يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: nurbulak

ئالاھىدە خوش-خەۋەر. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 13:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:07
مەن ھاماقەت دوستۇمنىڭ پىكرىنى قوللايمەن،دوستۇمنىڭ تو ...


بۈگۈن مۇنبەردە ئىزدەپ يۈرۈپ تامغا ئۈسىدىغان كۈن ئوخشايدۇ.
مەرىپەت < ئىسمىڭىزگە قارىسا ئادەمنىڭ شۇنداق ھۆرمىتىنى قوزغايدىكەن ، ئەمما قىلغان گەپ سۆزلىرىڭىزدىن ئادەمگە زەھەرلىك يىلاننى ئەسلىتىدىكەنسىز>، بۇ يەردە يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ قىممىتى توغۇرلۇق گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر قىممىتى ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلىشىپ بېقىڭە.
بىز مۇنبەر مەسئۇللىرىغا سىزنى چەكلەشنى نەچچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، مۇنبەر مەاسئۇللىرى مۇنبەرنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ۋە ئەزالارنىڭ مۇنبەردىكى سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا بىر ئەزانى چەكلىسە بولمايدىغانلىقى ئېيتىپ تۇرۋالدى. ئەجىبا مۇنبەر مەسئۇللىرى سىزدىن قورققانمىدۇ؟
بۇ يەردە ھېچكىم، ھېچكىمدىن قورقمايدۇ، پەقەت ھۆرمەت مەسىلىسى مەۋجۇت، مەرۋەرى بولسۇن، ياكى باشقا مۇنبەر مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسى ئىزچىل تۈردە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا باشقا خىل ئۇسۇل بىلەن رەدىيە بېرىپ كەلدى، بۇنداق قىلغانسىرى سىز ھەددىڭىزدىن ئاشقىلى تۇردىڭىز، بۇرۇن يالغۇز بولسىڭىز ئەمدى، ئىسمى جىسمىغا لايىق ھاماقەتتىن بىرىگە دوست تارتىپ مۇنبەردە قەستەن ئىناقسىزلىق ئۇرىقىنى چېچىۋاتىسىز.
سىزنىڭ ھەر قانداق ئىنكاسىڭىز ئوقۇغان ئادەم بۇ ئەزانىڭ مەرۋەرى بىلەن شەخسى ئاداۋېتى بارمىدۇ ياكى مۇنبەرنى قەستەن قالايمىقان قىلىدىغان ساپاسىز بىرىمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
مەرىپەت، مەن مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىسىمۇ ئەمەس، پەقەت كونا بىر ئەزاسى بولۇش سۈىتىم بىلەن، بىزگە مۇشۇنداق بىر شارائىتنى ھازىرلاپ بېرىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆزمەت قىلىشىڭىزنى، ئادەمدەك بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئەگەر مۇنبەر يارىمىغان بولسا ئاۋۇ كەمبەغەل سودىگەر ھاماقەت بىلەن بىرلىشىپ مۇنازىرە قاينايدىغان، مۇلاھىزە قىلىپ مىللەتنى تۈزەيدىغان مۇنبەردىن بىرنى قۇرۋېلىپ شۇ يەردە خالىغانچە گەپ قىلىشىڭلارنى سورايمەن، بۈگۈندىن ئېتىۋارەن سىزنىڭ بىر تال ئىنكاسىڭىزدا يەنە شۇنداق قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىردىغان گەپ- سۆز بايقىسام ئىشىنىڭكى ھازىرقى ئورنۇمدا تۇرۇپ سىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىقلاپ سۇنىدىغان يەرگە سۇنىمەن!




باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيىەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن  مەنمۇ تېلىفۇندا كۇرۇشۇپ باقتىم.
ئالىدىدا يازغان ئىككى قۇر ئىنكاسىمنىڭ بەزىلەر ئۈچۈن تۇترۇق بۇلۇپ بىرىشىنى ئويلىماپتىمەن. بەزىلەر راستىنلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىكىنى  بىلەلمەيلا قاپتۇ....

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاماقەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:39
ئۇيغۇر سوسكا ئەمسىلا بولامدا؟؟؟؟؟؟ ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى ئا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! پاھ! بۇ ئۇچۇر ئۈستىدە، مۇنازىرىلەر خېلى قىزىپتۇ. بۇ پىكىرلەردىن بەكمۇ خۇش بولدۇم.دىمەك بىزنىڭ بۇ تۇنجى قېتىملىق پائالىيىمىزگە كۆڭۈل بكلەگەنلەر خېلى كۆپ ئىكەن، ئەمما بىر ئىشقا ھەيرانمەن،مەن ئىككى كۈندىن بېرى مۇشۇ پائالىيەت توغرىسىدا نۇرغۇن تېلىفۇنلارنى قوبۇل قىلدىم، ئەجەپ ئىش! ھاماقەت ئەپەندىمنىڭ تېلىفۇنى ئۇلانماپتۇيا؟!  18999196445 بۇ تېلىفۇن يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يېنىدا، ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ نۇرغۇن تېلىفۇنلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى دىدى، 15292864484 بۇ مىنىڭ يېنىمدىكى تېلىفۇن، ئەگەر تېلاۇن ئىتىك بولسا قىسقا ئۇچۇر كىلەتتى، ماڭا ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى، ھاماقەت ئەپەندىم خاتا ئۇرمىغانسىز-ھە!
   ھازىر نۇرغۇن توربەتلەردە بەزىبىر ئەزالا باركى، كىمىكى دوستلارنى بىرئىشقا چاقىرىق قىلسا، بىرەر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرسا ۋەياكى...  ئۇلار، بۇ ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان، ئايرىمايلا قۇسۇر ئىزدەش بىلەن مەشغۇل. بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى پەقەت قۇسۇر تېپىش خالاش، تېخى ئۆز كۆڭلىدە بۇلار بىر مۇلاھىزچى... ئەگەر ھەقىقى بىر مۇلاھىزىچى بولسا ياخشىراق تەپەككۇر قىلىش كىرەك. يامان تەرىپىنىمۇ، ياخشى تەرىپىنىمۇ ئويلاش كىرەك. بۇلار ئەكسىچە يامان تەرىپىنى ئويلايدۇيۇ ياخشى تەرىپىنى ئويلىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرىدىغان كۆزى... مۇشۇنداقلارنىڭ  ئۆز ئىددىيىسىنى توغرا-خاتاسىنى ئايرىمايلا مەيدانغا چىقىرىشى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن يەنە  كۆپ سۆزلىمەي، قۇسۇرچىلارغىمۇ قىلغۇدەك ئىش چىقمىسا بولمايدۇ، ئۇلارمۇ سۆزلەۋەرسۇن. ھۆرمەتلىك تورداشلار،  ئەسەر تىزىملاش جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى 11- چىسلاردىكى ئۇچۇردىن بىلگەيسىزلەر، ئاخىردا تورداشلارنىڭ بۇ ئۇچۇردىن تورغا چىقمايدىغان ياكى چىقالمايدىغان، يازغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
115
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:57:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاماقەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:39
ئۇيغۇر سوسكا ئەمسىلا بولامدا؟؟؟؟؟؟ ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى ئا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاماقەت ئاكا ( ئىنىم دىگىنىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن) ھۆرمەتلىگىنىڭگە رەھمەت !ھۆرمەتكە لايىق بولمىساممۇ . بۇ ئىككى كۈن ئالدىراش بوپ قېلىپ مۇنبەرگە كىرەلمەي قالدىم، كىرسەم بۇ ئىنكاسلىرىڭ تۇرۇپتۇ ، بۇ ھەقتە يەنە سۆز ئېچىشنى لايىق كۆرمىگەن بولساممۇ  ساڭا ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي :

ھەرگۈلنىڭ پۇرىقى باشقا ( بۇ مۇنبەرنى مۇشۇ مۇنبەردىكى ئازادىلىك ، مېھىر مۇھەببەتلىك كەيپىياتنى دەپ تەۋسىيە قىلغان ، شۇڭا مۇنبەرنىڭ مۇشۇ پۇرىقىغا ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئەقەللى ساۋات ئىدى ) .

باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىشتا كېچە كەبى بول دەپتىكەن جالالىدىن رۇمى ھەزرەت . مەيلى نۇربۇلاق ئەپەندىنىڭ قىلغان ئىشى راست بولسۇن بولمىسۇن ئۆپكەڭنى بېسىپ ئىش ئايدىڭلاشقاندا قاقشىساڭمۇ بولاتتى ، ئەمما نەدىن كەلگەن قىززىققانلىق بۇ ؟ تارىخ ، ئەدەبىيات، سىياسىغا قىزىقىدىغان ئەركەك مۇشۇنداق ئاسانلا، سوغۇققان بولماي ھۆكۈم چىقىرامدىكەن ؟

گەپ دىگەن قار دۈگۈلچىكىگە ئوخشايدىغان نەرسە ، دېسەك چىقىۋىرىدۇ ، جىقىيىۋىرىدۇ ، بىر ئوبدان ئۇقتۇرۇشنى يەنە  بۇنداق دەتالاش بىلەن توشقۇزغىمىز يوق مۇنبەردىكىلەرنىڭ ، سىنىڭمۇ ئەمەل قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن .

نۇربۇلاق ئەپەندى ئىشلىرىڭلار ئەھمىيەتلىك خەيرلىك ئىش بوپتۇ ، سىلەرنى قوللايمىز. يازالىغان بولسام 2000 سومنى ئۆزۈملا ئالاتتىمكە ، ئۇنىڭغا جىق پوشكال سېتىۋالسام  ، ياق ياق پوشكال سالىدىغان خوتۇننى ئەكىلىۋالسامزە كاتتا ئىش بولاتتىدە ...

ھەۋەسكار قەلەمكەشلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىنى چىم دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .






Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
177
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erwah يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاماقەت ئاكا ( ئىنىم دىگىنىڭنىڭ ھۆ ...

‹پوشكال› سۆزىگە قانداق ھېكمەت سىڭگەندۇ؟

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟   بىز نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى توغرىسىدا  ئۇچۇر  بەرگەن ئىدۇق. 11- چىسلا تىزىملاش تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدۇق.  نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇ پائالىيەتنىڭ بەزى ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، تورغا چىقالماي، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ يازالمىدىم. بۇ سەۋەنلىكىم ئۈچۈن تورداشلاردىن ئەپۇ سۇرايەن!
11- چىسلا تىزىملاش جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى خەۋەر قىلالمىدۇق، سەۋەبى:  بىز بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەرنى ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردە تىزىملاش ئورنى تەسىس قىلىپ، تالۇن كىسىپ تىزىملاشنى پىلان قىلغان ئىدۇق، ھەم شۇنداق تەستىق ئالغان ئىدۇق. لىكىن نۇرغۇن تورداشلىرىمىز تېلىفۇن ئارقىلىق كۆپلىگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، دىمەك ھەرقايسى ناھىيەلەرگىچە تىزىملاش ئورنى تەسىس قىلساقمۇ يەنىلا يېزىلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كىلىدىكەن. يېزىلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز، ئەسەر تىزىملىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەن ۋە كىلىپ-كىتىش كىراسى ئۈچۈن بەزى جايلاردا نەچچە ئون يۈەن، بەزى جايلاردا نەچچە يۈز يۈەن چىقىم بولىدىكەن، بىز بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇچتا ئارقىلىق تىزىملاش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىدۇق، بۈگۈن تەستىقلاپ بەرمەكچى ئىدى، ئەمما بۈگۈن ئۇلارنىڭ (مەدەنىيەت ئىدارىسى) نىڭ مۇھىم يىغىنى بولغاچقا تەستىقلاشقا ۋاقىت چىقمىدى، بىز 15- چىسلادىن بۇرۇن، پوچتا ئارقىلىق تىزىملاشنى ياكى مەخسۇس بىر تور بەت ئېچىپ شۇ ئارقىلىق تىزىملاشنى ئۇقتۇرىمىز،
  ئالدىنقى ئۇچۇردا بەزى مەسىلىلەر ئېنىق بولماي قاپتۇ، پائالىيەتكە قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەردىن ھىكايە بىلەن، ئىتۇت- كۈلدۈرگە  2000 خەت دىگەن ئۆلچەمنىڭ سىرتىدا (5000 خەتكىچە بولىدۇ. 1000 خەت دىگىنىمىز 2 بەت بولىدۇ).
  قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەر بۇرۇن توربەتلەرگە يوللانغان بولسىمۇ بولىدۇ، پەقەت مەتبۇئاتتا نەشىر قىلدۇرۇلمىغان بۇلىشى شەرت. بىر ئادەم بىر پارچە دىگەن ئۆلچەم يوق. نەچچە پارچە قاتناشتۇرسا بولىۋېرىدۇ.
   بۇ پائالىيەت مەركىزىگە بىر يىلدىن بىرى بەك تەستە تەستىق ئالدۇق، بۇ بىر قېتىملىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ
مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئەسەرلەرنىڭ سانى، تىزىملاتقان ئەسەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ بىكىتىلىدۇ.
  دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز.
  تېلفۇن نومىرى: 15292864484،        18999196445.
   چ چ:  2224266181،   ئېلخەت:  nurbulak@hotmail.com

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 07:29:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوچتا ئارقىلىق ؟
بۇمۇ بوپ قالغۇدەك. قېنى قاراپ باقايلى !

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:39 , Processed in 0.057652 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش