىدىكى بىر ئىككى سۈرەتتىكىسى تەرجىمىدىكى خاتالىق بولماستىن، ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقتۇر. شۇنداق بولسىمۇ، بىخەستەلىك قىلىنغىنى ئۈچۈن باشقا سۈرەتلەر بىلەن بىرلىكتە يوللاپ قويدۇم. مەقسىدىم، مۇمكىن بولسا ئەتىراپىمىزدىكى مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، پاش قىلىپ تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە مەلۇم قىلساق. ئانا تىلنى توغرا ئىشلتىش ۋە قوللىنىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىدۇر. ناۋادا، ئۆزىمىزدە مۇشۇ خىل ئەھۋاللار بولسا تۈزەتسەك ھەم دېققەت قىلساق. ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قويىدىغان ئىشلاردىن ئامال بار ساقلانساق.














   تەربىيىۋي ئەھمىيتى بار دەپ قارالغاچقا ، مىسرانىم مۇنبىرىدىن  (« لوپنۇرى» نىڭ يازمىسى )  كۆچۈرۈلدى!

                                     مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
480 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1875

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 19:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏يېقىندا يولدىشىمنىڭ دوختۇرخانىسى ئىشەنچىلىك دوختۇرخانا بولىمىز دەپ زادى ھەممە نىمىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىپ بەك كۈچىگەن ،قايسى كۈنى قاقشاپ كېلىپتۇ 药房دىگەننى دورىلار ئۆيى دەپ تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ دەپ 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 2

توردا
704 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1954
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 07:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەرجىمە ئەسەرنى ئوقىۋىتىپ، ئىككىمىز تۇنۇشمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ دىگەن يېرىنى كۆرەپ ۋاي بولدى ئاخىرنى ئوقومايلا دەپ تاشلاپ قۇيغان ئۇ كىتاپچىنى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
235 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 08:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك ئەمدى...كۈندە بىر يېڭىلىق دىگەندەك يىقىندىن بېرى يىڭىلىقلارنى كۆپ كۆرۈپ كىتىپ بارىمىزغۇ ئىشقىلىپ ...

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3420

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلەر قېتىم مەنمۇ ئۇچرىغانلارنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ قوياي، بۇنداق ئادەم ئۆلتۈردىغان تەرجىمىلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
51
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بۇنداق  ‹يىڭىلىقلار› كۈندە ئۇچىراپ تۇرىدۇ .....ھەممىنى ئۈزىمىزدىن باشلايلى

جېنىم مىنى سېغىنمىدىڭمۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
840 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1516
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:16:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بىزنىڭ مۇنبەردىكى تەرجىمە ئەسەر يوللايدىغان باللارنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى ، بىز ئۆلمەيمىز .

Rank: 1

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
514
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمۇتۇللا دىگەندەك بۇنداق ئىشلار ئەتىراپىمىزداخېلى كۆپ. ئېغىز تىلىمىزدا دائىم مۇنداق دەپ ئىشلىتىپ قۇيىمىزمەسىلەن:كۇپاڭ ئۆي،دۇەن كۇ ئىشتان،تۇشەي ئاياق،كىيىمنى پىيلى قىلىپ كەيدۇق،مەن سەنجىيەن تاۋ  كىيىم سېتىۋالدىم.ئاندىن ئويلىسام نۇرغۇن سۆزلەرنى خەنزۇچىدىن ئۆز پېتى ئىشلىتىپ كەلدۇق.مەسىلەن:بىشاڭ(تۇڭلاتقۇ).شىيىجى(كىرئالغۇ)،دىيەن شى(تېلىۋۇزۇر)،جىسەنجى (ھىساپلاش ماشىنىسى)،دڭيەن دۇڭ چى(توك ۋىلسىپىت)،گاۋ سىگۇڭ لۇ(يۇقىرى سۈرئەتلىك يول)،بېيزا(ئىستاكان)جوزا(ئۈستەل)بەندىڭ(ئورۇندۇق)جاۋ شاڭ جى(رەسىم تارتىش ئاپىراتى).......دىسەم بەك جىق.ئويلىسام بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى سۆزلەر بارغانچە ئازلاپ كېتىۋاتامدۇ نىمە؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
840 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1516
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:20:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:18
ئەسمۇتۇللا دىگەندەك بۇنداق ئىشلار ئەتىراپىمىزداخېلى  ...

قارىغاندا سىز ئازلىتىۋاتقاندەك قىلىسىز  

Rank: 1

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
514
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئازلىتىدىغان ئىش بولسا باشقا ئىش قىلماي شۇنىلا قىلاتتىم- بى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:05 , Processed in 0.058187 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش