مەشھۇر دراماتورگ، شائىر، يازغۇچى مۇھەممەتئېلى زۇنۇن (تەشنائىي) 1939 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1953 – يىلىدىن 1955 – يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1955 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1958 – يىلىدىن 1978 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. 1978 – يىلىدىن 1990 – يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك دراما - ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدە، 1990 – يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى (ھازىرقى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا تىياتىرى) دە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 – يىلى پېنسىيەگە چىققان. 2012 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 73 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مۇھەممەتئېلى زۇنۇن 1951 – يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ شېئىر (ناخشا تېكستى) ، دراما، پروزا قاتارلىق ھەر قايسى تۈرلىرىدە نۇرغۇن سەرخىل ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
ئۇ ھاياتىدا «ۋىسال سەھىرى»، «كارۋان ناخشىسى»، «گۈلمېھرى»، «ئائىلە ناخشىسى»، «مەشرەپ»، «قەدىردان ئاتا» (نەشردىن چىقىش ئالدىدا) قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، «چالا تەككەن ئوق»، «قۇچاقلا، ئۇ سېنىڭ داداڭ» قاتارلىق شېئىرلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدە سالماقلىق تەسىر قوزغىغان. «بادام دوپپا» (رابىيە مۇھەممەت ئورۇنلىغان)، «كارۋان ناخشىسى» (رابىيە مۇھەممەت ئورۇنلىغان)، «ئەخلاق - ئادەم زىننىتى» (ئايشەم قېيۇم ئورۇنلىغان)، «قەدىردان ئاتا» (مۇھەممەتئىمىن ئەمەت ئورۇنلىغان)، «مەشرەپ» (ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلىغان)، «ئايال قەلبى» (دىلنار ئابدۇللا ئورۇنلىغان)، «تۇنجى سۆيگۈ» (ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلىغان)، «راست» (ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلىغان)، «مەن دولان» (ئابلەت ئابلىكىم ئورۇنلىغان) قاتارلىق كۈي نەزمىلىرى (ناخشا تېكىستلىرى) نى يېزىپ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئۇ يازغان «ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق»، «كېچىككەن توي»، «مۇقام ئۇستازى»، «كۆمۈلمەس ئىزلار»، «قايچا قۇدا»، «ئەزىزە»، «رابىيە – سەئدىن»، «مەسلىھەت چېيى»، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى» ... قاتارلىق نەچچە ئون درامىلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە ئوينىلىپ زور تەسىر قوزغىغان. «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى»، «ئەزىزە» قاتارلىق درامىلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. «شىكەر شەنبە خۇمارى» قاتارلىق ئېتوتلىرى جەمئىيىتىمىزدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئېتوت قىزغىنلىقىنى قوزغىغان.
ئۇنىڭ «قوش مەسچىد» (ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىق ھېكايىلىرى، «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق پوۋستلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پروزىچىلىقىدا مۆتىۋەر ئورۇن تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەھمەد زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن كېيىنكى تەسىركار تىل ئۇستازلىرىدىن سانىلىدىغان مۇھەممەتئېلى زۇنۇن (تەشنائىي) ئەدەبىياتىمىزنىڭ شېئىر (ناخشا تېكستى)، دراما، پروزا ژانېرلىرىدا سەرخىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى بىلەن كەسىپداشلىرىنىڭ ئورتاق ئېتىرابىغا، ئەل - ئاۋامنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان يېتۈك ئەدىبتۇر.