چاشقان تۇتۇش
مەرۋەرى خانىمنىڭ ئۆيىگە بىر چاشقان كىرىۋىىلىپ شۇنداق زېرىكتىرۋېتىپۇ . كېچىسى ئۇخلىيالمىغان مەرى تاختا مۈشۈكنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا ئورناتقىلى يەمچۈك ئىزدەپ پۈتۈن ئۆينى ئاختۇرۇپ ھېچ نەرسە تاپالماپتۇ. ئاخىرى كاللسىغا بىر ئىش كەپتۇ ،بېرىپلا بىر ژورنالنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پىشلاقنىڭ رەسىمىنى كېسىپ ئېلىپ ئۇنى تاختا مۈشۈككە ئورنىتىپتۇ.لىكىن ئەتىسى قارىسا ھېلىقى پىشلاقنىڭ رەسىمى يوق،بىر چاشقاننىڭ رەسىمى تۇرغۇدەك.
چىش ھەققىدە رىۋايەت
بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان
رەھمىتوللاھنىڭ بىركۈنى چىشى چۈشۈپ كېتىپتۇ ، ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ چۈشۈپ كەتكەن چىشىگە قاراپ ھەيران بولۇپ ئولتۇرغاندا كەينى پارتىدىكى ساۋاقدىشى
مايسىخان ئۇنىڭغا مۇنداق بىر چىش ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
:بۇرۇن ماڭا مومام كىچىك بالىلارنىڭ چىشى چۈشىپ كەتسە بۇ بىر بايلىقنىڭ بىشارىتى ئىكەن ،مىنىڭمۇ چىشىم چۈشۈپ كېتىپ ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا چۈشۈپ كەتكەن چىشىمنى
ياستۇقىىمنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغان ئىدىم ئەتىسى قارىسام چىشىم يوق تۇرىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇل تۇرىدۇ سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ
چوقۇم ساڭىمۇ ئامەت كېلىدۇ ،دەپتۇ. كېيىن دەرىس باشلىنىپتۇ.
مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىتتا قادىر سوراپتۇ:ئابايقى سۆزلىرىڭ راسمۇ دەپ سوراپتۇ
مايسىخان :راس
رەھمىتۇللاھ :ماۋۇ چۇۈشپ كەتكەن چىشىمنى ساڭا بېرەي ئەتە ماڭا بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇلنى ئالغاچ كەلگىن.
قوش خىزمەت
مەن باشلانغۇچنىڭ 2يىللىقتا دەرىس بېرىۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدىم.
بالىلار :سىلەر چوڭ بولغاندا نىمە كەسىپ قىلماقچى ؟
قەمبەرنىىسا سىز جاۋاب بېرىڭ.
قەمبەرنىسا: مەن چوڭ بولغاندا راڭپىزا دۇكىنى ئاچىمەن.
مەن:بۇ نىمە گەپ ،ئاۋالقى قېتىم مەن داڭلىق سوتچى بولىمەن دەۋاتقانتىڭز غۇ؟
قەمبەرنىسا :مۇئەلللىم مەن قوش خىزمەت قىلسام بولا؟
تۇخۇم قېنى ؟
ئايدار:ئانار تۇخۇم دېگەن سۆزگە جۈملە تۈزۈڭ.
ئانار :مەن تۈنۈگۈن تورت يىدىم.
ئايدار :تۇخۇم قېنى؟؟؟
ئانار: تورتنىڭ ئىچىدە
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن ھە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساداقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:38