يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 179|نەقىل: 4

مارسقا قونۇش نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:36:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارسقا قونۇش نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن؟
مارستا ئىلگىرى ياكى ھازىر ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىتنىڭ مەۋجۇتلىكى ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى «قىزىقىش» ناملىق مارس ماشىنىسىنى بوشلۇققا قويۇپ بەردى.
مارس دوستانە جاي ئەمەس. بۇ جاي ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، بوران كۆپ چىقىدۇ، گىياھ ئۇنمەيدۇ ھەمدە جىمجىتلىقى ئادەمنى قورقۇتىدۇ. ئۈمىد بىلەن كەلگەن مىھماننى گۈكىرەپ چىقىپ قورقىتىدىغان قۇم بوراندىن باشقا، ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. مارس سەل-پەل «غەلىتە مېھمان» ئوخشايدىغان بولۇپ، راستىنى ئېيتقاندا، بىر قاتار يامان نىيەتلىك توسالغۇلىرى ئارقىلىق، ئىلگىرى 47 يىل ئىچىدە ئەۋەتىلگەن ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان تەكشۈرۈش ماشىنا-ئاپپاراتلىرىنى ۋە ئادەملەرنى مەغلۇب قىلدى ھەمدە ئاخىرى ئوخشاشلا مارس غەلبە قىلىپ كەلدى.
ئىنسانلار مارسقا ئالەم كېمىسى قويۇپ بەرگەن بىر قانچە 10 يىلدىن بۇيان، مارس قىلچە كۈچىمەيلا ئىنسانلارنى مەغلۇب قىلدى. ئىنسانلار ئومۇمەن ئالغاندا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئاران %40 مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتىگە ئېرىشەلىدى ــــــــ بىر قانچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە سانسىزلىغان قۇرۇلۇش ۋاقتى سەرپ قىلىنغان ۋەزىپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ نىسبەت يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ. ئىنسانلار مارسقا جەمئىي 17 قونۇش ئاپپاراتى ئەۋەتگەن بولسىمۇ، ئاران يەتتىسى بىخەتەر قونالىدى ھەر بىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرىجىسى پەرقلىق بولدى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ھازىر يېڭى تىپتىكى «قىزىقىش» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ مۇرەككەپ بولغان ۋەزىپىنى سىناپ بېقىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ ــــــ 18-قېتىملىق قونۇش توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مارسنى تەكشۈرگۈچىلەر ئەگرى-توقاي تارىخى بۇيرۇقنى ئۈستىگە ئېلىپ بېسىم ھېس قىلىۋاتىدۇ.
باش ئىشىتابىنىڭ مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىغا مەسئۇل بولغان دوگ. مەكوس مۇنداق دېدى:«غالجىرلىشامدۇ؟ دەپ باقساق، خېلى ياخشىراق، سىز ئۇنى چۇشەنسىڭىزلا ئانچە غالجىرلاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. خەۋپ-خەتەر بارمۇ؟ دەپ باقساق، مارسقا قونۇش ھامان خەتەرلىك. مارس سىزگە نەرسىلەرنى ئېيتىپ تۇرىدۇ ـــــــ قۇم- بۇران چىقىدۇ، ئاتمۇسفىرانىڭ قويۇقلىقى زىچ، بورانلىق .»
مەلۇم بىر نەرسە يەنە بىر دۇنياغا قونماقچى بولسا، ئۇ مەيلى قانداق نەرسە بولسۇن، ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ، بولۇپمۇ بۇ قونىدىغان نۇقتا ئىنتايىن يىراق ھەمدە بەكمۇ دوستانە ئەمەس. ئىلگىركى قونۇشلا بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئىنسانلارنىڭ تۈنجى قېتىملىق مېخانىكىلىق قونۇشنى سىناپ كۆرۈشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ « مارس ـ2» ناملىق قونۇش ئاپپاراتى راكىتتانى تورمۇزلاشتا ئوت ئالماي چۈشۈپ كەتتى. 1971-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى، « مارس ـ3» ناملىق قونۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قېتىمقى ئاپەت يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن مارسقا يېتىپ بېرىپ، تۈنجى قېتىم مارسقا قونۇشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما پەقەت 20نەچچە سىكۇنتلا ساقلىنىپ چاڭ-توزان بىلەن تولغان مارس يۈزىدە «بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىدى». ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتۈشتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى يا چۈشۈپ كەتتى، ياكى بولمىسا مارستا ئۈزۈل-كېسىل يوقاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق مارسقا قونۇش ئاپپاراتى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ئۇ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىدا مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىرگەن.
«دېڭىز قاراقچىسى»ناملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ۋەزىپىسى بىر قاتار ھاۋا رايى تەتقىقاتى، تولۇق مەنزىرلىك سۈرەت تارتىش، ھەتتا مىكرو ئورگانىزملارنى ئىزدەش تەجرىبە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ـــ ئەمەلىيەتتە بۇ نەتىجىلەرنى چۆرىدىگەن بەس-مۇنازىرە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما، ساپ قونۇش ئەمەلىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.
«دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قونغان 10يىل ئىچىدە باشقا تەكشۈرگۈچلەر مارسقا بېرىپ «زىيارەت قىلىپ باقمىدى».1997-يىلى7-ئاينىڭ4-كۈنى، NASAنىڭ «مارس تەكشۈرگۈچى»ناملىق قونۇش ئاپپاراتى «زىيارەتچى» ناملىق مارسقا قونۇش ماشىنىسى مارسقا قوندى، ھەمدە مارس يۈزىنىڭ ئەتراپىدا پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. بۇ ئالىملار ۋە ئاممنى ئىنتايىن خوشال قىلدى.
2003-يىلى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ھەم مەغلۇبىيەتمۇ كۆرۈلدى ــــــ ياۋروپانىڭ «توشقان ئوۋلىغۇچى ئىت-2» ناملىق مارسقا قونۇش ئاپپاراتى يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدى؛ ئەمما، ئامېرىكىنىڭ «جاسارەت» ۋە «پۇرسەت» ناملىق مارسقا قونۇش ماشىنىلىرى ئايرىم ھالدا مارسنىڭ قارىمۇ-قارشى ئىككى چىتىگە قوندى. «پۇرسەت»ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتەشكە كىرشتى، «جاسارەت» ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ چاقى بەختكە قارشى قۇم ئېقىنىغا پېتىپ قېلىپ چىقالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇياش نۇرى تاختىسىمۇ قۇياش نۇرىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلالمىغاچقا، توك بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. مارس ئاخىرى «جاسارەت» ئۈستىدىن غەلبە قىلدى.
مەكۇس مۇنداق دېدى:«كۆپ چاغلاردا مارس يېڭىپ كەلدى».
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلى ئەھۋال بۇنداق تۇرسا ، مارس ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىدىكى يىڭى ماكان بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن دىگىنى نىمىسى ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئۇ يەردىمۇ ياشاۋاتقانلار بولسا يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ خالىمايۋاتقاندۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىلا ،شۇ يەر بولسىمۇ ئامان قالسۇن بىزلەردىن،دەردىمىزنى يەر شارىلا تارتىپ ئۈتۈپ كەتسۇن.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:43:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بىز يەر شارىنى قانچىلىك بولغۇدۇق....بۇ يەردە قانچىلىك يامان ئىشلارنى قىلمىدۇق

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:37 , Processed in 0.206663 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش