يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 516|نەقىل: 10

غۇلجىدا يۈز بەرگەن دوختۇرخانىدىن بۇۋاق ئوغورلاش دىلوسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىز قوغلاپ بۇۋاقنى قۇتقۇزۇش


غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق 7-ئاينىڭ 21-كۈنى <<19-ئىيۇن>> بالىلارنى ئوغورلاپ كېتىش دىلوسى ۋە ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن <<23-ماي>> بالىلارنى ئوغورلاپ كېتىش دىلوسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك پاش قىلىپ بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۇشۇردى. 19-ئىيۇن سائەت سەككىزدە غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئابدۇللا(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىدا تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا تۆت كۈن بولغان ئوغلىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغورلاپ كېتىلگەنلىگى توغرىسىدىكى دىلو مەلوماتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ، ئىلى ئوبلاستلىق ، غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ دەرھال ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دىلو پاش قىلىش خىزمىتىنى قاناتيايدۇرىدۇ ، تەكشۇرۇش جەريانىدا ساقچىلار بۇ دىلونىڭ ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن  <<23-ماي>> بالىلارنى ئوغورلاپ كېتىش دىلوسى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقاپ ، بۇ ئىككى دىلونى بىرلەشتۇرۇپ تەكشۇرۇشنى باشلايدۇ.

بۇۋاق ئوغورلاپ كېتىلگەندىن كىيىن ئىز- دېرىگى بولماسلىق.

15-ئىيۇن ئابدۇللانىڭ ئايالى غۇلجا شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىدا ئوڭوشلۇق ھالدا بىر ئوغول بۇۋاق يەڭگىيدۇ لىكىن ئابدۇللا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىقى ئۇزاققا بارمايدۇ ، بۇۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ساقسىز بولوپ قېلىپ، مەزكور دوختۇرخانىنىڭ بالىلارنى قۇتقۇزۇش بۆلۇمىگە يۆتكىلىپ داۋالىنىدۇ، ئابدۇللانىڭ ئايالىنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كەلمىگەچكە ئابدۇللا ئايالىغا قارايدۇ ، بالىسىغا سېستىرالار بىلەن قىينئانىسى قارايدۇ. 19- ئىيۇن سائەت 7دە بۇۋاقنىڭ مومىسى بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولوپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ قولىنى يۇيۇپ چىقىپ كارۋاتتا بۇۋاقنىڭ يوقلىقىنى بايقايدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا كىسەلخانىدىن ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى ، ئۇنداقتا بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە بالىنى كىم ئېلىپ چىقىپ كەتكەندۇ؟ بۇۋاقنىڭ مومىسى دەرھال ئابدۇللا بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىنىڭ ئىز - دېرىگىنى قىلىدۇ ، جىددى پەيتتە ئابدۇللا ج خ ئىدارىسىگە دىلو مەلوم قىلىدۇ، بۇۋاقنىڭ مومىسى ج خ ساقچىلىرىغا بۇ بىر قانچە كۈندە ئۆزىنى گۈلى دەپ ئاتىۋالغان بىر ئايالنىڭ مۇشۇ دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن بىر تۇققىنىغا قاراۋاتقانلىقىنى ھەمىشە كىسەلخانا بىلەن تۇغۇت ئۆيى ئوتتۇرىسىدا ئايلىنىپ يۇرىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ۋە ئۆزىگە ياردەملىشىپ نەۋرىسىنى بېقىشىپ بەرگەنلىگىنى ئيتىدۇ.

ساقچىلارنىڭ مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۇشۇرىشى.

دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى تەكشۇرۇپ ئېنىقلاش ئارقىلىق 19-ئىيۇن سائەت يەتتىدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ بوۋاقنى كۆتۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن دەرھال ئىلى ئوبلاستلىق دورا ماتىرياللىرى شېركىتى تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ، ئارقىدىنلا بىر تاكسى ماشىنىسىنى توسۇپ غۇلجا شەھەر ئازاد يولى تەرەپكە قېچىپ ، يېزا ئىگىلىك 4-شى 66-تۇەن مەيدانىغا كەلگەندە ماشىنىدىن چۇشۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ساقچىلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دوختۇرخانا ۋە ئىلگىرى جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئۇچراشقان تىببى خادىملار ھەم بىمارلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىگىنى قولغا چۇشۇرۇپ ، ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر) لەردىكى ج خ ئورگانلىرىغا ھەمكارلىشىپ تەكشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۇشۇرىدۇ. مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار بىرەيلەننىڭ كۇنەس ناھىيەسىدە تاشلىۋىتىلگەن بىر بۇۋاقنى بايقىغانلىقىنى ، بۇ بۇۋاقنىڭ بەلكىم ھېلىقى بۇۋاق بولۇشى مۇمكىنلىگى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرىۋالىدۇ ، ساقچىلار دىلو تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال كىچىلەپ يول يۈرۈپ كۈنەس ناھىيەسىگە بارىدۇ. لېكىن ساقچىلار بىلەن بىرگە بارغان ئابدۇللا ، بۇ بوۋاقنىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەسلىگىنى ئېيتىدۇ. تاشلىۋىتىلگەن بۇ بوۋاق شۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار بىرەيلەننىڭ قورغاس ناھىيەلىك ئانا بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ كىسەلخانىسىغا تاشلىۋىتىلگەن بىر بوۋاقنى بايقىغانلىقى توغرىسىدىكى تېلفۇننى قوبول قىلىدۇ. ساقچىلار دەرھال بۇ دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ كىسەلخانىدىكى بىر ئوغول بوۋاقنى بايقايدۇ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولوپ ، ئابدۇللا بۇۋاقنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىگىنى دەلىللەيدۇ. دىلو يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئوغول بۇۋاق ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ. قورغاس ناھىيەلىك ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تىببى خادىمى جىنايەت گۇماندارىنىڭ قورغاس ناھىيەسىنىڭ يەرلىك شىۋىسىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ج خ ئورگانلىرى دەرھال قورغاس ناھىيەسى ئەتراپىدىكى تۇەن - مەيدان ۋە يېزا - بازارلارغا 1000پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىشىپ تەكشۇرۇش ئۇختۇرۇشى چاپلايدۇ. ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتقاندا بىرەيلەننىڭ جىنايەت گۇماندارىنى تونويدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك 4-شى 64-تۇەن مەيدانىدا ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىش تېلفۇنىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ساقچىلارنىڭ چوڭقۇرلاپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك 4-شى 64-تۇەن مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇنىرە (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ 19-ئىيۈن بوۋاقنى ئوغورلاپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىگى جەزىملەشتۇرىلىدۇ. ساقچىلار ئارقىدىنلا مۇنىرەگە قارىتا توردا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىدۇ. ساقچىلار تەكشۇرۇش جەريانىدا مۇنىرەنىڭ كولا شەھىرىدە ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى رازۋىتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 19-ئىيۈل كورلا شەھىرىدىكى بىر مىھمانخانىدا جىنايەت گۇماندارى مۇنىرەنى قولغا چۇشۇرىدۇ ھەمدە نەق مەيداندا ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن 23-ماي ئوغورلاپ كېتىلگەن بىر قىز بوۋاقنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. ساقچىلارنىڭ تونوشتۇرىشىچە ، ساقچىلار مۇنىرەنى تۇتقان ۋاقىتتا ئۇ قەشقەرگە بېرىپ يەنە بىر قىز بۇۋاق ئوغورلاپ كەلمەكچى بولغان ئىكەن ، ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلىق بۇ قىز بۇۋاقنىڭ ھەر ئىككى پۇتىدا ئالتە بارماق بارلىقىنى، بۇ دەل ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەن 23-ماي دىلوسىدىكى ئوغورلاپ كېتىلگەن قىز بوۋاق ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇرىدۇ. بۇۋاقنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كەتكەچكە توختىماي يىغلايتى ، ساقچىلار دەرھال بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ .دوختۇرلار بوۋاقنىڭ كانەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ، ئەگەر ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋىلىنمىسا بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. داۋالاش ئارقىلىق بۇ قىز بۇۋاقنىڭ سالامەتلىگى ياخشىلانغاندا ساقچىلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ ئاتۇش شەھىرىگە كېلىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدا ئامراق قىزىنى يوقىتىپ قويغان دادا ساقچىلارنىڭ قولىدىكى بوۋاقنى كۆرۇپ تونىيالماي قالىدۇ، لېكىن بالىنىڭ پۇتىدىكى  ئالتە بارماقنى كۆرۇپ بالىنى قۇچاقلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ. دىلو يۈز بەرگەندىن بېرى ساقچىلار تەخمىنەن 4000كىلومېتىردىن ئوشوق يول يۈرۈپ ، كورلا، ئاتۇش ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى 23-ماي ، 19-ئىيۈن بالىلارنى ئوغورلاپ سېتىش دىلوسىنى پاش قىلىدۇ ، ساقچىلار ئوغورلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەندىن كىيىن بارلىق جاپالىرىنى ئۇنتۇپ ئۆزلىرىنى ناھايىتى يەڭگىل ھىس قىلىشىدۇ.

بالىلارنى ئوغورلاش پەقەت نىكاھنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىكەن

23-ماي ، 19-ئىيۈن بالىلارنى ئوغورلاپ سېتىش دىلولىرى مۇۋاپىقىيەتلىك پاش بولغان بولسىمۇ لېكىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ دىلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ. جىنايەت گۇماندارى مۇنىرە توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان پەرزەنتلىك بولالمىغاچقا دائىم ئېرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن ، نىكاھ ۋە ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ يالغاندىن ھامىلدار بولىۋىلىپ ئاندىن بىر بالا ئوغورلاپ كېلىپ پەرزەنتلىك بولوش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان. <يەڭگىيدىغان> ۋاقتى ئاز قالغاندا ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلوم دوختۇرخانىغا بېرىپ يەڭگىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ، ئاندىن ئاتۇش شەھىرىگە بارغان ، مۇنىرە كۈن ساناپ يەڭگىيدىغان ۋاقتى توشقاندا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ بىرجۇپ قوشگىزەك قىز تۇققانلىقىنى ، ئۇزۇنغا بارماي ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى ئىيتقان. 23-ماي مۇنىرە ئاتۇش شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىغا كىرىپ تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر قىز بوۋاقنى ئوغورلاپ كەتكەن ، مۇنىرە بۇ بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندە يولدىشى ئۇنىڭدىن < سەن قوشگىزەك قىز تۇغدۇم دىگەن ئىدىڭ يەنەبىرسى قېنى؟> دەپ سورىغاندا ، مۇنىرە ، < يەنە بىر بۇۋاق ئاغرىپ قالغاچقا ئۇرۇمچىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ> دەپ جاۋاپ بەرگەن. يالغانچىلىقنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇنىرە غۇلجا شەھىرىدىكى مەلوم دوختۇرخانىغا بېرىپ پۇرسەت تېپىپ يەنە بىر بوۋاق ئوغورلاپ كېتىشنى پىلانلىغان ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كۈزىتىش ئارقىلىق 19-ئىيۈن مۇنىرە ئاخىرى مەقسىتىگە يەتكەن ، ئەمما ئۇ بۇ بوۋاقنى ئوغورلاپ قاچقاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئوغورلىغىنىنىڭ بىر ئوغول بۇۋاق ئىكەنلىگىنى بىلگەن مۇنىرە كۆڭلىدە ، :<ئائىلەمدىكىلەرگە قوشگىزەك قىز يەڭگىدىم دىگەن ئىدىم ، ئەمدى بۇ ئوغول بۇۋاقنى كۆتۇرۇپ بارسام ئائىلەمدىكىلەر نىمە دەر > دىگەننى ئويلاپ ئوغول بۇۋاقنى قورغاس ناھىيەلىك ئانا - بالىلار دوختۇرخانىسىغا تاشلاپ قويغان ،ئىشتىن كىيىن ئۇ سۇيقەستىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كورلىغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە كورلىدا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كىيىن قەشقەرگە بېرىپ بىر قىز بۇۋاق ئوغورلاپ كېلىشنى پىلانلىغان ، ئويلىمىغان يەردىن مەخسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالماي ج خ خادىملىرىنىڭ قولىغا چۇشكەن. ھازىر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى. بۇ دىلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۇرۇلمەكتە.


مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2446-سان

بۇ ۋەقەدىكى بالىسى يۈتكەن ئەر بىزنىڭ كېلىننىڭ ئىنىسى بولىدۇ، بۇ قېتىم يۇرتقا بارغاندا چوڭ ئاپامدىن ئاڭلىغان ئىدىم، بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ قارىسام مىسرانىمدا تۇرۇپتىكەن، بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم.





مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئايالنىڭ دىگىنىدەك نىكاھىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ياكى يېقىندا ئاۋۇپ قالغان بۇۋاقلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنىڭ سۇغۇرۋېلنىشىغا مۇناسىۋەتلىكمۇ بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ.
مۇشۇ بالىلارنى ئوغۇرلايدىغان، ساتىدىغان، ئىچكى ئەزاسىنى سۇغۇرۋالدىغانلارنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئويلاپ يىتەلمەيمەن.
ئۆتكەندە قىزىمنى ئىككى سائەت تاپالماي  ھاياتنىڭ ياشىغۇدەك نىمە قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە بۇلۇپ كەتكەنتىم.
قىزىم تېپىلمىغان بولسا پۈتۈن ھاياتىمنى بالىلارنى ئوغۇرلايدىغان لەنتىلەرنىڭ بوينىنى ئۈزۈشكە ئاتاشقا نىيەت قىلغان . . .
قانداق ئادەمدۇ دەيمەن بالىلارنى ئوغۇرلايدىغانلارنىڭ، ادەم بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىكەن

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار ئاردەمنى بەكلا  بىئارام قىلىدۇ،مۇشۇ كۈنلەردەبالىلاردىن ئەنسىرەپ، مەكتەپتىن ئازىراق كىيىن قالسىمۇ ئىزدەپ بارغان ئادەم...ھەر نىمە  بولسا تۇتۇلۇپتۇ بالىلارمۇ چىقىپتۇ،بۇ بەك ياخشى بوپتۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر نېمىدىگەن شەخسىيەتچى. ئۆزىنىڭ بەختىنى دەپ باشقىلارنىڭ تېنىچ تۇرمۇشىنى بۇزۇش ئۇلار ئۈچۈن ھىچقانچە ئىش ئەمەس ئىكەن توۋا ...

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ھىس قىلىپ باقسام يېقىنقى يىللاردا بالىلىق بولۇش سەل تەس بولۇپ قالدىمۇ نىمە ،ئۆزۈممۇ ئۇزاق داۋالانغاچقىمىكىن ئاياللار بۆلىمىدە بەك تولا ئۇچرىتىپ كەتتىم بالا ئالىمىز ،پىروبىركىدا يېتىشتۈرىمىز دەپ چېپىپ يۈرگەنلەرنى ،توغرا چۈشەنگەنلەر يەنە ئائىلىسىنى ساقلاپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرىۋېرىدىكەن ،مۇنىرەنىڭ يولدىشىدەك خاتا چۈشىنىپ تولا ئەيىپلەۋەرسە شۇ نادانراق ،قانۇننى تازا چۈشەنمەيدىغانلارنى جىنايەت يولىغا باشلاپ قويامدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم ...ئىشقىلىپ ئاللاھ ھەممە بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئاقسۇدىكى بالا ئوغۇرلاپ سېتىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىغا سوت ئاچىدۇ دەۋاتقان. مېنىڭچە بولسىغۇ بالا ئوغرىلىرىغا قانداقلا جازا بەرسە ئازلىق قىلىدۇ.

باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار.

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارمۇ شۇنداق تاتلىق باللىلارغا ئامراقلىغىنى بىلمەمدىكىنا ما مۇنىخان ئەر خوتون
     1100يىل  كىسۋەتسە بۇلاتتتى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1386

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋۋە...
موشۇ بالا توغۇش بەكلا تەس بولسا مەنمۇ بىرنى ئوغىرلىۋالايمىكى..

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:49
تۆۋۋە...
موشۇ بالا توغۇش بەكلا تەس بولسا مەنمۇ بىرنى ئوغ ...

ئانار ئىككىمىز سىزدىن كۆپىرەك ئېھتىيات قىلساق بولغىدەك ئەمسە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1386

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:31:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە.....مەنمۇ شۇ ئىككى بالىدىن بىرنى ئويلاشقان. ئانارنىڭ بىر تاللا دەڭە. سىزنىڭ بىر شودۇي بولغاندىكىن ئەپ كەتسەممۇ ئانچە بىلىنىپ كەتمەس.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:36 , Processed in 0.067837 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش