يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 141|نەقىل: 2

ئاي تولغان كېچە ( نازپەرى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاي تولغان كېچە

نازپەرى

مۇقەددىمە  



   كېچە ئەتراپ شۇ قەدەر جىمجىتكى، ناگان-ناگاندا يىراقتىن ھاۋشىۋاتقان ئىتلارنىڭ سوزۇپ قاۋاشلىرى قۇلاق تۈۋىمدىلا ئاڭلىنىدۇ. ئاسماندىكى تولۇن ئاي يۇپيۇمىلاق تولغان بولۇپ، ئەتراپنى ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇتماقتا. چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار گويا ماڭا كۆز قىسىۋاتقاندەك جىمىرلاپ تۈن ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدۇ. كۈندە سىزنى ساقلاش ماڭا ئادەت بولۇپ كەتكەچكە، بۇ ئاي تولغان كىچىدىمۇ يەنە ھويلىدىكى كۆتەك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سىزنىڭ كىلىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاۋاتىمەن. مەيىن شامال يۈزلىرىمنى سۆيۈپ ئەركىلىتىپ، سىزنىڭ ھىدىڭىزنى يىراق-يىراقلاردىن ماڭا ئىلىپ كەلمەكتە. بارا-بارا ماڭا يىقىنلاۋاتقانلىقىڭىزنى موتسىكىلىتىڭىزنىڭ ئاۋازىدىن بىلدىم. دەرت-ئەلەمدىن خۇن بولۇپ كەتكەن يۈرىكىمنى، ئازاپلانغانلىقتىن پۈرۈشۈپ كەتكەن چىرايىمنى سىزگە كۆرسەتكۈم كەلمىدى. بىر ئايال، ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالامنى يېتىم قىلماسلىق ئۈچۈن، قاتتىق ئېغىرلىق قىلىشىم كىرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىم پىچاق تىلغاندەك ئىچىشىپ ئاغرىۋاتسىمۇ، دەرت-ھەسرەت يۈرىكىمنى قاتتىق موجۇۋاتسىمۇ سىزگە كۈلۈمسىرەپ قارىشىم، ئىچىمدىكى ئاچچىق ئازاپلىرىمنى بىلدۈرمەسلىكىم كىرەك ئىدى.



   ئىشىك ئالدىغا كىلىشىڭىزگىلا ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ بەردىم. ھەيران قالمىدىڭىز. چۈنكى بۇ مەن بىر يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئادەت ئىدى. ئۆيگە كىرىپ چاپىنىڭىزنى سىلىپ تاشلاپ، گەپ قىلماي ئولتۇردىڭىز. ئۆي ئىچى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىققا چۆمگەن، بۇ جىمجىتلىقنى تاتلىق ئوغلىمىزنىڭ ئۇيقۇچىلىقتىكى تاتلىق پىچىرلاشلىرى بۇزۇپ تۇراتتى. ئۆي ئىچى سىزدىن تارىغان خۇشپۇراق ئەتىرنىڭ پۇرىقى بىلەن تولدى. ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ تەييارلاقلىق ئورۇنغا كىرىپ يىتىپلا ئۇيقۇغا كەتتىڭىز....
   پۈتۈن بىر كېچە جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلارغا قاراپ، گويا ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى، ئازاپلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيىۋەتمەكچى بولغاندەك ياستۇقۇمنى ھۆللەپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. يېراقتىن ئاقىرىپ كۆرىنىۋاتقان ئاسمان، ھويدىلىدىكى قىزىل تاجىلىق خورازلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بەس-بەستە چىللىشى بىلەن يەنە بىر ئازاپلىق تاڭنى كۈتىۋالدىم. ئەلۋەتتە سىزنىڭ دۇكانغا بېرىشىڭىز ئۈچۈن كۈندىكىدەك سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلىشىم، سىزنىڭ مەن ئۆز قولۇم بىلەن تەييارلىغان ناشتىلىقنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشىڭىزگە زوقلىنىپ، ئىڭەك يۆلەپ سىزگە قاراپ ئولتۇرۇشۇم، ئاندىن سىزنى خۇش تەبەسسۇمۇم بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويىشىم كىرەك ئىدى. ئەمما بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەي قالدى. يۈرىكىمنى بىر ئېغىر تاش بىسىۋالغاندەك بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرالمايۋاتاتتىم. غەزەپلىك قاراشلىرىڭىزغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆرۈلۈپ يىتىۋالدىم ئەمما ئىشىكنى زەرپ بىلەن يىپىشىڭىزگىلا يۈرىكىمگە بىر پىچاق سانچىلدى......
   

                                 

يۈرەك تىۋىشلىرى



   بۇ كونا ئورۇندۇق بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى. تالاي كېچىلەردە بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بەرگەن ۋەدە- قەسەملىرىمىزنىڭ شاھىدى. كەلگۈسى ئۈچۈن قىلىنغان شىرىن ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنىڭ شاھىدى.



تويىمىز بولۇپ دەل بىر ھەپتە بولغان كۈنى ئاي تولغان بىر كىچىدە قولۇمدىن يىتىلەپ چىقىپ مۇشۇ كونا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدىڭىز. ئاندىن قولۇمنى تۇتقان پىتى ئورۇندۇقنى ئايلىنىپ تۇرۇپ، ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ << تۇنجى مۇھەببەت >> ناملىق ناخشىسىنى پەس ئاۋازدا، بېرىلىپ تۇرۇپ ئوقۇدىڭىز.ناخشىڭىزنىڭ مۇڭىغا جۆر بولۇپ شۇ قەدەر ئېغىر خىياللارغا پېتىپ كىتىپتىمەنكى، يېنىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ماڭا تىكىلىپ قارىغىنىڭىزنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن....كۆكرىكىڭىزگە بىشىمنى قويۇپ، يۈرەك سوقۇشىڭىزنى ئاڭلاۋاتىمەن. يۈرىڭىز گويا << مەن سىزگىلا تەئەللۇق >> دەۋاتقاندەك بىر خىل رىتىمدا سوقۇۋاتاتتى.....


بۇ كونا ئورۇندۇق قانچە ئەۋلاد ئەر-ئاياللارنىڭ يۈرەك تىۋىشلىرىغا، پاك مۇھەببىتىگە، تاتلىق پىچىرلاشلىرىغا شاھىدتۇ ؟ ئاتا-ئانىڭىز، بوۋا-مومىڭىز........


گەرچە بۇ كونا ئورۇندۇق كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا سىرلىرى ئۆڭۈپ سەل تۇتۇق رەڭگە ئۆزگىرىپ قالغان بولسىمۇ، مېھرى ئىسسىق ئىدى. سىز بىلەن پات-پات مۇشۇ كونا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشقىنىمىزدا، يۇلتۇزلار قىزغانغاندەك كۆزلىرىنى چاقنىتاتتى. كەڭ كۆكرەكلىرىڭىزگە سىڭىپ كىرىپ تاتلىق ھىدلىرىڭىزنى پۇراۋاتقىنىمدا، سىزنىڭ مېنى چوڭقۇر مىھرىڭىز بىلەن قۇچاقلاۋاتقىنىڭىزدا تولۇنئاي خىجىل بولغاندەك بۇلۇت كەينىگە يوشۇرناتتى. مۇشۇنداق كېچىلەردە تۈننىڭ ئۇزۇنراق داۋام قىلىشىنى، ئۇپۇقنىڭ ئاقارماي تۇرىشىنى تىلەيتتىم......


توي قىلىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن، تەلىپىڭىز بويىچە خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم. نىكاھلانغان بىر ئايال ئۈچۈن ئېلىپ ئىيىتقاندا، ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇشتىن باشقا ئارزۇ ئارمىنى بولمىسا كىرەك. سىز ئۈچۈن، ئائىلىمىزنىڭ ئىناقلىقى، بەختى ئۈچۈن سىزنىڭ بۇ تەلىپىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.


ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال بولغان كۈنۈم - ئوغلىمىز يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئىڭەلەپ يىغلىغان ۋاقتى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىڭىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئانام ئوغلىمىزنى بەرسە، قورقۇپ قولىڭىزغىمۇ ئالالمىغانلىرىڭىز، ئۇنىڭ ئىڭەلەپ يىغلاشلىرىغا زوقلىنىپ قاراپ تۇرۇشلىرىڭىز، ماڭا چوڭقۇر مېھىر بىلەن باققان كۆزلىرىڭىز ........ھازىرمۇ ئېنىق ئىسىمدە !
   ئاي تولغان كېچىدە، ئاشۇ كونا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بەش ئايلىق بولغان ئوغلىمىزنى ئەركىلىتىپ كىتىشلىرىڭىز، ئىسەدەپ يىغلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي يىرىك ساقاللىق ئىڭەكلىرىڭىزنى يۇمران يۈزلىرىگە سۈركەپ چوڭقۇر دادىلىق مىھرىڭىز بىلەن سۆيۈپ كىتىشلىرىڭىز، ئوغلىمىز تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە بولسا، مۈرەمدىن قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ چەكسىز ۋەدە قەسەملەرنى بەرگەنلىرىڭىز .......ھازىرمۇ ئېنىق ئىسىمدە !
   ئوغلىمىزنىڭ بىر ياشقا تولغان قۇتلۇق كۈنىدە، دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئېتىپ چوڭلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغانلىرىڭىز، << كەمبەغەل بولساقمۇ كۈنلىرىمىز بەك بەختلىك، سىز بۇنىڭغا رازىمۇ >> دەپ ئېغىر ئۇھسىنىپ سورىغىنىڭىز، << سىز بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىسەملا، مەن ھەممىگە رازى >> دىگەن سۆزۈمدىن كىيىن، چوڭقۇر مىھرىڭىز بىلەن باغرىڭىزغا باسقىنىڭىز ........ھازىرمۇ ئېنىق ئىسىمدە !

   ئادەم ئۆزگىرىشچان بولىدۇ دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن كونىلار. ئەمما مەن سىزنىڭ بۇنچە تىز ئۆزگەرگىنىڭىزگە ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيلا قالدىم. تىجارىتىڭىز ياخشىلىنىپ پۇل تاپقاندىن كىيىن دۇكاننىڭ يېنىدىكى قوشنا ئايال بىلەن باردى-كەلدىڭىز بارلىقىنى بىلدىم. ئاھ ...!!! بىر ساداقەتمەن ئايال ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئازاپ بولامدۇ ؟؟؟ كۈندە ئۆيگە كەچ كېلىشلىرىڭىزگە، سەنلەپ قاپاق تۈرۈشلىرىڭىزگە، پات-پات سىرتلاردا قونۇپ قېلىشلىرىڭىزغا كۆندۈم ، مەن كۆندۈم كۆنمەسلىككە ئامالىممۇ يوق ئېدى ...ئوغلۇم مېنىڭ بارلىقىم، ئوغلۇمنى دەپ سىزنىڭ ھەممە قىلىقلىرىڭىزغا كۆنۈشكە مەجبۇر ئىدىم. ئانىلىق قەلبىنى ئوغلىغىلا ئاتىۋەتكەن مەندەك بىر ناتىۋان ئايال چوقۇم شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر ئىدى...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:18  


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى ...... تېزراق بولسۇنچۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىزمىتىمدىن چىكىنىپ ئائىلىدە سىزنىڭ،ئوماق باللىرىمنىڭ  تامىقىنى ئېتىپ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ سىلەرنى خاتىرجەم تىجارەت،خاتىرجەم ئوقۇش شارائتىغا ئىگە قىلدىم،بارغانچە ئۆيدە ھال تارتمايدىغان،يىڭى كىيىملىرىمنى ئايا پ كىيمەيدىغان،ئەتىرلىرىمنى تۈگەپ قالمىسۇن دەپ ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم ،چۈنكى ئېرىم مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەندىكىن بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ ئويلىدىم.......بىراق سىز شۇ سىرىتتىكى ئەتىر پۇرايدىغانلارنىڭ،مودا قىزلارنىڭ،چېچىنى بۇيا پ  كۈندە چەر خىل ياسىنىپ يۈرۈيدىغان گۈزەللەرنىڭ  ئىشقىدا كۆيۈپ يۈردىڭىز......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:09 , Processed in 0.071652 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش