يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 875|ئىنكاس: 3

قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەج قىلىش شەرىئەتتە ئىبادەتكە بۇيرۇلغان ۋە ئىبادەت قىلىشقا قادىر بولالايدىغان ھەر بىر (ئەر-ئايال) مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ئادا قىلىشى بۇيرۇلغان ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ پەرزلىكى قۇرئان- سۈننەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئىسپاتلانغان ئىبادەتتۇر.

1 - بۇنىڭ قۇرئاندىن دەلىلى: ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى، كىمىكى ئىنكار قىلىدىكەن(يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زېيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن(يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن)بىھاجەتتۇر». بۇ ئايەت ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئايەتتىكى« قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى»دېيىلگەن سۆز ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىسپاتلايدۇ. يەنە بۇنى كۈچلاندۇرىدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ سۆزلەنگەن، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ:« كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن(يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن(يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن)بىھاجەتتۇر» دېگەن ئايەت بولۇپ، پەرزنىڭ باراۋېرىدە كۇفۇرلۇق سۆزلەندى.  بۇ ئايەتنىڭ سىياقىدىن ھەجنى تەرك ئېتىش مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس، ھەقىقەتتە ئۇ كافىرنىڭ ئىشى دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ.

2- بۇنىڭ ھەدىستىن دەلىلى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۇستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھىي مەبۇد يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئادا قىلىش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش»، بۇ ھەدىستە ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دېيىش بىلەن ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە خۇتبە سۆزلەپ: ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ھەج قىلىڭلار دېدى، بىر ئادەم: يارەسۇلۇللاھ! ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاپ بەرمىدى، ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئەگەر -ھەئە-دېسەم سىلەرگە ھەر يىلى ھەج قىلىش پەرز قىلىناتتى، سىلەر بۇنىڭغا قادىر بولالمايتتىڭلار دېدى»، ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ ھەتتا مۇتەۋاتىرلىق(يەنى تەكرار رىۋايەت قىلىنغان) دەرىجىسىگە يەتكەن.

3- ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى: ھەقىقەتەن قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدە بىرقېتىم ھەج قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. ھەج قىلىش دىندا ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر ئىش بولغاچقا بۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

پىقھى توپلاملىرى 17-توم 23- بەت.

ئىمام نەۋەۋىي: قادىر بولالىغان شەرت ھازىرلانغان ئاياللارغىمۇ ھەج قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ http://bbs.merifet.net/read.php?tid=401

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا ..بۇ كۈنلەرمۇ يىراق ئەمەس

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا خالىسا كۆڭلىمىزدە بۇ ئارمانلار يوق ئەمەس.

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ئادا قىلىشى بۇيرۇلغان

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 06:04 , Processed in 0.047340 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش