يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار-يېرىم كېچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1387

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 06:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنى بۇلتۇر خىزمەت يۆتكىلىش ئۇختۇرۇشىنى كۈتكەچ يازغان ئىدىم.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
178
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 08:42:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈكۈتتە باش سۆرىتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇپ قالدىم،دادامنى-ئانامنى سېغىندىم...شېئىرىڭىزنى ھەم سېغىندىم...قۇياشقا قاراپ ‹ئۇلارغا سالىمىمنى يەتكۈز!›دەپ قويدۇم

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم،،دادامنى سىغىندىم...لىكىن...ئۇ.....       بىر-بىرسىدىن ئېسىل شېئرلارنىيىزىۋاتىسىز جۇمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ يۈرىكىدە ئوت بولغىنى ياخشى،شېئرلار مەي بولىدۇ مۇشۇنداق ....سۈيۈنۈپ،ھوزۇرلۇنۇپ ئوقۇدۇم.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ،قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن ! سىزنى غېرىپسىندۇرۇپ  ،قۇمۇلنى سېغىندۇرۇپ قويغانلىقىمدىن خىجىلمەن . سىزنى يوقلاپ تۇرسام بولاتتى ،كەچۇرۇڭ!
سىزگە ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولسۇن ! بارلىق شېئىرلىرىڭىز [دادا سېنى سېغىندىم ] دەك تېتىملىق بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۆرىيەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:36  


Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1387

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھەر ئۆزىنىڭ نۇرىنى چاچتى

مېنىڭ جىمغىنە تۇرغان قەلبىمگە.

مەن خوشال ئۆزۈمدىن موشۇ كۈنلەردە.



ئاتقان تاڭغا، يۇلتۇزغا رەھمەت

مەندىن ئۇلارغا چەكسىز مۇھەببەت.

ھەمدۇسانالار بولسۇن تۈگىمەس،

مەندە بىر ئوت بار پەقەتلا ئۆچمەس.



مەن ئۆزۈملىكىمنى ئەسلىدىم،

ئۆز-ئۆزۈمدىن كىمسەن دەپ سورىدىم.

سەھەر يورۇۋاتاتتى،

تاڭ ئېتىۋاتاتتى

پارلاق نۇرغا سالام دىگەندە



چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلار

بېشىنى ئىگىپ،

سۈزۈك سەھەرنى كۈتىۋالدى.

تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقتا

مەجنۇنتاللار قەددىنى ئەگدى.


ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1387

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە


جۈمە كۈنى
قۇياش تىكلەندى ئاسمانغا
دەرەخلەر شىۋىرلىدى
بۇلۇتلار تەسبىھ ئېيتتى.
بىر ئايال بالىسىنى يىتىلەپ
كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن يىتىپ كەلدى.

كىشىلەر قاينايدۇ، قاينايدۇ
تاۋۇزلار قىزىل ئۇرۇقلىرىنى چاچار زىمىنغا
ئادەملەر ئۈمىدىنى باغلار ئېتىزغا
شاپتۇل چىچەكلىگەن پەيىت
ھەرىلەر ئويغۇنار، تۇرار كارۋىتىدىن
مەن تۇرىمەن ئىلھام بېغىدىن.


جۈمە كۈنىدىكى قۇياش
جۈمە كۈنىدە پاتار
ئۈمىد، ئىشەنىچ، ئارمان ئىلكىدە.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1387

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم كېچىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ

يۆلەندىم جىمغىنە تىكەنلىك گۈلگە.

ئايسىز ئاسمانغا قارىدىم ئۇزاق

ئاسمان قارىيىۋاتاتتى،

مېنى ئېزەتتى قانلىق ئەسلىمە.



مەن نىمىلەرنى ئەسلىدىم، قويدۇم

نىمىلەرنى يىغلاپ سېغىندىم.

نىمىلەرگە دىدىم خەيىر-خوش

نىمىلەرنى ئۈن-تىنسىز سۆيدۈم.

كىچە قاراڭغۇلىقى ماڭا قارىدى،

مەن ئۇنىڭغا يۆلەندىم ئۇزاق.

مەن بىلمەيمەن نىمىگە كۈلدۈم

كىملەر ماڭا سالغاندۇ پىراق.

چىراغ نۇرى، بىر تال پەرۋانە

بىر گۈزەل چۈش، يىراق پەرغانە



گۈزەللىكنى ئىزدىمە، ئىزدىمە

ئۆز-ئۆزۈڭنى چۈشۈڭدىن ئىزدە.



يۈرەكلەرگە ئۈمىد تولىدۇ

شۇنداق گۈزەل باھار كۈنلەردە.



يىغلاپ ئەسلىسەممۇ ھەممىنى

كۈلۈپ ياشايمەن قۇياشلىق كۈندە.


ئەسلىمە--بىر تۇتام گۈلدۈر

مەن بوشلۇقتىن يەرگە تاشلىغان....

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1387

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانار سۈيى ئىچىش

ئانار سۈيىنىڭ قىرتاق، سۈزۈك تەمى
ئۆتتى تىلىمنى غىدىقلاپ بىر پەس
ئۈچبۈرجەك قۇتىدىكى قىزىل سۇيۇقلۇق
مىۋە سۈيىدۇ، كۆز ياش، قان ئەمەس.
ئانار سۈيىنى ئوتلاۋىتىپ
ئانار شېخىنى قىلىمەن قىياس
دەرەخلەردىن ساڭگىلىغان مىۋىلەر
نامەلۇم بىر قولدا
ئۈزۈلەر، سىقىلار، ئىزىلەر ھەتتا
مەن گويا ئانار سۈيىگە ئايلاندىم
تىپىمەن ئەينەك تامنى، شەكىلسىز قولنى
يۈرىكىم تىتىرەيدۇ، ئۈنۈم ئۆچىدۇ،
ئادەملەر ئىچىدە
سىزەلمەيمەن ئۆزۈمنى خىرامان
يالغۇزلۇقۇم مېنى قورشاپ ئالغان چاغدىلا
ئاپتاپتا قىزىرىپ پىشقان ئانار دانىسىدەك
ئۆزۈمگە سۆزلەيمەن بۇ ئان....
ئانار سۈيى...ئاھ....ئانار سۈيى
مېنى كەچۈرگىن
ئۇسساپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن
بىر تىنىقتىلا ئىچىۋەتتىم سېنى
ئىچىۋەتكەندەك گۇيا تۇرمۇشتا
نۇرغۇن ئازاب، ئۈمىد، كۈتۈشنى...

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدارخاننىڭ شېئىر خالتىسى تىشىلىپ كىتىپتۇ بۈگۈن . ئانار پىشماستا شەربەت سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:23 , Processed in 0.064763 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش